|
|
|
|
ئاستانە،6-ئاينىڭ 9-كۇنى،قازئاخبارات.
6-ئاينىڭ 8-كۇنى ئاستانە شەھرىدىكى ياۋرو-ئاسىيا مىللى ۋىنۋىرسىتىتىدە''لاتىن يىزىقى: تەجىرىبە ۋە ھەمكارلىق''تىمىسىدە خەلقارالىق ئىلمى تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئوتكۇزۇلدى،بۇ يىغىنغا قازاقستان،تۇركىيە،ئەزەربايجان،ئوزبىكستان،قىرغىزستان،تۇركىمەنستان ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە چەتئەللىك مۇتەقەسىسلەر قاتناشتى.
تۇركى كىڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ،تارىخ پەنىنىڭ دوكتورى دارخان قىدىرالى تۇركىلەرنىڭ ئورتاق يىزىقى توغرىسىدا مۇنداق دىدى''1926-يىلى تۇركى دۇنياسىدىكى ئولىمالار باكۋدە جەم بولۇپ،تۇركىلەرگە ئورتاق يىزىق تۇزۇپ چىققان،مەن شۇ يىغىننىڭ ھوججەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم.باكۇدە قوبۇل قىلىنغان ئورتاق يىزىق 3يىل ۋاقىت ئىشلىتىلگەن،1929-يىلى تۇركىيە مۇشۇ ئىلەپپە ئاساس قىلىنغان لاتىن يىزىقىغا كوچكەندىن كىيىن،بۇنىڭ كەلگۇسىنى پەرەز قىلغان سوۋىت ئىتتىپاقى تۇركى خەلىقلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ تۇرغان مۇشۇ لاتىن يىزىقىنى دەرھال ئوزگەرتىۋەتتى''-دىدى.
دارخان قىدىرالى ''تۇركى دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق قازاقستاننىڭ ئورتاق لاتىن يىزىقىغا كۇچۇشى بە مۇھىم ئىكەنلىكىنى دىدى، ئۇنۇڭ دىيىشىچە،، قىرغىزستان ئالىملىرى قازاقستان لاتىن يىزىقىغا كۇچسە، قىرغىزستانمۇ لاتىن يىزىقىغا كۇچۇش ئىشىنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۇردى، قازاقستاننىڭ لاتىن يىزىقىغا كۇچۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تۇركىيىمۇ قوللاپ كەلمەكتە، ئوتكەن ھەپتىدە، پىشكەكتە تۇركى ئاقساقاللىرى كىڭىشىنىڭ يىغىنىنى ئوتكۇزدۇق، بۇ يىغىندا ،تۇركى ئاقساقاللىرى كىڭىشىنىڭ ئەزاسى، تۇركىيە زوڭتۇڭى مەمۇرىيىتىنىڭ مۇدىرى مۇستافا ئەسەن '' ئەگەر قازاقستان 34 خەتلىك لاتىن يىزىقىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىزىق تۇركى خەلىقلىرىنىڭ ئورتاق يىزىقى بولسا، بىز تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى قازاقستان قوبۇل قىلغان لاتىن يىزىقىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرىمىز،ھازىرقى يىزىقىمىزنى 70يىلدىن كوپرەك ئىشلەتكەن بولساقمۇ ، بۇنى بىزنىڭ ئالىملار قوبۇل قىلالايدۇ-دەپ مەلۇم قىلدى. ئوز ۋاقتىدا مۇستافا كامال ئاتاتۇرك يىزىق مەسلىسىدە ئورتاق بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى،بۇمۇ شۇنىڭ دەلىلى''-دىدىدارخان قىدىرالى.، راستىنى دىسەك تۇركىيە جۇمھۇر رەئىسى مەمۇرىيىتىنىڭ مۇدىرى تەرىپىدىن بۇنداق باياناتنىڭ ئىلان قىلىنىشى پەيدىن-پەي ئەمەس ئىدى.بۇنىڭدا قازاقستاننىڭ لاتىن يىزىقىغا كۇچۇشى چوڭ مەنپەئەتلەرنى بىرلەشتۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
قىسقىچە تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە: http://www.inform.kz/arb/article/2564906
|
|
|
|
|
|