1. ئىدىيىۋى خىزمەت دىگەن سۆزنى ئويلىساملا سەپىرايىم قىرىق گەز ئۆرلەيدۇ . ئاغزىنى كالچايتىپ كەلگەن ئىديىۋى خىزمەت ئىشلىگۇچىلەر قوشۇنىنىڭ مەخسىتى بىرلا ئۇ بولسىمۇ سىزگەئاتالمىش ئىديۋى خىزمەت ئىشلەپ سىزنى جانىجان مەنپەئەتلىرىڭىزدىن ۋاز كىچىشكەئۇندەش. تۇفى
2.ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگۇچىلەر شۇ قەدەر نومۇسسىزكى ھەتتا قانۇن ، ئەخلاق ، ئەلجامائەت نەزىرىدە لىللا ئىنتايىن ھەقلىق بولغان ھوقۇق مەنپەئەتلىرىڭىزئۇلارنىڭ نەزىرىدە ۋاپاغا جاپا قىلغانلىق ، شەخىسيەتچىلىك ، يوقۇرىنىڭ گىىپىنى ئاڭلىمىغانلىق ، يوقۇرى بىلەن قارىشىلاشقانلىق بولۇپ قالىدۇ ، سىز ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىغانسېرى ئۆزىڭىزنى قانداقتۇر گۇناھ ئۆتكۇزۇپ قويغاندەك ، تۇيغۇلارغا كەلتۇرىشىدۇ ، قانداق بولۇپ قانۇنلۇق جانجان ھوقۇق مەنپەئەتلىرىڭىزنى قوغداش ۋە بۇ يولدا قەتئى چىڭ تۇرۇش گۇناھ بولۇپ قالغۇدەك ، ئەمما بۇ نومۇسسىزئىديۋى خىزمەت ئىشلىگۇچىلەر ئەنە شۇنداق شالىنى چېچىپ سىزنىڭ مېڭڭىزنى يۇيۇشقا ئامراق ، گەپ سېتىپ يۇرۇپ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى بىر شەرەپلىك ئىشنى بىراقلا گۇناھلىق ئىشقا ، نومۇسلۇق ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ .
3.ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگۇچىلەر سىزگە ئاتالمىش پايدا زىياننى چۇشەندۇرۇپ ، تەھدىت سېلىپ ، قورقۇتۇپ ، ئۆز مەنپەئەتىڭىزدىن ئۆزلۇگىڭىزدىن ۋاز كىچىشكە قىستاپ مەخسىتىگە يەتمەكچى بولۇشىدۇ . سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزدىكى ئۇرۇق تۇققانلارغا قەدەر قەدەمم ۇقەدەم بېسىم شەكىللەندۇرۇدۇ ، ھەتتاكى قېرىندىشڭىز ئايالىڭىز ، ئاتا ئانىڭىز ئەنەشۇ بېسىمنىڭ تۇرتكىسدە سىزگە ئىككىلەمچى ئىديۋى خىزمەت ئىشلىگۇچى بولۇپ يېنىڭىزداپەيدا بولۇدۇ .
4.ئىدىيۋى خىزمەت ئشىلىگۇچىلەرنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى كۆپ خىل ، ھەم قاتتىق ھەم يۇمشاق، ھەم مېھرىبان ھەم زەھەرخەندە ، گاھىدا ئاپتاپتەك ئېچىلسا گاھىدا قوڭىنى چېقىپ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى پاراكەندە قىلىپ سىزنى قانۇنلۇق مەنپەئەتىڭىزدىن ۋاز كىچىشكە قىستايدۇ . شۇنداق ئۇلار خىزمەتنى قانۇن بويىچە ئەمەس ئۆزىنىڭ ۋە باشلىقلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن ۋەز ئېيتىدىغان بىر ئۇچۇم ئەبلەخلەر ، ئۇلارئۇچۇن سىزنىڭ ئاتا مىراس ئۆي ۋاقىڭىز ، قۇرساقتا سەككىز توققۇز ئاي بولۇپقالغان پەرزەنتىڭىزنىڭ تەغدىرى ھېچنىمە ئەمەس .
5.يوقال كۆزۇمدىن ئىدىيىۋى خىزمەت ۋە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگۇچىلەر ، بۇكومشالار تاغنى تالقان باغنى بوستان قىلىپ ۋەدىلەر بىرىشىدۇ ، ئىشىكى كۆرۇكتىن ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ئەبلەخلەرنىڭ سايسىىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ .
6.ئۆيىڭىزگە بىر ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگۇچى كەلگەن ھامان ئاگاھ بولۇڭ ،ئۇ كومشا چوقۇمسىزنىڭ بىرەر مەنپەئەتىڭىزنى ئوۋلاش ئۇچۇن كەلگەن دەپ ھىساپلاۋىرىڭ .
7.ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگۇچىلەر مەخسىتىگە يىتەلمىسە سىزگە جاھىل ، مۇتىھەم ، ۋاپاسىز، مىخ دىگەندەك ھەر خىل سەلبى قالپاقلارنى خالىغانچە كەيگۇزۇپ نامىڭىزنى بۇلغايدۇ.
8.ئىديۋىى خىزمەت دىگەن زادى نىمە ؟ ئۇ يا قانۇن ئەمەس يا سىياسەت ئەمەس ، ئەمما ئەمىليەتتە رىئاللىقتا مەۋجۇت بولغان بىر مەرەز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-9 02:05 PM