«ئاتۇش ئادىمى»نىڭ تاش قۇراللىرى تېپىلدى «ئاتۇش ئادىمى»نىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىكى 1981-يىلى ئاتۇش ئاغۇ ئاچچىقتىن تېپىلغان بولۇپ، ئارخىلوگىيە موتىخەسسلىرىنىڭ ھۆكىمىچە ئاز دىېگەندىمۇ 17 مىڭ يىل بۇرۇنقى 18 ياش ئەتراپىدىكى ئەرنىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىكى ئىكەنلىگى ئېنىقلانغان. 1-رەسىم. «ئاتۇش ئادىمى»نىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىكى
گەرچە، تاشقا ئايلانغان باش سۆڭەك مەدەنىيەت ئامىلى ھېساپلانمىسىمۇ، ئەمما، ئەشۇ «ئاتۇش ئادىمى»نىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئىچىدىكى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرىدىن بايقىلىۋاتقان تاش قۇراللار بىلەن بىرونزا قۇراللار، ”تاشقا ئايلانغان باش سۆڭەك“نىڭ زۆرۈر ماددى ئىسپاتى بولۇش بىلەن بىرگە، بىباھا مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە. ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرى- ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى باشلىنىش مۇراسىمى؛ ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرى- ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن بۆشىكى ۋە «ئالتۇن ئاچقۇچى»؛ ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرى- تەقۋىدار مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈت ئۇچقۇنى، ئوتلۇق خىتاۋى ۋە ھەغدالىق شۇئارىدۇر. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تۆۋەن باسقۇچتىن يۇقۇرى باسقۇچقا قاراپ تەرەققى قىلىشى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتى. بۇ قانۇنىيەت، تەرەققىياتنى ئالدىنقى شەرت قىلىشلا ئەمەس بەلكى، ئىپتىدائىي ئىنساننىڭ مۇئەييەن ماكان چەمبىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، زامان ئۆزلىكسىزلىكى بىلەن ھايات كەچمىشلىرىنىڭ ئەجدادىدىن ئەۋلادىغىچە ئىزچىل تەكرار ئۇلىنىشى ئارقىلىق، يەككىلىكتىن مىللىيەتلىككە سىلجىپ، ئۆز خاسلىقىنى مەدەنىيەت قىممىتىگە كۆتۈرىشنى كۆرسەتسە كېرەك. مىللىيەتلىكنىڭ ئومۇمى مەدەنىيەت قىممىتى نوقۇل، بۈگۈنكى زامانىۋىلىق بىلەن ئۆلچەنسە، ئۇنىڭ ئىپتىداسىدىن ئىنتىھاسىغىچە بولغان مەۋجۇتلۇق ئۇرۇنۇشلىرىدىكى ئىزگۈ خاتىرلىرى رەشك ئوتىدا كۆيگەن بىلەن باراۋەر. ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرىدىن ئىبارەت مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى ئۆچىگى، ھەممە دۆلەت ۋە ھەممە مىللەتكە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ. ئۇ تاسادىبى ئامەت ئەمەس! ياكى، ساختا مەيداندىكى كارامەتمۇ ئەمەس!! بەجايىكى ئۇ، يەر شارىنىڭ جەننەتكە تەققاس خاسىيەتلىك نوقتىللىرىدىكى ئېكولوگېيىلىك شەرتلەر بىلەن بىئولوگېيىلىك شەرتلەرنىڭ ئىنسان مەۋجۇتلىقىغا داغدام يول ئاچقاندىكى تۇنجى «ۋەتەن»دۇر. «ئاتۇش ئادىمى»نىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىكى تېپىلىپ، غەربى يۇرتتا ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ياشىغانلىقى ئارخىلوگلار ۋە ئىنسانشۇناسلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر «ئاتۇش ئادىمى»نىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىغا ئائىت ماددى ئىسپاتلار تېپىماي، ئۇنىڭ كونا تاش قۇرال دەۋرىگە ياكى يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە ۋەياكى بىرونزا قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپلىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان ئىدى. مەن (ئاپتۇر) 1989-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە ئاتۇش شەھرىنى مەزگەز قىلغان ئاساستا، «ئاتۇش ئادىمى»نىڭ ياشاش ئىھتىمالى بولغان 1600 كۇئادىرات كىلومېتىر دائىرىدە 24 يىل ئىزدىنىپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. «ئاتۇش ئادىمى»نىڭ دائىملىق پائالىيەت دائىرىسى نەچچە مىڭ كۇئادىرات كىلومېتىر دائىرە بولۇپ، بۇ دائىرىدىن ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرى بايقالغان ئورۇنلار: 1) كاتتايلاق زىمىنىغا تەۋە باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسى؛ 2) باچاڭ ھاڭراي ئپتىدائىي ئىنسان ئىزناسى؛ 3) ئاتۇش شەھرى نۇرلۇق باشقارمىسىغا قاراشلىق تەختىيۇن كەنتىگە تەۋە پاپا تۆشۈك ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسى؛ 4) ئارغۇ ئاچچىغ ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسى؛ 5) ئارغۇ قاراتاغ مومپاتلا جىلغا ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسى. بۇ ئورۇنلارنى تۇنجى بايقىغۇچى مۇھەممەد قادىر (ئاپتۇر). بۇ ئورنلاردىن بايقالغان قىممەتلىك مەدىنىيەت يادىكارلىقلار: 2-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان تاش تەڭنە ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاش پىچاق:
3-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان تەكرار ئىشلىتىلگەن تەگلىك ئويۇق تاش ۋە ئەزكۈچى تاشلار:
4-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان تۇتقۇچلۇق سوقما تاش ۋە ئەزگۈچى تاش:
5-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان تاش توقماق (ئوتتۇردىكى):
6-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان تاش تاختا، تاش تاختا ئۈستىدىكى تاش توقماق ۋە قوپال تاش پىچاق:
7-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان تاش كەتمەن ۋە تاش پالتا:
8-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان تاش كەتمەن، تاش پالتا ۋە تەكرار ئىشلىتىلگەن بىلەي سۇنۇقلىرى:
9-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان سول تەرەپتىكى ئۈچ تاش پىچاق:
10-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان ھەرخىل چاقما تاشلار:
11-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان تۇنجى تاش ئۇپا:
12-رەسىم. باچاڭ ئاغزى ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزناسىدىن تېپىلغان كوزا تۇتقۇچىدىكى ئادەم سۆرىتى قاپارتمىسى:
داۋامى بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-9 06:56 PM
|