مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6395|ئىنكاس: 85

خوتۇن، ئاجراشمايلى!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84698
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2012-9-4
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 05:46:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتۇن، ئاجراشمايلى!



  مەن ئۈچۈن بەك بەك قەدىرلىك خوتۇنۇم. بىلەمسەن؟ مەن ھازىر ئۆيىمىزدە ئۆزەم يالغۇز. نېمىشقا چوڭ ئۆيگە چىقىپ ياتمىدىڭىز دېمەكچىمۇ سەن؟ توغرا، بۇرۇن سەن ئىككى قات ۋاقتىڭدا ياكى تۇغۇتتىن كېيىن  قېينىئاپاملارنىڭ يېنىدا كۈتۈنۈۋاتقىنىڭدا مەن چوڭ ئۆيگە كىرىپ ياتاتتىم. لېكىن ھازىر ئۇنداق قىلمىدىم. سەن "ئاجرىشىمەن" دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن بۇ ئۆيدىن چىقىپ ئاتا – ئاناڭنىڭ يېنىغا بېرىۋالدىڭ. بۇ ئۆي سەنسىز شۇنچىلىك سوغۇق، مېھىرسىز كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن ئەمدى مەنمۇ چىقىپ كەتسەم، ئۆيىمىز تېخىمۇ مېھىرسىز بولۇپ قالغۇدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ چىقىپ كەتكۈممۇ يوق. مەن يالغۇز بولساممۇ بۇ ئۆينىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ تۇراي. بىلىسەن، تاماق ئېتەلمەيمەن، لېكىن چاي قاينىتىپ ئىچسەممۇ ئۆيدىن ئازراق ھور بولسىمۇ كۆتۈرۈلسۇن. چۈنكى بۇ مېنىڭ تۇغۇلۇپ تۇنجى تۇتقان ئۆيۈم، سەن مېنىڭ ھاياتىمدىكى ماڭا سۆيگۈنىڭ، ئائىلىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلدۇرغان سۆيۈملۈك ئايالىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بىلەن تۇتقان ئۆينى ئۆزەم يالغۇز قانچىلىك تۇتالىسام تۇتۇپ باقاي دېدىم.
  بىلەمسەن، بايا ئىككىمىزنىڭ تويلۇق سۈرىتىنى يەنە بىر قېتىم سۈرتۈپ چىقتىم. ساڭا قارىدىم، سەن يەنىلا شۇنچىلىك جەزبىدار، خۇددى ئەمدى توي قىلغان كۈنلەردە ماڭا تاتلىق ئەركىلىگەندەك قاراپ تۇرىسەن. بۇ ئۆيدە سېنىڭ تىنىقلىرىڭ، سېنىڭ ھىدىڭ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلغان چېغىڭدىكى ئاياللارغا خاس نازاكىتىڭ ھېلىھەم بار. مەن ئۆيدىكى سەن ئىشلەتكەن ھەر بىر بۇيۇمدىن بۇنى ھېس قىلالايمەن.
  ئېسىڭدىمۇ، بىز توي قىلىپ بىر ئاي بولغاندا مەن ھازىر يالغۇز ئولتۇرۇۋاتقان مۇشۇ كىرىسلودا ماڭا يۆلىنىپ تۇرۇپ:" قاراڭ ئاۋۇ ئىتوتتىكى ئىككى بالىغا، نېمىدىگەن بىچارە! ئىشقىلىپ ھە دېگەندىلا ئاجرىشىش ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز ئاتا – ئانىنىڭ ئىشى، بىز مەيلى ھەرقانداق ئىش يۈز بەرمىسۇن مەڭگۈ ئايرىلمايلى.  بولامدۇ؟" دېگەنىدىڭ. ئۇزۇن ئۆتمەي ياراتقۇچى بىزگە ئۇماق بىر ئوغۇل ئاتا قىلدى. شۇ چاغدا مېنىڭ قانچىلىك خۇشال بولغىنىمنى، ئۆز – ئۆزەمگە سېنى مەڭگۈ قەدىرلەش توغرۇلۇق قانداق ۋەدىلەرنى بەرگىنىمنى بىلمەيسەن. ھازىر ئوغلىمىزمۇ بىر ياشقا كىرىپ قالدى. لېكىن مەن ئۇنى كۆرمىگىلى توپتوغرا ئالتە كۈن بولدى. بەلكىم سېنىڭ يېنىڭدا خاتىرجەم تۇرۇۋاتقاندۇ، سەن چوقۇم شۇنداق ئويلايسەن. لېكىن مېنىڭچە، ئاتا – ئانىسى ئورتاق مېھىر ۋە ئورتاق ئارزۇ بىلەن پەرۋىش قىلمىغان پەرزەنت مەڭگۈ خاتىرجەم بولالمايدۇ، ئاتا – ئانىسىنى ھەم خاتىرجەم قىلالمايدۇ.
  توۋا، مەن جەمئىيەتتە ئاجراشقانلارنى كۆرسەم نەپرەت بىلەن قارايتتىم. ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادىنىڭ بەختى ۋە ئىستىقبالىنى قۇربان قىلىۋاتقان يەڭگىلتەك، مەسئۇلىيەتسىز ياشلارنى كۆرسەم ئۇلارغا نەسىھەت قىلغۇم، بۇ يولدىن توسىغۇم، پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى ئەسكەرتكۈم كېلەتتى. لېكىن بۇنداق كۈننىڭ ئۆزۈمنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
  بىز توي قىلىشتىن ئاۋالقى بىر يىل ئېسىڭدىمۇ؟ شۇ چاغدا سەن مەن بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۆڭۈل ئازارىغا چىدىغان، كېيىنكى تۇرمۇشىمىز توغرۇلۇق ئەتراپلىق، قايىل قىلارلىق پىلانلارنى تۈزگەن. شۇ چاغدا مەن سەندىن ئەمدىلا يىگىرمە ياشتىن ئاشقان كۆپ قىسىم قىزلاردا بولىدىغان ئەركىلىك، يەڭگىلتەكلىك، چىدامسىزلىقتەك خاراكتېرلەرنىڭ بىرىنىمۇ ئۇچراتمىغان. سەن ئۆز يېشىڭغا ماس بولمىغان ئېغىر – بېسىقلىق، ئالدىن كۆرەرلىك، ۋاپادارلىق، كۆيۈمچانلىق، كەڭ قورساقلىقتەك خىسلەتلىرىنىڭ بىلەن مېنى ئۆزەڭگە تېخىمۇ مايىل قىلغان. سېنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىڭ ناھايىتى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىز ئورۇنغا ئۆتكەن. سەن شۇ چاغدا ئەمدىلا يىگىرمە بىر ياشتا ئىدىڭ. ھازىر ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، بالىمىزمۇ بىر ياشقا كىردى، سەن ئانا بولدۇڭ، مەن ھەم ئاتا بولدۇم. ئۆزىمىز تەۋە مۇستەققىل بىر ئائىلىگە ئىگە بولدۇق. ئەھۋالىمىزمۇ بارا – بارا ياخشىلىنىشقا باشلىدى. سەن مېنىڭ تېجەشلىك، ئىقتىسادچىل ئىكەنلىكىمدىن سۆيۈنەتتىڭغۇ؟ دائىم تۇققانلىرىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىڭغا: "يولدىشىم ھاراق ئىچمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، پەقەت ئۆز كەسپى بىلەنلا ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ماڭا بەك كۆيۈنىدۇ" دەپ ماختىناتتىڭ. ئادەتتىكى مۇئاشچى بولساممۇ، كۈنلىرىمىزنى ئاددى، خاتىرجەم ئۆتەتتى.
  لېكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرمۇشىمىزدا داۋالغۇش كۆرۈلدى. سەن ھامىلدار بولغان چاغلاردىن باشلاپ ئىككى ئائىلىنىڭ چوڭلىرى ئوتتۇرىسىدا جېدەل – ماجرا ئۈزۈلمىدى. نېمىسىنى دەي، ئىككىلىمىز ئازابلاندۇق، بىر – بىرىمىزنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈردۇق، يارىمىزنى تاتىلىمىدۇق. چوڭلارنى ئەپلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشتۇق. جېدەل قىلىۋاتقان بىز ئەمەستە؟ ئۆينى ئاتا – ئانىمىز بىر – بىرى بىلەن تۇتامتتى؟ شۇنداق قىلىپ بۇ جېدەللەرمۇ ۋاقتىنچە پەسەيگەن بولدى. سەن يەڭگىگەندىن كېيىن يەنە جېدەل باشلاندى. شۇ چاغدىن باشلاپ سېنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلەڭ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. پات – پاتلا ئاجرىشىپ كېتىش توغرۇلۇق گەپ قىلىدىغان، ماڭا قوپال،  توڭ تېگىدىغان، سىلكىيدىغان بولۇپ قالدىڭ. مەن بۇنى ساڭا كەلگەن بېسىم ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى چارچاش، سالامەتلىكىڭنىڭ ناچارلىقى سەۋەب بولدى دەپ ئۆز – ئۆزەمنى بەزلىدىم. كېيىن قېينىئاتام ماڭا تېلىفۇن قىلىپ چوقۇم ئاجرىشىسىلەر... دېگەن گەپلەرنى قىلدى. ئۆتۈنۈشۈم ۋە چۈشەندۈرۈشۈم كار قىلمىدى. گەرچە ئۆزدەمدە ئاجرىشىشقا سەۋەب بولغۇدەك بىرەر چوڭ خاتالىقنىڭ ئۆتمىگىنىنى ئېنىق بىلسەممۇ، لېكىن سېنى ۋە ئوغلۇمنى دەپ يەنە چىرايلىق ئۆزرىخالىق ئېيتتىم، يالۋۇردۇم. شۇنداق قىلىپ سەن ئاتا – ئاناڭ بىلەن بۇ شەھەردىن كەتتىڭ. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە ئاندىن قايتىپ كەلدىڭ. شۇ چاغدا مېنىڭ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى بىلەمسەن؟ ھەر كۈنى خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاش ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە قايتىمەن، ساڭا تېلىېفۇن قىلىمەن، سەن ئالمايسەن. سېنى، ئوغلۇمنى سېغىنىمەن. ئىشىم ئىش، تامىقىم  تاماق، ئۇيقۇم ئۇيقۇ بولماي شۇنچىلىك تەسلىكتە بىر ئاينى ئۆتكۈزۈدۈم. بۇ بىر ئاي ئىچىدە مېنى بىكار يۈردى دەمسەن؟ ياق، شۇ كۈنلەردە سەن چۈشۈمگە كىرىپ ئۆزەڭنىڭ بۇ شەھەردىن كەتكەنلىكىڭنى، بارغان يېرىڭدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىڭنى ئېيتتىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى مەن ئىدارىدىن رۇخسەت سوراپ سەن تۇرۇۋاتقان شەھەرگە باردىم. تۇغقىنىڭنىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ سوراپ، قوروسىنىڭ ئالدىدا تۇردۇم. لېكىن سېنى كۆرەلمىدىم. ئاخىرى شۇ تۇققىنىڭنىڭ ئۆيىگە تېلېفۇن قىلدىم. ئۇلار سېنىڭ ھېلىلا چوڭلار بىلەن باشقا تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ چقىلىپ كەتكىنىڭنى ئېيتتى... شۇ تەرىقىدە ئىككى كۈن پىرقىراپ يۈرۈپ سەن بىلەن كۆرۈشەلمەي قايتتىم.
  قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قېينىئاتاملار يېقىن ئۆتىدىغان خوشنىسىنى ئىزدەپ تاپتىم. چۈنكى شۇ كىشى ئارقىلىق قېينىئاتاملارغا نەسىھەت قىلغۇزۇپ، سەن بىلەن يارىشىپ قالغۇم بار ئىدى. يەنە سىلەرنىڭ باشقا تۇققانلىرىڭلارنى ئىزدەپ ئۇلارغىمۇ ئارزۇيۇمنى بىلدۈردۈم...
  "تىلىسەڭ تاپارسەن" دېگەندەك، سىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن ئىزىدىگەن كىشىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن كۆڭلۈڭلار بىر ئاز يۇمشىدى بولغاي، يەنە چىرايلىق بېرىپ سېنى ئەكېلىۋالدىم. ئائىلىمىز يەنە بىر مەزگىللىك نىسپىي مۇقۇملۇقى باشلاندى.
  توۋا، ئادەم دېگەنمۇ قىززىق بولىدىكەن. بىر چاغلاردا ئاھ جېنىم، سەن ئۈچۈن كۆيدۈم، ئۆلدۈم دېيىشكەنلەر بىلىپ – بىلمەيلا بىر – بىرىگە رەقىب بولۇپ قالىدىكەن. مەن بۇنداق ۋەقەلەرنى كىنولاردىن كۆرگەن، كىتابلاردىن ئوقۇغان، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان. لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشۇمدا يولۇقۇپ قالىمەن دەپ ئويلىمىغان. كېيىن بارا – بارا چوڭلارنىڭ جېدىلى تۈگىدى، ئۆتكەن سەۋەنلىك ۋە ئارازلىقلارنى ئۇنتۇشۇپ ياخشىلىشىپ قالدى. لېكىن، سېنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلەڭ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. مەن سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئاڭلاشنى ئەڭ خالىمايدىغان سۆزلەر چىقىشقا باشلىدى. مەن تۇرمۇشۇمنى پۇل سەۋەبىدىن بۇزۇلىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغان. چۈنكى سەن بىلەن دەسلەپ تونۇشقاندا سەن مېنىڭ ئادەتتىكى بىر مۇئاشلىق خىزمەتچى ئىكەنلىكىمنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتكە يېڭى چىققاچقا، مۇئاشىمنىڭ يۇقۇرى ئەمەسلىكىنى بىلەتتىڭ، يەنە كېلىپ ئۆيۈم يوقلۇقىنىمۇ بىلەتتىڭ. شۇ چاغدا سېنىڭ گەپ – سۆزلىرىڭدىن شۇ شارائىتقا رازى بولۇپ، مېنى ياخشى كۆرۈپ توي قىلماقچى بولدى، سېنىڭ قوغىشىدىغىنىڭ ئېسىل ئۆي، تۇتاملاپ پۇل، ماشىنىنىڭ سېھىرلىك ئورۇندىقى ئەمەس بەلكى مېھىر – مۇھەببەتكە، ساداقەتكە تولغان بەختلىك تۇرمۇش دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئائىلىمىزدە داۋالغۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن سەن ھە دېسىلا پۇلدىن نارازى بولىدىغان بولۇپ قالدىڭ. توۋا، بۇرۇن ئەجەب بۇنداق كۆپ پۇل خەجلەيدىغىنىڭنى بىلمەپتىكەنمەن. مەن ئۆزۈم ئۈچۈن بىرەر قۇر ئاددى كىيىم ئېلىشقا كۆزۈم قىيماي قىسىنىپ يىغىپ قويغان پۇللارنىڭ سېنىڭ نەزىرىڭدە قۇرۇق قەغەزچىلىكمۇ ئېتىبارى يوق ئىدى. سېنىڭ ئاتا – ئاناڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي خەجلەيدىغانلىقىنى، داستىخنى كەڭرى، ئالقىنى ئوچۇق مەرد كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. لېكىن ھەممە ئىشقا جەريان كېتىدۇ. ئەمدىلا تۇرمۇش قۇرغان ئاددىي مۇئاشلىق ئەر – ئاياللار ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى ئىستېمال ئەلۋەتتە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن، شۇنچە تېجەب خەشلىسەممۇ مۇئاشىم يەتمەيدىغان بولدى. كېيىن بارا – بارا مېنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشىم سېنىڭ بىرنەچچە كۈنلۈك خىراجىتىڭگە يەتمەس بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىز پۇل توغرۇلۇق پات – پات ئارازلىشىپ قالىدىغان بولدۇق. مەن خىزمەتتىن سىرت ئانچە – مۇنچە ئىشلەپ پۇل تاپىدىغاننىڭ ئامالىنى قىلدىم. لېكىن بۇمۇ ھېچنېمىگە دال بولمىدى.
  توۋا، ئادەم دېگەن ئۆزگەرسە ھەقىقەتەن تونۇغۇسىز بولۇپ كېتىدىكەن. كېيىن سەن ئۆي ئالمىدىڭ، ئاتا – ئاناڭ ئۆي ئېلىپ بەرسۇن دەپ جېدەل قىلىشقا باشلىدىڭ. سەن بۇ شەھەردە ئۆينىڭ باھاسىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەسقۇ؟ يەنە كېلىپ ئاتا – ئانامنىڭ بىزگە ئۆي ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ، ئۇلار بىر ئىككى يىلغىچە پۇل جايلاپ ئۆي ئېلىپ بېرىشكە قوشۇلدى. لېكىن سېنىڭ سەبرىڭ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىدى. بارا – بارا ئارىمىز يىراقلىشىشقا باشلىدى. ماڭا تېلىفۇن قىلىسەن:" مۇنداق ئىشىم بار ئىدى، بۈگۈن ئىچىدە مانچە مىڭ يۇەن ئەكېلىپ بېرىڭ..." ھەر كۈنى دېگۈدەك شۇنداق تېلىاۇن ۋە ئۇچۇرلىرىڭ ئۈزۈلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن توي قىلىپ ئىككى قات بولغاندىن باشلاپ بىز تۈزۈك بىللە تۇرۇپ باقمىدۇق. ئاتا – ئاناڭ بىلەن بىللە تۇرغان ۋاقتىڭ مەن بىلەن بىللە تۇرغان ۋاقتىڭدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. ئۆيگە كېتەيلى، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىگە كېتىپ تۇرايلى دېگەن گەپلىرىمنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن رەت قىلدىڭ. ھەتتا سوقۇشۇپمۇ كەتتۇق. ئاتا – ئاناڭ ھەم ئۆيۈڭگە كېتىپ تۇر دېمىدى.
  پۇل، پۇل، پۇل.... ئادەمنىڭ كۆزىنى پۇل توسۇۋالغاندا كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىكەن. بارا -  بارا ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا پۇل سوراشتىن باشقا مۇناسىۋەت قالمىغاندەك بىلىندى. سېنىڭ ۋە ئاتا – ئاناڭنىڭ ئوچۇق ياكى دارىتمىلاپ دېگەن:"كۆپ پۇل تاپمىدىڭ" دېگەن گەپلىرى مېنىڭ قاتتىق غورۇرۇمغا تەگدى. لېكىن يەنە چىدىدىم. توۋا، مەن تاپقان پۇل بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا يېتىدىغۇ؟ مەن سېنى نېمىدىن قىسىپ باقتىم؟ ئەگەر مىليادىېر بايۋەتچىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ياشايمەن دېسەڭ مېنىڭ ئۇنىڭغا بىقوۋۇل ئىكەنلىكىمنى سەن ئوبدان بىلىسەن.
  شۇنداق قىلىپ ئەشۇنداق پۇلنىڭ جېدىلى داۋاملىشىۋېرىپ ئاخىرى ئاجرىشىمەن دەپ چىڭ تۇردۇڭ. ئاتا – ئاناڭغا يالۋۇردۇم، نەسىھەت قىلىڭلار دەپ ئۆتۈندۈم. لېكىن ئۇلارمۇ مەسئۇلىيەتنى ساڭا ئىتتىرىپ:" ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىڭ" دېگەن گەپ بىلەن ئاغزىمنى تۇۋاقلىدى.
  شۇنداق قىلىپ نەچچە ئايدىن بېرى ئايرىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. سەن ماڭا ئۈچ كۈن مۆھلەت بەردىڭ، ئۈچ كۈندىن كېيىن سوتتا كۆرۈشمەكچىمىز. ساڭا ئويلىنىپ باق دەپ يالۋۇرۇشلىرىم، بالىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى مىسال قىلىپ نەسىھەت قىلىشلىرىم قىلچىمۇ كار قىلمىدى. خۇددى شاتۇتتەك ئاجرىشىمەن دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى توختىماي تەكرارلىدىڭ. ئەڭ ئاخىرىدا كۆرسەتكەن سەۋەبىڭ "مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، سىزگە مۇھەببىتىم قالمىدى" دېگەن گەپ  بولدى. سېنىڭ بۇ چاغلاردىكى سىلكىشلىرىڭ، مىجەزىڭنىڭ ئىتتىكلىكى، ماڭا قىلچىمۇ پەرۋا قىلمىغان ئاساستا ئۆز ئىشىڭ بىلەن مەشخۇل بولۇشلىرىڭ گەرچە يۈرىكىمگە پىچاق سالغاندەك ئازابلىغان بولسىمۇ، ساڭا يەنە تەمكىنلىك ۋە ئىنساب تىلەپ سۈكۈت قىلدىم.
  توۋا، بەزىدە تور بەتلەردە ئېرى تالاغا قاراپ، ئۆي بىلەن كارى بولماي يۈرگەن مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەر توغرۇلۇق يېزىلغان تېمىلارنى كۆرۈپ قالىمەن. شۇنداق تېمىلاردا نۇرغۇن ئاياللار خۇددى شۇ گەپ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۆز ئەرلىرىنىڭ تالاغا قارىغانلىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى، يارامسىزلىقى توغرۇلۇق دەرد تۆكۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنداق ئاياللارنى ئەتراپىمدىمۇ كۆپ كۆردۈم ھەم ئاڭلىدىم.  ياراشتۇرۇپ كىيىنىپ، كۈلۈپ يۈرگەن ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يۈرىكىدە دەزى بار، پەقەت تېشىغا چىقارمايدۇ خالاس. لېكىن مېنىڭ بىلىشىمچە شۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلىسى، پەرزەنتىنى دەپ يەنە ئېرىنىڭ ئىنسابىنى تىلەپ، چىشىنى چىشىغا چىشلەپ چىداپ ئۆي تۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئائىلە ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم. بىر ئايال پەقەت مۇكەممەل ھەم بەختلىك ئائىلىسىدىنلا ئۆز قەدىر – قىممىتىنى شۇنداقلا بارلىقىنى تاپالايدۇ. شۇلار قانداق ئاياللاردۇ؟
  سەن ئۈچۈن ئاجرىشىش شۇنچە ئاسان ياكى شەرەپلىك ئىشمۇ؟ سېنىڭچە ئاجرىشىش بىلەن ھەممە مەسىلە ھەل بولۇپ كېتەرمۇ؟ توغرا، ھازىر پۇل دېسەڭ بېرىدىغان زەردار ئاتا – ئاناڭ بار، "پۇل دېسەم بېرىدۇ، بالامنىمۇ بېقىشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ماڭا ئەرنىڭ نېمە كېرىكى؟" دەپ ئويلاۋاتقىنىڭ ئېنىق. ئەشۇ پۇل بىلەن سەن ئۆي سېتىۋالالايسەن، لېكىن بەختلىك ئائىلىنى سېتىۋالالامسەن؟ ئەشۇ پۇل بىلەن ئۆيۈڭنى ئېسىل بېزەپ، چىرايلىق كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىپ، پوزۇر ياسىنىپ يۈرەلەيسەن. لېكىن سېنى قەدىرلەيدىغان، سېنىڭ ئوتۇڭدا كۆيۈپ، سۈيۈڭدە ئېقىپ، سەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلەشكە رازى بولغان ۋاپادار، ساداقەتمەن ئەرنى سېتىۋالالامسەن؟ سەن پۇلغا بالىمىزغا ئېسىل كىيىم، ئويۇنچۇق سېتىۋالالايسەن، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇتالايسەن، لېكىن ئەشۇ پۇلغا دادىلىق تەربىيە ۋە مېھىرنى سېتىۋالالامسەن...
  مەن بىلىمەن، ئەگەر ئەقلىڭ بولسا ئاجرىشىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن چوقۇم پۇشايمان قىلىسەن. چۈنكى سەن مېنىڭ ساڭا سادىق، ئەخلاقلىق، تىرىشچان، ۋاپادار ئەر ئىكەنلىكىمنى، بالىغا ياخشى دادا بولالايدىغانلىقىمنى بىلىسەن. لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلساڭمۇ ھېچ ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ.
  مەن سېنى سېغىندىم، بۇرۇنقى غۇبارسىز، مۇلايىم، شۈكرى – قانائەتچان، ئائىلىگە مېھرىنى ئاتىيالايدىغان سېنى سېغىندىم. مەن سېنىڭ شۇ ئەسلىڭگە قايتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن سېنى كۈتىمەن، خوتۇن ئاجراشمايلى...


مەنبە قەلىمىم. رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.
مىسرانىمغا تىزىملىتالمىغاچقا تونۇشۇمنىڭ نومۇرىدا يوللىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 08:13:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. نېمىشقا تىزىملىتالمىغانسىز؟

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91419
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-2-9
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 08:27:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئاياللارغا گەپ كەتمەيدۇ .
               بۇ ئەسەرنى ياخشى يېزىپسىز .

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2935
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 08:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ە

تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ ، قەدرىڭىزنى بىلگەن چاغدا كىچىكىپ قالدۇ دە ئىسىت ، ئەسەر ھەقىيقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ماڭا بەك ياقتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-10 08:32 PM  


كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 08:41:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى،كىشى شۇ ياندا يوقنىڭ ئىنتىزارى

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3145
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1125 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 08:46:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ھازىر ئەرخوتۇن ئاجىرشىپ كىتىش  ئادەتتىكى ئىش بوپقاپتۇ،توۋا! ھازىر مەزلۇم كىشىلەر قىيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن يامانلاپ  ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ بولغۇچە ئۇ ئۆيگە ئەلچى كىلىپ بوسۇغىدا ياتقاچ تۇردىكەن ئەجەبا بۇ ئەركەكلەردە زەررىچە غۇرۇر قالمىغانمىدۇ؟يەنەكىلىپ ئۇلار  خۇددى ئىرى تالاق قىلۋەتكەن مەزلۇمنىڭ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت  تۇتۇشنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويغاندەكلا!

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ  ئابدۇقادىر خۇش

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2935
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 08:49:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇش يوللىغان ۋاقتى  2013-6-10 08:46 PM
‏ھازىر ئەرخوتۇن ئاجىرشىپ كىتىش  ئادەتتىكى ئىش بوپقاپت ...


ھا ھا ھا ھا ئىنكاسىڭىز نى ئۇقۇپ تازا كۇلۇپتىمەن دىسە ،راس دەيسىز شۇنداق قاملاشمىغان ئىشلار  يوق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ھازىرقى زاماندا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-10 10:35 PM  


كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 08:53:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇش يوللىغان ۋاقتى  2013-6-10 08:46 PM
‏ھازىر ئەرخوتۇن ئاجىرشىپ كىتىش  ئادەتتىكى ئىش بوپقاپت ...

شۇنداق ئىش بارمكەن ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3145
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1125 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 08:59:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-6-10 08:53 PM
شۇنداق ئىش بارمكەن ..

‏قايسى چاغدا بىزنىڭ ئىمام ئاخۇنۇم قىزىنى 2ئاي ئولتۇرغۇزىۋىلىپلا يىنە بىر ئەرگە بىرۋەتتى ،ھەي !!شۇ ۋاقىتتا   ھەممىنى موللا بىلەر موللا بىرىپ كۆلگە سىيەر دىگەن  ماقالنى قانچە قېتىم زىكىر قىلغىنىم ئىسىمدە

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ  ئابدۇقادىر خۇش

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12099
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8329 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 09:02:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مۇشۇ ئاياللارغا قارغاندا ئەرلەرنىڭ، دەردى كۆپ بوپ كەتتىمۇ نىمە؟كەچتە رادىيودا بىرۋاتقان تۇن تىۋشلىرى فىراگىراممىسدىمۇ ساپلا ئەرلەر مەسلھەت سۇرايدىكەن، ئايالم قىچىپ كەتكەن، خىتىنى ئالمەن دەپ تۇرۋىلىپ باردۇ دەپ

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش