مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1061|ئىنكاس: 10

خىيالى:ئىككى ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 499
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 09:47:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                 ھەقىقىي جاۋابكار
                                                       ھېكايە
                                                      خىيالى

   ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى دەرۋازىسى ئالدىدا،بىر قانچە قوشنىلار پاراڭ سىلىپ تۇراتتۇق.قوشنام ئادىل شىمنىڭ يانچۇقىدىن بىر قاپ تاماكىنى ئالدى ۋە تۆت-  بەش تال تاماكىنى بىزگە سۇندى.تاماكا سۇنىلىپ جاپپارغا كەلگەندە،جاپپار بىشىنى لىڭشىتىپ چەكمەيمەن دېگەن ئىشارەتنى قىلدى.
-تاماكىنى تاشلىغانمىدىڭ؟-دەپ سورىدىم جاپپاردىن.
-بالىنىڭ ئالدىدا چەكمەي-دېدى جاپپار، ئالدىدا تۇرغان يەتتە ياشلىق ئوغلىغا  قاراپ قويۇپ.
-توغرا گەپ قىلدىڭ.بالىلارغا بىزنىڭ ياخشى-يامان ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى  تەسىر قىلىدۇ،ئۈلگە بولىدۇ.بىزمۇ چەكمەيلى قوشنىلار.ئۆزىمىزنىڭلا ئەمەس،باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بالىلىرى بار بۇيەردە-دېدى،رەھىم ئاكام.شۇنىڭ بىلەن تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ بولغانلار،رەھىم ئاكىنىڭ يۈزىنى قىلدىمۇ ياكى جاپپارنىڭ بالىسىنى دېدىمۇ،تاماكىنى يەرگە تاشلىدى.
-جاپپار، ئۆتكەنلەردە بالاڭنىڭ ئالدىدا چېكىۋىرەتتىڭغۇ؟قاچانلاردىن بىرى بالاڭنىڭ ئالدىدا  چەكمەس بولدۇڭ؟-قىزىقىپ سورىدىم جاپپاردىن.
-ماڭا بالام،بىرىپ ئاداشلىرىڭ بىلەن ئوينا-.جاپپار بالىسىنى كەتكۈزۋىتىپ،  گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
-ئۆتكەن ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىمۇ ياكى چارشەنبە كۈنىمۇ ،ئىشتىن قايتىپ  كېلىپ ھاجىتىم بەك قىستاپ كەتكەنلىكتىن ئۆيگە چىقىپ بولغۇچە دەپ، ئولتۇراق رايۇندىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىردىم.ھاجەتخانىدا ئوغلۇم بىلەن ئۇدۇل بىنادىكى شەۋكەتنىڭ ئوغلى تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇپتۇ. كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا  قالدىم  ئۆيگە كىرىپ بالامنى سوراق قىلغاندىم،ھەممىسى ئۆزۈمگە ياندى.
-قانداق-دەپ سورىدىم يەنە.
-قانداق بولاتتى.تاماكا چىكىشنى نەدىن ئۆگەندىڭ دېسەم،سەندىن دېمەسمۇ.مېڭەمدىن تۈتۈن چىكەتتى.ئەسلى راسا بىر ساۋاب قورقۇتۇپ قوياي دەپتىم،بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىيتىمدىن ياندىم.ھەم چىرايلىق تەربىيە قىلىپ،تاماكا چەكمەسلىكنى ئېيتىم.شۇنۇڭدىن بۇيان ھەر قانچە خۇمارىم تۇتۇپ كەتسىمۇ،بالىنىڭ ئالدىدا  تاماكا چەكمەس بولدۇم.ئويلاپ بىقىڭلار.ھازىر مېنى دوراپ تاماكا چەكسە،ئەتە ئۆگۈن ھاراق ئىچىدىغان بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇلارغا ئۆگىنىپ قىلىپ تاشلىيالمايدۇ.
بالىلىرىمىزنىڭ تاماكا چەككىننى،ھاراق ئىچكىننى كۆرسەك،گۇناھنى ئۇلارغا،ئۇلارنىڭ ئاغىنىلىرىگە قويۇپ،تىللاپ ئۇردىكەنمىز.لېكىن شۇلارغا ئۈلگە بولغان،تەسىر قىلغان،ئۆگەتكەن ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى،ھەقىقى جاۋاپكارنىڭ ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى ئويلىمايدىكەنمىز.
-ھەي ئۇكا-دېدى،رەھىم ئاكا ئۇھسىنىپ:
-ھازىر ياشلىرىمىزلام ئەمەس،ئىككى - ئۈچتىن بالىلىرى بار ئاتىلار ھەتتا چىچىغا ئاق كىرگەن بوۋايلارمۇ،ئاممىۋى سورۇن بولامدۇ،ئاتا-ئانىلىرى،ئۇرۇق-تۇغقان  ئالدىدا بولامدۇ،چېكىۋىرىدۇ دېگىنە.خۇددى ئۇلارنىڭ بالىلىرى،نەۋىرلىرى يوقتەك.
-شۇنۇڭ ئۈچۈن ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئىي قىلساق،بولسا تاماكىنى تاشلىساق-جاپپارنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا:
-نەدە قالدىڭ ئاداش.ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ بىر قىسىملىرىغا تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ،ياكى ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تاماكا چەكمەڭ  دەپ ،يوغان قىلىپ يېزىپ قويسىمۇ رىئايە قىلىشماۋاتسا بۇ خەق-دېدى مۇرات.
  مۇراتنىڭ سۆزى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.ھازىر كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى،ئاڭ-سەۋىيەسى ئۆسكەنسىرى،قانۇن-قائىدىلەرگە بويسۇنمايدىغان،ئەدەب-ئەخلاق نىزاملىرىغا رىئايە قىلمايدىغان ھەتتا مىللى ئۆرۈپ-ئادەت،مەدەنىيەت ئەنئەنسىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدى.
قىلماڭ دېگەن ئىشقا ئېسىلىۋالىدىغان،قىلىڭ دېگەن ئىشقا يېقىن يولىمايدىغان.چوڭلارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي ، ئۆزى  بىلگەننى قىلىدىغان.چوڭ-كىچىكلەر ئىززەت-ئىكرامنى يوقاتقان.ئاكا-ئۇكا،ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدا پەتىشەپ بۇزۇلۇپ
تەڭ چېكىپ،تەڭ ئىچىپ يۈرىدىغان.قىزلىرىمىز شەرمى-ھايادىن چەتنەپ كەتكەن .ۋاپادارلىق،دوسلۇقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان. مانا بۇ ھاز ىرقى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى،ئاڭ-سەۋىيەسى.
                         #        #          #              #              #             #
                                                   چۈش
                                                 ھېكايە
                                                 خىيالى

بۈگۈنمۇ ئادەتتىكى كۈنلەردىكىگە ئوخشاش چۈش كۆرۆپتىمەن .لېكىن بۇ چۈشۈم، كۆرگەن
باشقا چۈشلىرىمگە قارىغاندا،ئاجايىپ بىر  چۈش.
شۇنداق ،چۈشۈمدە نېمىنىدۇر ئىزدەپ يۈردىكەكمەن.ئىزدېگەن نەرسەمنى تاپالماي ھىرىپ
ھالىمدىن كېتىپ ،بىر قېرى سۆگەتكە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ،ئۇيقۇ ئىچىدە يەنە ئۇيقۇغا كېتىپدىمەن.
قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن.بىرىنىڭ مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغىنىدىنلا ،ئۇيقۇ ئىچىدىكى ئۇيقۇمدىن
ئويغىنىپ كەتتىم. كۆزۈمنى ئىچىپ قارىسام، ئاپئاق ساقىلى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان،
مەن چۆچەكلەردە ئاڭلىغان، خىزىر بوۋايغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر بوۋاي ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. بوۋاي:
-ئەجەب ئۇزۇن ئۇخلاپ كەتتىڭيا،- دەپ سورىغاندىلا،باياتىنىڭياغى بوۋايغا قاراپ قىتىپ قالغان     تىنىم ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى.
-نى ،نى  نېمە،-تىلىم تېخى ئەسلىگە تولۇق كېلىپ بولالمىغان چېغى ،كېكەشلەۋاتاتتى.
-مەن ئۇيقۇغا ئەمدى كىرىشكەن تۇرسام ،قانداقىسىگە ئۇزۇن ئۇخلىغان بولىمەن.-؛
-بالام،سەن ئۇخلىغاندىن تارتىپ ،مەن سىنى ئويغاتقۇچە بولغان ئارلىقتا،باشقىلار بۇنداق
ئۇيقۇدىن يەتتىنى ئۆتكۈزۈپ بولدى-دېدى بوۋاي.
-ھە، مەن يەتتە كېچە –كۈندۇز ئۇخلىدىمما-؛
-شۇنداق ، ئويغاتمىغان بولسام قانچىلىك ئۇخلار بولغۇيتۇڭ-؛
-مىنڭ يەتتە كېچە-كۈندۈز ئۇخلىغېنىمنى ،سىلە قانداق بىلىلا ياكى مېنى ئالداداملىيا؟  سىلە زادى كىم؟ –سورىدىم مەن بوۋايدىن.
-ھا ، ھا ،ھا ،-قاقاقلاپ كۈلدى بوۋاي .
- مەن دېگەن خىزىر تۇرسام ،نېمىشقا ئۇقمىغۇدەكمەن .  -؛
-نى ، نى ،نېمە. خى ،خىزىر بوۋاي .-تىلىم،يەنە كېكەشلىدى.
-بالام ،سەن بەك ئۇزۇن ئۇخلاپ كەتتىڭ .ھازىر دىۋىلەرمۇ بۇنداق ئۇزۇن ئۇخلىمايدۇ. قارىغاندا
سەن بەكلا ھىرىپ  ھالسىزلىنىپ كەتكەچكە، شۇنداق ئۇزۇن ئۇخلاپ كەتكەن ئوخشايسەن.
ئىيقىنا، سىنى شۇنچىۋىلا ھاردۇرۋەتكەن زادى قانداق ئىش ئۇ –دېدى ،خىزىر بوۋاي.
-بىلمەيمەن .ئىشنى قىلىپ بىر نەرسىنى ئىزدەپ ماڭدىم ،ماڭدىم تاپالمىدىم.ئاخىرى ھىرىپ
كەتكەنلىكتىن ،ماۋۇ سۆگەتكە يۆلۈنۈپ بىردەم ئارام ئىلىۋالاي دەپ ئولتۇرۇپ ،ئۇيقۇغا كېتىپ
قاپتىمەن -؛
-ھەي نادان بالا ، .تېخى ئۆزۇڭنىڭ نېمە ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلمىسەڭ،ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى مىڭ قېتىم ئايلانساڭمۇ تاپالمايسەن .نىشانسىز ماڭغان قەدەملەرنىڭ ھەممىسى ،ساڭا ئوخشاش ،ھالسىزلىنىپ يىقىلىدۇ.ھېلى بۇ ئىشنى قىلىپ ،ھەپتە ئۆتۈپلا يەنە باشقا ئىشنى قىلىپ ،بىر
ئىشنى باشقا ئەپ چىقالماي يۈرگەنلەر، ئۆزىنىڭ ئۆمىرىنى ،ئۆزى قىسقارتىۋىتىدۇ. بولۇپمۇ ساڭا
ئوخشاش ياشلار ئازراق جاپانى دەپ، بۇ ئىشنى تېخى ياراتماي ،ئۇ ئىشنى تېخى ياراتماي ، ئاسان
ئىشنى تېخى تاپالماي ، ئۆزنىڭ قولىدىكى بەخىتنى ئۆزى قولدىن بىرىپ قويۇۋاتىدۇ. سەنمۇ شۇلارغا ئوخشاش ،بەخت قولاڭدا تۇرسا ،بەخت ئىزدەپ مىڭىپسەن –دە.بالام،  بۇ گەپلىرىمنى ئىسىڭدىن
چىقرارما. بەخت دېگەن سىنىڭ پىشانەڭدە ،سەن پىشانەڭدىن تەر ئاققۇزمىساڭ ،ئۇ ئۆزىنى
كۆرسەتمەيدۇ-دېدى خىزىر  بوۋاي .
-تەلىملىرىگە رەھمەت بوۋا .مەن ئەمدى بىكار دىن بىكار يول ماڭمايمەن .سىلىنىڭ دېگەنلىرى
بويىچە ،پىشانەمدىن تەر ئاققۇزۇپ …… - ؛
سۆزلىرىم تۈگىمەستىنلا ،خىزىر بوۋاي كۆز ئالدىمدىن  دەقىقە ئىچىدە غايىب بولدى .
مەن ،‹‹بوۋا ،بوۋا ›› دەپ ۋارقىراپ ، ئويغۇنۇپ كەتتىم.   
##########################################################     

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95698
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 11:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92993
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 12:07:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ،خىيالىي بۇرادەر تېخىمۇ تىرىشىڭ .

يا كۆرۈندىگىنىڭدەك بول،يا بولغىنىڭدەك كۆرۈن.

-------مەۋلانە جەلالىددىن رۇمى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 12:55:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈش كۆرگەنلەر مۇشۇنداق پەيزى كۆرۈڭلار.ھەممە ئادەمگە تېتىغۇدەك.
بولمىسا جىم ئۇخلىغان ياخشى جۇمۇ؟. ھې ھې ھې

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 806
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1486
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 01:18:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95412
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 01:24:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1356
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 02:52:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك ھىكايىكەن،بەزى ئىشلاردىكى مەسئۇلىيەت راسلا چوڭلاردا،ئۆزىمىز دىققەت قىلىشىمىز كىرەك،مەندەك شۇمنىغۇ تىخى چوڭ دەپ  كەتكىلىمۇ بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1356
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 02:54:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-6-7 01:18 AM

بۇ فىلىمدىن ھېچنىمىنى چۈشەنمىدىمغۇ مەن؟ۋىلىسپىتنى تارتىشىپ يۈرۈپتۇ....

ئۆزياش←شېئىرغا ئامراق يۈرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6925
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 08:32:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىش بار ئىدى ياردەم قىلساڭلار.بىزنىڭ مەكتەپتە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئۆتكىزىلىدىغان مەشرەپ پائالىيىتى بار ئىدى،ئەمدى بۇنىڭ رىياسەتچىلىكىنى مېنىڭ بىر دوستۇم قىلىدىكەن،بىراق ئۇ سەھنە سۆزىگە گەپ تاپالماي قاپتۇ،مەنمۇ ئويلاپ ئانچە مۇۋاپىق گەپلەرنى تاپالمىدىم،مۇشۇ تەرەپتىن بىلىمى بار تورداشلار شۇ توغۇرلۇق(ئايرىلىش) ئىسىل جۈملىلەرنى ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار،شېئىر بولسىمۇ بولاتتى،ئامال بار تېزراق تەييار بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى،پائالىيەت ئەتە كەچ، بۈگۈنئكەچ رېپىتىس قىلىدىكەن. كۆپ رەھمەت.

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 09:33:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
handanjan يوللىغان ۋاقتى  2013-6-7 08:32 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز  ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ساۋاقداشلار،ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر!(............)بىر گۈزەل ئارزۇ شۇ ئىشنى يېرىم تاماملىغانغا باراۋەر.ئەمما تىرىشماسلىق نەتىجىنى نۆل قىلىدۇ.تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىڭلارنىڭ تۈگەنجىسى،نەتىجىسىگە شاھىد بولغان مۇشۇ مىنۇتلار ئالىي مەكتەپ،مۇكەممەللىككە بېسىلغان بىر مۇھىم قەدەمدۇر!ساۋاقداشلارنىڭمۇ شۇنداق چۈشىنىپ يىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل! ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك سىلەرنىڭ مانا مۇشۇنداق ھاياجانلىق،شەرەپلىك مىنۇتلىرىڭلارغا ھەمدەمدە بولۇش،سىلەرگە مەدەت بېرىش،ھەم سىلەرگە مۇشۇ ۋاقتىڭلارنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن لايىقىڭلاردا بولمىسىمۇ بۇ مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز!ئالقىش سادالىرى ئىچىدە باشلاپ كىتەمدۇق؟!!!!!!!
مەن ئۆز تەسەۋۋۇرۇم بويىچە جۆيلۈپ باقتىم.قالغىنىغا بىلىمىك،تەربىيە كۆرگەن،تەجىربىلىك مىسرانىمداشلارمۇ ئاز ئەمەس!ئۇلارنىڭكىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشمۇ بىر شەرەپلىك ئىش.
        –فەتھۇللاھ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fathullah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-7 09:35 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش