|
|
|
|
ئاق خالاتلىق پەرىشتە سۇلتانلىقىدىكى تىزگىنسىز قارا قوللار
يېقىندا مەن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇرى ساپالىق تىببى خادىمى ئەڭ كۆپ، تىببىي ئۈسكۈنىسى ئەڭ ئىلغار، داۋالاش تېخنىكىسى ئەڭ يوقۇرى <ئاق خالاتلىق پەرىشتە سۇلتانلىقى__ شىنجاڭ تىببىئۇنۋېرسېتىتى بىرىنچى دوختۇرخانىسى>دا تۆت كۈن بالنىسىتتا يېتىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈتتۈم. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش زەپەردەس ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدا تىزلا ئاخىرلاشتى. بىراق تەكشۈرتۈش ئالدىرشىدا مەن بالنىستتىكى نەرسە كېرەكلىرىم ئارىسىغا جايلاشتۈرغان ئۈچ مىڭ يۈەنگە يېقىن نەخ پۇلۇمنى يوقاتتىم. ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ ئوغرىنىڭ كامىرا كۆرۈنۈشىگە ئېرىشكەن بولساممۇ، كۆرۈنۈشتىكى قارا قولنى تىزگىنلەپ زىيىنىمغا ئىگە چىققىدەك بىرەر ئورۇن ياكى تارماقنى تاپالماي، بىر ياشانغان بالنىسىتدېشىمنىڭ ياستۇق ئاستىغا باسۇرۇپ ياتقان يانچۇغىغا نەخ پۇل سېلىنغان كۆينىكىنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويغىنىغا شەھىد بولۇپ، <ئەستەغپۇرۇللا> بىلەن يۇرۇتقا قايىتتىم.
<ئاق خالاتلىق پەرىشتە سۇلتانلىقى__شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرسېتىتى بىرىنچى دوختۇرخانىسى>دا بالنىسىت ئىشىكى ياكى بالنىسىت ئىشكابىنى قۇلۇپلاش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىقى ۋە دوختۇر-سېستىرالار بىمارلارغا ئەسكەرتىپ: قىممەتلىك بويۇملارنى بالنىستا قويماڭلار دىسىمۇ ھەممە بىمارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرالغۇسى بولمىغاچ نەرسە-كېرەكلەرنى ئامالسىز بالنىسىتتا قويۇدىغانلىقى ئەمەلىيەت. ئۇندىن باشقا مەن ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ ياردەم سورىغان تىببىي ئۇنۋېرست ساقچىخانىسى پەقەت ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ئامانلىقى ۋە سىياسى مۇقۇملۇقىنى قوغداشتىن باشقا، دوختۇرخانىدە كۈنىگە نەچچە قېتىم يۈز بېرىدىغان ئوغرىلىققا زەربەبېرىشكە يېتىشەلمەيدىكەن. شۇڭىمۇ دوختۇرخانە بالنىستتىدا تىزگىنسىز قالغان ئوغرى قارا قوللار ماڭا ئوخشاش كېسەل ئازابىدا زىھنى ئۆرتۈنگەن ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ پۇل-مېلىغا خالىغانچە سۇنۇلىدىكەن.
خوش! يۇقارقىلارنى يېزىشىم، يۇقاتقان ھالال پۇلىمغا ئىچ ئاغرىتىشلا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ تۇيغۇمدىكى <ئاق خالاتلىق پەرىشتە سۇلتانلىقى__شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرسېتىتى بىرىنچى دوختۇرخانىسى>دا داۋالىنىشنى تاللىغان ھەر مىللەت بىمارىغا ھەر ۋاقىت ئۆز پۇل-مېلىنى قوغداشقا ئاگاھ تۇرۇشنى ئەسكەرتىش. شۇنداقلا <ئاق خالاتلىق پەرىشتە سۇلتانلىقى__شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرسېتىتى بىرىنچى دوختۇرخانىسى> رەھبەرلىكى كەڭ بىمارلارنىڭ خاتىرجەم يەنىمۇ ياخشى داۋالىنىشى ئۈچۈن بالنىست ئىشىك-ئىشكاپلىرىغا قۇلۇپلاش ئىمكانىيارىتىپ بېرىشىنى، بولۇپمۇ بالنىسىت ئامانلىقى ۋە ساقچى كۈچلەرنىڭ مەسئۇليىتىنى ئايدۇڭلاشتۇرۇپ، بىمارلار ئىقتىسادىي مەنپەتىنىڭ داۋاملىق قارا قول چاڭگىلىغاچۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىنىشنى سەمىمىلىك بىلەن ئۈمۇد قىلىش. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا birtugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-8 07:52 PM
|
|
|
|
|
|