قازاقستاندە يىقىندا ئىچىلغان مىللى تارىخنى تەتقىق قىلىش كىڭەيتىلگەن خىزمەت يىغىنىغا قازاقستان دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مارات تاجين رىياسەتچىلىك قىلىپ، بۇ يىغىنغا تارىخچىلار، ئەدىبىيات تەتقىقاتچىلىرى ،ئالىملار ۋە جۋرنالىستلەر ،مەركىزى ۋە يەرلىك ئىجرائى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى،
يىغىندا''قازاقستاندە 4تارىخ ئىنىستيتۇتى198 تارىخ پەنلىرى دوكتورى،864كاندىدات دوكتورلار بار،ئولار مۇستاقىللىقتىن كىيىن ھەر ساھەدە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە،لىكىن، ۋەتەن تارىخىنى تونۇپ، بىلىشتە كەم قالغان تەرەپلەر كۆپ،بەزى ساھەلەردە مۇتەقەسىسلەر يىتىشمەيدۇ، تەتقىق قىلىنماي قالغان پۇتۇن زامانلارمۇ بار بىزدە،
تەتقىق قىلىنغان،لىكىن ،كونا كوزقاراش بىلەن، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئىدىيولوگىيىسى بىلەن يىزىلغان مەزمۇنلار كوپ،ھازىرغىچە ياۋروپالىق جاھانكەزلەرنىڭ يىزىپ قالدۇرغان لىرىغا قاراپلا، ئەجدادلىرىمىزغا باھا بىرىش ئۇزۇلمەي كىلىۋاتىدۇ،شۇڭا ،تارىخى نەرسىلەرنى ئازاد ئىدىيە بىلەن يىڭىچە تونۇپ يىتىش كىرەك دىدى- دۆلەت كاتىپى مارات تاجىين،ئۇ يەنە،مىللى تارىخنى قايتىدىن تەتقىق قىلىش ھەققىدە بىرقەتەر تاپشۇرۇقلار بەردى، مەلۇم بولىشىچە،قازاقستاندە تارىخ ئوقۇشلۇقلىرى قايتىدىن يىزىلىپ، قازاقستان تارىخىغا مۇناسىۋەتلىق ۋەب-پورتال(مۇنبەر)ئىچىلىپ، يانپونغا لايىھىلەنگەن ئۇن-سىن ماتىرياللىرى چىقىرىلىپ،ھەرقايسى يۇقۇرى مەكتەپلەردە تارىخ كافىدىرىسى ئىچىلىدىكەن،
يىغىندا تارىخ ئىلىمىنى قايتا يىڭىلاش ھققىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ،ئولار 12-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن بۇرۇن،ئوز كۇن تەرتىپ، پلانلىرىنى ئەلبىشىغا تاپشۇرۇپ بىرىش تەكىتلەندى .
دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مارات تاجين :'' ئەلبىشى نۇرسۇلتان نەزەربايىۆ''تارىخ دولقۇنىدىكى خەلىق''دىگەن نامدا تارىخ تەتقىقاتلىرىنىڭ مەخسۇس پلانىنى تۇزۇپ چىقىشنى تاپشۇردى،بۇ پلاننىڭ ئاساسلىق مەقسىدى:قازاقستاننىڭ تارىخ ئىلىمىنىڭ (پەن) يۇقۇرى پەللىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش قۇرالى ئاساسىدا ،ساپا جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا شارائىت يارىتىش،قازاق مىللى تارىخىنىڭ دايئىرىسىنى كىڭەيتىش ، مىللەتنىڭ يىڭى تارىخى قاراشىنى شەكىللەندۇرۇش،قازاقستاننىڭ يىڭى تارىخىدىكى يىگىرمە يىلىنىڭ ماھىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش''-دىدى.
قازاقستان قانىلى يىڭىلىقلىرى دىن،
مەنبە:
http://www.elarna.com/koru.php?tur=6&id=148941
مەنبە: