پىراۋىسى يوقلار قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرمەمدۇ؟
[دېلو ئەھۋالى]
سەمەت 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق ئەھۋالدا ھەيدەپ ماڭغان ماشىنا شېرىپ مىنىپ ماڭغان موتسېكىلىت بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن، موتسىكىلىت كەينىدە ئولتۇرغۇچى جەمىلە ئېغىر زەخمىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن. قاتناش ساقچى ئەترىتى سەمەت ھادىسىدە ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى، شېرىپ قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ئېتىراپنامە چىقارغان. سەمەتنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنغان. سەمەتنىڭ ماشىنىسى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان بولسىمۇ، سۇغۇرتا شىركىتى سەمەت شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق ئەھۋالدا ماشىنا ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان دەپ، جەمىلەنىڭ ئۆلۈم تۆلىمىگە قارىتا، تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان. سوت مەھكىمىسى سۇغۇرتا شىركىتىنى جەمىلەنىڭ ئۆلۈم تۆلىمى ئۈچۈن 110 مىڭ يۈەن، داۋالىنىش ھەققى تۆلىمى 10 مىڭ يۈەن، جەمئىي 120 مىڭ يۈەن تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان. زىياننىڭ قالغان قىسمىغا قارىتا، سەمەت 200 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىش ھەققىدە دەۋاگەرلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
[تەھلىل]
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «يول قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇن تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات»قا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 3-كىشى جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى چېكى (نۆۋەتتە، ئۆلۈم، مېيىپلىق تۆلىمى 110 مىڭ يۈەن، داۋالىنىش ھەققى تۆلىمى 10 مىڭ يۈەن، مال-مۈلۈك زىيان تۆلىمى 2000 يۈەن) ئىچىدە تۆلەم بېرىدۇ، قالغان قىسمىنى ھوقۇققا چېقىلغۇچى تۆلەيدۇ:
(1) شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوقلار ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغانلار ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان بولسا؛
(2) ھاراق ئىچىپ مەست بولغانلار ياكى دۆلەت چەكلىگەن مەست قىلغۇچى دورىنى ئىشلەتكەنلەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان بولسا؛
(3) ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى قاتناش ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلغان بولسا.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سۇغۇرتا سودا سۇغۇرتىسىنى ئەمەس، بەلكى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنى كۆسىتىدۇ. 3-كىشى دېگەندە، شۇ ئاپتوموبىلنى ھەيدىگۈچى ۋە شۇ ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغانلاردىن باشقا كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى 3-كىشىنىڭ زېيىنىنى تۆلىگەندىن كېيىن، ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-9 06:33 PM