مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3972|ئىنكاس: 24

تەجۋىد قائىدىسىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91304
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 704
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 01:15:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                  

                           ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

                                    تەجۋىد قائىدىسىنى ئاسان ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى  
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
      تەجۋىد قائىدىسىنى ئۆگىنىشتە ، مۇنبەردە :      بىرىنچىدىن ، ئەرەب ھەرىبلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ، ئۇيغۇر ھەرىبلىرى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ .      ئىككىنچىدىن ، ئۇيغۇر ھەرىپى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ، ئەرەب تىلىدىكى ئەشۇ بىر قىسىم ھەرىبلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى ، ئۇيغۇرچە خەت بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ .      ئۇنداقتا ، قانداق ئۆگەنگىلى بولىدۇ ؟ مەن مۇشۇ جەھەتتە مۇناسىۋەتلىك بەزى چۈشەنچىلەرنى بىرىش ئارقىلىق ، قېرىنداشلارنى تەجۋىد ھەققىدىكى نەزىريىۋى ( قىسقا ھەم ئاددى ) چۈشەنچىگە ئىگە قىلسام ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۆز تەجرىبەمگە ئاساسەن ، ئاسان ھەم ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ ، يول كۆرسىتىپ قويسام - دېگەن ئۈمۈدتىمەن .
      سۇئال : تەجۋىد قائىدىسى دېگەن نېمە ؟
     جاۋاب : تەجۋىد قائىدىسى دېگەن __ ئەرەب تىلى قائىدىسى - دېگەنلىك بولۇپ ( ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى : فونېتىكا ، لېكسىكا ۋە گىرامماتىكىدىن ئىرەت ، ئۈچ قىسىم دەرسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ،  ئۇيغۇر تىلى قائىدىسىنى تەشكىل قىلغانغا ئوخشاش مەنىدە ) ، ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش قائىدىسى ، ياكى ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش دەرسلىكى - دېگەنلىكتۇر . تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېتساق ، تەجۋىد قائىدىسى __ ئەرەب تىلىدىكى (  قۇرئان كەرىمدىكى ) ھەرپلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ھەم توغرا يېزىش ؛ ھەرپلەرنى قوشۇپ سۆز ھاسىل قىلىش ھەم شۇ سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ھەم توغرا يېزىش ؛ سۆزلەرنى قوشۇپ ، جۈملە ھاسىل قىلىش ھەم شۇ جۈملىلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ھەم توغرا يېزىشنى ئۆگىتىدىغان ئىلىمدۇر .
      1 . ئەرەب تىلى ئېلىپبەسى ھەققىدە چۈشەنچە .     
      ئەرەب تىلى ئېلىپبەسىدىكى بىر قىسىم ھەرىپلەرنى مۇنبەردە يېزىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ ھەم يەنە بىر قىسىم ھەرىبلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلغىلى بولمايدۇ . شۇنداقتىمۇ توغرا يازغىلى ھەم توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ھەرپلەرنىڭ يېزىلىشى ھەم ئوقۇلىشىنى كۆرسىتىمەن ، لېكىن ھەرپىنى توغرا يازغىلى ھەم توغرا تەلەپپۇز قىلغىلى بولمايدىغان ھەرپلەرنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى بىرقەدەر توغرا بولغان تەلەپپۇزىنى يېزىپ كۆرسىتىمەن .
      (1)  ئەلىپبە ھەرىپلىرى :  ا   ئەلىف ،   ب  بائ ،   ت  تائ ،    سائ ( بۇ ھەرىپ  ت  نىڭ ئۈستىگە ئۈچ چېكىت قويۇپ يېزىلىدۇ ) ،    ج  جىم ،     ھائ ( بۇ ھەرىپ   ج    ۋە    خ    نىڭ چېكىتى قويۇلمىغان شەكىلدە يېزىلىدۇ ) ،     خ  خۇائ ،     د  دال ،     زال ( بۇ ھەرىپ  د  نىڭ ئۈستىگە بىر چېكىت قويۇلغان شەكىلدە يېزىلىدۇ ) ،     ر  رۇائ ،     ز  زە ،     س  سىن ،     ش  شىن ،     سۇاد ،     دۇاد ( بۇھەرىپ   دۇا  بىلەن زۇا  نىڭ ئوتتۇرىسىدا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ) ،      تۇائ  ،    زۇائ  ،    ئەيىن ( بۇ ھەرىپنىڭ باش تەرىپىدىكى  ئە  كېكىرتەكنىڭ ئىچكىرى تەرىپىدىن قىرىپ ، ئېغىر تەلەپپۇز قىلىنىدۇ . شۇنداقلا  غ  غۇەيىن نىڭ چېكىتى قويۇلمىغان شەكىلدە يېزىلىدۇ ) ،       غ  غۇەيىن ،      ف  فەئ  ،     ق  قۇاف ،     ك  كاف ،     ل  لام ،      م  مىم ،      ن  نۇن ،      ۋ    ۋاۋ ،     ھ    ھە ،       لا   لامئەلىف ،      ھەمزە  ( بۇ ھەرىب  تىلىمىزدىكى ئا ئە ئې ئى لارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بەلگە ئەينەن يېزىلىدۇ ) ،      ي   يائ .     ... قاتارلىق ، جەمئى 30 ھەربتۇر .  

      (2)  ھەرىب بەلگىلىرى : ئەرەب تىلىدىكى ھەرىب بەلگىلىرىنىڭ بىر قىسمى ، ھەرىبلەرنىڭ  ئۈستىگە ، يەنە بىر قىسمى بولسا ، ھەرىبلەرنىڭ ئاستىغا قويۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر تىلىدىكى 8 سوزۇق تاۋۇشقا ئوخشاش ۋەزىپە ئۆتەيدۇ ، يەنى بىر قىسمى بولسا ، ئەن ئىن ئۇن  قاتارلىق بوغۇملارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ، يەنە بىر قىسمى بولسا ، ھەرىبلەرنى بىر - بىرىگە قوشۇپ ، سۆز ھاسىل قىلىش رولىنى ئوينايدۇ . يەنە بىر قىسمى ھەرىبلەرنى سوزۇپ ئوقۇشنى بىلدۈرىدۇ .  
      بۇ بەلگىلەر تۆۋەندىكىچە :

      (1) ھەرىبلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان بەلگىلەرنىڭ نامى ھەم ئوقۇلۇشى :
      
      نامى :       زەبەر ،   قوش زەبەر ،    تىك ( ئەلىفزەبەر ) ،   پەش ،   قوش پەش ،  ساكىن ۋە تەشدىد ،
     ئوقۇلىشى :  ئە ،      ئەن ،             ئا ،                        ئۇ ،     ئۇن ،          ھەرىبلەرنى قوشۇپ ئوقۇش ،           
                        مەد .
                        ھەرىبلەرنى سوزۇپ ئوقۇش .

      (2)  ھەرىبلەرنىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان بەلگىلەرنىڭ نامى ھەم ئوقۇلۇشى :
      نامى :        زىر ،   قوش زىر ،   تىك ( ئەلىف زىر ) .
      ئوقۇلۇشى :  ئى ،   ئىن ،         ئى ( سەل سوزۇپ ئوقۇلىدۇ ) .

      (3)  سۇكۇن ( ساكىن ) بەلگىسى : تۆشۈك چېكىت شەكلىدە بولۇپ ، بۇ بەلگە بوغۇم ئاخىرىدىكى  ھەرىبلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ ، شۇ ھەرىبنىڭ ئالدىنقى بوغۇمغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .   مەسىلەن : استاز ( ئۇستاز ) . ( يوقۇرقى سۆزنىڭ تەكىبىدىكى بوغۇملارنىڭ ئاخىرىدىكى س ، ز ھەرىبلىرىنىڭ ئۈستىگە ساكۇن بەلگىسى قويۇلۇپ ، ئۆزى تەۋە بولغان بوغۇمغا قوشۇپ ئوقۇلىدۇ .
           تەشدىد بەلگسى :  ئۈچ چىشى ئۈستىگە قارىتىپ  يېزىلىدىغان بەلگە بولۇپ ، بۇ بەلگە قويۇلغان ھەرىبنىڭ ئالدىنقى بوغۇمغا قوشۇپ بىر ، كېيىنكى بوغۇمغا قوشۇپ يەنە بىر ئوقۇلىدىغانلىقىنى ( يەنى بىر ھەرىبنىڭ ئىككى ئوقۇلىدىغانلىقىنى ) بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن : سكز ( سەككىز ) بۇ سۆزنىڭ تەركىبىدىكى  ك ( كاف ) ھەرىپىنىڭ ئۈستىگە تەشدىد بولگىسى قويۇلىدۇ .
      
(4)  مەد بەلگىسى : سۆزلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان ئەگرى سىزىق بولۇپ ، بۇ بەلگە قويۇلغان ھەرىبلەر ئەھۋالغا قاراپ ، ئىككىدىن ئالتە ھەرىب مىقدارىغىچە سوزۇپ ئوقۇلىدۇ .   مەسىلەن :  يس ( ياسىن )  بۇ ياسىن سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى سوز بولۇپ ، بۇ ئىسىمنىڭ ئالدىدىكى   ي  ( يا ) ھەرىپىنىڭ ئۇستىگە ئەلىف زەبەر ( ا ) يەنى تىك زەبەر قويۇلغاچقا ، ( يا +  ئەلىفزەبەر =  )  يا - دەپ ئوقۇلىدۇ .   كەينىدىكى   س ( سىن ) ھەرىپى ئۆز نامى بىلەن " سىن " دەپ ئوقۇلىدۇ ، شۇنداقلا بۇ ھەرىبنىڭ ئۈستىگە " مەد :  بەلگىسى قويۇلغاچقا ، ئەھۋالغا قارپ ، ئىككى ھەرىبرىن ئالتە ھەرىب مىقتارىغىچە زوزۇپ ئوقۇلىدۇ .
     
      دېمەك ، ئەرەب تىلىدىكى بىر قىسىم ھەرىپلەرنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ، توغرا تەلەپپۇز قىلغىلى بولمايدۇ . ئەگەر ھەرقانداق بىر ھەرىپ توغرا تەلەپپۇز قىلىنمايدىكەن ، شۇ ھەرىپتىن تەركىپ تاپقان شۇ سۆز ، ياكى بۇزۇلىدۇ ، ياكى مەنىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ ، ياكى مەنا ئۆزگۈرەپ كېتىدۇ ،  ئەڭ خەتەرلىكى شۇكى ، سەلبىي ( خاتا ) مەنا ئىپادىلەپ قويۇشى مۇمكىن  .   مەسىلەن : ئەرەب تىلىدا :   زال ،   زە ،   دۇاد  ،   زۇاد    تىن ئىبارەت   4   دانە  " ز "   ھەرىپى بار . بۇ تۆت ھەرىپ 4  خل شەكىلدە يېزىلىدۇ ھەم  4  خىل تاۋۇش چىقىرىش نۇقتىسىدىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ  .      يەنە   سائ ، سىن ، سۇاد  تىن ئىبارەت  3  دانە س ھەرىپى بار .   يەنە  تائ ،   تۇائ دىن ئىبارەت ئىككى   ت  تاۋۇشى بار .   يەنە   ئەلىف  ،   ھەمزە ،  ئەيىن   دىن ئىبارەت   3   ئە   ھەرى بار .   يەنە ھائ ،  ھە  ھەرىپىدىن ئىباەت  2  دانە   ھ   ھەرىپى بار .  ---
       يوقۇرىدىكى ھەرىپلەردىن پەقەت  " ئەلىف ۋە ھەمزە "  دىن ئىبارەت ئىككى ھەرىپلا ئوخشاش تەللپۇز قىلىنىدۇ ، لېكىن يېزىلىشى ھەم رولىدا زور پەرقلەر بار .    ئۇندىن باشقا ھەرىبلەر بوسا ، يېزىلىش شەكلى ۋە تەلەپپۇزى ئوخشىمايدۇ  ھەم  ھەربىرسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا ئايرىم مەنا ئاڭلىتىدۇ ھەم مەنا ئۆزگەرتىدۇ . شۇڭا ئەرەب تىلى ئەلىفبە قائىدىسىنى ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ ، ئۆزلىكىدىن توغرا ئۆگىنىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ئۇنداقتا  ، قانداق قىلغاندا ئەرەب تىلى ئەلىفبەسىنى ھەم تەجۋىد قائىدىسىنى ئاسان ، يەڭگىل ھەم توغرا ئۆگەنگىلى بولىدۇ ؟  بۇ نۇقتىنى تەجرىبەمگە ئاساسەن ، ھەۋەسكار قېرىنداشلىرىمغا تۆۋەندىكىدەك ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمەن :
      (1)  ئالدى بىلەن ، ئەرەب تىلى ھەرىبلىرىنى ھەم بەلگىلىرىنى ، تۆۋەندىكى يېزىلغان تەلەپپۇزى بويىچە پىششىق يادلىۋېلىڭ :   ئەلىف ، بە ،تە ، سە ، جىم ، ھا ، خۇە ، دال ، زال ، رۇا ، زە ، سىن ، شىن ، سۇاد ، دۇاد ، تۇا ، زۇا ، ئەيىن ، غۇەيىن ، فە ، قاف ، كاف ، لام ، مىم ، نۇن ، ۋاۋ ، ھە ، لامئەلىف ، ھەمزە ، يا . --- زەبەر ، دۇ زەبەر ، زىر ، دۇ زىر ، ئەلىف زەبەر ، ئەلىف زىر ، پەش ، دۇ پەش ،  ساكىن ، تەشدىد ، مەد .
      (2)  يوقۇرىدىكى ھەرىپ ۋە بەلگىلەرنى پىشىق يادلاش بىلەن بىرگە ، كىتاپقا قاراپ ، تونۇش ھەم يېزىپ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك .
       (3)  يوقۇرىدىكى ئىككى باسقۇچنى ، ئۆزىمىز بىۋاستە ھالدا پىشىق ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ، قالغىنىنىمۇ ئۆزەم ئۆگىنىۋالىمەن - دېگەن خام خىيالدا بولماي ، چوقۇم ياخشى بىر ئۇستازنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك ، ئۇنداق قىلمايدىكەنمىز ، توغرا ئۆگىنەلمەيلا قالماي ، يىللاپ ، ھەتتا نەچچە ئون يىللاپ ۋاقتىمىزنى زايا قىلىپ قويۇش تۇرغانلا گەپ ، شۇڭا چوقۇم ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىڭ .
       دېمەك ، ھەرىپلەرنى ۋە بەلگىلەرنى ئۆزىڭىز بىۋاستە يادلىۋالدىڭىز . ئاندىن كېيىن ئۇستازنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، ھىرىپلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى ، يەنە ، ھەرىپلەرگە بەلگىلەرنى قوشۇپ ئوقۇشنى ، يەنە ، ھەرىپلەرنى ھەرىپلەرگە قوشۇپ ، سۆز ھاسىل قىلىپ ئوقۇشنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ، كەم دېگەندە 10 سۈرىنى قىرائەت ئوقۇپ پىشىق يادلىۋالسىڭىز ، ئاندىن يەنە بەش ۋاقىتلىق نامازنى كامىل ئوقۇيالايدىغان بولىۋالسىڭىز . ئەللاھ خالىسا : (1) قۇرئان ساۋادىڭىز تولۇق چىقىپ قالىدۇ ، (2) قۇرئاننى توغرا تەلەپپۇدا ( تەجۋىد قائىدىسىگە ئۇيغۇن ) ئوقۇيالايدىغان بولۇپ قالىسىز ، (3) دېمەك قۇرئاننى توغرا تەلەپپۇزدا ئوقۇيالىغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى ، تەجۋىد قائىدىسى بويىچە توغرا ئوقۇيالىدىڭىز دىگەن گەپ . ... بۇ ۋەزىپىنى ئۇستازنىڭ ئالدىغا 30 كۈندىن ئوشۇقراق بارسىڭىز ، كۈنلۇك بەرگەن بىلىمنى شۇ كۈنى ، ياكى ئۇستازنىڭ ئالدىغا يەنە تەلىم ئالغىلى بارغىچە پىشىق بىلىپ بارسىڭىز ، پەقەت بىر ئايدىلائورۇنلاپ بولىسىز .
      ھازىر قولىمىزدا ئۇيغۇرچە تەجۋىد قائىدىسى بېرىلگەن ماتىرىياللار تولۇق ، شۇڭا قالغان قىسمىنى ئۆزلىكىڭىزدىن ئۆگەنسىڭىزمۇ ، خۇددى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى بىلگەنگە ئوخشاش ئاسانلا بىلىۋالىسىز .
      قېنى قېرىندىشىم ، ئۆگىنىشكە باشلاڭ ، شۇنچە ئاسانلا ئەللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئان ساۋادلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىڭىزغا شەكسىز ئىشىنىڭ .
       بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيمى ، ۋەقۇر رەببى زىدنى ئىلمەن . ( ئى ئەللاھ ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن ) .
     قېرىنداشلارنىڭ تۈزىتىش پكىر بىرىپ تولۇقلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن .
      مەنبە :   ئۆز قەلىمىم .
       ئەللاھقا ئامانەت .   



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-10 12:16 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xatir + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
dilhayat + 68 دەلىللەر يېتەرلىك
mamat-xerep + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 88   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49362
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3426
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 02:25:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىز دەك قىرىنداشلارنىڭ  ياخشى تىمىلىرنى بىزدىن يىراق قىلمىسۇن.
ئاللاھ سىزنىڭ تىمىڭىزنىڭ مەنپەتىدىن بارلىق خەلقىمىزنى مەنپەتدار قىلسۇن.
ئاللاھ خەلقىمىزنى ھەقىيقى ئىسلامغا نائىل قىلسۇن!

مەخلۇقنىڭ رازىلقى كۆزلەنگەن قىلىق دەۋزەخكە سورەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 02:34:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  قېرىندىشىم،  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!  مانا مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك  تىمىللىرىڭىز  مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن! .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 02:34:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 02:39:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر  تىما يوللاپسىز قېرىندىشىم .ياخشى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1611
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 238 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 02:49:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86068
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1736
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-10-14
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 03:11:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇلىللاھى ۋەبەرە كاتۇھۇ
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر  تىما يوللاپسىز قىرىندىشىم. مۇشۇنداق  بىلىشكە تىگىشلىك  مەنپەئەتلىك  تىمىللىرىڭىز  مىسرانىم دىن ئۈزۈلمىسۇن!!!!....  

پەي يەڭگىل بولغاچقا ئۇچارھاۋادا،
تاش ئېغىر بولغاچقا تۇرار قىيادا.
پەيدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ ئىنسان،
يەڭگىللىك ئىللىتى بولسا ناۋادا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1863
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13296
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 03:35:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما!

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1557
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 04:11:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇلىللاھى ۋەبەرە كاتۇھۇ،
ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5059
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 05:16:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇمۇسسالام!ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىندىشىم.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش