قانۇندىكى دەۋا سۈرۈك ۋاقتىڭىزغا سەل قارىماڭ
ئەسلى ھېكايە 2011-يىل 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالىم ۋە قۇربان قاتارلىق بەش كىشى ئۈرۈمچى مىللىيلار كەنتى قوروسىدا كەچلىك تاماق يېيىشكەچ ھاراق ئىچىشىدۇ، ئولتۇرۇشتا ئالىم گېپى ئاز، دوستلىرىنىڭ سالاسىنى ياندۇرۇشنى بەك بىلىپ كەتمىگەچكە ئالىمنى ئولتۇرۇشتىكىلەر ناھايىتى تىزلا مەست قىلىپ قويىدۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قۇربان ئۈستەلدىن ئايرىلىپ تام بۇلۇڭىغا ھاجەتكە بېرىپ كېلىش مەقسىتىدە كىچىك پەلەمپەيدىن ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن يىقىلىپ چزشىدۇ ۋە شۇيەردە زەخمىلىنىدۇ، ئارقىدىن ئالىم ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قۇربان يىقىلغان يەرگە بارىدۇ ۋە قۇرباننى تۇرغۇزماقچى بۇلۇپ قولىدىن تارتماقچى بولىدۇ، بىراق قۇربان ئورنىدىن تۇرالماي قالىدۇ، ئالىم قۇرباننى تۇرمايسەنغۇ، نېمە بولدى؟ دېگەندەك گەپلەر بىلەن سورايدۇ ۋە باشقىلارغىمۇ ئۇنى يىقىلىپتۇ دەپ خەۋەر قىلىدۇ، باشقا دوستلىرى ئىشنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ 120 قۇتقۇزۇشقا ۋە 110 غا تېلفون بېرىدۇ، قاراشلىق رايوندىكى ساقچىلار تىزلا يىتىپ كېلىدۇ، شۇ چاغدا يەردە ۋايساپ ياتقان قۇربان ئالىمنىڭ مەستلىكىنى بىلىپ ساقچىلارغا ئالىم مېنى ئىتىرىۋەتتى، تۇرالماي قالدىم دەپ دېلو مەلۇم قىلىدۇ، ساقچىلار ئىشنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن قۇرباننى 120 ئارقىلىق دوختۇرغا ئاپىرىپ قويۇپ، ئالىمنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ سوراق قىلىدۇ.
ئالىم زادى نېمە ئىشنىڭ بولغانلىقىنى بىلىپ بولالمىغانلىقىدىن ساقچىخانىدا: قىنى دېگىنە، قۇربان سېنى ئىتىرىۋەتتى دەيدۇ ھەم دوختۇردا يېتىپ قاپتۇ، ئۇنى سەن ئىتىردىڭمۇ؟ دەپ سورىغاندا ئالىم بىرىنچى ئاخشىمى مەست، ئۆزىنىڭ خۇدىنى ئۇقمىغان ھالدا ئويلانماستىنلا قۇرباننى ھەئە مەن ئىتىردىم دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇ ئاخشىمى ئالىمنى جىنايى ئىشلار بويىچە 15 كۈنلۈك توختۇتۇپ قويىدۇ ھەم 200 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ، بىراق ئەتىسى ج خ ئىدارىسى سوراق قىلغاندا ئالىم ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى تولۇق ئىسىگە ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قۇرباننى ئىتىرمىگەنلىكىنى ھەم ئۆزىنىڭ يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ، ئالىم توختۇتۇپ قويۇلۇپ سوراق قىلىنىۋاتقاندا، ئالىمنىڭ ئۈيىدىكىلەر قۇرباننى ئالىم ئىتىرىپ زەخمىلەندۈرۈپ قويۇپتۇ دەپ ئاڭلاپ ئالدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ ھال سوراپ قۇرباننىڭ داۋالىنىش پۇلى ئۈچۈن 5500 يۈەن پۇل بېرىپ تۇرىدۇ، ج خ ئىدارىسى ئالىمنى ئارقا ئارقىدىن نەچچە قېتىم سوراق قىلىش ھەم ئەتراپىدىكى دوستلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق جىنايىتنىڭ يوقلۇقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ئالىمنى كېپىللىككە بېرىپ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىدۇ، ئالىم قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 200 يۈەن جەرىمانە قويۇش ھەم توختۇتۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ شۇنداقلا 5500 يۈەن داۋالىتىشقا بەرگەن پۇلىنىمۇ قۇرباننىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سوراشقا پېتىنالماي بوپتۇلا، بەلكىم مۇشۇنداق كەلگۈلۈك ئوخشايدۇ دەپ شۈكرى قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ.
بىراق ئويلىمىغان يەردىن 2012- يىل 1-ئاينىڭ 12- كۈنى ئالىم سايباغ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قۇرباننىڭ ھەق تەلەپ ئەرزنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئەرزنامىدە : دەۋاگەر قۇربان مەن 2011- يىل 5- ئاينىڭ 17- كۈنى سايباغ رايونى مىللىيلار كەنتى ئالدىدا خوشنىلار بىلەن ئولتۇرسام، جاۋاپكار ئالىم تېلفونۇمنى سوراپ ئېلىپ ئۇزۇن سۆزلەشتى، مەن تېلفوننى سورىسام ماڭا قارىتىپ ئاتتى، شۇ سەۋەبتىن ئىككىمىز قىزرىشىپ قالدۇق، ئاندىن ئالىم مېنى كۆتۈرۈپ يەرگە تاشلاپ زەخمىلەندۈردى، شۇ سەۋەبتىن دوختۇردا داۋالاندىم. دەپ بىر قاتار داۋالىنىش، مېيىپلىق ئونىنچى دەرىجە تۆلىمى قاتارلىق تۆلەملىرىم ئۈچۈن50598 يۈەن تۆلەپ بەرسۇن دەپ ئەرز قىلىدۇ.
بۇنى ئالىم كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلمەي ھەيران قالىدۇ، ئۇنىڭغا ئەرزدە قىزىقارلىق بىلىنگەن يېرى ئالىم قۇرباننى مېنى كۆتۈرۈپ يەرگە تاشلىدى، دېگەن يەرلىرى پەقەتلا ئىدىيىسىگە سىغمايتى ھەم ئۆزىنى قاچاقلاردا ئادەم كۆتۈرۈپ تاشلىيالىغۇدەك كۈچلىنىپ كەتكەندىمەن دەپ ئويلايتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يېنىدىمۇ يانفۇن تۇرسا قاچانلاردا قۇرباندىن تېلفون ئالغانلىقىنى پەقەتلا ئېسىگە ئالالمايتى.
ئاخىرى سوت ئېچىلدى ھەم ئالىم قۇرباننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئەرز قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ يەتتى ۋە قانۇندىكى بەزى ھوقوقلىرىغا سەل قارىغانلىقىدىنمۇ ئەپسۇسلىناتتى، سوتتا دەۋاگەر قۇربان مۇنداق دەپ ئىسپات كۆرسىتىدۇ، بىرىنچىسى، ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە 15 كۈن توختۇتۇپ قويۇش قارارنامىسى، بۇنىڭدا گەرچە ئالىم ئىلگىركى سوراقتا گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۈنىڭ قارارنامە چىققاندىن كېيىن 60 كۈنلۈك جىنايەت سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈش، نارازىلىق بېرىش دەۋا سۈرۈك ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقى سەۋەب بولغان، چۈنكى، ‹مەمۇرى ئىشلار قانۇنى›دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قارارنامە باھالاش نەتىجىسى چىقىپ تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 60 كۈن ئىچىدە چىقىرىلغان يەكۈنگە قارىتا نارازىلىق ياكى ئىنكاس بىلدۈرمىسە، قارارنامە ئىچىدىكى مەزمۇن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دىيىلگەن. بىراق ئالىم مۇشۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلسىمۇ، بىراق توختۇتۇپ قويۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۆزىنىڭ قىلمىغان جىنايەت بولسىمۇ تەبىئىيلا ئۈستىگە ئالغان بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى، شۇڭا دەۋاگەر قۇربان ئالىمنىڭ مۇشۇ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ھېچ ئويلانماستىنلا ئالىمنى سەۋەنلىكنى، ئىقتىسادى زىيانلارنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ ئەرز قىلغان ۋە مۇشۇ قىلمىشنى سوتقا ئىسپات قىلىپ ئوتتۇرغا سۇنغان، سوت مەھكىمىسمۇ دەۋادىكى سۈرۈك ۋاقتىنى ئۆتكۈۈپ قويۇشنى جىنايىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىق دەپ قۇبۇل قىلغان، ئىككىنچىسى، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇش ئىسپاتى، بۇمۇ ئوخشاشلا جەرىمانە قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى سۈرۈك ۋاقتى ئىچىدە ئۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمىگەنلىك تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىگە ئىقرار بولغانلىق دەپ سوتقا كۆرسەتكەن ئىسپاتى بولدى، بۇمۇ ئوخشاشلا سوتتا دەۋا سۈرۈكى ئىچىدە سۈرۈشتە قىلىنمىغانلىقى تۈپەيلىدىن جىنايىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىق دەپ قارالدى، شۇنداق قىلىپ ئالىم ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز قالدى، ئۈچىنچىدىن، ئالىمنىڭ ئايالى ئەينى ۋاقىتتا دەۋاگەر قۇربانغا ئۆزىنىڭ يولدىشى ئالىمنىڭ زادى گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا ھال سوراپ بەرگەن 5500 يۈەن پۇل قەغىزى بولدى، سوتتا دەۋاگەر: ئەگەر ئالىم گۇناھسىز بولسا بىزگە نېمە ئۈچۈن پۇل بېرىدۇ ۋە سۈرۈشتە قىلمايدۇ، بۇ ئۇنىڭ ھەقىقەتەن جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، شۇڭا قالغان مېيىپلىق، دوختۇر پۇللۇرىمنى تولۇق تۆلىشى كېرەك دەپ ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىدۇ، سوتمۇ بۇ قاراشنى يوللۇق دەپ قارايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئالىم ئۆزىنىڭ ساقچىخانىدا گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ھەم ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈنلەي ئامالسىز بۇلۇپ قالىدۇ.
ئاخىردا سوت مەھكىمىسى ئالىمنى دەۋاگەر قۇرباننىڭ باشقا چىقىملىرىنىمۇ تۆلەش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىدۇ، بۇنىڭغا قايىل بولمىغان ئالىم نارازىلىق ئەرزى بېرىپ ئوتتۇرا سوتقا ئەرز بېرىدۇ، بىراق ئوتتۇرا سوتتىمۇ ئوخشاشلا ئالىمنىڭ قانۇنلۇق بېرىلگەن دەۋا سۈرۈكى ئىچىدە ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ساقچىخانىنىڭ جازالىرىغا ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ، بۇ ئالىمنىڭ تولۇق جىنايىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ھىسابلىنىدۇ دەپ بېكىتىپ ئالىمنىڭ دەۋا تەلىۋىنى رەت قىلىۋېتىدۇ. ئامالسىز قالغان ئالىم بۇ چاغدا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، قۇرباننىڭ يولسىزلارچە قىلغان تەلىۋى ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاشقا ئاجىزلىق قىلىپ قالىدۇ، ئاخردا ئالىم يەنىلا، ئەگەر مۇشۇنداق پۇلنى خوشنام سىڭىدۇ، ئۆزىگە ھالال دەپ قارىسا ئۇلار بىلەن يەنە تىركىشمەسلىك قارارىغا كېلىدۇ، ئاچچىق يۇرتقان ئالىم پۇلغۇ بوپتۇ تېپىلار، لېكىن ھامان بىر كۈنى ھەممىنىڭ سورىقى بولار دەپ ئايدا ئاران ئالغان 1600 يۈەن ئايلىقىنىڭ 30 پىرسەنتىنى سوتنىڭ قەرز تۆلىشىگە تۇتۇپ بېرىدۇ.
ئومۇمەن، مەيلى قانداقلا بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر قانۇنىي چىقىرىلغان ھەر قانداق ھۆججەت، قارارنامىلەرگە ئەستايىدىل قاراشنى ئۈگىنىۋېلىڭ، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىڭىزنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىلىق. يوقارقىسى ھەقىقىي بولغان ۋەقەدىن ئېلىندى ۋە كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى، ئەگەر ماقالىدە بولغان خاتالىقلار بولسا دوستلىرىمنىڭ تۈزۈتۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەم دوستلىرىمنىڭ ئىنساپلىق، ئىمان ئېتقادلىق بۇلۇشىنى، ھەقىقىي بەخىتلىك بولىشىنى ئاللاھ تىن تىلەيمەن.