|
|
|
|
يىقىنقىيىللاردىن بۇيان يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىشىغا ئەگېشىپ،دەرىسلىك ماتېرىياللار تۈرلىرى كۆپ خىل، مەزمۇنىنىڭ مول، دەرسلىك ماتېرىيالمەزمۇنىنىڭ تەپەككۇرنى قوزغىتىشچانلىقى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەنقىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىدا تولۇقئوتتۇرا مەكتەپ قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىل بولىشى (بولۇپمۇ ئازسانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى يوق دىيەرلىك ياكىناھايىتىمۇ ئاز بولىشى) كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلار يولۇقۋاتقان بىر مەسىلىگەئايلىنىپ قالدى. بار بولغان بەزى ماتېرىياللاردىمۇ مەشق، كۆنۈكمە ۋە قوشۇمچەسۇئاللارنىڭ جاۋاپ-يېشىملىرى يۈزەكى، تەپسىلىي چۈشەندۈرلمەي تومتاق ھالدا ئوتتۇرغاقويۇلغاچقا بۇ خىل ماتېرىياللارنى كۆرگۈچىلەرنى قىيناپ قويۋاتىدۇ. تۆۋەندىكى يۇمشاق دېتالدا بۇ مەسىلىلەرئەتراپلىق ھەل قىلىنىپ، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى چوڭ بىر بوشلۇق تولدۇرۇلۇپتۇ. (تۆۋەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپماتېماتىكا قىسمىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى). ھەرقايسى مەشق، كۆنۈكمە ۋە سۇئاللارنىڭ جاۋابى،تەپسىلىي يېشىش جەريانى، چۈشەندۈرۈشلىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر بىرەرمىسالنى كۆرمەكچى ياكى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز مىڭلىغان مىساللارنىڭ ئىچىدىن دەرھاللاجاۋابىنى بىلەلەيدىكەنسىز، دىمەك بۇرۇنقىدەك توقام-توقاملاپ كىتابلانى كۆتۈرۈپيۈرۈشنىڭ ھەمدە كىتاب ۋاراقلاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى قالماپتۇ.
يىڭى دەرسلىك ئۆلچىمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئىلىنغان ئالى مەكتەپئىمتىھان نەتىجىلىرى ئىچىدىمۇ ماتېماتىكا قاتارلىق قىسمەن پەنلەرنىڭ نەتىجىسىكۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس(بولۇپمۇ 2012-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتكانەتىجىسىنى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. 2013-يىللىق ئالىمەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يەنە 20 كۈندىن كېيىنبىلەلەيمىز). ئەمەلىيەتتە دەرسلىك كىتاپتىكى ئۈلگە مىسال بولسۇن ۋە ياكىمەشىق-كۆنۈكمىلەرنىڭ مىسالى بولسۇن شۇلارنى چۈشىنىپ ھەل قىلالايدىغان ئوقۇغۇچىئىمتىھاندا كەم دىگەندىمۇ 70 ، 80 ئەتراپىدا نومۇر ئالالايتتى، لىكىن تولىمۇ ئەپسۇس ماتېماتىكىنىڭنومۇر چىكى بولغان ئەشۇ 39،40 نومۇرلارنىمۇ ئالالماي ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىتۆۋەن بولۇپ قىلۋاتقانلارمۇ خىلى بار (بۇ خىل ئەھۋال دىيارىمىزنىڭ جەنۇبى قىسمىدانىسبەتەن ئىغىرراق بولماقتا). مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىيبىلىم قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال لازىم ئەلۋەتتە، شۇڭا مۇشۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپبىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. تۆۋەندە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ بىر قانچە كەسمە يۈزىنىكۆرۈپ باقايلى.
ماتېماتىكىدىن باشقا خىمىيە، فىزىكا، بئولوگىيەقاتارلىق پەنلەر. ئۇيغۇرچە، خەنزۈچە نۇسخىلىرى دىگەندەك...قالغىنى ئۆزىڭىز چۈشۈرۈپ ، سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ !ماتېماتىكا ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈشئادېرىسى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3898867889&uk=1795790927ماتېماتىكا خەنزۈچە نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈشئادېرىسى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=2440328031&uk=1795790927
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wolqan321 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-9 03:39 PM
|
|
|
|
|
|