مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4101|ئىنكاس: 39

باغچامدىكى يۇمۇرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

çok sevmek hataysa, ben büyü

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 04:11:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن يەسلىگە دەرسكە كىرىمەن،  بەش ياشلىق بۇ ئوماق بالىلارنىڭ قىزىقارلىق گەپ سۆزلىرى مېنىڭ ھارغىنلىقىمنى تۈگىتىدۇ، سىلەرگىمۇ خۇشاللىقىمدىن ئالغاچ كەلدىم، دىمىسىمۇ ئۇيغۇر باللىرى يۇمۇر ھە....

_________
تۇنجى قېتىم مەكتەپكە مۇئەللىم بولۇپ كىرسەم يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن بالىلارغا مەسئۇل قىلىپ قويدى،  دەم ئېلىش قوڭغىرىقى چېلىنغاندا سىرتقا چىقىپ ئويناپ كېلىسىلەر دەپ قويۇۋىتىپتىمەن، دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىنغاندا ئەللىك نەچچە بالامدىن ئاران ئون نەچچىسى قايتىپ كىرىپتۇ، ساقلىسام كىرمىدى، ۋاي بۇ بالىلار نەگە كەتكەندۇ ؟ دەپ ئەنسىرەپ سىرتقا چىقسام،بىر خىلدا  مەكتەپتىكى تىرەك-سۆگەتلەرنىڭ سايىسىدا ئاغچايلام( مىھماندارچىلىق )ئويناپ كېتىپتۇ ،"سىنىپقا كىرىڭلار،ئارام ۋاقتى توشتى" دىسەم، " مۇئەللىم ،توختاپ تۇرۇڭ، تاماق پىشمىغان تېخى"دەيدۇ .
ئالداپ يۈرۈپ سىنىپقا ئەكىردىم، دەم ئېلىش قوڭغىرىقى چېلىنغاندا سىرتقا چىققىلى قويمىدىم، يەنە بالا ئىزدەيدىغان ئەخمەق بولمىسام مەن ھە...ھې ھې ھې.....بۇ خوشاللىقىم ئۇزۇنغا بارمىدى، بۇ لايقونچاقلار شەرت قويدى.." تالاغا چىققىلى قويمىسىڭىز ئەتە مەكتەپكە كەلمەيمىز" ...ئاران تەستە يالۋۇرۇپ ،يىغىسىنى توختىتىپ ئەكەلگەن بالىلار تۇرسا بۇ...خەپ!!!!

______
بالىلارغا خەنزۇچە ئۆگەتمەكچى بولدۇم،
__ ماۋۇ بەك ئاسان خەت ، ئاغزى دىگەن گەپ، كوۋ دەپ ئوقۇيمىز، يېزىپ بېقىڭلارچۇ ؟
__ مۇئەللىم ،ئۇ خەتنىڭ چىشى يوقكەنغۇ؟ چىشىنى يېزىپ بېرىڭ،،،،
سىلەرچە مېنىڭ قولۇمدىن كېلەما ؟؟؟

_____
مەۋلان ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ قېشىنىڭ ئۈستىگە يارا چىقىپ قاپتۇ ، ئۇنى كۆرۈپ سورىدىم:
___ مەۋلان، ئاۋۇ يەرگە نىمە بولدى؟
يېنىدىكى ئوماق شەۋكەت شۇھامان : " مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئوق تەگكەن" دېۋىدى. يېنىدا تۇرغان ئېھسان " دۈشمەنلەر ئېتىۋەتكەن ئۇنى " دەيدۇ.
شۇنچە تىرىشساقمۇ مۇنبەردە ئۇلاردەك تەسەۋۋۇر قىلالايدىغانلار يوق .ئىشىنەمسىز؟

_____
2-يىللىققا خەنزۇتىلى بېرىشكە باشلىدىم، بۇ سىنىپتا رۈي رۈي ئىسىملىك بىر خەنزۇ قىزچاق ئوقۇيتتى،ئۇيغۇرچىسى خەنزۇچىسىدىن ياخشى، باشقىلار ئۇيغۇر瓦.دەپ ،بۇ خەتنى چۈشەندۈردۈم، ۋا پىيەن بولسا كاھىش دىگەن گەپ بولىدۇ، يەنە قانداق سۆز ياسىغىلى بولىدۇ؟ كىم دەپ باقىدۇ دىسەم، پەقەت شۇ رۈيرۈي قول كۆتۈرۈپتۇ.
__ ھە،رۈي رۈي، سەن دىگىنە .
__ كاۋا
__ كاۋا؟ نىمە گەپ بۇ ؟ خەنزۇچىدا بۇنداق گەپ يوقتۇ؟
__ ۋىيەي مۇئەللىم، يەيدىغان كاۋىچۇ؟
__ كاۋىنى نەن گۇا دەيمىز، قوشتىلدا ئوقۇپ سەنمۇ ئۇماچ بوپ كېتىپسەنغۇ ؟
ھازىرمۇ رۈي رۈي نىڭ "خۇدايىم توۋۋا، يۈزمىڭ توۋۋا، ھەي قاباقباش،مۇشۇنىمۇ بىلمەمسەن ؟ " دىگەن ئۇيغۇرچە گەپلىرىنى ئەسلەپ قالىمەن.

____
بالىلارغا ئويۇنچۇقلىرىنى تۆكۈپ بېرىپ ،ئۇلارنى كۈزىتىشكە باشلىدىم:
___ ئابدۇسالام، كەچتە سېنى دادام ئەكەتسۇنمۇ ؟
ئابدۇسالام ئادىشىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەي ئۇيۇنچۇق تاپانچىدا ئۇنى ئېتىشقا باشلىدى.
___ چۇۋ چۇۋ چۇۋ
___ ئابدۇسالام، كەچتە سېنى مېنىڭ دادام ئەكەتسۇنمۇ؟
___ چۇۋ چۇۋ چۇۋ
___ ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن، كەچتە سېنى دادام ئەكەتسۇنمۇ؟
___ چۇۋ چۇۋ چۇۋ
___ ئاتمىغىنا ۋاي،ئېتىۋىرەمسەن؟؟
ھا ھا ھا.....ئابدۇسالامنىڭ ئادىشىنىڭ قانچىلىك جېلە بوپ كەتكىنى بىلمەيسىلەر ...ھا ھا ھا ھا

_____
بىر كۈنى مەكتەپتە ئېگىز باشنىلىق ئايىغىمنى كېيىپ كەلدىم. ئالدىنقى ئىككى سائەتتە باغچا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىللىرىم ئايىغىمنى كۆرگەن ئوخشايدۇ. 3-سائەتتە كىچىك بالىلارنىڭ ئۇششاق ھەرىكىتى جىق، پاكار پاشنىلىق ئاياغ كېيەي دەپ خىزمەتدىشىم بىلەن ئاياغ ئالماشتۇرۇپ دەرسكە كىردىم.دەرس ئارلىقىدا ئېرپان ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچۇم يېنىمغا كېلىپ دېدى :
____ مۇئەللىم،سىزنىڭ ئايىغىڭىز ئۆزگىرەلەمدۇ؟
____ ياق بالام ،ھېچكىمنىڭ ئايىغى ئۆزگىرەلمەيدۇ،
____ياق،ئالداۋاتىسىز، سىز ئەتىگەندە ئېگىز پاشنىسى بار ئاياغ كېيىۋالغان.

ھا ھا ھا...كۈندە سەرخىل يۇمۇرلار ،قىزىقارلىق گەپ سۆزلەر، بۇگۈن "چىن تۆمۈرباتۇر "نى ئېيتىپ بەرسەم ،ئەتىسى " تۆمۈرچى باتۇر" نى ئاڭلىغۇمىز بار دەيدۇ.

يەنە جىققىدە بار ئىدى،دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك بولسۇن، سەبىيلىرىمىزنىڭ كۈلكىسى مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ، بالىلارسىز ۋەتەن بولامدۇ؟ يەنە داۋاملىق يوللايمەن، كۈتۈپ تۇرۇڭلار ھە.






باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشا!!!!

çok sevmek hataysa, ben büyü

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 04:52:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى مەكتىپىمىزگە تەكشۈرەش كەلمەكچى بولدى، شۇ ھامان باغچا سىنىپقا كىرىپ :
____  سىلەردىن خۇش بوپ كېتەي ،بۈگۈن ھەرگىز يىغلىماڭلار ھە، بۈگۈن يىغلاشقا بولمايدۇ، تەكشۈرەش كېلىدۇ . دىدىم.
  بىر نەرسىلەرنى ئۆگۈتىۋاتسام، ئابدۇلئەزىز يىغلاشقا باشلىدى،
____ يا ئاللاھ، نىمىشقا يىغلايسەن؟ خۇش بوپكېتەي،بۈگۈن بولسىمۇ يىغلىمىغىن ،دىسەم
____ تەكشۈرەش كېلىدىكەن، بىزنى تەكشۈرەپ ئوكۇل سالىدىكەن

ئۇھ..... تەكشۈرەش ئوكۇلنى بىزگە سالىدۇ قوزام،سەن نىمىگە يىغلايتتىڭ؟ دېدىم ئۇنىڭغا.

باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشا!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 04:53:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى باللىلارنىڭ گىپى ھەقىقەتەن تاتلىق جۇمۇ؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 05:02:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بالىلار بەك ئوماق ھە ..شۇ گەپىنى شۇلارنىڭ ئېغىزدىن ئاڭلغان بولساق قانچلىك كۈلەتمكىن

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

çok sevmek hataysa, ben büyü

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 05:03:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىملىرىنى يوللاي دىگەنتىم، بىراق كىيىن ئاتا ئانىسى ئەرز قىلىپ كەلمىسۇن دەپ توختاپ قالدىم

باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشا!!!!

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 05:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەنمۇ دەپ قۇياي ھە ......
  باشلانغۇچتا خەنچە دەرس بىرىدىغان ۋاقىتلىرىم ........ 5-يىللىققا «مامكاپ ئۇرۇقى» دىگەن دەرسنى ئۈتۈپ «ئۇرۇق» دىگەن سۆزگە جۈملە تۈزەتتىم ، بالىلار بىر باشتىن جۈملە تۈزەيتتى ، بىز خاتا بولغان ، كام قالغان يەرلەرنى ئوپچە تۈزىتەتتۇق . مەرھابا ئىسىملىك بىر قىز بۇلۇپ قارىغاندا ئائىلە تەربىيىسى سەل بىسەرەمجانراق ئىدى . نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا
我是爸爸的种子......دىمەمدۇ ..........زۇۋانىم تۇتۇلغانچە يا توغرا يا خاتا دىيەلمەي ، تېخىمۇ ياخشى جۈملە تۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىڭ دەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم.........
  ئەلۋەتتە بۇ جۈملىنى مەيلى لوگىكا مەيلى گىرامماتىكا جەھەتتىن خاتا دىيىشكە ئاساس يوقتە .....؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   albax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-8 05:08 PM  


كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

çok sevmek hataysa, ben büyü

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 05:10:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2013-6-8 05:06 PM
مەنمۇ دەپ قۇياي ھە ......
  باشلانغۇچتا خەنچە دەرس بىرىد ...

ھا ھا ھا.......ماگەپنى، مەن بولسام ،ئەمسە سىزنى تېرىپ قويايلى، ئۈنەمسىز ؟ دەپ قوياتتىم...

باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشا!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85168
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-9-17
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 05:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست  قىززىقكەن،بۇ ئوماقلارنىڭ ئوزىنىڭ ئايرىم ئىجاد قىلغان گەپلىرى بار،مېنىڭ ئوغلۇممۇ ئىككى ياشتىن ئاشتى،سوسكىسىنى مەممە،سۈت ئىچمەكچى بولسا دىلدامەممە،چاينى ھۈممە،دەپ بىزنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇپ قويىدۇ،پۇلنى تۇف تۇف..خەت يېزىشنى ئا ئا ..ئىشقىلىپ گەپ سورىساق ئوزىنىڭ تىلىدا دەۋېردۇ .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3511
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8560
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 05:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2013-6-8 05:06 PM
مەنمۇ دەپ قۇياي ھە ......
  باشلانغۇچتا خەنچە دەرس بىرىد ...

ھا ھا...

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 05:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇغلۇم بىر كۇنى يەسلىدىن كىلىپلا  ھويلىنى نەچچە چوگلەپ چىقتى ،نىم ئىز دەۋاتسىز دىسەم گەپ قىلماي  ئۇ ياققا بۇياققا مىڭى ۋەردى، بىر نەرسىسىنى  يۇتتۇر گەن ئۇخشايدۇ مەنمۇ ئىز دىشىپ بېرەي دەپ نىمىڭىز يۇتۇپ كەتتى ماڭا دەڭ دىسەم ،چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ  ئۆمچۇك ئىز داۋاتمەن دەيدۇ ئۆمچۇكنى نىمە قىلاتتىڭىز دىسەم مىنى چىقۋالسا ياخشى بۇلاتتى مەنمۇ ئۆمچۇك پالۋانغا ئايلىنىپ كىشلەرنى قۇتقۇزاتتىم دەيدۇ، بۇگەپنى ئاڭلاپ تازا كۇلۇپ تىمەن ،ئەسلى شۇكۇنى يەسلىدە ئۆمچۇك پالۋاننىڭ فىلىمىنى قۇيۇپ بېرىپ تىكەن

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش