مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 800|ئىنكاس: 13

مېنىڭ ئاتام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىزىڭدىن تىكەن ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35678
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2011-3-29
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 10:01:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئاتام  
    u=296997421,1324278023&fm=21&gp=0[1].jpg

مېنىڭ دېھقان ئاتام
مېنىڭ ئاتام ئاددى بىر دېھقان، دېھقان بولغاندىمۇ سېپى ئۆزىدىن ‹تومپاي› دېھقانلارنىڭ بىرى، ‹تومپاي›دىسەن تازا بىلىمسىزكەن دەپ قالماڭ.....مىنىڭ كىتاپقا ئامراق بولىشىم،يىزىقچىلىققا قىزىقىشىم،تارىخقا قىزىقىشىم،ئەدەبىي-سەنئەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكىم 30 يىل ئوقۇتقۇچى بولغان ئاپامدىن ئەمەس ئەنە شۇ ئاددى دېھقان ئاتامدىن قالغان.ئېسىمنى بىلسەم ئاتام قارا چىراق يۇرۇقىدا كىتاپ ئوقۇيدىكەن،شىئېر يازىدىكەن،بىز ئۈچ بالا ئاپام بىلەن قوشۇلۇپ ئاتامنىڭ ئوقۇپ بەرگەن كىتاپلىرىنى ئاڭلايتتۇق،بۇرۇنلىرىمىزنىڭ تۆشۈكلىرى قاپقارا بولۇپ كېتەتتى،ياكى بولمىسا يازنىڭ ئايدىڭ كۈنلىرى ئۈزۈم باراڭلىق ئاستىدا ،نان ياققان كۈنلىرى تونۇر بېشىدا ئولتۇرۇپ ئاتامنىڭ ئەسكەرلىككە قاتناشقان چاغلاردىكى ھېكايىلىرنى زوق-شوق بىلەن ئاڭلايتتۇق..ئەجەپ كۆڭۈللۈك ئىكەن شۇ چاغلار.....،شۇ ۋاقىتلاردا ئاتامدىن قەۋەت سۆيىنىپ كېتەتتىم،مەھەللىدىكى بالىلارغا ‹قاراڭلار،مېنىڭ ئاتام دىگەن ئەسكەر بولغان،قورال تۇتقان،كىتاپ ئوقۇيالايدۇ ›دەپ ماختىناتتۇق،ئەمما گۆدەكلىكتىن بولسا كېرەك،كەچتە ئۆيگە كېلىپ قويلارنى بېقىش ،ئوت ئەكىلىش،كالا سۇغىرىش ئىشلىرىنى ئۈچ بالا بۆلۈشۈپ قىلساقمۇ ئىشتىن بىزار بولۇپ كەتكەن ۋاقىتلاردا، ئاران بىر كېلىدىغان يەكشەنبىلىك ئارىمىمىزدا بازارغا بارالماي بىزنىڭ ئارام ئېلىشىمىزغائۈلگۈرتۈپ تەييار قىلىپ قويغان ئۆرۈك تېرىش،باشاق تېرىش ئىشلىرى،قوناق ئوتاش،خامان تېپىشقا ياردەملىشىش،قويلىرىمىزنى مەھەللە سىرتىدىكى ئوتلاققا ئاپىرىپ بېقىپ كېلىش ئىشلىرى تەس كېلىپ   ئاپامغا ‹ئەجەپ سەنمۇ مەكتەپتىكى باشقا مۇئەللىملەرگە ئوخشاش مالمىغا تەگمەپتىكەنسەن،قارىغىنە.....ئاتاممۇ مۇئەللىم بولغان بولسا قوي باقماي،يەر تېرىماي جاپا تارتمايتتۇق دەپ ۋايسايتتۇق، بۇ ۋاقىتتا ئاپام كۈلۈپ قوياتتى ،ئاتام بولسا ‹ھېچ يەردە ئەجىرسىز يەيدىغان ئىش يوق›دەپلا قوياتتى.
مانا....
مەنمۇ 40 ياشقا ئۇلىشىپ ئانا بوپتىمەن،ئەمما ھازىرغا قەدەر ئاتامنى جاپا تارتمىغان ھالەتتە كۆرەلمەپتىمەن...قاچانلا قارىسام كىيىملىرى توپا پېتى.....ھىېلى قويلارغا ئوت بېرىۋاتقان،سەيلەرنى يۇمشىتىۋاتقان،ئۈزۈملۈككە سۇ قويىۋاتقان ھالەتتە....،
مانا ،مەنمۇ ھازىر 19يىللىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ قاپتىمەن، لىكىن ئويلاپ باقسام تىپىك بىر دېھقان ئوقۇتقۇچى ئىكەنمەن،بۇنىڭغا يولدۇشۇمنىڭ دېھقان ئىكەنلىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئەمەس ئىكەن، 40 يىلغا يېقىن ئاددى ،ئەمما مەنىلىك ياشىيالشىم، شۇنچە تاللاش پۇرسەتلىرى  ئىچىدىن دېھقانغا ،دېھقان بالسىغا مەيلىم چۈشۈپ دېھقاننى تاللىشىم،مەكتەپتىكى خىزمەتلەرنى تۈگۈتۈپ  ئائىلىدە پىشقان دېھقان ئايال سۈپىتىدە بولىشىم ئاشۇ دېھقان ئاتامنىڭ مەندىكى قايتا نامايەندىسى ئەمەس دەپ كىممۇ ئېيتالسۇن؟
دىمىسىمۇ ئۆيۈم ئاشۇ ئاتامنىڭ ئۆيىدەكلا،..مەكتەپتىن كەلسەم قويلىرىم مەرەپ تۇرىدۇ، قويلارغا يەم-خەشىەك ئوت بېرىش 5-يىللقىتا ئوقۇيدىغان ئوغلۇمنىڭ ۋەزىپىسى،توخۇلارغا دان بېرىش،ئۇۋىدىن تۇخۇم يىغىش بەش ياشلىق قىزىمنىڭ(ئەلۋەتتە مەن قاراپ تۇرىمەن)،ئوغلۇم  مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمغا ئوخشاشلا  دادىسىنىڭ سۇ تۇتىشىغا ياردەملىشىدۇ،دادىسى ئېتىز بېشىدا،مەن بولسام ئوغلۇم بىلەن سۇ ياقلايمەن..بۇ ۋاقىتلاردا چارچاش ھېس قىلمايمەن. كەڭرى كەتكەن كېۋەزلىكلىرمىزگە قارىسام ھەممە ھاردۇقۇم چىقىدۇ ،شەنبە يەكشەنبە دەم ئېلىشتا ئوخشاشلا كېۋەزلىكلىرىم بىلەن بولىمىز،تەڭ ئوغۇت چاچىمىز،ھەتتا كىچىككىنە قىزمىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خىزمەت تەقسىماتى بار.بەزىدە ئوغلۇمنىمۇ مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمدەك ‹ئاپا سەن نىمىشقا  كادىرغا تەگمىگەن › دەپ سوراپ قالارمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن،لىكىن ئىدىيەمدە تەيارلىقىم بار ،مەن بۇ ۋاقىتتا ئاپامغا ئوخشاش كۈلۈپ قويماستىن‹قارىغىنە،مەنمۇ،داداڭمۇ دېھقاننىڭ بالسى،ئاشۇ دېھقان مىنىڭ بارلىقمىنى بەرگەن،شوڭا مەن دېھقاننى تاللىغان›دەپ جاۋاپ بېرىمەن ...
  مېنىڭ ئەسكەر ئاتام
ئاتامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە  60-يىللاردىكى ئەسكەر ئىكەن، شۇ ۋاقىتلاردا ھەتتا كوماندىرئىكەنتۇق،ئاتامدىكى چىدامچانلىق ، كەسكىنلىك،ئاددى-ساددىلىق ،مىننەتسىزلىك بەلكىم شۇ چاغدىن قالغاندۇر دەيمەن....دىمىسىمۇ ئاتام بەكلا ئاددى-ساددا ،توقچىلىق ،باياشاتچىلىق مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئاددى-ساددا كىينىدۇ، بەزىدە ‹جېنىم ئاتا،كىيىملىرىڭ بولغاندىكىن تۈزۈكىرەك كىيىنسەڭ بولمامدۇ ؟›دەپ كېتىمەن،بۇ ۋاقىتلاردا ئاتام‹شۇ ھېلى قوتانغا كىرىدىكەنمەن› يا بولمىسا ‹ھازىر ئېتىزدىن كەلگەن ›دىگەن گەپنىلا ئاڭلايمەن،
شۇ ئاتامدىكى چىدامچانلىقنى دىمەيلا قوياي،ھازىرغىچە يۈرەك پارىلىرى بولغان ئۈچ بالىسىىنڭ چوڭى،ئۆزى بىلەن تەڭ چوڭ بولغان رەھمەتلىك ئاكامنى كۆمۈپ قويغاندا( اللاھ،ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي) بوزلاپ يىغلاپ كەتكەننى دىمىسەم كۆزىدىن بىرەر تامچە ياش چىققاننى ئەسلىيەلمەيمەن..،لىكىن بىلىۋاتىمەن ،بىلىپ تۇرىۋاتىمەن،شۇ ئاتامنىڭ يۈرىكى ھازىرغىچە يىغلايدۇ،لىكىن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇش سۇپىتى بىلەن ھازىرغىچە ئۇزاق يىل ئەقىلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبى ۋە ئاكامنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى سەۋەبى بىلەن تولا يىغلاپ كېسەلچان بولۇپ قالغان،بەزىدە كىچىك بالىدەك ئورۇنسىزئىشلارغا چېچىلىپ نەتىنجىسىنى پۇخادىن چىققۇچە يىغلاش بىلەن ئاياقلاشتۇرىدىغان ،شۇنىڭ بىلەن ئىچىنى بوشىتىۋالىدىغان  ئاپامنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىپ يەنە بىزنىڭ يۆلىنىدىغان تېغىمىز بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ...
بەزىدە ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىلغان سۆرەتتىكى  ،پاگۇنلىرى پاقىراپ تۇرىدىغان، ھەربىي فۇرما كىيىپ قورال تۇتقان ھالەتتە تۇرغان جەڭگىۋار يگىتنىڭ ئالدىمدا تۇرغان جاپادىن بەللىرى مۈكچەيگەن،چىشلىرى قالمىغان، چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئاشۇ ئاتام ئىكەنلىكىگە ئۆزەممۇ ھەيران قالىمەن،ئۇ زوق-شوق بىلەن ئەينى يىللاردىكى ئەسكەرلىك ھاياتنى سۆزلەپ بەرگەندە باشقىچە روھلىنىپ كېتىدۇ، ئەسكەرلىك ھاياتىدىكى، (قايتا تەربىيە›گە چۈشكەندىكى خاتىرسىنى ۋاراقلايدۇ، ھەر بىر تېمىسى ‹يولداش ماۋجۇشى شۇنداق دەپ تەلىم بېرەتتى› دەيدىغان سۆز بىلەن باشلىىندىغان بۇ خاتىرسنى بەزىدە مەن باللىرىمغا  ئوقۇپ بېرىمەن،بۇ چاقىتلاردا ئاتام چىشسز كومۇك ئېغىزلىرىنى ئېچىپ چىن دىلىدىن كۈلىدۇ،
ئوغلۇمنىڭ ۋە ئىنىمنىڭ ئوغلىنىڭ چوڭ بولغاندا چوڭ دادامدەك ئەسكەر بولىمەن›دىگەن ئارزۇسى دەل ئاتامنىڭ شۇلارغا قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقى،بۇ نەۋرىلەر نىڭ شۇ ئارزۇسىنى ئاتام قانچە قېتىملاپ ئاڭلىغاندۇر؟ ‹چوڭ بولغاندا نىمە بولىسەن؟ دەپ بەرسەڭ نۇر ياساپ بېرىمەن،كانكى ياساپ بېرىمەن› دەپ ئاڭلىغان ئاشۇ گەپلەردىن بەلكىم ئاتام ياشلىق ئارمىنىىنى،ياشلىقىنى قايتا كۆرىدىغاندۇر؟
ئاتامنىڭ ئەسكەرلىكتىن ئەكەلگەن يەنە بىر ئادىتى ئىشتاننى يۇقىرى باغلاش،كەمەرنى چىڭ بوغۇش....
تولا دەيتتۇق ‹ئاتا ئىشتىنىڭنى سەل پەس باغلىساڭ بولمامدۇ؟ قارا ،بېلىڭنى چىڭ بوغۇپ سۇپۇرگىگە ئوخشاپ قاپسەن› ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ دەيدىغىنى ‹ئەركەك دىگەن بەلنى مۇشۇنداق باغلاش كېرەك،ھازىرقى باللارغا قارىغىنە،ئىشتىنى ھازىر چۈشۈپ كېتىدىغاندەك،قانداق بوپ كېتىۋاتىدۇ بۇ جاھان› دەپ رەددىيە بېرىدۇ،لىكىن ھازىرغىچە يالۋۇرۇپمۇ، بەزىدە زاڭلىق قىپمۇ ئىشقىلىپ بۇ ئادەتتىن بەزدۈرەلمەي ئاخىرى ئاغنى ئۇزۇن قىلىپ ئىشتان تىككۈزۈپ بېرىدىغان بولدۇق،ئاتامنىڭ جاھىللىقى ئاخىرى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى،شۇنداق،ئاتام ئەنە شۇنداق جاھىل ،كەسكىن ئىدى....بۇمۇ ئاشۇ يىللاردىكى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى يۇرت ئۈچۈن،خەلقى ئۈچۈن ئاتاشقا تەييار تۇرۇپ ئەسكەر بولغان ئاتامنىڭ روھىيىتى ئىدى.
ئۆتكەن يىلى ئاتام شۇ ۋاقىتتىكى سەبداشلار يىغىلىشىغا(قىرىق يىللىق) بېرىپ كەلدى، قايتىپ كەلگەندە شۇ ۋاقتىندا چۈشكەن سۆرەتلەرنى كۆرۈپ ئائىلىدىكى ھەممەيلەن ھەيران قالدۇق، سۆرەتتىكى بىر-بىرىدىن سالاپەتلىك ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە جاپادىن چىرايلىرىنى قورۇق باسقان ،ھەممىدىن قېرى كۆرۈنگەن دوپپا كەيگەن ئاتام ئىدى، سۆرەتنى كۆرۈپ بوغۇزۇم ئاچچىق بولۇپ ئاتامنىڭ ئالدىدا يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن لېۋىمنى چىڭ چىشلىۋالدىم،سۆرەتنىڭ ئاخىرىدىكى ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى كۆرگەندە بولسا كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم،چۇنكى شۇ سەبداشلار ئىچىدە بىردىنبىر كەسپىگە ‹دېھقان› دەپ يېزىلغان مىنىڭ ئاتام ئىدى..سەبداشلار ئىچىدىن نازىرلارمۇ،ئاللىقانداق ئىدارىنىڭ ئىدارە باشلىقلىرىمۇ ئىشقىلىپ ھەممىسى ئەمەل تۇتقان ئىدى. پەقەت ئاتاملا دېھقان ئىكەن،بۇ ۋاقىتتا ‹ئاتا،قارىغىنە سەن ئۇۋالچىلىق تارتىپسەن،قارا...قارا سېنى›ديەلدىم،ئەمما ئاتام بۇ سۆزۈمنى چۈشەنمىگەندەك قىلچە ئاغرىنىش تۇيغۇسى يوق ،تېخى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ‹راست شۇنداقكەن،سەبداشلار مىنى كۆرۈپ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى،تېخى يىغلىشىپ كەتتى،ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى كوماندىرىنىڭ دېھقان بولۇپ قالغىنىغا،ھەممدىن قېرىپ كەتكىنىگە بەكلا ھەيران قالدى› دىدى، ۋە ‹قاراڭلار،ھەممىسىدىن مەن قېرى بولغان بىلەن ھەممىدىن مەن تېتىك ئىكەنمەن، ئۇلارنىڭ بىرى قان بېسىمى،يەنە بىرى يۈرەك دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر خالتا دورىلار بىلەن بېرىپتۇ،تېخى مەن بۇرۇنقىدەكلا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم›دېدى،بۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ چىرايىدا شۇنچىلىك بىر پەخىىرلىنىش،يەنىلا ئۇلارغا كوماندىر سۈپىتىدە يېتەكچىلىك قىلالىغىنىدىن سۈيۈنۈش تۇيغۇسىلا بولۇپ قىلچە ئاغرىنىش تۇيغۇسى يوق ئىدى،
شۇنداق ،ئاتامنىڭ  شۇنچىلىك مىننەتسىز،ئۆزىنىڭ دېھقان بولۇپ قالغىنىدىن،سەبداشلىرىدەك ئاللىقانداق باشلىق بولالمىغىنىدىن ئاغرىنىش تۇيغۇسىنىڭ ئەكسىچە پەخىرلىنش تۇيغۇسى ماڭا يەنە بىر قېتىم ھەقىقى دەرسلىك بولغان ئىدى.
شۇنداق،ئاتام ئەنە شۇنداق ئاددى،ئەمما مەنلىك ياشىدى،ھاياتىمدا ئاتام توغىرسىدا تۇنجى قېتم قەلەم تەۋرىتىشىمكەن،شۇنداق بولغاچقىمىكىن،ئىچىمدىن شۇنچىلىك نۇرغۇن گەپلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ،  شۇنداقتىمۇ ئاتام توغىرسىدىكى بۇ يازمامنى شۇنداق دەپ ئاخىرلاشتۇردۇم،
‹قەدىرلىكىم،ھاياتلىق تۈۋرۈكۈم ئاتام،ئاللاھىم سېنى بىز بىلەن تەڭ ياشاپ بىللە قېرىشقا نېسىپ قىلسۇن،گەرچە ئۆزۈڭ قېرىپ كەتكەن بولساڭمۇ ،روھىيىتىڭ ھازىرقىدەك مەڭگۈ قېرىمىسۇن،تېخىمۇ نۇرانە چاقناپ،بىزنىڭ ،ئەۋلاتلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك ماياك،چىرىقى بولۇپ قالسۇن......

2013-يىل سەپەر ئېيىنىڭ 9-كۈنى

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86718
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 10:32:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىنىڭ بالىغا تەسىرى ھەقىقەتەن چوڭ - ھە ! ماڭىمۇ دېھقان دادامنىڭ ئىشچانلىقى تەسىر قىلغان .........

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 873
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5715
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2253 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 10:32:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياشاش كېرەك،  نېمە ئۈچۈن بىزگە سوۋغا قىلىنغان ھاياتىمىزنى ئەرزىمەس ئەمەل،  پۇل  پۈچەك ئۈچۈن خاراپ قىلىمىز؟  

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 11:34:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ رەھمەتلىك ئىشچان دادامنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز ، ئون بىر يىل بولدى ،،،

مىسكىن ئاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 11:34:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئاتىلار بايرىمىغۇ دەيمەن~؟   دۇنيادىكى بارلىق مۆھتىرەم ئاتىللىرىمىزنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن،  تېنىڭلار سالامەت، ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولغاي!!

كۈلكىللىرىمگە كۆز تەگمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95019
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 12:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.

توۋا قىلىڭ!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39903
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4377
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 12:23:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىنىڭ بالىغا تەسىرى ھەقىقەتەن چوڭ..........مېنىڭمۇ رەھمەتلىك ئىشچان دادامنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز ........

بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!!!

ھايات ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساب

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16558
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6878
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 01:03:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
happy123 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-9 11:34 AM
بۈگۈن ئاتىلار بايرىمىغۇ دەيمەن~؟   دۇنيادىكى بارلىق مۆ ...

ئاتىلار بايرىمى  كىلەر يەكشەنبە كۈنى،ئىسىڭىزدە خاتا قىلىپ قاپتۇ.

بەزىلەر ئەرلەرنى دەيدۇ باغىرى تاش،
سەۋەبى ئاددىيلا  تۆكمىگەچكە ياش.
ۋە لىكىن ئەرلەرمۇ مۇھەببەتكە باي،
مېھرى بەك ئللىقتۇر گوياكى  قۇياش.

ھايات ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساب

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16558
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6878
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 01:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazakat07 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-9 12:21 PM
مۇنبەردىكى بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.

كىلەر يەكشەنبە كۈنى تەبىرىكلىسىڭىز توغىرا بولىدۇ،بالدۇر بولۇپ قالدى

بەزىلەر ئەرلەرنى دەيدۇ باغىرى تاش،
سەۋەبى ئاددىيلا  تۆكمىگەچكە ياش.
ۋە لىكىن ئەرلەرمۇ مۇھەببەتكە باي،
مېھرى بەك ئللىقتۇر گوياكى  قۇياش.

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 01:21:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئاتىلار ئۆينىڭ تۈرۈكى . مەنمۇ ئاتامنىڭ قولىدىكى قاپىرىقلارنى ھەر قىتىم كۆرگىنىمدە مۇشۇنداق قەدىردانىمنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن .
   تىما يوللۇغۇچى - قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . ئۇلۇغ اللە ئىشلىرىڭىزنى ئاسان ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى سالامەت قىلسۇن . امىن

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش