سىتۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشى نىمە ئۈچۈن شۇنچە تەس؟
فېڭ چىڭياڭ
دولان تەرجىمىسى
يەنەبىرنەچچى كۈندىن كىيىن، 2013-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتۇدېنتلار مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ. بۇيىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 1949-يىلدىن بۇيانقى ئەڭكۆپ بولغان بىريىل بولۇپ، مەملىكىەت بۇيىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى 6 مىليۇن 990 مىڭغا يىتىدۇ، بىراق مۇناسىۋەتلىك ئىستاستىكاماتىرىيالىدا ئىسپاتلىنىشىچە، بۇيىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى بولتۇرقىدىن190 مىڭ ئارتۇق ئىكەن، خىزمەتچى تەكلىپ قېلىش ئورنى بولتۇرقىدىن %15 ئاز ئىكەن. بۇخىل بىرى ئېشىپ بىرى كېمىيىش ئەھۋالى، بۇ يىللىق خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى كەسكىن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۈ. نۆۋەتتە 2013-يىللىق خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالى كۆڭىلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا نەزەرسالساق، بېيجىڭ،شاڭخەينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىش نىسبىتى %30گە، گۇاڭدوڭنىڭ %50 بارمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئىختىيارسىز « زادى نېمە سەۋەب خىزمەت تېپىشنى شۇنچە قىينلاشتۇرىۋەتتى؟ » دەپ خىتاپ قىلماقتا.
خىزمەتتېپىش تەس بولىش قانداق ئېكىستەسىر پەيدا قىلىدۇ؟
نۆۋەتتەتولۇق كۆرس ئوقۇغانلارنىڭ خىزمەت تېپىش روھى بېسىمى بارغانسىرى ئاشماقتا، يېقىنداجۇڭگونىڭ بىرقېتىملىق ئىجتىمائىي تەكشۈرۈشتە ئىسپاتلىنىشىچە، سىتودېنتلاردىن «سىزنىڭچە، قايسى ئامىللار سىزنىڭ ياخشى خىزمەت تېپىشىڭېزغا يارىدەم بىرىدۇ؟ » دەپسورىغان سۇئالغا %50 سىتودېنت «مۇناسىۋەتكە تايېنىش » دەپ جاۋاببەرگەن، يەنى كىمنىڭ مۇناسىۋېتى ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىسى ياخشى بولسا شۇ ياخشى خىزمەت تاپالايدۇ دەپ قارايدىكەن. ئەكسىچە «ئىقتىدار »، « يېڭىلىق يارىتىش روھى »، « ئېچىۋىتىش روھى » بولۇش كېرەك دەپ قارايدىغانلار%18 گىمۇ يەتمىگەن. ئەگەربىر سىتودېنتنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئىقتىدارى ساۋاقداشلىرىغا يەتمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئالاقىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا، ياخشى خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ،كىيىنكى ئۆمرىدە ياخشى ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىدىنمۇ باياشاد ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىشتىن باشقىلار قانداق تەسىراتقا ئىگە بولار؟
ئىجتىمائىي پەنگە تەۋە قانۇن كەسپىنى ئالساق، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىڭىزمۇ بىراق ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىڭىز بولمىسا سوت ياكى تەپتىش مەھكىمىسىگە كېرىشىڭىز بەسىمۈشكۈل،كىرگەن تەقدىردىمۇ شىتات يوق بولۇپ، ۋاقىتلىق خىزمەتچى، قانۇن ساقچىسى ياكى خەتباسقۇچى قاتارلىق قارا خىزمەتنى ئىشلەيسىز، بۇنچىلىك بولسىڭىز خۇداغا شۇكرىدەڭ،چۇنكى سىزنىڭ بەزى ساۋاقدىشىڭىز « قانۇن » ياكى « قانۇنشۇناسلىق » بىلەن قىلچى ئالاقىسى بولمىغان تاللا بازىرىنىڭ پۇلئالغۇچىسى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئامانلىق قوغدۇغۇچىسى، يەنەبىرقىسمى ماكدونال، كىندىجىدا ئىشلەۋاتقان بولىشى مۈمكىن، كىم بىلىدۇ يەنە بەزىلەر يۇرتىدىكى بىچارىلەردەك دىھقان ئىشلەمچى بوپكەتتىمۇ تېخى؟ ئىشقىلىپ ئۆلمەسلىك ئۈچۈن بىرەر « خىزمەت » تاپقانلقېڭىز، مەكتىۋىڭىزنىڭ« ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى » گە « ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشقان » بولىسىز!
ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان سىتودېنتلار داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇغان سىتودېنىتلارغا نىسبەتەن ئۈزىنى «كىلىپچىقىشى ياخشى ئەمەس » دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ گىپى بويىچە « ئۈچ يوق » بولۇپ،يەنى ياخشى مەكتەپ ، ياخشى ئاتا-ئانا، ياخشى نوپۇسى يوق. بۇخىل ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى يېزىلاردا « ئوقۇغاننىڭ پايدىسىيوق » دىگەننىڭ باش كۈتىرىشىنى تېخىمۇكۇچەيتىۋەتتى. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان سىتودېنىتلار دۇچكەلگەن خىزمەت تېپىشتىكى قېيىنچىلىق، كۆپلىگەن يېزىلىق سىتودېنىتلارنى باشلانغۇچ سەۋىيىسىدىكى كىشىلەر ئىشلەيدىغان گەندە تازىلاش، سىرچىلىق قاتارلىق قارا ئىشنى ئىشلەشكەمەجبۇرلىدى. يېزىدىكى ئاتا-ئانا يىمەي-ئىچمەي نەچچە يۇزمىڭ يۈەن خەجلەپ تەربىيەلەپچىققان سىتودېنىتنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى ئويلىمىغان بولۇپ، بىچارە ئانا بالىسى خىزمەتتاپالمىغاندىن كىيىن « ئاچچىقىدا دورا ئىچىپ ئۆلىۋالغان » ئەھۋاللار يۈزبەردى.خىزمەت تاپقانلارىنىڭمۇ كېرىمى دىھقان ئىشلەمچىلەرگە يەتمىگەن. مۇشۇنداق ئىكەن سىزنىڭچە « ئوقۇغاننىڭ پايدىسى بارمىدۇ؟ »
تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇلقېلىش بىلەن كىچىكتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى زىددىيەت
بۈگۈنكى جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەر، راسخۇت يىتىشمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا ئورتاق تەدبىرى، ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىغان ھەقنى كۆپەيتىش ياكى تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن قالايمىقان ھەق ئېلىش،يەنى نوقتىلىق قوبۇل قېلىش، كەسىپنى ئۆزگەرتىش، مەكتەپ يۆتكەش باھانىسىدىكى يوقۇرى ھەقلەر، كۆپلىگەن ئائىلىنىڭ كۈتۈرېش چىكىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە بەزى ئالىي مەكتەپلەر مەنپەئەتنىڭ قىززىقتۇرۇشى بىلەن، قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، مەكتەپ ئېچىش ئىقتىدارى بىلەن ھىساپلاشماي، بەس-بەستە « قىسقا،تىز » سىنىپلارنى ئېچىپ، ئالىي مەكتەپنىڭ پۇل تاپىدىغان « قىززىق كەسپ » كەئايلاندۈرۈپ، بىربۈلۈك كەسپىي « ئىختىساس ئىگىسى » نى ئەپلەپ-سەپلەپ قولدىن چىقېرىشى ۋە ئۇدا نەچچىيىل تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشى، سىتودېنتلارنىڭ ساپاسىنى ئومۇمىيۈزلىك تۇۋەنلىتىۋەتتى، جۇڭگو پۇقرالېرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھەققى زور ھەجىمدە ئۆسكەن بولسىمۇ بىراق ئوقۇش پۇتتۇرگەن سىتودېنتلارنىڭ « ساپاسى» نىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشى، سىتودېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرىۋەتتى .
تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇلقېلىش پەيداقىلغان « خىزمەت تېپىش تەس » بولىش مەسىلىسىگە قارىتا، ئالدىنقى يىللاردامۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار « كىچىكتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرېش » چارىسىنى ئوتتۇرىغاقويدى، بۇ تەدبىر گەرچە دەسلەپكى يىللاردا ئازراق ئۈنۈم بىرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىرقىسىم سىتودېنېتلار 2-3 يىل كىچىكىپ خىزمەت ئىزدىدى، بۇبىر ۋاقىتلىق چارەبولۇپ، ئۇلار ھامان ئىختىساسلىقلار بازىرىغا يۈزلىنىدىغان بولغاچقا، يېغىلىپقالغان مەسىللەر بىراقلا ئاشكارىلاندى. چۈنكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىتودېنېتلارنىڭ ھەممىسىنى ياللاپ ئىشلىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، مەكتەپتە ياللىنىپ قېپقالغان ئاشۇ بىرقىسىم سىتودېنېتلارمۇ 2-3 يىلدىن كىيىن مۇققەرەر جەمئىيەتكەيۇزلىنىدىغان بولغاچقا، ۋاقتى كەلگەندە شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن تاماق قاچىسىنى تالىشىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەر بىز مائارىپ تەرەققىياتىدىكى بۇخىل قاتمال تەپەككۇر يولىنى ئۆزگەرتمىسەك، مەملىكىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتودېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشى يىلسىرى قېيىنلىشىشىمۈمكىن.
ئالىي مائارىپتا سۈپەتكە ئەھمىيەت بىرىدىغان ۋاقىت كەلدى.
نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئالىي مائارىپىدىكى غەلىتەئەھۋال شۇكى، بىرتەرەپتە سىتودېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارياخشى خىزمەت تاپالمىغانلىقىدىن ئاغرىنسا، يەنەبىر تەرەپتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، بولۇپمۇ ئىگىلىك ساھەسى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىدودېنتلارنى ئىشلىتەلمىگەنلىكى ۋە رولىنى جارىي قىلدۇرالمىقانلىقىدىن ئاغرىنىماقتا؛ بۇنىڭغا قارىتا ئوقۇغۇچىلار « بىزگە ئوۋال بولدى، بىزنىڭ ئەمىلىيەت تەجرىبىمىز يوق » دىسە؛ ئائىلە باشلىقى « دۆلەتنىڭ ئېغىر بولغان مائارىپ ھەققى ئۈچۈن، يىمەي-ئىچمەي نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئاخىرىدائېرىشكىنىمىز، كارغا كەلمەس سىتودېنت بولدى » دەپ ئاغرىنماقتا. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ شۇنى بايقىدىكى، نۆۋەتتىكى ئىگىلىك قورۇلمىسىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلىشى،يوقۇرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارغا جىددىي ئىھتىياجلىق بولۇپ، بىزنىڭ نۆۋەتتەدۇچكەلگېنىمىز ھەقىقى ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولىشىدۇر.
ئەگەر بىزنىڭ مائارىپىمىزئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى ۋە كەسىپ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدىكەن، ئۇنداقتا بۇمەغلۇپ بولغان مائارىپتۇر، خۇددى بىرشىركەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى چىقىش قىلمايدىكەن، بۇ شىركەت ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ.بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، سىتودېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسبولۇش مەسىلىسىنى تۇپتىن ھېلقىلىشتا، چۇقىم مەكتەپلەرنىڭ ئۆزئالدىغا كەسىپ ئېچىش ھوقۇقىنى ئەمىلىيلەشتۈرىپ،مەكتەپلەرنىڭ ئۆزئالايىدىلىكىنى ئەڭزور دەرىجىدە جارىي قىلدۈرۈپ، تەربىيەلەنگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۈتۈرۈپ، ئالىي مائارىپ بىلەن جەمئىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىش مىخانىزىمىنى بەرپا قىلىشكىرەك. پەقەت ئالىي مەكتەپ ئۆزئالايدىلكى بۇيىچە كەسىپ ئېچىشنى شەكىللەندۇرەلىسە،ئاندىن يارامسىزلارنى تەربىيەلەشتىن ساقلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىھتىياجىنى چىقىشقېلىپ، كەسىپ ۋە پەننى نەزىرىيە دەرىسنى مۇۋاپپىق تەڭشەپ، ئىختىساس تەربىيەلەشتىكى يېڭى ئەندىزىنى بەرپا قىلالايدۇ.
ئۇندىن باشقا، نۆۋەتتىكى قاتمال نۇپۇس تۇزۇلمىسى، جۇڭگو سىتودېنتلىرېنىڭ خىزمەت تېپىشىدا ئادىل بولمىغان مۇئامىلەپەيدا قىلدى، نۆۋەتتە نۇرغۇن سىتودېنتلار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى تاللىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپ، مۇشۇ شەھەرلەردىن ئايرىلسا بۇ شەھەرگە مەڭگۇ قايتىپكىلەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت، شۇنىڭ ئۈچۈن ئازبولمىغان سىتودېنتلار چوڭشەھەرلەرگە يېغىلىپ قېلىشى، چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىش بېسىمىنى تەخىمۇئېغىرلاشتۇرىۋەتتى، ئۇلارنىڭ چوڭ شەھەردە مۇشۇنداق رىيازەت چىكىشكە رازى بولىشنىڭ سەۋەبى، تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن بېيجىڭ نوپۇسىغا ئۆتىدىغان خىزمەت پۇرسىتى تېپىشتىن ئىبارەت.
بىراق ياشلارغا نىسبېتەن ئېيىتقاندا،ئدىللىق بولمىغان رايۇنلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىش، كىينكى ئەۋلادىنىڭ تېخىمۇ رىيازەت چىكىدىغانلىقى ۋە ئىستىقبالى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ، جۇڭگو ئارزۇسى كۆپخىل بولىدۇ، بىراق بىر سىتودېنت ئۈچۈن ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ بىرىنچى ئارزۇسى مائارىپتىكى ئادىللىق، ئىككىنچى ئارزۇسى خىزمەت تېپىش، ئۇلارنىڭ خىزمەت تېپىشتىكى ئادىللىققا ئېرىشىشى، بىر سىتودېنتقا نىسبەتەن ئەڭ ئاددىي بولغان « جوڭگو ئارزۇسى» ھىساپلىنىدۇ.
مەنبە:
http://www.21ccom.net/articles/gsbh/article_2013052083766.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-7 11:02 AM