مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 614|ئىنكاس: 5

خوش كەلدىڭ بالام، خەيرى-خوش بالىلىقىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 12:15:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 خوش كەلدىڭ بالام، خەيرى-خوش بالىلىقىم.
                                                  نەسىر
                                   تۇرسۇنجان تۇرغۇن (خىيالى)


ئوتلۇق نەپەس ئىچىدە قوللۇرۇم تىتىرمەكتە.سەن شۇنچە يەڭگىل،بىراق ماڭا شۇنچە ئېغىر.چۈنكى ماڭا چۈشكىنى سېنىڭ ئېغىرلىقىڭ ئەمەس،بەلىكى ساڭا بولغان مەسئۇلىيەت،بۇرۇچ.بۇ ھەر بىر ئاتا بولغۇچى ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ چوقۇم كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك ئېغىرلىق.
ئوتلۇق تىنىقلىرىڭ ماڭا خۇش تەبەسسۇم ئىلىپ كەلدى ئوغلۇم.ياق ماڭىلا ئەمەس بارچىگە تەبەسسۇم ئىلىپ كەلدىڭ.بىز سىنىڭ كېلىشىڭىنى تەققەززالىق بىلەن كۈتتۇق،مۇشۇ ئوتلۇق تىنىقلىرىڭنىڭ بىزگە تەبەسسۇم،بەخت ئىلىپ كېلىشىڭنى كۈتتۈق،كۈتتۈق ساق توققۇز ئاي توققۇز كۈن كۈتتۈق.
مانا سەن كەلدىڭ،بىزگە خۇشاللىق،تەبەسسۇم ئىلىپ كەلدىڭ،بىراق بۇ تەبەسسۇم،كۈلكىنىڭ كەينىگە قېچىپ قۇتۇلغىنى بولمايدىغان بۇرۇچ،مەسئۇلىيەت بار.بۇ مەسئۇلىيەت بەلكىم مەن ئويلىغاندىمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن.بىراق ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ ئاتاڭ كۆتۈرۈشكە ھەتتا جان بېرىشكە رازى.سەن پەقەت تاكى ئۆمۈرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە كۈلۈپ ياشىساڭ،بەخىتلىك بولساڭ،بىزنىڭ ئەجىرىمىزنى ئۇنۇتمىساڭ ھەم ۋاپادارلىقىڭنى ئىپادىلەپ تۇرساڭ،بىزگە شۇ يېتەرلىك ھەم بۇ بۇرۇچ،مەسئۇلىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى.
خۇش كەلدىڭ بالام.خۇشالىقىمدىن قىن-قىنىمغا پاتماي يۈرەكلىرىم ھاياجانىلىق ئىلكىدە سوقماقتا.بۇنى ھەر قانچە تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن.چۈنكى سەنمۇ چوڭ بولغاندا،شېرىن نىكاھىڭدا تاتىلىق،ئوماققىنە ئوغلۇڭ بولىدۇ بالام.سەنمۇ شۇ چاغدا ھازىرقى مېنىڭ ھېسسىياتىمغا ئورتاقلىشىسەن.
ئوتلۇق كۆزلۈرۈڭ ماڭا سېنىڭ مېھرىڭنى شۇنچە سالدىكى،سېنى يېنىمدىن ئايرىمىسام،سەن بىلەن بىللە يەنە بالىلىق چاغلىرىمنى ئۆتكۈزسەم.چۈنكى مەن ئەمدى بالىلىق بولدۇم،شۇڭا بالىلىق قىلالمايمەن.
راستىنى دېسەم ئوغلۇم،مەن تا ھازىرغىچە ئۆزۈمنى بالىلىق مىجەزىمدىن مۇنداقچە دېسەم باللىق خىياللىرىم،ئارزۇلىرىم ئۈستىدە لەيلەپ يۈردۈم.ھەتتا ئۆيلەنگەندىن كېيىنمۇ ئۆزۈمنى يەنىلا چوڭ بولمىغاندەك ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدىم. سېنىڭ ئوتلۇق تىنىقلىرىڭ،نەپەسلىرىڭ،كۆزلۈرۈڭ مېنى بۇ خىيال دۇنياسىدىن ئىلىپ چىقتى.شۇنداقلا مېنىڭ چوڭ بولغانلىقىمنى،ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئىلىشىمنى،سېنى ياراملىق تەربىيلەپ چىقىشىمنى كۆزلۈرۈڭ،كۆزلۈرۈمگە،قەلبىمگە سىڭدۈرمەكتە.بۇيرۇق قىلماقتا.
خۇش كەلدىڭ بالام.ئەمدى مەن بالىلىقىم بىلەن خوشلىشىمەن.شۇنداقلا سېنىڭ بالىلىقىڭغا جۆر بولىمەن.بالىلىقىڭنىڭ،ياشلىقىڭنىڭ،پۈتۈن ھاياتىڭنىڭ خۇشاللىق،بەخت ئىچىدە ئۆتىشنى تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-8 08:34 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
weliyar + 100 ئېسىسل

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1015 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 07:57:02 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا–ئانامنى ئاجايىپ سېغىندۇرۋەتتى ماۋۇ نەسىر.رەھمەت.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 08:56:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز ،. پەرىشتەم ،مىھرىبانىم ئاپامغا تېخىمۇ ھۆرمىتىم ئاشتى . قوللىرىڭىز ھارمىغاي .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 09:42:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز،رەھمەت سىزگە

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83557
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3406
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 11:47:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئوغلۇمنى يىڭى بوشانغان ۋاقىتلار ئىسىمگە كەلدى دىسە. بالامنىڭمۇ دادىسى ئوغلۇنى كۆرۈپ سۆيۈپ كەتكەنتى كىچىك يۈزلىرىگە.

باشقىلار بىر تامچە سۇ بەرسە،بۇلاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 05:11:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىغىم كەلسەڭچۇ يېنىپ،
بالىلىققا ئالساڭچۇ قېنىپ.
چاپايمىكىن قۇياش كەينىدىن،
بالىلىقنى قوغلاپ ئات سېلىپ.

قاسىم سىدىق...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش