مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2052|ئىنكاس: 20

دىكارت:ئۇمۇميۈزلۈك گۇمانلىنىش(بىلىش نەزەرىيسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 09:41:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دىكارت:ئۇمۇميۈزلۈك گۇمانلىنىش
(بىلىش نەزەرىيسى)

ئەركيار تەرجىمىسى
2013.6.5


ھەقىقەت ئىزدىسەك بۇ ئۆمرىمىزدە ھەممە ئىشلاردىن ئىمكانقەدەر بىرقېتىمدىن گۇمانلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ17-ئەسىردە ياشىغان فىرانسىيلىك پەيلاسوپ دىكارتنىڭ«پەلسەپە پىرىنسىپلىرى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە بولۇپ،ئۇمۇميۈزلۈك گۇمانلىنىش مىتودى دىكارت پەلسەپىسىنىڭ بىرىنچى مىتودى.دىكارتنىڭ قارىشىچە،ھازىرقى بىلىمنىڭ ئاساسى ئىنتايىن ئېنىقسىز،ئىشەنچىسىز.ئۇنىڭ پەلسەپىسىنىڭ ۋەزىپىسى توغرا،ئىشەنچلىك ئاساستا يېڭى بىلىم سېستىمىسى تۇرغۇزۇشتۇر.بۇنداق بولغاندا،چۇقۇم ئالدى بىلەن ھازىر باربولغان بارلىق كۆزقاراش ۋە پىرىنسىپلاردىن ئۇمۇميۈزلۈك گۇمانلىنىشقا،كونا ئاساسلارنى پاچاقلىۋېتىپ،مۇكەممەل بولغان ئالدىنقى شەرتنى تۇرغۇزىۋېلىپ شۇنى يېڭى بىلىم سېستىمىسىنىڭ لوگىكىلىق چىقىش نۇقتىسى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇ خىل ئۇمۇميۈزلۈك گۇمانلىنىش مىتودى ساختىسىنى چىقىرىۋېتىپ چىننى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ،«گۇمانلىنىش ئۈچۈنلا گۇمانلىنىدىغان»نىگىلىزم گۇمانخورلۇقىغا ئوخشىمايدۇ.دىكارتنىڭ قارىشىچە ئالدى بىلەن گۇمانلىنىدىغىنىمىز سەزگۈ ئەزالىرىمىز ھېس قىلغان نەرسىلەر،چۈنكى ئۇ نەرسىلەر ھەمىشە ساختا،ئادەمنى ئالدايدىغان بولۇپ چىقىدۇ.تەجرىبىمىزدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى،ھەرخىل سەزگۈ ئەزالىرىمىز بەزىدە خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ،شۇڭا بىزنىڭ بىزنى ئالدىغان شەيئىلەرگە زىيادە تاينىۋېلىشقا ئاساسىمىز يوق.ئۇنىڭدىن باشقا،چۈش ئىچىدە بىز تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە ھېس قىلغان شەيئىلەر ئوبرازى ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مەۋجۇت ئەمەس.ئۇنىڭدىن قالسا،دىدوكسىيەلىك خۇلاسە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەرخىل بىلىملەرنىڭ ھەقىقىيلىقىدىنمۇ گۇمانلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.بىرىكمە ماددىلارنى كۆزىتىدىغان ھەرقايسى پەنلەر،مەسىلەن:فىزىكا،ئاسترونومىيە،تىببى ئىلىم قاتارلىقلارمۇ ئىنتايىن ئېنىقسىز،ئىشەنچىسىز.چۈنكى،بۇخىل بىرىكىشتە نۇرغۇن ئېنىقسىزنەرسىلەر بارلىققا كېلىدۇ.ماتېماتىكا ۋە گېئومىتىرىيە پەقەت ئۇمۇمىيلىققا ئىگە پىرىنسىپلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ،گۇمانلىنىش يوق.ئەمما،بۇ مەسلىلەر ئۈستىدە ياراتقۇچىنىڭ بىزنى ئالدىمىغانلىقىغا كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟شۇڭا،ياراتقۇچى كامالەتلىك.كامالەتلىك ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى  ھەمدە ھەرخىل دىنلاردىكى ئەقىدىلەرنىڭ ھەقىقىيلىقىدىنمۇ گۇمانلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.بىز ھازىرچە ياراتقۇچىنى پاراسەت بىلەن كىشىلەرنى ئالداۋاتىدۇ،دەپ پەرەز قىلالايدىغان بولساق،بىز كۆرۈۋاتقان تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە بىز ئاسانلا ئىشىنىپ قالغان ساختا قىياپەت ۋە ئالدامچىلىقتۇر.شۇڭا،بىز چۇقۇم ئۆزىمىزنى قولى يوق،كۆزى يوق،قان ۋە گۆشى يوق ھەم ھېچقانداق سەزگۈسى يوق،شەيئىنىڭ شەكلى،كېڭىيىشى،ھەرىكىتىنىمۇ ئېنىقسىز دەپ قارىيالايمىز.بۇ دەل ئۇمۇميۈزلۈك گۇمانلىنىش نىشانىدۇر.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى،ھەقىقەتنى تۇنۇش ئۈچۈن دىكارت بارلىق بىلىملەرنى ھەتتا تەڭدىشى يوق ياراتقۇچىنىمۇ گۇمانلىنىش دائىرىسىگە تىزدى.بۇ نەزەرىيە جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەمەلىيەتتە بولسۇن،ئىنتايىن قاپ يۈرەكلىك بىلەن قىلىنغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت بولۇپ،مەدرىس پەلسەپىسى كىشلەرنىڭ ئىدىيسىنى قاتتىق قاماللاپ فىئودال خۇراپىيلىق ئىنتايىن ئېغىرلاشقان دەۋىرگە يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى. دىكارنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك گۇمانلىنىش مىتودى پىرىنسىپى يېقىنقى زامان پەلسەپىسىدە سەركىلىك رول ئويناپ،يېقىنقى زامان غەرب پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زورتەسىرلەرنى كۆرسەتتى.


ئەسلى مەنبە: خەنزۇچە پەلسەپە تورى
http://www.zhexue.org/westen-philosophy/epistemology0/492.html



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ahmatxah + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52315
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3207
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:20:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تىمىڭىزدىن تەشەككۈر

قىسىلمامدۇ ئەۋلادلار بوينى،
ئەجدادلاردىن مىراس بولمىسا.
قورۇنمامدۇ ئەجدادلار روھى،
مىراسلارغا ۋارىس بولمىسا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:35:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردەۋرى ھەققىدە ئويلىنىش

ئەركيارتەرجىمىسى



تور ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدا كەڭ قوللىنىشقا ئېرىشتى،تەسىرىمۇ زور بولماقتا ھەم كىشلەر تورغا بىرخىل ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىماقتا.نۆۋەتتە،يېڭىچە تورمەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ كىشىلەرنىڭ تورغا نىسبەتەن تۇنۇشىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرماقتا.بۇ خىل پەۋقۇلئاددە  تاينىشقا قاراپ شۇنداق دېيەلەيمىزكى،تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ۋە ھەرىكىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى.ئۇنداقتا،تورنىڭ تەپەككۇر شەكلى ۋە ھەرىكەت شەكلىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى قايسى تەرەپلەردىن چۈشىنىش مۇمكىن؟ ئىنتىرنىت دەۋرىدە،مەۋھۇملاشقان كىشىلىك ئالاقە يېڭى بىرخىل«ھالقىش»قا قاراپ تەرەققىي قىلالامدۇ؟ بۇلار  ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە تېگىشلىك مەسلىلەردۇر.
«تېزتائام»چە ھەزىم قىلمايلا ئوقۇشتىكى چۇڭقۇرلۇق قەيەردە؟
كىتاب-ژۇرناللار دەۋرى كىشىلەرنىڭ سىزىقلىق تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ياراتقان ئىدى.كىشىلەر بىركىتابقا چۇڭقۇر چۆكۈپ،كىتابنىڭ بەت سانى،مەزمۇن تەرتىۋىگە دېققەت قىلىپ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ  پىكىر قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى.تور دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن «پەيتىدە»بولۇشنىلا قوغلىشىپ،ئەنئەنىۋى ئوقۇش شەكلىنىڭ ئورنىنى «تېزتائامچە»ئوقۇش ئالدى.پىسخولوگ مارىئاننا.ۋورفنىڭ ئېيتقىنىدەك:« ئوقۇغان مەزمۇندىن قارار قىلىپلا قالماي،ئوقۇش شەكلىدىنمۇ قارار چىقىرىدىغان»،«مائۇس يەڭگىل چېكىلىپ تۇرىدۇ،مەزمۇن توسۇلۇپ-دۆۋىلىنىپ تۇرىدۇ»غان ئوقۇش ھالىتى شەكىللەندى.ئوۋچىنىڭ قىزىقىشغا ئوخشاش پىسخىكىدا تۇرۇپ چېكىلگەن توريازمىلىرىغا چۇڭقۇرلاپ تەپەككۇر قىلىش نېسىپ بولماي،«چېكىش مەدەنىيتى»تەسىرىدىكى سىزىقسىز تەپەككۇر،مەلۇم ئۇچۇردىن باشلىنىپ سىرتقا كېڭىيىپ چېچىلىپ كېتىدىغان تەپەككۇر قۇرۇلمىسى تورئەھلىدە بىر قېتىمدا ئىككى ئىشنى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشنى ئويلايدىغان تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ.نۇرغۇن كىشىلەر تورغا چىققاندا بىرقانچە كۆزنەكنى ئېچىۋالىدۇ،ئوخشىمىغان كۆزنەكتە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ ئۇچرىشىدۇ.ھەتتا،باشقا قوللىنىشچان دېتاللارمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئىشلەۋاتقان بولىدۇ.
تورمەدەنىيتىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى يېزىق ۋە رەسىمنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئوبرازلاشتۇرۇلغان«كۆرۈش»دۇنياسىنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا يايدى.ھالبۇكى،ئويلاشقا ئېتىبار سۇسلاشتى.تېزتائام مەدەنىيتى تەسىرىدىكى ھاسىلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىخچام،ئۇششاقلانغان شەكىلدە كۆرۈلىدۇ،بۇ خىل مۇھىتتا يېتىلىدىغىنى«مەزمۇن تەرجىمانلىقى»،كەم قالغىنى بولسا مەسلىگە قارىتا ئويلىنىش جەريانى.بۇ ئەھۋال ئۇزاق داۋام قىلسا ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.
«كىشىلەرنىڭ تورئارقىلىق ئىگىلەيدىغان ئۇچۇرى ئىنتايىن كۆپ،ئەمما چۇڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ،يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئەقلى بىلىشكە يېتىشى كەمچىل.نەتىجىدە بۇ ئۇچۇرلار كۆز ئالدىدىن ئۆتكەن تەسىراتلا بولۇپ قالىدۇ.كىشىلەرنىڭ دېققىتى تېخىمۇ چېچىلىپ تۇرمۇشىدىمۇ پارچىلىنىش بولىدۇ.تەپەككۇر شەكلى تېخىمۇ ھېسسىيلىشىدۇ،ئەقلىي تەپەككۇر ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ،شەخسنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بەلگىلىك پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرلاريېتەكچىسى دوڭ تىيەن سې پروففىسور تەشۋىشلىنىپ شۇنداق دەيدۇ.

*خەنزۇچە ئەسلى مەنبە: http://news.xinhuanet.com/politics/2011-11/26/c_122338890.htm


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 22 ئېنتېرنېت تەسىرى...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 22   باھا خاتىرىسى

مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3027
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5971
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2547 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:35:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن بىزدە گۇمان ئىماننى قاچۇرار دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4481
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:36:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 12:15:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91586
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 12:15:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baywetqe يوللىغان ۋاقتى  2013-6-7 11:35 PM
توردەۋرى ھەققىدە ئويلىنىش

ئەركيارتەرجىمىسى

قۇرۇق گەپ! بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى قانداقتۇر دىن مەسىلى بولماستىن بىلىم مەسىلىسى، يەنىي ئىلىم-پەن ئۆگۈنىش ۋە ئۇنى بىلىشكا قارىتىلغان. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى مەن بىلىكيار ئەپەندىمنىڭ بىر ماقالىسىدە مۇنداق بىر ھىكمەتنى ئاڭلىغانمەن: « دىن  شەك شۈبھىسىز ئىشىنىش ۋە ئېتىقادتىن گۈللەنسە،ئىلىم-پەن ئىلمىي ئىدراكى گۇمانلىنىشتىن گۈللىنىدۇ. مانا بۇ ئىلىم-پەن بىلەن دىننىڭ ماھىيەتلىك پەرقلىرىدىن بېرى».نىمە ئۇ شۇنداق ئېسىل بىلىم مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتسا ئۇنى قەستەن دىنى ئېتىقادا مەسىلىسىگە سكرەپ كېرىدۇ؟ بۇ ناداىنلىق ھەم بىلىمسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تەبىئى پەن ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ئىزدىنىش پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىتىن دېرەك بېرىدۇ. ____ ئارىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91586
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 12:21:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرۇق گەپ!
مەن ئىنكاسىمنىap~qilam نىڭ  4-قۇردىكى ئىنكاسىغا جاۋابەن يازدىم:
    بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى قانداقتۇر دىن مەسىلى بولماستىن بىلىم مەسىلىسى، يەنىي ئىلىم-پەن ئۆگۈنىش ۋە ئۇنى بىلىشكا قارىتىلغان. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى مەن بىلىكيار ئەپەندىمنىڭ بىر ماقالىسىدە مۇنداق بىر ھىكمەتنى ئاڭلىغانمەن: « دىن  شەك شۈبھىسىز ئىشىنىش ۋە ئېتىقادتىن گۈللەنسە،ئىلىم-پەن ئىلمىي ئىدراكى گۇمانلىنىشتىن گۈللىنىدۇ. مانا بۇ ئىلىم-پەن بىلەن دىننىڭ ماھىيەتلىك پەرقلىرىدىن بېرى».نىمە ئۇ شۇنداق ئېسىل بىلىم مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتسا ئۇنى قەستەن دىنى ئېتىقادا مەسىلىسىگە سكرەپ كېرىدۇ؟ بۇ ناداىنلىق ھەم بىلىمسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تەبىئى پەن ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ئىزدىنىش پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىتىن دېرەك بېرىدۇ. ____ ئارىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1446
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 470 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 12:59:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىم-پەن داۋاملىق ئوبىكتىپ دۇنيادىكى يېڭى ھادىسىلەرنى چۈشىنىش ۋە بايقاش ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىدۇ . ئىلىم-پەن ئەستايىدىللىقنى ، ئىنچىكىلىكنى ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلىم-پەن يېڭى نەرسىلەرنى ئىجات قىلىدۇ ،،،،،
گۇمان ئىلىم-پەندىكى ئەڭ ئاساسلىق پوزىتسىيەلەرنىڭ بىرى ، تەنقىد بولسا ئىلىم-پەندىكى ئەڭ ئاساسىي روھ .
ئىلىم-پەن ئۇسۇلى يېڭى بايقاشلارغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ . بۇ دەل ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئىلىم-پەن ئۆزىنى پەلسەپە ئورنىدا ئەمەس ، بەلكى ئەسقاتىدىغان ئورۇندا تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ، ئۆزىنى پەلسەپەدىن روشەن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ ،،،،،

تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ،،،،،،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فىزىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-8 01:15 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 22 توغرا دەيسىز!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 22   باھا خاتىرىسى

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3027
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5971
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2547 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 02:34:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىپ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-8 04:21 AM
قۇرۇق گەپ!
مەن ئىنكاسىمنىap~qilam نىڭ  4-قۇردىكى ئىنكاسىغا  ...

ھېكمەت ئادەم تەرىپىدىن يارىتىلىپ، قىممىتى ئادەم تەرىپىدىن يۈكسىلدۇ ياكى تۆۋەنلەيدۇ

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش