بىر ئاشپۇزۇلنىڭ ئىشىكى ئالدىغا : << مۇشۇ ئاشخانىدا تاماق يېگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى كېيىنكى ئەۋلادى
تاپشۇرسا بولىدۇ >> دېگەن ئېلان چاپلاپ قويۇلۇپتۇ .
بىر خېرىدار ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن ،خوشاللىغىدىن قىن -قىنىغا پاتماي قاپتۇ -دە ،ئاشخانىغا كىرىپ ،تازا ياخشى سەي -تائام ۋە قىممەت باھالىق ھاراقلارنى ئەكەلدۈرۈپتۇ .ئۇ قۇرسىغىنى تويغۇزۇپ بولۇپ
قوپاي دەپ تۇرىشىغا ،كۈتكۈچى ئۇنىڭ ئالدىغا ھېساپلاشقىلى كەپتۇ .ھېلىقى خېرىدار ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىدىكى
ئېلاننى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ :
_ ئېلانغا پۇلنى كېيىنكى ئەۋلادى كېلىپ تاپشۇرسا بولىدۇ ،دەپ ئېنىق يېزىقلىق تۇرمامدۇ ؟_دەپتۇ .
_ئېتقىنىڭىز توغرا ئەپەندىم ،سىز تۆلىمەكچى بولغان ھەممە پۇلنى بوۋىڭىز سىزنىڭ تاپشۇرىشىڭىزغا
قالدۇرۇپ كەتكەن ،_دەپتۇ كۈتكۈچى .
************
قۇلىقى ئېغىر بىر موماي يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان زەمبىرەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ غودۇراپتۇ :
_كىم ؟ئىشىكنى چېكىۋەرمەي كىرسىڭىزچۇ !
*************
كۈتكۈچى : ئەپەندىم ،ھاراقنىڭ پۇلىنى تۆلەشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز .
خېرىدار : نېمە ؟ھاراقنى ھەممىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئىچمىسەم نېمىشقا ئىچەتتىم .
*********
ئا : يەلپۈگىچىڭىز شۇنچە يىل ئىشلەتسىڭىزمۇ يېپ -يېڭى تۇرۇپتۇ .
ب : ئاياپ ئىشلىتىمەن .شامالدىماقچى بولسام ،يەلپۈگۈچنى ئەمەس ،بېشىمنى لىڭشىتىمەن .
*********
سايىت قاۋاقخانىغا پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ،قۇلى بىلەن مېڭىپ كىرىپ :
_ماڭا بىر بوتۇلكا گۇچىڭ ھارىقى كەلتۈرۈڭ ،_ دەپتۇ .
_قولىڭىز بىلەن مېڭىپ يۈرگىنىڭىز نېمىش ئەمدى بۇ ؟_دەپ سوراپتۇ كۈتكۈچى ھەيران بولۇپ .
_مەن خوتۇنۇمغا قاۋاقخانىغا ھەرگىزئاياغ باسمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم ،_دەپتۇ سايىت .
*********
مامۇتنىڭ ئايالى تۇرمىغا مامۇتنى يوقلاپ بېرىپتۇ ۋە مامۇتتىن سوراپتۇ :
_ دادىسى ،قانداقراق تۇرىۋاتىسىز ،؟
_ھېچ قانداق يەرگە بارغىلى قويمايدۇ ،تاماقنىمۇ تېجەپرەك بېرىدۇ ،پۇل خەجلىگىلى قويمايدۇ .
خۇددى ئۆيدە تۇرغاندەك ياشاۋاتىمەن .
*********
دادىسى :ئوغلۇم ،قېنى دەپ باقە ،بايقاش بىلەن كەشىپ قىلىشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟
ئوغلى : دادا ،بۇ بەكلا ئاددىي ،سەن ئاپامنى بايقىغان ،كېيىن مېنى كەشىپ قىلغان .
********
قوشنىسى : _ ئوغلىڭىز تارىخ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەپتۇ _ھە ؟
بارات : _سىزمۇ ئاڭلاپسىز _ھە ،ئوقۇتقۇچىلارمۇ قىزىقكەن ،ئوغلۇمدىن ئۇ تۇغۇلۇشتىن
ئىلگىرىكى ئىشلارنى سورىغىنى نېمىشى ؟
************
بىمار : دوختۇر ،ئەستە تۇتۇش قابىليىتىم بەكلام ئاجىزلاپ كېتىپ بارىدۇ .
دوختۇر :قايسى دەرىجىدە ؟
بىمار : _ئاشخانىغا تاماق يېگىلى كىر گەندە پۇل تۆلەشنى ،ئاپتۇۋۇزغا چىققاندا ساندۇققا
پۇل تاشلاشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم .
دوختۇر : كېسىلىڭىزگە دىياگنوز قويۇشتىن .ئاۋۋال داۋالاش ھەققىنى تۆلىۋېتىڭ .
***********
تۇغۇت بۆلۈمىدە يەڭگىش ئالدىدا تۇرغان ئايالى ئېرىگە :
_مىنى كەچۈرۈڭ ،مەن قاپىقىمغا قات چىقارغان ،بۇرنۇمنى ئېگىزلەتكەن ،ئېڭىكىمنى ئوڭشاتقان .
شوڭا بالىمىز ماڭا ئوخشىماي قالسا ،ھەرگىز ھەيران قالماڭ ،_دەپتۇ .
ئېرى ئايالىغا تەسەللىي بېرىپتۇ :
_كېرەك يوق ،مەنمۇ ساڭا راست گەپنى قىلاي ،مىنىڭ ئوڭ كۆزۈم يالغان كۆز ،چىشلىرىمنىڭ
تولىسى يالغان .
************
بىر بېخىل ئاغىينىسىگە پۇل توغرۇلۇق قاخشاپتۇ :
_ئۆتكەن ھەپتە ئايالىمنىڭ كۆزىگە قۇم كىرىپ كېتىپ ،قاراپ تۇرۇپ 300يىۈۋەن چىقىم قىلدىم .
_ئالدىنقى ھەپتە ئايالىمنىڭ كۈزىگە نوركا پەلتو كىرىپ كىتىپتىكەن ،مەنمۇ 4000يۈۋەن
چىقىمدار بولدۇم .
(مەنبىئە : ئەل ئارىسىدىن توپلاندى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-9 11:10 AM