ئابلەت تەلبا ئەپەندىمنىڭ قىسقىچە ئارخىپى
تۇغۇلغان ۋاقتى:1979-يىلى4-ئاينىڭ20-كۈنى
تۇغۇلغان يۇرتى:ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيىسى
قان تىپى: AB
قىزىقىشى:سەنئەت
كەسپى:كومپىيوتېردا كىيىم لاھىيلەش
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشلىرى:ئاتا- ئانىسى
ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىنوسى :‹‹تىتانىك ناملىق پاراخوت
ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھېكىمەتلىك سۆزى:ئىشلىمەي تۇرۇپ قورقىغاندىن ،ئىشلەپ تۇرۇپ مەغلۇپ بولغان ئەلا.
ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشى:تەۋەككۇل قىلىش
ئارزۇسى:كارخانىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش
ئۇ شاڭخەي دوڭخۇا ئۇنۋېرسىتىدا كومپىيوتېردا كىيىم لاھىيلەش كەسىپىدە ئوقۇپ،شىنجاڭ تەلبا كەسپىي تەربىيلەش مەكتىپىنى قۇرغان.ئۇ مەكتەپ باشقۇرۇش،ئوقۇغۇچى تەربىيلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ناخشا ئېيتىش ۋە ناخشا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىپ قويمىدى.ئابلەت تەلبا ئەپەندىم سەنئەت جەھەتتىكى ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-،7-كۈنلىرى كەڭ خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ئىدى.يېقىندا يەنى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى بۇ كېچىلىكنىڭ DVD ، CDپىلاستىنكىسى ‹‹دىل كۈيى››ئۈن-سىن مەركىزىي تەرىپىدىن بازارغا سېلىندى،كەڭ خەلقىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ پىلاستىنكا ‹‹دىل كۈيى››ئۈن-سىن مەركىزىدە توپ ۋە پارچە تارقىتىلىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى:گۈلقىز غولام،ئابلېكىم غولام
TEL:0991-2858532