مىڭيول بولاق سۈيى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇردى
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى – 6- ئاينىڭ 7- كۈنى قەشقەر شەھەر رايۇنىدىكى ئاساسلىق ئىمتىھان نۇقتىسى بولغان قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا « مىڭيول ماركىلىق بولاق سۈيى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئۇتۇق تىلەيدۇ!» دېگەن پىلاكات ئېسىلىپ،دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بوش ئورۇنغا نەچچە يۇز يەششىك بولاق سۈيى تىزىلدى. چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاختى 10 بولغاندا 1- قېتىملىق ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ،ئوقۇغۇچىلار دەرۋازىدىن سەلدەك ئېقىپ چىقتى. بۇ چاغدا ھاۋا ئىسسىق بولۇپ، نۇرغۇن بالىلار ھارغىن، چاڭقىغاندەك قىلاتتى. دەل شۇ چاغدا خىزمەتچى خادىملار ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا مىڭيول ماركىلىق بۇتۇلكىلىك سۇلارنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئېچىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتا 2600 بۇتۇلكىدىن ئارتۇق بۇلاق سۈيى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلدى، ئۇلار بۇ سۇلارنى قىزغىنلىق بىلەن ئېچىپ تەشنالىقىنى قاندۇردى.
ئەسلىدە، مىڭيول ماركىلىق بۇلاق سۈيى ساپ، تەبىئىي، ئېسىل ئىچىملىك سۇ بولۇپ،قەشقەر كۆكئارت سودا شىركىتى يېقىندا بازارغا سالغان بىر تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلات ئىدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىش ھارپىسىدا قەشقەردىكى مېھرىبان ياشلار خەيرى- ســـاخــاۋەت جەمئىيىتى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، قەشقەر كۆكئارت سودا شىركىتىگە تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ كۈندىكى خالىس، ھەقسىز پائالىيەتىنى تەشكىللىگەنىدى. شۇڭا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سىرتتا كۈتۈپ تۇرغان ئاتا- ئانىلىرى بۇ ئىشتىن تولىمۇ سۈيۈندى.
سۈرەتتە: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىكى يارقىن سېمالار.
شىركەت مەسئۇلى ئۆز قولى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا مىڭيول ما ...
شىركەت مەسئۇلى ئۆز قولى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا مىڭيول ما ...
شىركەت خادىملىرى مىڭيول ماركىسىدىكى بۇلاق سۈيى تارقات ...
مىڭيول سۇ زاۋۇتىدا ئىشلەنگەن مىڭيول ماركىسىدىكى بۇلاق ...
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.j.tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-9 01:42 AM