|
|
|
|
بۇلاڭچى (مىكرۇ ھېكايە )
« خالايىق » دېدى ئوتتۇرا ياش ،كىلىشكەن ،كىچككىنە ساقىلى ئاقپىشماق يۈزىگە خويمۇ ياراشقان بىرسى ،دۇكان ئالدىدىكى پەشتاققا چىقىپ « بۇ تاغمىز ،ئىسملىرى نىمىتى » سورىدى ئۇ نەشتەردەك سۇغۇق ،ئېغىر خىجالەتچىلكىتە بېشنى يەردىن ئالالمايۋاتقان دېھقانغا قاراپ .« موللاخۇن » جاۋاپ بەردى دېھقان ،يۈزلىرى كۆكىرىپ ،لەۋلىرى گەز باغلاپ ،ئۈن-تېنسىز ياتقان پالەچ بالسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي .«مانا كۆرگەنسىلەر ئەزىز قېرىداشلار ،تاغىمىز موللاخۇنكام بالسىنى داۋالاتقىلى ئۈرۈمچىگە كەپتۇ ،دوختۇرلار بىر نەچچە ھەپتە داۋالاپ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كىيىن ‹ئامالىمىز بولمىدى ،بالىنى ئىلىپ قايتىپ كەتسىلە › دەپ يولغا سىلىپ قۇيۇپتۇ .ئىلپ كەلگەن بارلىق پۇلى دوختۇرخانغا كەتكەچكە ئۆز يۇرتىغا قايتىشقىمۇ ئامالسىز قاپتۇ » ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ تېخىمۇ تەرسىرلىك قىلىپ بىر مۇنچە سۆزلىدى .ئاخىردا « ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامىدا مۇشۇ غىرىپ ،مۇساپىرنى يوقلاپ قويايلى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار »دەپلا 50 يۋەنلىك پۇلنى چىقىرىپ تېزلىنپ ئولتۇرغان موللاخۇننىڭ ئالدىدىكى ئېىچپ قويۇلغان كونا بىللاققا تاشلىدى . ئۇششاق تىجارەتچى ،چوڭ سودىگەرلەر،دۇكانچى ،ئىشىچى-خىزمەتچى،ئوقۇغۇچى ھەتتا يولدىن ئۆتۈپ كىتۋاتقان ناتونۇش يولىچىلارمۇ ئۆزنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر « كۆڭلىنى » ئىزھار قىلىشتى .ھەش-پەش دېگۈچە ئۇنىڭ ئالدىدىكى بىللاق بىر يۋەنلىك ،بەش يۋەنلىك ،10 يۋەنلىك ئاندا-ساندا 20 يۋەن ۋە 50 يۋەنلىك پۇللار بىلەن تولدى . قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلاپ ،كوچا چىراغلىرى يىقلىدى ،غۇۋا چىراغ نورى ئاستىدا ،كوچىدىكى كىشلەر بارا-بارا شالاڭلىششقا باشلىدى .خىلدىن بىرى چەتتە ۋەزخانلىق قىلىپ ئادەم توپلىغان ھىلىقى ئوتتۇرا ياش ئاقپىشماق موللاخۇنغا يىقىن كىلىپ « تاغا ئۈرۈمچىدە پارچە پۇل تاپماق قىيىنراق، دۇكاندىمۇ پارچە پۇل لازىم بولاتتى .شۇڭا مەن پۇلۇمنى پارچىلۋالسام بوپتىكەن » دېۋىدى ،تەسىرگەنلىكتىن يىغلاپ بۇرۇنىنى تارتالمايۋاتقان موللاخۇن بېشنى لېڭىشىتىپ ماقۇللقىنى بىلدۈردى .ئۇ پۇللارنى رەتلەپ 583 يۋەن بولۇپتۇ دەپ يۈز يۋەنلىكتىن بەشنى، قالغان بىر سىقىم پارچە پۇلنى موللاخۇننىڭ مۇزدەك توڭلاپ كەتكەن قولىغا تۇتقۇزۇپ غۇۋا چىراق نورىدا كۆزدىن غايىپ بولدى . ئەتىسى ئۆز يۇرتىغا قايتماقچى بولغان بىچارە ئاتا،قاتناش بىكتىدە 550 يۋەن ساختا نەخ پۇل بىلەن ساقچىلار تەرىپدىن تۇتۇپ كېتىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-9 07:30 PM
|
|
|
|
|
|