مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 405|ئىنكاس: 4

دانىشمەنلەرنىڭ ئەدەپ توغرىسىدا ئېيتقانلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5388
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 01:21:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ھەر قانداق ئىنسان ئۆز بەدىنىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يېيىش - ئىچىشكە مۇھتاج بولغىنىدەك ، ئىنسانىي خىسلىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەدەپكە مۇھتاج بولىدۇ . ئەدەپلىك بولمىغان ئاقىل قورال - يارىغى بولمىغان باھادىرغا ئوخشاش ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ . ئۆزىنى ئەدەپ بىلەن زىننەتلىمىگەن ئادەم ، دۈشمەنلىرىنى خوشال قىلىدۇ ،دوستلىرىنى رەنجىتىدۇ .
          ھەر قانداق نەرسە كۆپەيگەنسېرى ، ئۇنىڭ باھاسى ئەرزان بولىدۇ . ئەكسىچە ئەدەپ - ئەخلاق كۆپەيگەنسېرى قىممىتى ئېشىپ بارىدۇ . ئەدەپ بولسا ئەقىلگە نۇر بېغىشلىغۇچى ۋە سالامەتلىكنىڭ سەرمايىسىدۇر . ئەدەپلىك بولۇش ئۈچۈن ئەدەپ - ئەخلاقلىق ۋە تەربىيە كۆرگەن ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش ، تەربىيە كۆرمىگەن ، ئەدەپسىز ئادەملەرنى ئىبرەت قىلىش كېرەك .
          ئۆزىدە گۈزەل ھەرىكەت ۋە ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئەخلاقلىق ۋە تەربىيە كۆرگەن ئادەملەرنىڭ خىسلىتى . مەسىلەن : سەمىمىي بولۇش ، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ، كېسەللەرنى يوقلاپ ھال - ئەھۋال سوراش ، مۇلايىم ، ئوچۇق چىراي ، شېرىن سۆزلۈك بولۇش ، ئاتا - ئانا ، ئۇستازلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ، خەلق يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ . ئۆزىدە مۇشۇنداق گۈزەل ئەخلاقلىقنى يېتىلدۈرگەن كىشى مۇراد - مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ .

                                       ھېكمەت دۇردانىلىرى
  
           قىزغىن سەمىمىي بولساقلا باشقىلارنى جەلىپ قىلالايمىز .
           باشقىلارنى بىر قېتىم ئالدىساڭ ، ئۆزۈڭنى ئۆمۈر بويى ئالدايسەن .
           يالغان سۆزلەش ئالدامچىلىقنىڭ تۇنجى قەدىمى .
           سەمىمىيلىككە سۆز ، گۈزەللىككە پەرداز ھاجەتسىز .
           دوستلار ئىشەنچىگە ئېرىشىشتە سادىقلىققا تايىنىش ، خاتالىقىنى تۈزىتىشتە سەمىمىيلىككە تايىنىش كېرەك .
           ئالدىراپ قىلغان ئىشنىڭ ئۆمرى قىسقا .
            ئارزۇ - تىلەكلىرى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ .
            ئۆزىگە ئىشەنچ باغلىغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ .
            سەۋىر __ ئىككىنچى ئەقىلدۇر .
            كۆپنى بىلگۈچىلەر ئەمەس ، بىلىمى مەنپەئەت بەرگۈچىلەر دانادۇر .
            يوقسۇزلۇقتىكى دوست ئايرىلمايدىغان دوست .
             ئەقىلسىز باشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ .
             بىلىمسىزلىك خۇراپاتلىقنىڭ ئانىسى .
             تاماخورلۇق ئىنساننى ھاقارەت قامچىسى بىلەن ئۇرۇپ خار قىلغۇچىدۇر  .
             كېرەكسىز ئادەمنىڭ دۈشمىنى بولمايدۇ .
             دۈشمىنىڭنىڭ ئۆلىمىنى تىلىگىچە ، ئۆزۈڭنىڭ ئۆمرۈڭنى تىلە .
             ھەسەتخور ئادەم چايان ، ئۇنىڭ نەشتىرى ئاخىر ئۆزىگە سانجىلىدۇ .


        
         
                مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qiqak1219 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-7 01:21 AM  


ھاياتىڭىزدا كىشىلەر دېڭىز دولقىنىغا ئوخشاش كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ . لېكىن ناھايىتى ئاز كىشىلەر قەلبىڭىزدە ئۆچمەيدىغان ئىزلارنى قالدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 01:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپنى بىلگۈچىلەر ئەمەس،بىلىمى مەنپەئەت بەرگۈچىلەر دانادۇر!
بەك يارىدى.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1866
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 06:53:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،بىلۋالدىم

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 12:21:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 12:22:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش