ئاچچىق- چۈچۈك تائاملارنى ئۆگىنىپ، ئاشخانا ئاچقۇڭىز، ئىگىلىك تىكلىگۈڭىز بارمۇ؟
ئاشخانىمىز قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تارانچى بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، مەخسۇس مۇسۇلمانچە ئاچچىق- چۈچۈك تائاملارنى چىقىرىمىز. يولدىشىمنىڭ خىزمىتى مۇشۇ يەردە بولغاچقا، چوڭ شەھەرلەردە ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بولمىدى، لېكىن بۇ پۇرسەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى. شۇڭا، ئاچچىق- چۈچۈك تائاملارغا قىزىقىدىغان، ئىگىلىك تىكلەش ئويى بار ئاياللاردىن شاگىرت قوبۇل قىلىشنى لايىق تاپتىم (مۇسۇلمان بولسا تېخى ياخشى).
ئۆگىنىش ھەققى 5000 يۈەن، ياتاق- تاماق كۆتۈرىلىدۇ، بىر ئايدا پەقەت ئىككىلا شاگىرت قوبۇل قىلىنىدۇ، ئۆگىنىش ۋاقتى 1 ھەپتىدىن 1 ئايغىچە (ئاشپەزلىك ئىقتىدارىڭىزغا باغلىق). ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن رېتسىپىنى يېزىپ بېرىمەن، شۇنداق! خاتا ئوقۇۋالمىدىڭىز، رېتسىپىنى قولىڭىزغا تۇتقۇزۇپ قويىمەن (رېتسىپنى ئاۋۋال بەرسەممۇ بولىدۇ)، ئەگەر خالىسىڭىز ياساش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپمۇ قويىمەن. ھەرگىزمۇ باشقا راڭپىزا قاتارلىق ئاچچىق- چۈچۈكلەرنى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئوخشاش، خۇرۇچنى ئۇستامدىن ئەۋەتكۈزۈپ ئولتۇرمايسىز!
ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ئاشخانا ئېچىپ بېيىسىڭىزمۇ، ياكى قولىڭىزدىن كەلسە شىركەت ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. قالدى ئىش ئۆزىڭىزغا باغلىق!
قالدى گەپنى قويۇپ، تائاملارنىڭ تۈرىگە كەلسەك:
ئاساسلىق ئۆگىنىدىغىنىڭىز، ئاشنىڭ شورپىسىنى تەڭشەيدىغان «ياغتەم»(油汤 )، «مۇچتەم» (油泼辣子) ۋە «ئاقتەم»لەردىن ئىبارەت رېتسىپلاردۇر. بۇ رېتسىپلار 30قا يېقىن خۇرۇچتىن تەركىب تاپقان. مۇشۇ رېتسىپ ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك تائاملار تەييار بولىدۇ:
1. يىپ ئاش (米线، مىشيەن) – كالا ئۈگىرىسىگە ئوخشاش تائام، لېكىن گۈرۈچ چۆپىدە قىلىنىدۇ، تەمى ئاچچىق- چۈچۈك ھەم يېيىشلىك. تۆۋەندىكى 1- رەسىمدىكىسى شۇ.
2. چۈچۈمەل چۆپ (سۈەنلافېر، مالافېر).
3. چۈچۈرە (شورپىلىق تۈگرە)
4. سوزۇپ سۇيقاش (خېمىر چۆپىدە قىلىنىدۇ)
5. قۇم قازان سورپىسى (شاگو)
6. گۈرچۆپ قورمىسى (炒米粉سومىفىن)- بۇنىڭ تېتىتمۇ ۋە خۇرۇچلىرى ئايرىم. تۆۋەندىكى 2-رەسىم شۇ.
7. چاي تۇخۇم – رېتسىپى ئايرىم.
8. مىللىي تەمدىكى لەڭپۇڭ- رېتسىپى ئايرىم.
يۇقارقى 3 خىل رېتسىپنى ئۆگىنىشكە ھەق تۆلەيسىز. 5-، 7-، 8- تائاملارنى ئۆگەنسىڭىز- ئۆگەنمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز، ئۆگەنمىگەن تەغدىردىمۇ يەنىلا 5000 يۈەن ئۆگىنىش ھەققى تاپشۇرىسىز. رامىزاندا دەم ئالىمىز، رامىزاندىن كېيىن قالغانلار، ھېيتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى: نۇرىمانگۈل، ئىسكەندەر
تېلېفون: 18999685447، 18999685147 (مۇمكىنقەدەر چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا تېلېفون قىلماڭ)