مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1378|ئىنكاس: 5

مىجەز-خاراكتىر-كەيپىيات-ھېسسىيات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 499
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 09:28:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىجەز-خاراكتىر-كەيپىيات-ھېسسىيات
مىجەز-

مىجەز بولسا ئادەمدە بولىدىغان پىسخىك پائالىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت.ئۇ ئاساسلىقى نېرۋا جەريانىنىڭ كۆپ ئالاھىدىلىكىنىڭ ھەركەتتە ئىپادىلىنىشى بولۇپ،كىشىلەرنىڭ ھەركىتىنى ئۇنداق ياكى مۇنداق مۇستەققىل ئۇسلۇپقا ئىگە قىلىدۇ.كۈندىلىك تۇرمۇشقا نەزەر سالدىغان بولساق،بىز ئوخشاش بىر ئىشقا نىسبەتەن بەزى ئادەملەرنىڭ خاتىرجەم بولالماي كەيپىياتتا جىددىيلىشۋاتقانلىقىنى،بەزىلەرنىڭ تەمكىن،تۇراقلىق بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

مىجەز تىپى ۋە ئالاھىدىلىكى-

پاۋلونىڭ نېرۋا پائالىيتى تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا،مىجەز ئاساسلىقى چوڭ مېڭە پوستىلىقى نېرۋا جەريانىنىڭ ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن ھەركەت ئالاھىدىلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.نېرۋا جەريانىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك،تەڭپۇڭ ۋە جانلىقلىقتىن ئىبارەت.بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئوخشىمىغان بىرلىششى 4خىل تىپىك مىجەزنى،يەنى جانلىق تىپ،قوزغىلىشچان تىپ،تىنىچ،خاتىرجەم تىپ ۋە ئاجىز تىپلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ ئەنئەنۋىي تىپلارغا ،كۆپ قانلىق،سەپرا،بەلغەم ۋە سەۋدا قاتارلىق 4 خىل مىجەز تىپى ماس كېلىدۇ.

1.جانلىق يەنى كۆپ قانلىق تىپ:

بۇ تىپقا تەۋە بولغانلارنىڭ نېرۋا جەريانى كۈچلۈك،تەڭپۇڭ ھەم تېتىك بولىدۇ. ئالاھىدىلىكى-سىزىمجانلىقى ئاجىز،چىدامچانلىقى كۈچلۈك،ھەركەت ئىنكاسى جانلىق،ئۆتكۈر،كەيپىيات ئىپادىسى روشەن ۋە ئۆزگىرىشچان.تاشقى مايىللىققا ئىگە.ھەركەتنىڭ ئەۋرىشىملىكى يۇقىرى بولۇپ،سىرىتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاسانلا ماسلىشالايدۇ.

2.قوزغىلىشچان يەنى سەپرا تىپ:

ئۇنىڭ نېرۋا جەريانى كۈچلۈك ئەمما تەڭپۇڭسز ھەم جانسىز.ئالاھىدىلىكى-سىزىمچانلىقى ئاجىز،مۇئەييەن چىدامچانلىققا ئىگە،مۇسبەت ھەركەت ئىنكاسى تېز ھەم ئۆتكۈر،لېكىن جانلىق ئەمەس. كەيپىياتنىڭ كونتىرول قىلىشى ئاجىز،ھېسسىياتتا ئاسانلا ھاياجانلىنىش كۆرىلىدۇ.سىرىتقا مايىللىقى روشەن،ھەرىكەتتە مۇئەييەن ئەۋرىشىملىككە ئىگە.

3.خاتىرجەم يەنى بەلغەم تىپ:

ئۇنىڭ نېرۋا جەريانى كۈچلۈك،تەڭپۇڭ ئەمما جانسىز.ئالاھىدىلىكى-سىزىمچانلىقى ئاجىز،چىدامچانلىقى كۈچلۈك،ھەركەت ئىنكاسى جانسىز ھەم ئۆتكۈر ئەمەس.تۇراقلىق كەيپىياتنىڭ كونتىروللىقى كۈچلۈك،ھېسسىياتى ئاسان ئاشكارلانمايدۇ.ئىچكى مايىللىققا ئىگە.ھەركىتىمۇ مۇئەييەن ئەۋرىشىملىككە ئىگە.

4.ئاجىز يەنى سەۋدا تىپى:

ئۇنىڭ نېرۋا جەريانى ئاجىز،تەڭپۇڭسىز،جانسىز،سىزىمچانلىقى كۈچلۈك،چىدامچانلىقى ئاجىز،ھەركەت ئىنكاسى ئاستا،ئۆلۈك كەيپىياتى تۇراقىسىز،ئىچكى مايىللققا ئىگە،ھەركەت ئەۋرىشىملىكى ئادەتتىكىچە.

ئەمەلىيەتتە،يۇقىرىدا ئېيتىلغان تىپلار ئىچىدە مەلۇم بىر تىپقا مەنسۇپ بولدىغانلار ناھايىتى ئاز،ئارلىق(ئارلاشما)تىپقا تەۋە بولدىغانلار كۆپ.

خاراكتىر-

خاراكتىر دېگىنىمىز-شەخسنىڭ رېئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيە ۋە ھەركىتىدە ئىپادىلىندىغان بىر قەدەر تۇراقلىق ھەم يادرولۇق ئەھمىيەتكە ئىگەبولغان ئىندىۋىدۇئاللىق ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت. بۇ خىل پىسخىك ئالاھىدىلىك ئۆز-ئۆزىنى تونۇشنىڭ تەڭشىشى ئاستىدا شەكىللەنگەن،شۇنداقلا شەخسنىڭ ئۆزىدە دائىملققا،ئادەتكە ئايلانغان بەزى ئىدىيە ھەركىتىدۇر.

خاراكتىر-ئىندىۋىدۇئالىقنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ يادروسى.

خاراكتىر قۇرۇلمىسى-

1.ئاقىلانىلىك ئالاھىدىلىكى.بۇ ئالاھىدىلىك بىلىش جەريانى ۋە ئەقلى قابىلىيەت جەھەتتىكى بارلىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى،خاراكتىرنىڭ ئاقىلانىلىك جەھەتتىكى بەلگىلىرىدىن تەشكىل تاپقان.مەسلەن:سەزگۈ،ئىدراك،خاتىرە،تەپەككۇر،خىيال قاتارلىق پىسخىك جەريانىدۇر.

2.پوزىتسىيە ئالاھىدىلىكى-كوللىكتىپ جەميەتكە قارىتا بەزىلەر سەمىيمىلىك قىلىدۇ.بەزىلەر ساختىپەزلىك قىلىدۇ.باشقىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىدۇ،بەزىلەر يەككە-يىگانە يۈرىيدۇ.ئەمگەك،خىزمەت،ئۆگىنىشتىمۇ بەزىلەر قىزغىن،ئەمگەكچان،ئىجادچان كېلىدۇ،بەزىلەر ھورۇن،سوغۇق،كونسىرۋاتىپ كېلىدۇ.بەزىلەر ھاكاۋۇر،ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ،بەزىلەر كەمتەر،ئۆزىگە ئىشىندىغان كېلىدۇ.

3.ئىرادە ئالاھىدىلىكى-بۇ ئۆز-ئۆزىنى تونۇشنىڭ ئىدىيۋىي ھەركەتكە قارىتا تەڭشەش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ،ئۇ ھەركەتنىڭ مەقسەتچانلىقى،كەسكىنلكى،قەتتىيلىكى ۋە شەخسنىڭ ئۆز-ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقدارىنىڭ بار-يوقلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4.كەيپىيات ئالاھىدىلىكى-بۇ كەيپىياتنىڭ كۈچلۈك،ئاجىز بولىشى،تۇراقلىك ياكى تۇراقىسىز بولىشى،يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولىشى،خۇشال-خۇرام ياكى چۈشكۈن،غەمكىن بولىشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

يۇقىرىقى ھەرخىل ئامىللار ئىدىيە ھەركىتىنىڭ ئوخشىمىغان تەرىپىگە ئاساسان ئايرىلغان بولۇپ،ئۇلار ئوتتۇرسىدا يەنە باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت بار.

خاراكتىر تىپى-

1.فۇنكىسسىيە تەلىماتىغا ئاساسەن،قايسى خىل پىسخىك فۇنكىسسىيە رولى (ئاقىلانىلىك،ئىرادە،كەيپىيات)نىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىللىشنى ئۆلچەم قىلىپ،تۆۋەندىكىدەك بۆلۈشكە بولىدۇ:

(1)ئاقىلانىلىك تىپىدىكى خاراكتىر:ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتىكى تەڭشەش رولى بىر قەدەر مۇككەممەل بولۇپ،مەسلىنى ماھىرلىق نىلەن تەھلىل قىلالايدۇ.ھەركەتنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ يېتەلەيدۇ.ھەركىتى سالماق ۋە جانلىق،ھەركەت ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

(2)كەيپىيات تىپىدىكى خاراكتىر: ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتىكى تەڭشەش رولى ئانچە مۇككەممەل ئەمەس.كەيپىيات ئاسان ئۆزگىرىدۇ. ھەركىتى كۆپۈنچە كەيپىيات تۈسىنى ئالغان بولۇپ،ئاسانلا ھېسسىياتقا بىرىلىپ كېتىدۇ.

(3)ئىرادە تىپىدىكى خاراكتىر: ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتىكى تەڭشەش رولى بىر قەدەر مۇككەممەل،ھەركەت مەقسىتى ئېنىق.قېيىنچىلىقنى ماھىرلىق بىلەن يېڭىپ،ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندايدۇ.

(4)ئوتتۇرا  تىپتىكى خاراكتىر: كۆپۈنچە ئىككى خىل پىسخىكىلىق فۇنكىسىيە بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.مەسلەن: ئاقىلانىلىك تىپ ۋە ئىرادە تىپى.

يۇقىرىقى تۆت خىل تىپنى پوزىتسىينىڭ رېئال ئەھمىيتىگە ئاساسەن،ھەر بىرىنى ئۆز ئىچىدىن ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ.

مەسلەن:ئاكتىپ ئاقىلانىلىك تىپى ۋە پاسسىپ ئاقىلانىلىك تىپى.ئاكتىپ كەيپىيات تىپى ۋە پاسسىپ كەيپىيات تىپ.ئاكتىپ ئىرادە تىپ ۋە پاسسىپ ئىرادە تىپ.ئاكتىپ ئوتتۇرا تىپ ۋە پاسسىپ ئوتتۇرا تىپ.

2.پىسخىك پائالىيەتنىڭ مايىللىقىغا قاراپ تۈرگە ئايرىش.

شەخىسنىڭ پىسخىك پائالىيتىنىڭ تاشقى ياكى ئىچكى مايىللىققا قاراپ خاراكتىرنى:

(1)تاشقى مايىل تىپ:تاشقى مايىل تىپتىكىلەرنىڭ ھېسسىيات ئىپادىسى روشەن.بۇخىل تىپتىكى ياشلار ئەركىن،ئوچۇق-يورۇق بولۇپ،دەرھال بىر قارارغا كېلەلەيدۇ.ئىچىدە گەپ ياتمايدۇ.كۆڭلى تۈز،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ماھىر.

(2)ئىچكى مايىل تىپ:بۇ تىپتىكىلەر ھەممە ئىشتا ئېھتىياتچان كېلىدۇ.باشقىلارغا ئانچە ئارلاشمايدۇ. ئالاقىلىشىش دائىرىسى تار.مۇھىتقا ماسلىشىشى قېيىنراق بولىدۇ،باشقىلاردىن سىر ساقلىمايدۇ.

(3)ئىتائەتچان ۋە مۇستەققىلچانلىققا قاراپ: ئىتائەتچان تىپ ۋە مۇستەققىل تىپ.

خاراكتىر تىپىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ.بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە مەلۇم خاراكتىر ئالاھىدىلىكى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن بولىدۇ.لېكىن تۇراقلىق بولمايدۇ.مۇشۇ ۋاقىتتا ئاسانلا ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

مىجەز بىلەن خاراكتىرنىڭ مۇناسىۋىتى-

مىجەز نېرۋا جەريانىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىدىن قارىغاندا،مىجەز تۇغما ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.



مۇئەييەن شارائىتتا،ئۆز-ئۆزىنى تونۇشنىڭ تەڭشەش رولى(خاراكتىر) ئەسلىدىكى مىجەز بىلەن بىردەك بولىشى ياكى بىردەك بولماي،ئىجابىي جەھەتتىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىمۇ ياكى سەلبى جەھەتتىن بوغۇلىشىمۇ ياكى ئۆزگىرىشىمۇ مۇمكىن. بۇ  خاراكتىرلەشكەن مىجەزنىڭ شەكىللىنىشىدەك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ مىجەز پۈتۈنلەي يوقالدى دېگەنلىك ئەمەس.خاراكتىر مىجەزنى يوقتالمايدۇ.

خاراكتىر شەكىللەنگەن ئىكەن ئۆزگەرمەي قالمايدۇ.ئەگەر ئىجتىمائىي رېئاللىقتا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە،شەخىسنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش رولىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن خاراكتىرمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىجەزدىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ.

كەيپىيات ۋە ھېسسىيات-

كەيپىيات بىلەن ھېسسىيات ئوبىيكتىپ رېئاللىققا بولغان بىر خىل ئالاھىدە ئىنكاس شەكىلى بولۇپ،كىشىلەرنىڭ ئوبىيكتىپ شەيئىلەرگە بولغان پوزىتسىيسىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈلىشى.كەيپىيات بىلەن ھېسسىيات ھەم بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ ھەم ئۆز ئارا باشلىنىشلىق بولىدۇ.

ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا،پەقەت شەيئىلەرگە بولغان يۈزەكى بىلىش (ھېسسىي بىلىش) ۋە ئۇنۇڭغا تۇتۇلغان پوزىتسىينىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە مۇقىم بولماسلىقى كەيپىياتقا مەنسۇپ.كەيپىيات قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

شەيئىلەرگە نىسبەتەن،بىر قەدەر چوڭقۇر بىلىشكە ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئەمەلىيەتتە مەلۇم قانائەت ھاسىل قىلىش،ئۇنڭغا بولغان پوزىتسىيە نىسبەتەن مۇقۇم بولۇش ھېسسىياتقا مەنسۇپ.

ھېسسىيات كىشىلەرنىڭ تونۇش مايىللىقى،كىشلىك تۇرمۇش قارشى ۋە دۇنيا قارشى بىلەن باشلىنىشلىق.

كەيپىيات تەرەققىي قىلىپ ھېسسىياتقا ئۆزگىرىدۇ،ھېسسىيات مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا مۇناسىپ كەيپىيات ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
ياشلار پىسخولوگىيسى نامىلىق كىتابتىن ئېلىندى.

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4048
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 09:52:54 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت.بۇرادەر!جانلىق ئەتراپلىق يېزىلغان ئىكەن.ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگىنىڭلار ئۈچۈن مانا مۇكاپات.Y(^_^)Y*^◎^
تىلفۇنۇمدا تەبەسسۇمدىن باشقا مۇكاپات چىقمايدىكەن.ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قۇبۇل قىلاسىلە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fathullah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-7 09:54 AM  


كۈتكەن كۈنلەر ، كەلگەندەك ئەمە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8092
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 6584 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:31:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە توغرىمۇ چىقىپ قالىدىكەن.

ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خۇش قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1850
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13274
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 12:34:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز.رەھمەت

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87904
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 613
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 12:58:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت. ئۆزەمنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنىڭ  قايسى تىپقا كىرىىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم.

قەلبىمدە تەبەسسۇم،كۆزلىرىمدە ياش.
ئىسىمدىن چىقمىغاچ ئەشۇ بىر ئىسىم.
قانداقمۇ ئۆچۈرەي قەلبىم شامىنى ،
كەچۈرگىن ئەي مىنى بەڭباش ياشلىقىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 01:22:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم مەنمۇ پىسخىكىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا قىزىقىمەن .يەنە يوللاپ تۇرارسىز ھە.

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش