مەخسەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،كەمىنە ئۇيغۇر ئوغلىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام،ئالىيي ئېھتىرام. بۈگۈن ھەممىڭلارنى بىر خۇش قىلىدىغان ھەم ئويلايدۇردىغان بىر تېما ئېلىپ كەلدىم. ئۇ بولسىمۇ،يېقىندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئالىمى،مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىستانلىقىغا زىيارەت قىغىلى بارغان ئىدىم. زىيارەت جەريانىدا بىر قىسىم مەسلىلەر كاللامدا پەيدا بولدى. شۇنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىش ۋە سىلەرنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىكدۇرۇش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم. قېنى ئىشتىراك قىلغايسىلەر. تېما يوللاشتىن ئاۋۋال،نېمە ئۈچۈن بۇ قەبرىستانلىقنى زىياەت قىلغانلىقىم ئۈستىدە ئازراق توختىلىمەن.
1.
بەلكىم ھەممىڭلار قۇتلۇق شەۋقى ھاجىنىڭ بۇ شېئىرىنى ئاڭلىغان بولساڭلار مۇمكىن. لېكىن بۇ شېئىر مېنىڭ بۇ تېمىنى يوللىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب. مەن بۇ شېئىر بىلەن 2011-يىلى 9 -يىللىق تىل ئەدەبىيات كىتابتا تۇنۇشقان. بۇ شېئىردا قەشقەردە ياتقان بىر قىسىم كىشىلەر تىغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇنداق بىر مىسراسى بار. <خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر> مانا بۇ مىسرا مەندە بۇ قەبرىستانلىققا نىسپەتەن تۇنجى قېتىم قىزىقىش قوزغىغان. بۇ شېئىرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنىڭ قەشقەردە ئىكەنلىكىنى بىلگەن. 2.
ئالدىنقى قېتىم مۇنبەرگە ھاجى مىززاھىد كېرىمى بىلەن كۈرۈشكەنلىك توغۇرلۇق تېما يوللىغانىدىم. ئۇنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ناملىق رۇمانىنى قانداق يازغانلىقىنى،سورىغىنىمدا ئۇمۇ مەقبەرىسىنى كۆرگەندىن كېيىن شۇ ئەسەرنى يازغانلىقىنى ئېيىتقان. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بۇرۇنقى قىزىقىشىمغا يەنە ئوت تۇتاشتى. ئىختىيارسىز ھالدا بۇ قەبرىستانلقىنى دەرھال كۆرگۈم كەلدى. لېكىن ئۇ چاغدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بارالمىغانىدىم. لېكىن بۇ ئارزۇ ئاخىرى رىياللىققا ئايلاندى.
3.
بەلكىم،مىسرانىم مۇنبىرىدە باشقۇرغۇچى تۇرسۇن مۇھەممەت(مارشال) نى تۇنۇمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. ئۇ مۇنبەردە ماڭا ئەڭ ئەڭ تەسىر قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى. بەلكىم ھەممىڭلار بىلىشىڭلار مۇمكىن،ئۇ ئىزچىل قەدىمىي قەبرىلەر،كۈمۈلۈپ قالغان مەدەنىيەت توغۇرلۇق تېما يوللاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تېمىسىنىڭ ئىلھامى مېنى بۇ مەقبەرىگە باشلاپ كەلدى.
4.
مۇنبەر ئەزاسى قۇياش يوللىغان بۇ تېمىنى بەلكىم ھەممىڭلار كۆرگەن بولساڭلار مۇمكىن. مەن بۇ تېمىنى تېخى يېقىندىلا كۆردۈم. ئۈزۈمنى قەتتىي تۇتۋىلالمىدىم. ئارزۇ ھەۋەس مېنى ھەرۋاقىت قىينىماقتا ئىدى. قۇياش يازغان يۇقىرىقى دىئالوگلار مېنى سوراققا تارىتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن 2013- يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى يىڭشەھەر ناھىيىسىدىن 6 كېلومېتىر كىلىدىغان بۇ مەقبەرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندىم.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئالىمى، مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى1019-يىلى بالا ساغۇندا تۇغۇلغان ،ئىجادى پائاليىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن ، مىلادى 1069-1070-يىللىرى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا 13290 مىسرالىق ئىپىك داستان « قۇتادغۇبىلىك » يېزىپ 18 ئايدا تاماملىغان ، داستان يېزىلىپ بولغاندا مۇئەللىپ ئۇنى خاراخانىيلار ھوكۇمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان ، تاۋغاچ بۇغراخان مۇئەللىپكە « خاس ھاجىپ » لىق ئۇنىۋانىنى بەرگەن .
« قۇتادغۇبىلىك » داستانى چوڭ ھەجىمدىكى بەدىئي ئەسەر ، شۇنداقلا شۇ دەۋىردىكى تارىخ ، سىياسىي ، ئىجتىمائي، مائارىپ ، پەلسەپە ، ماتېماتىكا ، ئاستىرونومىيە ، ھەربىي قانۇن ، تىبابەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شانلىق ئىلمي ئەسەر بولۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەردۇر . يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى 1085-يىلى 67 يېشىدا قەشقەردە ۋاپات بولغان بولۇپ ، مۇشۇ ئورۇندىكى قاراخانىيلارنىڭ خاقانىيلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ،كىيىن ئۇپىراش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەچكە 1130-يىلغا كەلگەندە مۇشۇنداق بىر ئالىمنىڭ ئىزى ئۆچۇپ كەتمىسۇن دەپ يەنى 50 يىلدىن كيىن ئۇستىخان سۆگەكلىرىنى يۆتكەپ ئەكىلىپ ئىككىنچى قىتىم مۇشۇ يەرگە قايتا دەپنە قىلغان.
1957-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۇمىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنى ئاپتونۇم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىندىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى تارىختا 4 قىتىم چوڭ كۆلەمدە رېمونىت قىلىنىپ ياسالغان ، 5- قىتىم 1986-يىلغا كەلگەندە قايتا ياسىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلتۇرۇلگەن ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ھازىرقى ئورنى قەشقەر شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە يولىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئۇنىڭ يەر كۆلىمى 11988 كۇۋادىرات مىتىر ، قۇرلۇش كۆلىمى 1900 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ، قەبرىگاھ ، مەسچىت ، خاتىرە مۇنارى ، كۆرگەزمىخانا ، كۇتىۋىلىش ئۆيى قاتارلىق 5 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان ، بۇنىڭ ئىچىدە قەبرىگاھنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 825 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ، ئۇ كاھىۋان ، قەبرە ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، كاھىۋان يايى شەكىلدىكى ئالدى ئوچۇق ، كىچىك گۇمبەزلىك 22 ئېغىز ئۆيدىن تەركىپ تاپقان ، ئۇ ئۆيلەر شىمال ، شەرىق ، جەنۇپ تەرەپتىن 9 مېتىر ئارلىقتا ئاساسي قەبرە ئۆيىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ ، كاھىۋاننىڭ تۆت تەرىپىدە يەنە ئېگىزلىكى 9.5 مېتىر كېلدىغان تۆت مۇنار بار ، قەبرە ئۆينىڭ شەرىقتىن غەرىپكىچە ئۇزۇنلۇقى 17.60 مېتىر ، شىمالدىن جەنۇپقا قەدەر كەڭلىكى 11.30 مېتىر بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەممە تەرىپى 20 خىل گۈللۇك كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن ، قەبرە ئۆيى ئىچكىركى ئۆي ، دالان دەپ ئىككىگە ئايرىلغان ، ئىچكىركى ئۆي مەخسۇس قەبرە ئىچى بولۇپ ، يەر يۈزىدىن 19.60 مېتىر ئېگىزلىكتە ، دىئامېتىرى 9 مېتىر كېلىدىغان چوڭ يۇمىلاق گۈمبەز بىلەن يىپىلغان ، ئۆينىڭ تۆت ئەتىراپىدا چوڭ –كىچىك پەنجىلىك 10 نەچچە كۆزنەك دەرىزە بار ، دالان قەبرە ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇپ ، دالان ئارقىلىق قەبرە ئۆيىگە ، ئىككى ياندىكى ئىشىك ئارقىلىق كاھىۋانغا ، ئىككى ياندىكى ئۆي ئارقىلىق يەر ئاستىغا ۋە ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايتىدىن ياساپ ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن بۇ قەبرىگاھى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللي بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن زامانىۋي قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئۆز-ئارا بىرلەشتۇرۇلگەن ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكككە ئىگە بىر كۆركەم قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ، ھەيۋەتلىكى ، پۇختا ، مەزمۇتلىقى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى سەيلى-ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ .
تۆۋە ئىككى يان تەرەپتى مەدرىس دەپ ئاتالغان كۆردۇر شەكىلدە ياسالغان ئۆيلەرنىڭ تېمىغا ئۇيۇلغان قۇتاتغۇبىلىكنىڭ بىيىتلىرىنىڭ ئويما نۇسخىسىنى كۈرۈڭ.
ئەمدى قەبرە ئىچى ۋە كۈتىۋىلىش ئۈيىدىكى بىر قىسىم رەسىملەرنى كۈرۈڭلار.
ئالىم بۇ كىتاپنى ئۆزى يازغان چىغىدا رەسمي 13290 گىراپىلىق شەكىلگە كەلتۇرۇپ يازمىغان . ئالىم بۇ كىتاپنى يازغان چىغىدا خاراقانىيلار خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمدا خانلىق تالىشىش ئىچكى بۆلۇنىش كىلىپ چىققان شارائىتتا يازغان بولغاچقا ، شۇ ۋاقىتتا تىنىچ ئوردىغا ، تىنىچ ۋەزىيەتكە ئىنتىلىش بىلەن غايىۋى ئوبرازلارنى ئۆزى يارىتىپ تۇرۇپ « ئۇدىگۇلىمىش ، ئۇدۇقۇرمىش »، « ئاي تۇلدى ، كۈن تۇغدى » قاتارلىق تۆت خىل ئوبرازلىق ۋەكىلىنى يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشلىرىنى تۆتەيلەننىڭ دىئالوگىغا بىرلەشتۇرۇپ ، بۆلەك -بۆلەك قىلىپ يىزىپ چىققان ، ئۈچ خىل كۆچۇرلمە نۇسخىسىنى باشقىلار كۆچۇرۇپ يازغاندىن كىيىن ( كۆچۇلمە نۇسخىسىنى بەزىلەر گىرمانىيەدە، بەزىلەر تۇركىيەدە دىگەنلەرمۇ بولغان ، بىراق ھېچقانداق دۆلەت تىخىچە بىزدە دەپ ئىتراپ قىلمىغان ) . كۆچۇلمە نۇسخىسىغا قاراپ تۇرۇپ تۇركىيەلىك ئشتىراقمى ئارات دىگەن ئالىم 1947-يىلى 13290 مىسرا قىلىپ شەكىلگە كەلتۇرۇپ يېزىپ چىققان ، 1984-يىلغا كەلگەندە ئېنگىلىس تىلى ، خەنزۇتى ، ياپون تىلى ، ئۇيغۇر تىلى، روس تىلى قاتارلىقلارغا تەرجىمە قىلىپ ھازىرغا قەدەر 11 خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ بىسىلغان .
شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنە بىر سائەتلىك زىيارەت ئاخىرلاشتى.يىشىم كىچىك بولغاچقا،ھەم رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارىم ياخشى بولمىغاچقا مۇشۇنچىلىك تېما يوللىدىم. كۆپچىلىكنىڭ كۆرگىگە رەھمەت.
ئاخىرقى تىلەك:
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىسىنىڭ مۇشۇنچىلىك پۇختا ساقلىنىپ قېلىنىشى،دۆلەتنىڭ ئۇنى نۇقتىلىق قوغدىلىنغان ئۇرۇن قىلىشى بىز ئۈچۈن تۇلىمۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش.ئەمما ئۇنى زىيارەت قىلدىغان كىشىلەرنى ئاز بۇلىشى بىز تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.چەت ئەللىكلەر ،ئىچكىردىكىلەر ئاتايىن شۇنچە يىراق يەردە زىيارەت قىلىپ كىتەۋاتسا.بىز زادى نېمىشقا بۇ يەرنى ئاۋات قىلمايمىز. ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلار،بىزنى دۇنياغا تۇنۇتقان بۈيۈك زاتلارنى ئەسلەش ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇليىتى ئەلۋەتتە. دۆلەت قۇرۇلماستا ئۆزىمىزنىڭ نادانلىقى تۈپەيلى نۇرغۇن مەدەنىي يادىكارلىق بۇيۇملىرىمىز چەت ئەللەرگە ئەكىتىلگەن. بىز تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ سورىقىنى تاتىۋاتىمىز. ۋىجدان ئازابى تا ھازىرغىچە بىزنى ئازابلاپ كەلمەكتە. ئەمدى بولسا گەرچە جەمىيەت تەرەققى قىلىپ،شاراىت ياخشىلانغان بولسىىمۇ،بىز يەنىلا ئويغانماۋاتىمىز. نى- نى رىستۇرانلار،تورخانىلار كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى شۇنچە ئاۋات. تالاي پۇللارنى خەجلەپ بۇ يەردە كۆڭۈل ئېچىۋاتىمىز. ئەمما بىزنىڭ ئازغىنە 30 يۇەنگە قۇسقىمىز ئاغرىپ،ئاشۇنداق ئۇلۇغلىرىمىزنى يوقلىمايمىز ئۆز تارىخىمىزنى چۈشەنمەيمىز.مۇشۇنداق كىتىۋەرسە كىيىنچە ئۇيەرلەر كىشى قەلبىدىن كۈتۈرلۈپ،ھەممە كىشى ئۇنتۇپ كەتسە........................مەن راسىنلا قورقىۋاتىمەن. ئەجداتلار ئالدىدا خىجىل بولىۋاتىمەن. قېنى دىگەنلىرىم توغرىمۇ؟ ئويلاپ كۈرۈڭ
ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن
2013-6-7
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-7 10:01 PM
|