كۈتۈش
نەسىر
دېرىزەمنىڭ روجەكلىرىدىن مارىلاپ ئۈتىۋاتقان 15 كۈنلۈك تۇلۇن ئاي پۈتكۈل زىمىننى
ئۆز ئىسكەنجىسىگەئېلىۋاتقاندەك يىقىملىق كۈلۈمسىرەيتتى.مەن ئايدىڭ كىچىنىڭ كىشىنى
مەسخۇش قىلغۇدەك سېھرى كۈچىگەجۆر بۇلۇش ئۈچۈن ئاستا-ئاستا قەدەملىرىمنى يۆتكەپ
ئىشىك تۈۋىگە چىقتىم.دەرۋەقە سەلكىن شامال مەڭزىمنى سۈيۈپ،چاچلىرىمنى يىنىككىنە
يەلپۈپ ئۈتىۋاتاتتى.ھويلىىنىڭ بۇلۇڭىغا تېرىغان گۈللەر سېرىق ،قىزىل ئېچىلىپ بۇ گۈزەل
ئاخشامنىڭ ھۆسنىگە بۇيالغان ئەڭلىكتەك باشقىچە ھوزۇر بىرەتتى.گۈپۈلدەپ پۇراۋاتقان
گۈل بەرگىلىرىنىڭ يۈرەكلەرنى لال قىلغۇدەك ھارارىتىدىن قانغۇچە بەھىر ئالدىم.تۇرۇپلا
كېچە-كۈندۈز خىيال كەپتىرىمنى ھەر ياقلارغا باشلاپ،ھىجران ئوتلىرىدا كۆيدۈرىۋاتقان
ئاشۇ ۋاپاسىز خۇددى يېنىمداپەيدا بۇلۇپ قالىدىغاندەك ئەتراپىمدا يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ
كەتتىم.قايسى بىر ۋاقىتلاردا سەن قەلىپ قەسرىمگە كىرىپ مىنى سۆيگۈ قۇياشىنىڭ ئوتلۇق
تەپتىدە قىينىغىنىڭنى بىلمەيمەن.بىر چاغلاردا پاك مىھرى-مۇھەببىتىڭ بىلەن يۇغۇرۇلغان
ئابىھايات شەربەتلىرىڭنى ماڭا قوش قوللاپ سۇنغانىدىڭ.سەن بولغاچقىلا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى
ئەڭ بەخىتلىك قىز دەپ ھىساپلايتتىم.ئەمماشىكەر يالتىلغان زەمبىرەك ئۇقۇڭنىڭ ئوۋ نىشانى
مەن بولۇپ قېلىشىمنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن.
يەنە ماڭا قانچىلىغان ناتىۋانلارنىڭ يۈرىكىنى زىدە قىلىپ پولات تامغا مىخلىغىنىڭنى ئاللاھ
ئىگەمدىن باشقاھىچكىم بىلمەيدۇ.
مەن سېنى خۇددى بۈگۈنكى كېچىنى يۇرۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئاي نۇرىغا ئوخشاش مىنى ئۆز سۆيگۈ
گۈلشەنىدەبۇلبۇل كەبى سايرىتىپ ،تۇمۇز ئىسىقلاردا،قار-يامغۇرلۇق كۈنلەردە سايىۋەن بۇلالايدۇ ،
تۇرمۇش يۇلۇمداگاڭگىراپ قالسام نۇر بۇلۇپ يول باشلىيالايدۇ دەپ چوڭقۇر ئىشنىپ كىتىپتىمەن.
ئەپسۇس،تەغدىر ماڭا ئېغىر چاقچاق قىلىپ قويۇپتۇ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم مەن ساددا دۇرمەن،سەن
مىنىڭ نازۇك ھىسسىياتىمنى سەن ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان توپ قىلىپ ئوينىغانسەن. ئىسىڭدە
بولسۇنكى قىزلاركۆڭلى ئويناپ-ئويناپ قانغاندا تاشلىۋېتىدىغان توپ ئەمەس، شۇ توپنىڭمۇ ھامان
بىر كۈنى يېرىلىدىغان ۋاقتى بۇلىدۇ.
توۋا....مەن نىمىشقا سىنى يەنە ئەسلەيدىغاندىمەن.سەندىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىپ تۇرۇپ خۇددى
بىركۈنلەردە ئالدىمدا پەيدا بۇلۇپ قالىدىغاندەك كۈتىدىغاندىمەن.ياق،ياق....مەن يەنە
خاتالىشىۋاتىمەن.روھى دۇنيارىمنى مۇدھىش ئىس-تۈتەكلىرىڭ بىلەن بۇلغاۋاتقان نامىڭنى تۇللۇق
قوغلاپ چىقىرىشىمىم كېرەك.
سوغاق شامال يەنە ھوجۇدۇمنى بىرخىل تىترىتىۋاتىدۇ . شۇنداق بىر كۈن كېلىپ مىنى شاھتاج
كەيدۈرۈپ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغۇزالايدىغان شۇ ئۈمىتلىك كۆزلەرنى زارىقىپ كۈتىمەن.ئاسماندىكى
مىيىغىدا مەن ئۈچۈن كۈلۈمسىرەۋاتقان ئاي گۇۋاھ بولسۇنكى مەن ئۆز بەختىم ئۈچۈن كىيىنكى
نىشانىمنى داغدام، غەلبىلىك بېسىش ئۈچۈن كەلگۈسىگە كۈلۈپ باقىمەن....
ئاپتۇرى : ئەلناز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي530 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-9 08:06 PM