مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2188|ئىنكاس: 38

ئارزۇ تولدۇرغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89559
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 196
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 09:36:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟
قەشقەر يېڭىسار 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن ئەنۋەر بوساق  (13364880471) !

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كيىن ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ.قايسى مەكتەپنىڭ قايىسى كەسىپىنى تاللاپ ئوقۇش  ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بىر ئۆمۈر خىزمەت ، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەسر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئىرشىكەن نۇمۇرى بىلەن تاللىغان مەكتەپ ۋە كەسىپ ماس كەلمىسە ئون ئىككى يىللىق ئوقۇش ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بولغاچقا ئارزۇ تولدۇرۇشنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  ئەڭ ئاخرىقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئۆتكەل، شۇڭا ھەردەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىكى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان خادىملار، سىنىپ مودىرلىرى، كەڭ ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ خىزمەتكە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇليەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، زور  بىر تۈركۈم ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلش لازىم.ئۇنداقتا،قانداق قىلغاندا ئارۇزۇ تولدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟  
1.ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمىتىھانىدا ئۆزىنىڭ نەچچە نۇمۇر ئالىدىغانلىقىنى ھەقىقەتنى ئەملىيەتنى ئىزدىگەن ھالدا توغرا مۆلچەرلىشى لازىم.  
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەريىلى مەمىلكەت بويىچە بىر تۇتاش ھالدا 6-ئاينىڭ 7-8-9-كۈنلىرى ئېلىنىدىغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنلىرىگىچە ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كومتېتى بىر تۇتاش ھالدا سۇئاللارنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابىنى تارقىىتدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆلچەملىك جاۋاپقا ئاساسەن، ئۆز-ئۆزىگە دىئاگىنور قويىدۇ، نەچچە نۇمۇر ئالىدىغانلىقىنى تەخمىنەن مۆلچەرلەيدۇ. تەبئىي پەنلەرنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى نىسپەتەن مۇقىم بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىليەتتە ئالغان نۇمۇرى بىلەن ئۆزى ئالىدىن مۆلچەرلىگەن نۇمۇرى ئاساسەن بىردەك بولىدۇ. ئىجىتىمائىي پەنلەردىكى  ئىجادىي سۇئاللار، تەھىلل سۇئاللىرى، يېزىقچىلىق سۇئاللىرىنىڭ بىرلا خىل جاۋابى بولمغاچقا، بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى مۆلچەرلىگەن نۇمۇرى بىلەن ئەمەليەتتە ئالغان نۇمۇرىدا بەلگىلىك پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار نۇمۇر مۆلچەرلىگەندە ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا كەمتەر، سەممىي، راستچىللىق بىلەن نۇمۇر قويشى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۇقۇرى قويغۇسى كىلىپ يۇقۇرى مۆلچەرلەپ قالىدىغان، ياكى كىيىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئىزا تارتىپ قالارمەنمىكىن دەپ دېلغۇل بولۇپ تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلىماي ئۆزىگە ئوبىكتىپ باھا بېرىشى لازىم.   
2.دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسەتلىرىنى،مۇناسىۋەتلىك نىزامنامىلىرىنى، شۇ يىللىق تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلشىتا يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر چېكىنى ئەستايدىل ئوقۇپ چۈشىنىش لازىم.  
ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى بولغاچقا، ئۆزىگە خاس تۈرلۈك سىياسەتلىرى، پىرىنسىپلىرى، قائىدە- نىزاملىرى بار. بۇلار بىرقەدەر مۇقىم بولىسمۇ، لىكىن دۆلەتنىڭ مۇناسۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ھەريىلى مۇۋاپىق تەڭشەشلەر، ئۆزگەرتىشلەر، تولۇقلاشلار بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار  بۇ سىياسەتلەردىن خەۋەردار بولىشى، ئۆزى تاللىماقچى بولغان مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل سىياسىتى، نۇمۇر چېكى، مۇناسۋەتلىك شەرتىلىرى ۋە بەلىگىلىمىرىدىن تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولشى كېرەك.
3.ئوقۇغۇچىلار ئارۇزۇ تولدۇرغاندا كەسىپ تاللاشتا  ئۆزىنىڭ ئالىدىغان نۇمۇرى ، بىلىم قۇرۇلىمىسى، قىزىقىشى، غايىسى، ئائلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، شەرت-شارائىتى قاتارلىق ئوبىكتىپ ۋە رىئال تەرەپلەرنى ئاساس قىلىش كېرەك.
ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئەڭ كاتتا ئۇنۋىرستتىلارنىڭ  غوللۇق كەسىپلىرىدە ئوقۇپ،  ياخشى خىزمەت شارائىتىغا ئىگە بولشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا  ھە دىسلا  پەرزەنتىلىرىنى  تىببى مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك كەسىپلىرى قاتارلىق بازارلىق مەكتەپ، بازارلىق كەسىپلىرىنى يېزشقا دەۋەت قىلىدۇ، لىكىن ئۆز پەرزەنتىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلالمايدۇ، ئوقۇغۇچى ئارزۇ تولدۇرش كارتىسىغا يازغان كەسىپ ئوقۇغۇچى بىر ئۆمۈر شۇغۇللىنىدىغان، بىر ئۆمۈر شۇ ئىشنىڭ نېنىنى يەيدىغان كەسىپ بولغاچقا، ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ كەسىپكە بولغان قىزىقىشىنى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلىشىىش لازىم، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا پەرزەنتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش كېرەك.
4.ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە قويىدىغان تەلىپىنى ئاساس قىلىش كېرەك.
ھەر يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن 5-ئاينىڭ 1-ھەپىتىلىرى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ  بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلى دوختۇرلارنىڭ دىئاگىنوزى ، مەكتەپ ۋە يەرلىكنىڭ سىياسى تەكشۈرۈشى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تولدۇرۇلۇپ،تامغا بېسىلغاندىن كيىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئېلىكتۇرۇنلۇق ئارخىپىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمىغا ئايلىنپ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا ئىمتىھان نۇمۇرى دۆلەت بەلگىلگەن بىر تۇتاش نۇمۇرى چېكىگە يېتىپ، ئارخىپى چىقىرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ  بىرىنچى قول پايدىلىش ماتىرىيالى قىلىندۇ. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا، مەكتەپ خەۋەرلەندۈرگەن  تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ھەر قايسى مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنىڭ تاللاش شەرتىگە ئەستايدىل مۇئاملە قىلىش لازىم. مەسلەن: دوختۇر  رەڭ قارىغۇسى  دەپ دىئاگىنوز قويغانلار ئاستورنومىيە، ماتىرىيال فىزىكىسى قاتارلىق كەسىپىلەرنى، B تىپلىق جىگەر  ياللۇغى دەپ دىئاگىنور قويۇلغانلار دېڭىز قاتنىشى  تېخنىكىسى، غەرپچە تاماق تېخنىكىسى قاتارلىق كەسىپلەرگە قۇبۇل قىلىنالمايدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرغاندا سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلىدىكى دىئاگىنوزلارنى، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ سالامەتلىك جەھەتتىكى شەرتلىرىنى ئەستايدىل ئويلىششى لازىم.  
5. ئوقۇغۇچىلار 1-ئارزۇ، پاراللىل ئارزۇ،2  -ئارزۇلارنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،   
نۇمۇر چىكى يۇقۇرى مەكتەپلەردىن نۇمۇر چېكى بىر قەدەر تۆۋەن مەكتەپلەرگە قاراپ دەرىجە بويىچە تەرتىپلىك تولدۇرۇش لازىم.
ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلشتا، ئوقۇغۇچىنىڭ 1-ئارزۇسىغا يۈكسەك ئەھىمىيەت بىلەن قاراپ، 1-ئارزۇغا ئۆز مەكتىپنى يازغانلاردىن يۇقۇرى نۇمۇرلۇقتىن تۆۋەن نۇمۇرلۇققا قاراپ تەرتىپ بويىچە قۇبۇل قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار نۇمۇرنى تۆۋەنرەك مۆلچەرلىسە، نۇمۇر چېكى يىللاردىن بېرى بىر قەدەر تۆۋەنرەك بولغان مەكتەپنى 1-ئارزۇسىغا، ئەگەر نۇمۇرنى يۇقۇرى مۆلچەرلسە، نۇمۇر چېكى يۇقۇرى مەكتەپنى 1-ئارزۇسىغا يېزىش لازىم. ئۆزىنىڭ نۇمۇر چېكىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىنى 1-ئارزۇغا، يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستتىنى 2-ئارزۇغا يېزىپ قويسا شىنجاڭ ئۇنۋىېرستتىغا نۇمۇرى تۆۋەن بولغاچقا تاللانمايدۇ، يېزا ئىگىلىك ئۇنۋىرستتى ئۆزىنى 1-ئارزۇغا يازغانلارنى قۇبۇل قىلىپ بولغاچقا، ئىككىلا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنالماي، 1-تۈركۈمگە نۇمۇرى توشقان بولسىمۇ 2-تۈركۈمگە قۇبۇل قىلىندىغان  ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
6. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرش جەدۋىلىدىكى جەدۋەل (1)، جەدۋەل (2)،  جەدۋەل (3) قاتارلىقلارنىڭ ھەم بىر گەۋدە ھەم نىسىپى مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى، مۇشۇ ئاساستا ئارزۇ تولدۇرۇشى لازىم.   
ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلىدىكى جەدۋەل (1) تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە  ئارزۇ تولدۇرىدىغان ( 0-تۈركۈمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، جەدۋەل (2) تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمگە ئارزۇ تولدۇردىغان ....جەدۋەل بولۇپ، ئوقۇغۇچىنىڭ نۇمۇرى قايسى تۈركۈمگە توشسا، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا، شۇ جەدۋىلى ھىساپ قىلىنىدۇ.1-تۈركۈمگە نۇمۇرى توشقان ئوقۇغۇچىنىڭ مەخسۇس كۇرستىكى ئارزۇسىغا قارىمايدۇ،1-تۈركۈم ئارزۇسىدىن مەسلە كۆرۈلسە ئاندىن قالغان جەدۋەلگە قارىلىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئارزۇ تولدۇرۇش كارتىسىنىڭ ھەممىسىگە ئارزۇ يېزىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ «مېنىڭ نۇمۇرۇم تۆۋەنرەك چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا مەن 1-تۈركۈمنى يازمايمەن، مەخسۇس كۇرسنىلا يازىمەن» دىمەستىن ھەممىگە ماس  مۇۋاپىق مەكتەپلەرنىڭ مۇۋاپىق كەسىپلىرىنى يېزىش لازىم.بۇ كارتىلار بىر-بىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ، بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ.   
7.ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا، مەكتەپ ۋەكەسىپلەرنىڭ نۇمۇر چېكىنى ئەستايدىل كۆرۈش بىلەن بىرگە، قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ سانىنى، يۇرت دائىرىسىنى (بەزى مەكتەپلەرنىڭ بەزى كەسىپلەرگە نىشانلىق ھالدا مەلۇم يۇرتنى ئاساس قىلىدىغان، بەزى جايلاردىن قۇبۇل قىلمايدىغان  ئەھۋال بار)، ئايرىم پەنلەرگە بىكىتلگەن نۇمۇر چېكىنى (شىنجاڭ ئۇنۋىرستتى ماتىماتكا فاكۇلتتىغا قۇبۇل قىلىنىش ئۈچۈن ماتىماتكىدىن 60دىن يۇقۇرى بولۇش دىگەندەك)، بەدەن ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى، تاللىماقچى بولغان مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنىڭ تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ قايسى تۈرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ ئاندىن ئارزۇ تولدۇرۇش لازىم.   
ئارزۇ تولدۇرىدىغان ۋاقتىنىڭ قىس بولىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جددىيلىشىشى سەۋەپلىك بەزى تەرەپلەردىكى تەلەپلەرگە ئەستايدىل قارىماي، شەرتى توشماي ياكى ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقماي كىين پۇشايمان قىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەر بىر تەپسلاتلارغا ئىنچىكىلىك بلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم.   
8. ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلىدىكى ئۇچۇرلارنى توغرا بوياش، كىر قىلىۋەتمەسلىك، قاتلىۋەتمەسلىك، يىرتىۋىتمەسلىك، قالايمىقان جىجىلىماسلىق لازىم. ^h5h kIx0  
ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن ۋىلايەتلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشىخانىلىرىغا بىر تۇتاش يىغىلغاندىن كىين، جەدۋەلدىكى ئۇچۇرلار ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانسىنىڭ كومپىتوتىردىكى ئارخىپىغا كىرگۈزۈلۈپ، بېسىپ چىقرىلىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ يەنە كۆرۈپ، ئىمزا قويۇشقا بۇيرۇلىدۇ.بۇ جەرياندا خاتا كەتكەن تەرەپلەر ھەر قايسى ئورۇنلارغا كۆپ ئاۋارىچىلكلەرنى كەلتۈرىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار جەدۋەلگە ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشى، پاكىز ساقلىشى، خاتا تەرەپلەرنى ۋاختىدا تۈزىتىىپ مەسلىنىڭ ئۆز جايىدا ھەل قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى لازىم.(ھازىر بىۋاستە توردا تولدۇرىلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەشغۇلات قىلغاندا ئەستايىدىل بولىشى، قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ كۆرىشى، بىخەستىلىك قىلىپ ئويلىغىنى بىلەن تولدۇرغىنىنىڭ بىردەك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم)
ئومۇمەن،ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار يۇقىرىقى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ، ئارزۇ تولدۇرسىلا، ئەمەلىي ئەھۋالغا ماس نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ.   
مەنبە: قەشقەر گېزىتى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سانى   
http://tawpek.cn/bbs/read.php?tid=9226

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-11 01:57 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
matros1 + 68 ئەھمىتى بار تېما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 09:55:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق نوقتا كەسىپلىرى بىلەن بازارلىق كەسىپلەرنى ئوبدان ئايرىۋېلىشمۇ زۈرۈر ! قىززىق نوقتا بوپ كەتكەن كەسىپنىڭ ھەممىسىنىڭ بازارلىق كەسىپ بۇلۇشى ناتايىن .

زەنجىر بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 10:12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 10:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت.جاپا چىكىپسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92295
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 726
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 10:20:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەنۋەر مۇئەللىم ! رەھمەت بۇ يىل ئىمتىھان بەرگەن بالىلارغا چوڭ بىر پايدىلىق يوللانما بوپتۇ.
تىما يوللىغىچىغا ۋە سىزگە شۇلار نامىدىن  تەشەككۇر ئىيتىمەن ! ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگىمىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن! ئامىن!

ماتروس ــ ئەنۋەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14405
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 644
توردا: 1424 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 10:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزدەك  كىشىلىرىمىز كۆپرەك بولسچۇ ....  
ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، رەھمەت  سىزگە.

ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نىمىشقا كەڭ !؟؟؟

ئوماق ئۇكاش

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92976
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 462
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 11:05:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەتسىزگە.........بۇدايىلنىسى ماڭىمۇ كىلىدۇ بۇكۈن.................

خاتاسوھۋەن تولايارەب كەچۈرگىن،
خاتاسىنى ئالىم كۆرۈپ ئۆچۈرگىن.
خاتاسى بولسابولغاندۇ قەلەمدىن،
خۇداياساقلىغ ئوتلۇق ئەلەمدىن.

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10064
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 11:13:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت مۇئەللىم بىز ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى زوركەن .

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93489
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 11:15:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۆزى ياقتۇرۇدىغان كەسىپنى تاللاش بەك بەك مۇھىمكەن...مېنىڭ ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ پۇشايمىنىم كەسىپنى خاتا تاللىغانلىقىم دېسەم ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ...

ئۆتىۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس،بەلكى،ئۆمۈردۇر!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 11:18:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فائزە يوللىغان ۋاقتى  2013-6-10 11:15 PM
ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۆزى ياقتۇرۇدىغان كەسىپنى تاللاش بە ...

مەنمۇ شۇ ...پۇشايمانغا قاچا يۇق ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش