ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن يەنە تىز ئۆرلەپ-ئۆرلەپ بۇ جۈمە كۈنى 30-ماي 1421 دوللارغا ئۆسۈپ كەتتى . بىراق بۇ ئۆسۈش شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن يەنە چۈشۈپ ئۈچىنچى قىتىم 1400 دوللارنى يەنە بۇزۇپ 1386 نوقتىدا ھەپتىلىك بازار توختىدى .
ئالتۇن باھاسى يىقىندىن بۇيان 1400 نوقتىدىن بەش-ئالتە قىتىم چۈشۈپ يەنە ئۆرلەپ يەنە چۈشتى .
7-ئىيۇن جۈمە كۈنى ئالتۇن قاتارلىق كوزۇر تاۋارلار ئۈچۈن باھا جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولدىغان كۈن .
يەنى ھەر ئاينىڭ بىرىنچى جۈمە كۈنى ئامرىكا غەيرى يىزا -ئىگىلىك نەتىجىسى كەچتە ئىلان قىلنىدۇ .
بۇ نەتىجە ئالتۇن -كۈمۈش ، نىفىت ۋە دوللار قاتارلىقلارغا بىسىم ياكى ئۆرلەش ئىلىپ كىلىدۇ .
يەنى ھەر ئاينىڭ بىرىنچى جۈمە كۈنى كەچتىكى بۇ نەتىجە ئامرىكىغا پايدىلىق بولسا دوللار قىممىتى شۇئانلا ئىشىپ باشقا تاۋارلار ئومۇميۈزلۈك چۈشۈشكە باشلايدۇ .
جۇمە كۈنى كەچ ئىلان قىلىنغان ئامرىكا غەيرى يىزا-ئىگىلىك نەتىجە سىتاتىسكىسى ئىلان قىلىندى .
بۇ نەتىجە مۇنداق ؛ئامىرىكا 5-ئايلىق غەيرى يىزا ئىگىلىكتا بولغان ئىشقا ئۇرۇنلاشقانلار سانى 17.5تۇمەن ئادەم بولۇپ ،ئەسلىدىكى بازار مۆلچەرى 16.5تۇمەن ئادەم .ئۆتكەنكى ئايلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 16.5تۇمەن ئادەم بولۇپ 10تۇمەن ئادەم كۆپەيگەن .
ئامىرىكا 5-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى 7.6%بولۇپ ،ئەسلىدىكى بازار مۆلچەرى 7.5%.ئۆتكەنكى ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى 7.5%بولۇپ،ئىشسىزلىق نىسبىتى 1پوئىنت ئۆرلەش ھالىتىنى شەكىللەندۇرگەن .
بۇ نەتىجىنىڭ ئىلان قىلنىشى بىلەن ئالتۇن-كۈمۈش باھاسى يەنە چۈشۈش ھالىتىنى داۋام ئىتىپ 1400 دوللاردىن يەنە بىر قىتىم چۈشۈپ 1377 دوللارغا كىلىپ قىلىپ ھەپتىلىك بازار 1383 نوقتىدا يىپىلدى .
قىسقىسى ئامرىكا ئىقتىساتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنشى ئالتۇن قاتارلىق تاۋارلارنى ئۆسۈش يۆنىلىشتىن مەھرۇم قىلىپ چۈشۈشكە مەجبۇرلايدۇ .
ئامرىكا ئىقتىسادى چىكىنىپ ھەر ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئايدىن -ئايغا ناچارلاشسا ئالتۇن -كۈمۈش باھاسى ئۆسۈش ھالىتگە قەدەم قۇيىدۇ .
بىر ئىقتىساتشۇناس دوستىمىز ئىيتقاندەك -ئامرىكىغا سوغۇق تىگىپ قالسا پۈتۈن دۇنيا زۇكام بولىدۇ دىگەن سۆزنىڭ ئاساسى بار .
بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ 1400 نوقتىدىن كۆپ قىتىملاپ چۈشۈپ ئارقىغا داجىشى ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى بەكلا ئۈمۈتسىزلەندۈردى .
پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى 1400 نوقتىدىن ئىشىپ 1423 نوقتىغا ئۆرلەپ ئۆرلەش مۆمكىنچىلگى يەنى ئىشەنىچ دەرجىسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى دەپ قاراپ بولغىچە ئەتىسىلا يەنە 1400 دوللاردىن يەنە چۈشۈپ كەتتى .
ئالتۇن ئەمدى ئاشالماسمۇ ؟؟؟؟
1500---1600---1700 نوقتىلار ئەمدى بىر چۈش بولۇپ قالارمۇ ؟؟
ئالتۇنغا دائىر ئىقتىسادى تىمىلار يەنىلا بىر مىسقال مۇنبىرىدە
مەنبە
www.1miskal.com مۇنبىردىكى <<تومپاي >> يازمىسى