شىنجاڭ گېزىتى ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت تورى باشقۇرۇش تارمىقى تورداشلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى- سىرتىدىكى بىر قىسىم- تور پونكىتلارنى مەخسۇس تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق،(乌鲁木齐信息港) ئۈرۈمچى ئۇچۇر پورتى،(巴格达西网) باغداش تورى قاتارلىق بەش تور پونكىتىدا تىجارەت باشقۇرۇش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، مەزمۇن بېسىش قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەر بايقالدى، ھەمدە قانۇن بويىچە مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىندى.
(乌鲁木齐信息港) ئۈرۈمچى ئۇچۇر پورتى 2004- يىلى دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ تور بەتنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت تورى كەسپىنى باشقۇرۇش تارمىقى دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىغا مەزكۇر تور پونكىتنىڭ ئىنتېرنېت تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى ئىلتىماس قىلغان.
(房产大巴扎网站)ئۆي- مۈلۈك چوڭ بازار تورىدا تۈرلۈك ئىلمىي ئۇنۋان، كىنىشكا قاتارلىقلارنى بېجىرىدىغان ساختا ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، مەزكۇر تور پونكىتى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى.
(巴格达西网)باغداش تورىدا دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپ ئۇچۇرلار تارقىتىلغان بولۇپ، ئىنتېرنېت تورىنى باشقۇرۇش تارمىقى كۆپ قېتىم بۇ پونكىتنىڭ مەسئۇلىغا تەربىيە بېرىپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بەلگىلىمە بويىچە تۈزەتمىگەن، قىلمىشى ئېغىر. «كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى خەلقئارا بىرلەشمە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، باشقۇرۇش چارىسى» غا ئاساسەن، مەزكۇر تور پونكىتىغا ئاپپاراتنى توختىتىپ ئۈچ ئاي تەرتىپكە سېلىشتەك مەمۇرىي جازا بېرىلدى.
(升学宝论坛)ئۆرلەپ ئوقۇش دەستۇرى ناملىق مۇنبەر باشقا تور پونكىتنىڭ نامىنى سۈيئىستېمال قىلىپ مۇنبەر قۇرغان، ھەمدە قىمارۋازلىق قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان زور مىقداردا قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان، مەزكۇر تور پونكىتى قانۇن بويىچە تاقىۋېتىلدى.
(网罗天下网站) تور دۇنياسى ناملىق تور پونكىتى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن، قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان، مەزكۇر تور پونكىتى قانۇن بويىچە تاقىۋېتىلدى.
تورداشلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىنتېرنېت تورىنىڭ تارقىلىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرىدۇ. ئىنتېرنېت تورى باشقۇرۇش تارمىقى ئىنتېرنېت تورى تىجارەتچىلىرىدىن قانۇن بويىچە، مەدەنىيەتلىك ھالدا تور باشقۇرۇپ، ئىنتېرنېت تورىغا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ كەڭ تورداشلاردىن قانۇن بويىچە، مەدەنىي تورغا چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساغلام، ئالغا ئىنتىلىشچان تور مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تەۋە بولغان تور باغچىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەنبە: نۇر تورى
http://www.nur.cn/news/2013/06/123588.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-7 12:50 PM