مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1205|ئىنكاس: 14

بىخەتەر توك ئشلىتىش ساۋاتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1863
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 932 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 08:31:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                         بىخەتەر توك ئىشلىتىش ساۋاتلىرى

خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۇزلىكسىز يۇقۇرى كۆتىرلىشىگە ئەگىشىپ ئائىلىلەردە   بىخەتەر توك ئشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئاددى ساۋاتلارنى ئگەللىۋېلىش مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەر توك ئىشلىتىشىگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالارمىكىن دىگەن مەخسەتتە بۇ يازمىنى يوللۇدۇم.شۇ ئارقىلىق سىلەرگە ئاز-تولا نەپ يەتكۇزەلىسەم ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھىساپلايمەن.

ھازىرقى جەمىيەتتە توك ئشلىتىش جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھىيەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ ،توك يوق ھالەتنى تەسەۋۇر قىلىش خېلىلا  قىيىن . ئائىلىلەردە يورۇتۇشقا توك ئىشلىتىش،تېلۋىزور كورۇش،توڭلاتقۇدا يىمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلاش،كىر يۇيۇش،كومپىيوتۇر ئىشلىتىش ۋە باشقا ئائىلە ئېلىكتىر ئۇسكۇنىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توكتىن ئايرىلالمايدۇ. مەيلى ئائىلە ،ئىدارە ،كان-كارخانا ۋە كوچىلاردا بولسۇن دائىم دىگۇدەك تۇرلۇك توك ئىشلىتىش ئۇسكۇنىلىرى    ۋە تۇرلۇك توك سىملىرى كۇزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.بىر قىسىم كىشلەرنىڭ بىخەتەر توك ئىشلىتىش ساۋاتلىرىدىن خەۋىرى بولمىغاچقا بەزىدە توك سوقىۋېتىش ھادىسلىرىمۇ يۇز بېرىپ تۇرىدۇ.

شۇڭلاشقا تۆۋەندە بىخەتەر توك ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئاددى ساۋاتلارنى تورداشلار    بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

1.كىچىك بالىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلك10تۇرلۇك بىخەتەر توك ئىشلىتىش ساۋاتلىرى:

(1) بىخەتەر توك ئىشلىتىش ئەسكەرتىش بەلگۇلىرىنى تونۇشنى بىلىۋېلىشى كېرەك،ئادەتتە توك ئۇسكۇنىلىرىدىكى قىزىل رەڭ  “مەنئى قىلىش”،“توختۇتۇش”دىگەن مەنىلەرنى ئپادىلەيدۇ،شۇڭلاشقا قىزىل رەڭلىك كۇنۇپكىلارنى ئۇچراتقاندا ئۇنى تۇۇتماسلىق ۋە باسماسلىق كېرەك.

سېرىق رەڭ “دىققەت قىلىڭ،خەتەرلىك” دىگەن مەنىلەرنى ئپادىلەيدۇ.

(2)توك ئېقىمى ئادەم بەدىنىدىن ئۆتكەندە يارىلاندۇرۇش ياكى ئادەم ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۇزىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش كېرەك. ئادەتتە مىتالدىن ياسالغان بويۇملارنىڭ ھەممىسى توك ئۆتكۇزىدۇ.ھەرگىز بۇنداق نەرسىلەرنى توك مەنبەسىگە تەككۇزمەسلىك كېرەك.قول بىلەن ياكى مېتال بويۇملارنى  (مەسىلەن:تۆمۇر سىم ،مىخ قاتارلىقلارنى )  توك بار ئۇسكۇنىلەرگە ياكى توك مەنبەسى قۇتىسىغا    بىۋاستە تەككۇزمەسلىك كېرەك.

(3)سۇ توك ئۆتكۇزىدۇ،شۇڭلاشقا توك ئۇسكۇنىلرىنىڭ ئچىگە سۇ كىرىپ كېتىش ۋە سۇغا چىلىشىپ قېلىشنىنڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.ھۆل قول بىلەن توك بار ئۇسكۇنىلەرنى تۇتماسلىق، ھۆل لاتا  قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن توك بار ئۇسكۇنىلەرنى ئېيىتماسىلىق كېرەك. مەسىلەن:تېلۋىزور ئوچۇق ھالەتتە تېلۋىزور ئىچىگە سۇ كىرىپ كېتىپ توك يولى ماسلا بولۇپ قېلىپ  كۆيۇپ كېتىش ياكى ئادەمنى توك سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن ھۆل لاتا بىلەن سۇرۇتمەسلىك كېرەك.

(4)باشقىلارنى توك سوقۇۋەتكەننى بايقىغاندا تىزلىكتە توك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىش كېرەك. باشقىلارنى توك سوقۇۋەتكەننى بايقىغاندا توك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىشتىن بۇرۇن ھەرگىز قول بىلەن توك سوقۇۋەتكەن ئادەمنى بىۋاستە تارتىپ قۇتقۇزماسلىق كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا سىزنىمۇ توك سوقۇۋېتىشى مۇمكىن.بۇنداق ئەۋالغا يولۇققاندا قۇرۇق تاياق ،سولىياۋ قاتارلىق توك ئۆتكۇزمەيدىغان نەرسىلەر ئارقىلىق  توك سوقۇۋەتكەن ئادەمنى توك مەنبەسى ياكى توك بار ئۇسكۇنىدىن ئايرىپ ئاندىن قۇتقۇزۇشنى باشلاش كېرەك.

(5)باش توك مەنبە ۋېكىلچاتڭل(كەيگۇئەن)بار ئورۇننى ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك.جىددى ئەۋالغا يولۇققاندا تېزلىك بىلەن باش توك مەنبە ۋېكىلچاتڭلنى ئۇزۈۋېتىش كېرەك.

(6) توك ئشلىتىش ئۇسكۇنىلىرىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن توك مەنبەسىدىن ئۇزۇۋېتىش كېرەك.

(7)توك ئۇسكۇنىلىرى،توك مەنبە سىم يولى، توك مەنبە قۇتىسى قاتارلىق توك بار ئورۇنلارنى خالىغانچە چۇۋۇپ ھەپىلەشمەسلىك كېرەك.

(8)   سىرىتقى قېپى بۇزۇلۇپ كەتكەن توك سىملىرىدىن يىراق تۇرۇش،يالىڭاچلىنىپ قالغان توك سىملىرىنى ھەرگىز تۇتماسلىق كېرەك.

(9) ۋېكىلچاتڭل(كەيگۇئەن)ئورنۇتۇلغان  ئورۇنغا يېقىن قايلاردا ئوينىماسلىق، ۋېكىلچاتڭلنى قالايمىقان مىدىرلاتماسلىق كېرەك.  

( 10)  يامغۇر ياققان ،گۇلدۇرمامىلىق چاقماق چاققان كۇنلەردە ، چاقماق توكىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن تېلۋېزور ،ياڭراتقۇ قاتارلىق ئېلىكتىر ئۇسكۇنىلىرىنىڭ توك مەنبەسىنى  تارتىۋېتىش كېرەك.

2.ئائلىلەردە بىخەتەر توك ئىشلىتىش:

(1) ئائلىلەرگەكىرگۇزۇلگەن توك مەنبە سىمىنىڭ يۇكى نورمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى،كونىراپ  كەتكەن توك سىملىرىنى ۋاختىدا ئالماشتۇپ ،تاساددىبى ھادىسلەرنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.ئاداتتە ئائلىلەرگەكىرگۇزۇلگەن توك مەنبە سىمىنىڭ توغرا كەسمە يۇزى6پىڭفاڭ ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان مىس سىم بولۇشى كېرەك.   

(2) ئائلىلەرگەكىرگۇزۇلگەن توك مەنبە ۋېكىلچاتڭل(كەيگۇئەن)نىڭ ئورنىغا ئەڭ ياخشىسى        ئورنۇتۇش لازىم.بۇ خىل يېڭىچە ئۇسكۇنىنىڭ   漏电保护器(   توك ئۆتۇپ كېتىشتىن

توك يولىدىن توك ساقىپ باشقا نەرسىلەرگە ياكى ئادەمگە توك ئۆتۇپ كېتىپ توك سوقۇۋېتىش ،توك سىمى يەرگە ياكى باشقا توك ئۆتكۇزۇشچان جىسىملارغا  تۇتىشىپ قېلىپ ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۇلگەندە تىزلىكتە توك مەنبەسىنى ئۇزۇۋېتىپ ،ئادەم ۋە ئۇسكۇنىلەرنىڭ بىخەتەرلىگىنى قوغداش جەھەتلەردە ئۇنۇملىك  رولى بار.

(3) توك سىم قاتارلىق ئۇسكۇنىلەرنى سېتىۋالغاندا ئولچەملىك ،لاياقەتلىك ئسپاتى بار، ئىشەنچلىكلىرىنى سېتۋېلىش،سىملارنى ئوزئارا ئۇلىغاندا چىڭ ،مۇستەھكەم ئۇلاپ سىرتىغا جوبۇ يوگەش لازىم.

(4) يۇقۇرى بېسىملىق توك لىنىيەلىرىنىڭ ئەتراپىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاىندا  مۇئەييەن بىخەتەر   ئارىلىق ساقلاش لازىمKV   10لۇق توك لىنىيەسىدىن 0.7مىتىر.KV 35لۇق توك لىنىيەسىدىن  1مىتىر،  KV 110 لۇق توك لىنىيەسىدىن   1.5مىتىر، KV 220لۇق توك لىنىيەسىدىن     3مىتىر ، KV 500لۇق توك لىنىيەسىدىن  5مىتىر،    750KV لۇق توك لىنىيەسىدىن  8.5مىتىر بىخەتەر  ئارىلىق ساقلاپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش لازىم   
(5) توك سىملىرىنىڭ ئۇزۇلۇپ يەرگە چۇشۇپ قالغان ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ھەرگىز تۇك سىمىغا  يېقىن كەلمەسلىك ياكى بىۋاستە قول بىلەن تۇتماسلىق،  يەرگە چۇشۇپ قالغان سىمنىڭ 8مىتىر دائىرسىنى توسۇپ باشقىلارنىڭ شۇ دائىرىگە كرىپ قېلىشنى توسۇش ھەمدە توك تەمىنلەش شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت تىلفۇنى 95598غا خەۋەر قىلىپ قويۇش كېرەك.
( 6)ئۆز ئالدىغا ئامىمۋى توك يولىدىن توك ئۇلاپ ئشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
(7)سىم يولىدىكى ئوزارا ئۇلانغان جاي چىڭ ،مۇستەھكەم ئۇلىنىشى كېرەك.ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس سىم ئۇلاش چازىسى ياكى سىم ئۇلاش تۇربىسى ئارقىلىق ئۇلاش لازىم.سىمدىكى ئۇلاق بوش ئۇلىنىپ قالغاندا .بىر مەزگىل توك ئشلەتكەندىن كېيىن بۇ ئورۇن قىزىپ ،ئاسانلا سىم ئۇزۇلۇپ كېتىش ياكى  ئوت ئاپىتى قاتارلىق  ھادىسلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.
(8) ئۆي زىننەتلەش ئېلىپ بارغاندا پەنەركە ئچىگە ئېلىنغان توك سىمى چوقۇم ئوتتا كۆيمەيدىغان تۇرۇبا ئىچىگە ئېلىش،توك سىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.
(9)  توك بىلەن ھەركەتلىنىدىغان ئۇسكۇنىلەرنى ئشلەتكەندە چوقۇم ئىزولياتورلۇق(توك ئۆتكۇزمەيدىغان) پەلەي كىيىپ مەشغۇلات قىلىش لازىم .
(10)ئائىلە ئېلىكتىر ئۇسكۇنىلىرىگە ئوت كېتىشتەك ئەۋاللارغا يولۇقققاندا ،ئاۋال توك مەنبەسىنى ئۇزىۋېتىپ ئاندىن ئوت ئۆچۇرۇش لازىم .
( 11) ئائىلە ئېلىكتىر ئۇسكۇنىلىرىگە توك ئۇلىغاندا چوقۇم توغرا ئۇلاش كېرەك،ئېنىق بىلەلمىگەندە ۋاختىدا  كەسپىي خادىملاردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.
( 12)تېلۋىزور ئانتنىسى ئورناتقاندا ،ئەتراپىدىكى توك لىنيەسى بىلەن مۇئەييەن بىىخەتەر ئارىلىق قالدۇرۇپ ئورنۇتۇش،تاساددىبى ئانتىنا ئۆرۇلۇپ سىم يولىغا چۇشۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
3. ئائىلە ئېلىكتىر ئۇسكۇنىلىرىنى ئىلمى ئاساستا ئىشلىتىپ توك تېجەش ئۇسۇللىرى:
(1) ئائىلە ئېلىكتىر ئۇسكۇنىلىرىنىڭ توك مەنبە سىمى توك توك مەنبە قۇتىسىغا مۇقۇم چىڭ ئۇلىنىلىشى كېرەك،بوش ئۇلىنىپ قالسا،توكنى ئىسراپ قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇلاق ئورنى قىزىپ كېتىپ، ئائىلە ئېلىكتىر ئۇسكۇنىلىرىنىڭ كۆيۇپ كېتىشنىى ياكى ئوت ئاپىتىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
((2توك چەينىگىنى بىر مەزگىل ئشلەتكەندىن كېيىن ،ئۇنىڭ قىزىتىش تۇربىسى ئۇستىدە بىر خىل ئاق رەڭلىك داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ،ئۇنى ۋاختىدا تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.شۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ قىزىش ئۇنۇمىنى ئۆستۇرۇپ،ئىشلىتىش ئۇنۇمىنى ئۆستۇرۇش بىلەن بىرگە توك تېجىگىلى بولىدۇ.
(3)توك دەزمىلى سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى 500ۋاتلىق ياكى700ۋاتلىق يۇقۇرى تېمپىراتۇرلۇق توك دەزمىلىنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك.بۇ خىل توك دەزمىلىنىڭ قىزىشى تېز،بەلگۇلەنگەن تېمپىراتۇرىغا يەتكەندە توكنى ئاپتۇماتىك ئۈزۈۋېتىش ئقتىدارى بار بولۇپ توك تېجەش بىلەن بىرگە ،كىيىمنى سۇپەتلىك دەزماللىغىلى بولىدۇ.
(4)توڭلاتقۇنىڭ تېمپىراتۇرا تەڭشۇگۇچىنى مۇۋاپىق تەڭشەش توك تېجەشتىكى ھالقىلىق مەسىلە.
قىش پەسلىدە تېمپىراتۇرا تەڭشۇگۇچىنى “1”گە ياز پەسلىدە  “4”كە توغرىلاپ قويۇش كېرەك.
(5) توك شامالدۇرغۇچنىڭ توك سەرىپ قىلىش مىقدارى ئۇنىڭ ئايلىنىش سۇرئىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.شۇڭلاشقا ئىشلىتىش ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن ئادەتتە ئاستا ياكى ئوتتۇرا خوتتقا توغرىلاپ ئشلىتىش كېرك.
(6)رەڭلىك تېلۋىزورنىڭ ئېكرانىنى بەك يوۇرۇق تەڭشىگەن ياكى گۇنۇسراق تەڭشەپ ئشلەتكەندىكى توك سەرپىيات پەرقى30ۋاتتىن 50ۋاتقىچە بولىدۇ.شۇڭا ئۆيدە تېلۋىزور كۆرگەندە ئۆي ئچىدە كىچىكرەك بىر چىراقنى ياندۇرۇپ قويۇپ،ئاندىن تېلۋىزورنىڭ يوۇرۇقلۇق دەرىجىسىنى توۋەنرەك تەڭشەپ كۆرگەندە كۆرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ كۆزنى ئاسان تالدۇرمايدۇ.ئۇندىن باشقا چاڭ-تۇزاڭلارنىڭ تېلۋىزور ئىچىگە سۇمۇرلۇپ كىرىشنىڭ ئالدىنى  ئالىدۇ. چاڭ-تۇزاڭلارتېلۋىزور ئىچىدە چاڭ-تۇزاڭلار كۆپ بولۇپ كەتسە تېلۋىزوردىن توك ساقىپ漏电)) كېتىپ توك سوقۇۋېتىش ،يوك سەرپىياتى ئېشىپ كېتىش،سۇرەت ۋە ئاۋازنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. تېلۋىزور كۆرۇپ بولغاندىن كېيىن توك مەنبەسىنى تارتىۋېتىش لازىم.
(7)ھاۋا تەڭشىگۇچ ئىشلەكەندە توك تېجەشتىكى ئەڭ مۇھىم نوختا شۇكى ئۇنىڭ قوزغۇلۇش قېتىم سانىنى كونتۇرۇل قىلىشتا. ھاۋا تەڭشىگۇچنى قوزغاتقاندا توك ئەڭ كۆپ سەرىپ بولىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۇچنىڭ تېمپىراتۇرسىنى بەك تۆۋەن تەڭشەپ قويماسلىق كېرەك.ئادەتتە 24-28گىرادۇسقىچە تەڭشەلسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
(8)  ئائىلە ئېلىكتىر ئۇسكۇنىلىرىنى ئشلەتكەندە گەرچە بۇ ئۇكۇنىلەرنىڭ ئاۋاز ئارقىلىق كونتۇرۇل قىلىش ،نۇر  ئارقىلىق كونتۇرۇل قىلىش ۋە يىراقتىن ئارقىلىق كونتۇرۇل قىلىش ئىقتىدارلىرى بولسىمۇ ،ئشلىتىپ بولغاندىن كېيىن توك مەنبەسىنى ئۇزىۋېتىش كېرەك .شۇنداق قىلغاندا  %10-15گىچە توك تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-7 09:21 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6052
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 801 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 09:43:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 869
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5681
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2237 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 10:21:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توك سوقۇشنىڭ بىردىنبىر شەرتى بار،  ئۇ بولسىمۇ ئادەم بەدىنىگە كىرگەن توك ئادەم بەدىنىدىن چىقىپ كېتىش.  ئەگەر توك ئادەم بەدىنىگە كىرسىمۇ چىقىپ كېتەلمىسە ئادەمنى توك سوقمايدۇ.

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1330
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 10:44:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھىتى ياخشى يېزىپسىز ئەمما بىر نەرسەنى ھاگاھلاندۇرۇشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ .بازارلاردا سېتىلىۋاتقان توك سايمانلىرى ۋە بولىپمۇ توكسىم تەك ۋىكىلچاتىل قاتارلىق بىربۆلىم توك سايمانلىرى ئىنتايىن سۆپەتسىز پەقەتلا ئۆلچەمگە توشمايدۇ .تولا ئاپەت شۇنداق سۆپەتسىز توك ماتىريالىدىن چىقىۋاتىدۇ .بۇنى ھۆكىمەت تىزدىن توغرا تەدبىر قوللانمىسا ئاقىۋىتى ياىشى بولمايدۇ .ھايان كەشلەرنىڭ جاجىسىنى بىرىش كېرەك.كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ توك ئىشلىتىشىنى بېخەتەر قىلىش كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:15:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادامغا ھەيرانمەن توكچىلىق قىلغاندا ھىچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى قوللانمايدۇ.يالىڭاچ سىمنى بىۋاستە تۇتقىنىنى كۆرسەم تىنىم جۇغۇلدايدۇ.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52315
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:20:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ساقىلسۇن توك سۇقىۋتىشتىن ھەممەيلەن ئىھتىيات قىلايلى

قىسىلمامدۇ ئەۋلادلار بوينى،
ئەجدادلاردىن مىراس بولمىسا.
قورۇنمامدۇ ئەجدادلار روھى،
مىراسلارغا ۋارىس بولمىسا.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 12:14:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،بىلۋالدىم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91139
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2924
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2013-2-4
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 04:06:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز توك توغۇرلۇق خىلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 08:49:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ ۋېكىلچاتېل كەيگۇەن ›› دېگەندىن ‹‹ ئۈز-چات ›› دېسىلا تۈگىمىدىمۇ ؟؟

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 09:30:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋېكليۇچاتېل دېگەن خەتنىمۇ خاتا يېزىپسىز. ھازىر ئۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى بار. ئۈزچات، يەنى ئۈز+چات. شۇڭا ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلىتىڭ.

«يېشىل» دېسەم «ياق، بۇ قىزىل» دېدى، «قىزىل» دېسەم «ياق، بۇ كۆك» دېدى. ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خەق نېمىلا دېسە «ھە سېنىڭكى راست» دەپ قويۇپ، ھەق توغرىسىدا ئۆز ئالدىمغا ئىزدىنىدىغان بولدۇم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش