ئاتامنى ئەسلەپ(كارىزىم)
ئاتامنىڭئاپامدىن، بىز بالىلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ بارسا كەلمەس جايغا كەتكىلىبۈگۈن 38 كۈن بولدى. بۇ 38 كۈن مېنىڭ ھاياتلىق، ئۆلۈم، قېرىنداشلىق، مېھرى-مۇھەببەت تۇغۇرلۇق ئەڭ كۆپ ئويلانغان كۈنلىرىم بۇلۇپ قالدى. يالغۇز قالغانچاغلىرىمدا سېغىنىش بىلەن پۇشايمان قۇشۇلغان ياشلىرىمنى تۈكىۋالغان بولساممۇ،تاشتىن ئېغىر ھەسرەت يەنىلا يۈرۈكۈمنى ئېزىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئاشۇمىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتنى كۈندە بىر قانچە ئون قېتىم ئويلاپ چىقىمەن. ئاتامنىڭقۇلۇمنى چىڭ سىققان قوللىرىنىڭ تۇيۇقسىز بۇشاپ كېتىشى بىلەن تەڭ كۆزىمدىن ياشتۈكىلدى، ئىچىمدا ئۆزۈم بىلدىغان ئايەتلەرنى تىزلىك بىلەن ئۇقۇشقا باشلىدىم. رىئاللىقنىئىتراپ قىلغىم كەلمىدى، ئاتامنىڭ يۈرۈكىنى تۇتتۇم، تۇتقۇنۇم دۈپپۈلدەپ سۇقۇپبەدەنگە ھارارەت بېرىدىغان يۈرەك بولماستىن، ئىگىسى تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپمۇزلاشقا باشلىغان يۈرەك بولدى. نە ئامال مەنمۇ ئاللا ياراتقان ئىنسان تۇرساميىغلاشتىن باشقا يەنە نېمىمۇ قىلايمەن؟ ئاتامنىڭ ئۈچى ئاسمانغا قارىغان ساقىلىنى ئاقارغانيۈزىگە قۇشۇپ تۇتتۇم، ياشلىرىم ئىختىيارسىز مەڭزىم بويلاپ سىرغىپ تامچىۋاتىدۇ. ئاجىز،ئاددىي كۆزىمنىڭ ئاتامنىڭ روھىنى كۆرەلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلىسەممۇ يەنىلائاتامنىڭ روھىنى كۆرەلەيدىغاندەك ئەتراپقا قارىدىم، ئاتامروھىنىڭ يىنىمدىلا بارلىقىنى بىلسەممۇ لېكىن كۆرەلمىدىم. ئىنسانىڭ ئاجىزلىقىنىتۇنجى قېتىم ھەقىيقى مەنىسىدىن چۈشەندىم.
ئاخىرەتلىككىيىمنى كىيىپ بولغان ئاتامنى ھەممىمىزگە بىرلا قېتىم چىقىش نىسىپ بۇلىدىغان تاۋۇتقاسالماقچى بۇلۇشىمىزغا ياشلىرىم دەريادەك قۇيۇلۇشقا باشلىدى، تارتقان جاپاسىغاچۇشلۇق راھەت كۆرمىگەن ئاتامنىڭ يۈزىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سىلىدىم ۋە ئىچىمدە《 ئاتا مېنىڭدىن رازى بول، بالىلىق بۇرچىمنى ياخشىئادا قىلالمىدىم، ئاپام بىلەن ئاچامدىن خاتىرجەم بول بىزگە تاپشۇر، چۇقۇم ياخشى قارايمىز، مەندىنمۇ ئەنسىرمەخۇدايىمغا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم بولغىن، ئاكىلىرىم بار، قېرىنداشلىرىم بار دېدىم 》.كىمدۇر بىرى كىرىپ ئاچامنىڭ ئاتامنى بىر كۆرىۋالاي دەپ ئىشىك ئالدىغاكىلۋالغانلىقىنى بىرىمىزنىڭ تۇسىۋىلىشىمىزنى ئېيتتى. ئىشىكنى ئىچىشىمغا يىغىدىنكۆزلىرى قىزىرىپ، ئاۋازى پۈتۈپ قالاي دېگەن ئاچام《 ئاتامنىڭ يۈزىنى كۆرگىلىقويمىدى، بىر قېتىم كۆرىۋالاي، يىغلىمايمەن، راستىنلا يىغلىمايمەن، راست 》دەپيىغلىغىنىچە ئۆينىڭ ئىچىگە ئىتىلدى. ئاچامنى مىڭ تەستە تۇسىۋالدىم. ئاياللار كېلىپئاچامنى ئېلىپ كەتتى.
ئاتامنى يىغلاپ يۈرۈپ تاۋۇتقا سالغانلىقىمىزنىبىلىمەن، لېكىن ئاتام تالاي قېتىم ماڭغان يوللاردا مېڭىپ، كۈندە بەش قېتىمكېلىدىغان مەسچىتنىڭ ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىمىزنى بىلمىدىم. مىيىت نامىزنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن قەبرىستانلىققاماڭدۇق، ئاتام بۇ يولدىمۇ ئۇخشاشلا سانسىز قېتىم ماڭغان ئىدى، مانا ئەمدى ئەڭئاخىرقى قېتىم كېتىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ قېتىمقىسى ئۇخشىمايدۇ، بۇ قېتىم بېرىشقىلابۇلىدۇ، قايتىشقا بۇلمايدۇ.
ھەممىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقىمەنزىلگاھىمىز-قەبرىستانلىققا كەلدۇق. ئاكام ئىچ گۆرگە كىرىپ كۆرۈپ چىقتى، ئاتامنىئىچ گۆردىكىلەرگە سۇنۇپ بەردۇق، بۇ ئاتامنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تۇتۇشۇم بۇلۇپقالدى، ئىچ گۆرنىڭ ئاغزىنى ئاكام ئەتتى. ئەڭ ئاخىرقى كېسەكنى سۇنۇپ بەرگەچ ئىچگۆرگە قاراپ ئاتامنى كۆرۋالدىم، ئاكام 《 ياتقان يىرىڭ جەننەت بولسۇن 》دېگەچ يەتتەكەتمەن تۇپىنى تاشلاشقا باشلىدى...
بۇكۈننىڭ ھامان كېلىدىغىنىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇنداق بالدۇر كېلىشىنى ئويلاپمۇباقماپتىكەنمەن. جاننى بەرگەن ئىگىسىنىڭ جاننى ئىلىپ كېتىشىگە يىغلاپ يۈرۈپ رازىلىقبەردۇق. ھەر قانچە رازىلىق بەرگەن بولساقمۇ كۈڭلىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنىلائاتمىزنىڭ ھايات بۇلىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق.
ھەممىگەقادىر ئۇلۇغ ئاللا، بىزگە سالغان مۇسىبىتىڭگە چىن نىيىتىمىزدىن رازى بولدۇق، بىزگەسەۋىر ئاتا قىلغايسەن، بۇ مۇسىبەتتىن ھەممىمىزگە تىگىشلىك ھەققىمىزنى بەرگەيسەن،قىلغان دۇئالىرىمىزنى قۇبۇل قىلغايسەن، ئاتامنىڭ بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، قىلغان دۇئا- تىلاۋەتلىرىنى قۇبۇل قىلغايسەن،ئاتامغا جەننەتتىن ئورۇن بەرگەيسەن.
ئابدۇللائابلىز كارىزىم
2011-يىلى2- ئاينىڭ 24-كۈنى(پەيشەنبە سەھەر)