سىز ماڭا قەرزدار
( ھېكايە )
خەنزۇدىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئېرپان
بۈگۈن يېمىڭ ئىشتىن كەلگەندە تولىمۇ روھلۇق ھەم خۇشال ئىدى ،ئۇ شۇ كەيپىياتتا شۆۋېيلەنگە :
- بىلەمسىز لەن ، بۈگۈن مەن تولىمۇ خۇشال ، بۈگۈن شىركەت مېنىڭ نەتىجەمنى مۇكاپاتلاپ مېنى گۇاڭجۇغا ئەۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ ، بىزنىڭ قىيىن كۈنلىرى ئەمدى ئاخىرلىشىدىغان بولدى ...
سېكونت ئىچىدە لەننىڭ قوشۇمىسى تۇرۇلۇپ ئۆتۇپ كەتتى ،بۇ ھەيران قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىدى . بۇ نەتىجە لەننىڭ ئارزۇ – ئارمىنى ھەم ئىككىسىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى ، لېكىن ئۇ بۇ نەتىجىنى بۇنچە تېز كۆرىمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدى .
ئۇنىڭ خىياللىرى ئۇلار تونۇشقان ئاشۇ چاغلاردا ئۇچۇپ كەتتى .ئۇ چاغدا يېمىڭ نۇرغۇن پۇلنى مەبلەغ سېلىشتا مەسلىھەتچى بولۇپ بۇ تۈرمەغلۇپ بولغان ، شىركەت ئۇنى باشقا ئىشقا قويۇپ ئۇنىڭغا قىلىدىغان ئىش يوق تازا چۈشكۈنلۈشىپ يۇرگەن چاغلىرى ئىدى . لەن بولسا شۇ چاغلاردا ئەمدىلا شىركەتكە كىرگەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۇستەلدە خىزمەتداش ئىدى . يېمىڭ ھازىر بىكار بولغاچقا لەنگە كەسپ تونۇشتۇرغۇچى ۋە ئۆگەتكۇچى بولغان ئىدى . لەنگە يىگىت تولىمۇ كېلىشكەن ، ئەقىللىق ھەم يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بەرگەن ئىدى. لەن يىگىتنىڭ بۇ كۈنلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىگە ئۇنىڭ بىر كۈنى چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى .
توي كۈنىنى بىكېتىدىغان كۈنلەر يېققىنلىغانسېرى يىگىت توي كۈنىنى كەينىگە سۇرۇشكە باشلىدى . ‹‹ لەن ھازىر مېنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقىتلىرىم ئەمەس ، مەن سىزنىڭ مەن بىلەن تەڭ جاپا تارتىشىڭىزنى خالىمايمەن ، مەن كېيىن سىزنى خۇشال قىلغۇدەك توي مۇراسىمى ئۆتكۇزۇپ ، سىزنى كۆتۇرۇپ ھۆجرىغا ئەكىرىمەن . ماڭا ئىشىنىڭ ، ماڭا ئارزاق ۋاقىت بېرىڭ بولامدۇ ؟ ›› دەپ سەۋەپكۆرسۇتۇپ تۇرۇۋالغان ئىدى .
لەن شۆھرەتنى قوغلىشىپ كېتىدىغان قىز ئەمەس ئىدى .‹‹ سۆيۈملىگىم ، ماڭا سىزنىڭ پۇلىڭىز كېرەك ئەمەس ،ماڭا سىز بولسىڭىزلا بولدى ،ماڭا شۇلا كېرەك ›› لەن بۇ سۆزلەرنى نەچچە قېتىملاپ ئىچىدە پۇشۇرۇپ ئۇنىڭغا دىمەكچى بولدى – يۇ ، ئاغزىدىن چىقىرالمىدى . لەن يېمىڭنىڭ غورۇرىنىڭ كۇچلۇكلىكىنى يەنە كېلىپ ھازىر ئېغىر بېسىم ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشۈنەتتى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە قىزلىق نومۇسىمۇ ئۇنى بۇ گەپلەرنى قىلىشتىن توسۇپ قالغاچقا ھېچنىمە دىمەي جىملاقالغان ئىدى .
ئۇنىڭ تىرىشچابلىقى ئاخىرى نەتىجە بەرگەن ئىدى،ئۇنىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ مەبلەغ سالغاچۇلارغا تۇزۇپ بەرگەن پىلانى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ۋە ئۇلار شىركەت نامىدىن ئۇنى تەكلىپ قىلغان ئىدى . شىركەتمۇ يېڭى بازار ئېچىش پىلانى بىلەن ئۇنى ئۇ يەرگە ئەۋەتمەكچى بولغان ئىدى .
- گاڭجۇغا بارغاندىن كېيىن قاتتىق ئىشلەيمەن - يېگىت زوق –شوق بىلەن كەلگۇسىنىڭ پىلانىنى قىلىپ ، ئۆز خۇشاللىقى ئىچىگە غەرق بولماقتا ئىدى . ‹‹ سەنلا خالىساڭ ئۇچقۇن يار يىراقلارغا › › مېڭ تېڭۋېينىڭ ناخشىسى سىرتتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى ‹‹ سەن ئۈچۈن ساقلاپ بىر ئىللىق ئۆي ، چاپقۇنلارنى ئۆتكۈزەي سەن بىلەن ›› ...ناخشا بۇ يەرگە كەلگەندە لەننىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ چىدالماي قالدى ، ئۇ بۇنى يوشۇرۇپ :
- بىردەم دەم ئېلىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ، مەن تاماق تەييارلاي - دېدى ئۇ .
لەن ئاشخانىغا كىرىپ خۇددى تۇيۇقسىز يات يەرگە كىرىپ قالغان ئادەمدەك نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى . بىردەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئىختىيارسىزلا بىر تال پىيازنى قولىغا ئېلىپ ئاخلاشقا باشلىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئاقماقتا، بۇ ياشلار پىيازنىڭ ئاچچىقىدىن چىقتىمۇ ياكى بايىقى ناخشىنىڭ تەسىردىنمۇ ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى . يېمىڭ ئۇنىڭ كەينىدىن كىردى ، ئۇنىڭ كۆزىدىكى ياشنى كۆرۇپ :
- يىغلاۋاتامسىز ؟ - دەپ سورىدى ھەيران بولۇپ .
- ياق ، يىغلىمىدىم ، بۇنىڭ ئاچچىقى .. – لەن پىيازنى كۆرسەتتى – سىزلا خۇشال بولسىڭىز مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق خۇشاللىقىم يوق ، مەن نىمىشقا يىغلايتتىم – دېدى لەن چىرايىغا كۈلكە يۇگۇرتۇپ .
يېمىڭ كېلىپ ئۇنىڭ مۇرىسىدىن يەڭگىل تۇتتى :
- مەن بىلىمەن – دېدى يېمىڭ غەمكىن ئاھاڭدا - مېنىڭ كېتىشىمگە قىيمايۋاتىسىز ، مۇنداق بولسۇن ، بولدى سىز خالىمىسىڭىز مەن بارماي .
- بولمايدۇ ، مەن سىزنىماڭغۇزمايمەن دىمىدىمغۇ – دېدى ئالدىراپ لەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ – مەن مومامدىن ئەنسىراۋاتىمەن سىزگە ئەگىشىپ مەنمۇ كەتسەم ئۇنى قانداق قىلىدۇ دەپ . كىچىكىمدىن ئاتا – ئانامدىن ئايرىلىپ قالدىم ، مومام مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان - دېدى لەن ئۆيگە كۆز يۇگۇرتكەچ پەس ئاۋازدا .
- مومامغا ئاش –تاماق قىلىپ قارايدىغان بىرىنى تاپايلى ، مەن ئۇ يەردە ئازراق يىلتىز تارتىۋالغاندىن كېيىن مومامنى ئېلىپ كېتەيلى– دېدى يېمىڭ . قارىغاندا ئۇ ھەممىنى ئويلىشىپ قويغاندەك قىلىدۇ ، لەن بۇلارنى ئويلاپ ھېچنىمە دىيەلمىدى .
لەن كەلگۇسى تۇرمۇشى ھەققىدە بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەيتتى ،ئەمدى بولسا ئەمىليەت ئۇنى بۇ ھەقتە ئويلاشقا مەجبۇر قىلماقتا ئىدى .لەن شۇلارنى ئويلاپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتى . ئۇ بۇرۇندىنلا مەن بىر ئاددى بىرقىز دەپ ئويلايتتى . تۇرمۇشتىنمۇ ئۇنچە كۆپ نەرسە تەلەپ قىلمايتى ،ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئۇنىڭغا ئىللىق بىلىنىدىغان بۇ كىچىك شەھەردە يېمىڭ بىلەن قولنى –قولغا تۇتۇشۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىللىق بىر ئائىلىنى ساقلاپ تۇرمۇش ئۆتكۈزىش ئىدى .
لەن مۇھەببەتتە بولسۇن ، ئادىمىيلىك ئۆلچەمدە بولسۇن تۇرمۇشقا يېڭىلىق ئەكىلىشتىن بىر - بىرىگە مېھرىبانلىق يەتكۇزۇش ئەۋزەل دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى . لەن ئۇنى ياخىش كۆرۇپ قېلىشىمۇ ئۇنى بىر كۆمۇلۇپ قالغان ئالتۇن ،ھامان بىر كۈنى قولىدىن ئىش كېلىدىغالىقىغا ئىشىنىپ ياخشى كۆرگەن ئىدى . ئۇ مۇھەببەتنى سۈزۈك سۇدەك ساپ بولىشى كېرەك ،ئۇنى ماددى ئۆلچەم بىلەن ئەمەس بەلكى قەلپ بىلەن پەرۋىش قىلىش كېرەك دەپ ئويلاتتى ، شۇڭا ئۇ ئىككىسىنىڭ ھازىرقى سۆيگۇسىدىن تولىمۇ رازى ، لېكىن كەلگۇسىدىكى تۇرمۇشى قانداق بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئىشەنچى يوق ئىدى .
‹‹ جېنىم ،بولدى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ›› ئۇ كاللىسىدا پەيدا بولغان بۇ سۆزدىن ئۆزىمۇ چۆچۇپ كەتتى . كېچە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كاللىسى يەنىلا سەگەك ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ مىجەزىنى ياخشى بىلەتتى،ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ قاراڭغۇ كۆلەڭگە ھامان ئۇنى سەزگۇر ھەم گۇمانخور قىلىپ قوياتتى،ھىسسىياتقا بەك بېرىلىشمۇ ئادەمنى ئاسان زەربىگە ئۇچرىتىدۇ دەپ قارايتتى ؛ بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەر ئۈچۈن ئەتىرگۈللەرنىڭ كەم بولمايدىغانلىقىغا، يەنە كېلىپ رەڭگارەڭ تۇس ئالغان دۇنيادا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى .ۋاقىت ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىدىكى رومانتىك تۇيغۇلىرىنى سۇسلاشتۇرغاندا ئۇ مېنى مەڭگۇ ياخشى كۆرەلەمدۇ ؟ بۇنىسى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ ئىدى . ئۇ گەلگۇسىدىكى چېكى يوق پەرەزلەر ۋە قىينىلىش ئىچىدە ئۆتۇشنى پەقەتلا خالىمايتتى . ئۇ سەلتەنەتلىك تۇرمۇشنى ئەمەس تېنچ تۇرمۇشنى ، سەل مەنىسىز تۇرمۇشنى خالايتتى ، مانا بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېنچلاندۇراتتى . ئۇپۇق سۇس كۆكۇرۇپ تاڭ ئېتىشقا باشلىغاندا ، ئۇ بىر نەرسىلەرنى كۆڭلىگە پۇكۇپ بىر قارارغا كەلدى .
يولغا چىقىدىغان كۈن يېققىنلاپ كەلمەكتە ئىدى،ئېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر يىغىشتۇرۇلۇپ ھەممە تەق بولدى ، يېمىڭ ئىككى ئايرۇپىلان بېلىتى ئېلىپ بولغان ئىدى . ‹‹ ئىككىمىز يېڭى تۇرمۇشىمىزنى باشلايمىز ›› دېدى يېمىڭ خۇشال ھالدا ، بىراق لەن ئۇنىڭ گېپىگە كۈلۈپلا قويۇپ جاۋاپ بەرمەيتتى .يېمىڭ ماڭىدىغان كۈننىڭ يېققىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ھاياجان ئىچىدە بولغاچقا ، لەننىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگۇرۇشكىمۇ دىققەت قىلمىغان ئىدى .
يولغا چىقىدىغان كۈنى ئۇلار تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئايرىپورتقا قاراپ ماڭدى . يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە لەن بىردىنلا جىددىلىشىپ ؛
- چاتاق بولدى ، مەن بېلەتنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن – دېدى . يېمىڭنىڭ سەل ئاچچىقى تۇتتى :
- نىمە قىلغىنىڭىز بۇ ، مەن مېڭىشتىن بالدۇرلا سىزنى ئەسكەرتكەن ئەمەسمۇ ؟ - دېدى .
- بېلەت چاپىنىمنىڭ يانچۇقىد ائىدى ، چاپان ئۆيدە قېلىپ قاپتۇ – دېدى لەن قىزىرىپ .
- قاراڭ سىزنى ، ھازىر سائەت نەچچە بولدى ئەمدى ؟ مەن ھازىر بېرىپ ئېلىپ كېلەي – يېمىڭ ئۇنىڭ بۇ سەۋەنلىكىنى زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىدىن دەپ بىلگەن ئىدى .
- مەن ئۆزۇم بېرىپ ئەكىلەي ،ۋاقىت باركەن ئۇلگۇرگۇدەكمەن ، سىز باشقا ماشىنا بىلەن بېرىپ شۇ يەردە مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ – دېدى لەن شوپۇرغا ماشىنىنى توختىتىشنى ئېيتىپ .يېمىڭ ئامالسىز ئۆزىنىڭ يۇك– تاقلىرىنى ئېلىپ ماشىنىدىن چۈشتى . لەن ماشىنىنى كەينىگە بۇراپ يېمىڭگە قارشى ئۇچقاندەك يۇرۇپ كەتتى .
يېمىڭ ئايرىپورتتا يولۇچىلارنى ئايرۇپىلانغا چىقىشقا دەۋەت قىلىشقا باشلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغۇچە ئۇنى ساقلاپ تاقىتى تاق بولۇشقا باشلىدى ئۆيگە تېلفون قىلدى،مومايغا قاراشقا تاپقان ئايال ئۇنىڭ ئۆيگە كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى . ئۇ شۇندىلا نىمىدىدىندۇر گۇمانلىشىشقا باشلىدى .ئادەەتە ھەممە ئىشقا تولىمۇ ئىنچىكە قارايدىغان لەننىڭ مېڭىش ئالدىدا پەقەتلا ئالدىرمىغانلىقىنى ، يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە بېلەتنى ئېلشىنى ئۇنتۇپ قالغانلىرىنى ئەسلەپ چىقتى . ئۇ يۈزىدىكى تەرلىرىنى سۇرتۇش ئۈچۈن قول ياغلىق ئېلىشقا قولىنى يانچۇقىغا سالدى ، قولىغا ياغلىق ئەمەس قاتتىق بىر نەرسە ئىلىشتى،ئۇنى يانچۇقىدىن ئالدى . قولىدا بىر كانۋېرت تۇراتتى . ئۇ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن كونۋېرتنى ئاچتى ،بۇ لەننىڭ ئۇنىڭغا يازغان خېتى ئىدى .
سۆيۈلىكىم يېمىڭ ، مېنىڭ جېنىم ،مەن سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئاتىغاندىمۇ يۈرىكىىم تىترەپ كېتىدۇ.بۇ خەتنى كۆرگەندە مېنىڭ سىز بىلەن بىللە كەتمەيدىغانلىقىمنى چۈشۈنىپ يەتتى دەپ ئويلايمەن .
بىرىنچىدىن مومام ياشىنىپ قالدى ، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىيالمايدۇ . ئىككىنچىدىن مېنىڭ مىجەزىم ئۆزەمگە ئايان ، مەن ئۆزەمنى ياخىشى چۈشۈنىمەن ، مەن سىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرۇمەن ، مەن سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۇمەنكى ھاياتىمنىڭ ھەر بىر دەقىقىسى سىزسىز ئۆتمەيدۇ .جېنىم ، سىز بىلەن يۇرگەن چاغلىرىم ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى ، مەنبۇنى بىر ئۆمۇر قەدىرلەيمەن . شۇنى ئۇنۇتماق،سىز ھەرگىزمۇ تەنھا كېتىۋاتقىنىڭىز يوق ،مېنىڭ سىزنىڭ غەلىبە قازىشىنىڭىزغا بولغان ئارزۇلىرىم بىلەن بىللە كېتىۋاتىسىز ، مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن ، لېكىن بۇ غەلبىلىرىڭىزگە ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم .
سىزنىڭ ئەڭ ئازاپلىق كۈنلىرىڭىز ئاخىرلاشتى ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ سىز تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەيسىز . مەن ئۈچۈن بۇ ئەڭ ياخشى ئاخىرلىشىشتۇر . بىلەمسىز ؟ مەن بۇرۇن سىزنى بۇ يەردە قېلىپ قالىدۇ ، بىز ئائىلە قۇرۇمىز دەپ ئارزۇ قىلغان ئىدىم ، شۇنداق بولغاندا مەنمۇ رازى بولغان بولاتتىم . لېكىن ھازىر سىز ماڭا مەنسۇپ ئەمەس ،سىز ھازىر يىراقلاردىكى ئاشۇ قوينى كەڭ دۇنياغا مەنسۇپ . دەپ بېقىڭە مەن بۇنىڭ ئۈچۈن كۆز ياش تۆكەرمەنمۇ ؟ شۇندق مەن ياش تۆكتۇم .
سۆيۇملىكىم ، ئەمدى كەينىڭىزگە يانماڭ ،ماڭا ئىشىنىڭ مەن چوقۇم كۈنلىرىمنى ياخشى ئۆتكۈزىمەن ،سىزنىڭمۇ ياخشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن . جېنىم ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ دۇنيادا سىز ماڭا مېنى بىر قېتىم قۇچاقلاپ قويۇشقا قەرز بولدىڭىز . قايتا تىرىلىش كۈنى كەلگەندە بۇنى قايتۇرارسىز .
ئۇ ماڭمىسا بولمايتتى ، ئايرۇپىلانغا چىقىشقاچاقىرغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇقتۇرۇشمۇ ئاڭلىتىپ بولۇندى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى نەملەشتى ، ئۇ غۇۋالاشقان كۆزلىرىدە ئاسماندىكى بىر پارچە بۇلۇتقا قارىدى –دە ، ئايرۇپىلانغا چىقتى . كۇتۇش زالىنىڭ سىرتىدا ، ئەينەكنىڭ كەينىدە لەن ئۇنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان قارىسىغا قاراپ تۇراتتى ، كۆزلىرىدىن ئاققان ياش ئىككى مەڭزىنى بويلاپ ئاقماقتا ئىدى .
مەنبە :http://www.sanwen8.cn/subject/1307779/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-10 12:39 AM