|
|
|
|
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى پەيشەنبە يەنى بۈگۈن كەچ سائەت 5:30(ئۈرۈمچى ۋاقتى) ئۆتكەندە جۇڭگو ئەرلەر دۆلەت پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئۆزبىكىستان ئەرلەر دۆلەت پۇتبول كوماندىسى بىر مەيدان بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ، مۇسابىقە ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇسابىقە مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەنتەربىيە CCTV-5 قانىلىدا نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىدۇ.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۆزبىكىستان پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيادىكى رەت تەرتىپى 67-ئورۇندا جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بولسا 88-ئورۇندا، ئاسىيادىكى رەت تەرتىپىدە، ئۆزبىكىستان كوماندىسى 2011-يىلىدىن باشلاپ 4-بولۇشتەك ياخشى نەتىجسىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئەمما جۇڭگو پۇتبول كوماندىسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ ئاسىيادا 9-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، ئاسىيا رايونىدا ياپونىيە 1-ئورۇندا، ئاۋىستىرالىيە 2-ئورۇندا (ئاۋىستىرالىيە 2007-يىلى ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە رەسمىي ئەزا بولغان)، كورىيە 3-ئورۇندا، ئۆزبىكىستان 4-ئورۇندا تۇرىدۇ.
جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ئۆزبىكىستان كوماندىسى ھازىرغا قەدەر 9 قېتىم مۇسابىقىلەشكەن، جۇڭگو كوماندىسى 4 قېتىم ئۇتۇپ 1 قېتىم تەڭلىشىپ 4 قېتىم ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن قارىشى تەرەپ بىلەن تەڭ نىسبەتتە تۇرغان، شۇنداق بولسىمۇ ئۆزبىكىستان كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، 2014-يىللىق بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى مۇسابىقىسىدە ئاسىيادىكى 10 كۈچلۈك قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ A گۇرۇپپىدا 11 نۇمۇر ئېلىپ كورىيە كوماندىسىدىن 1 نۇمۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن گۇرۇپپىدا 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆزبىكىستان كوماندىسى جۇڭگو كوماندىسى بىلەن بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى ئويناپ بولغاندىن كېيىن، كورىيىنىڭ سىئول شەھىرىگە بېرىپ، 11-چىسلا كورىيە بىلەن بولىدىغان دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى قاتنىشىش سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئوينايدۇ، ئەگەر كورىيە كوماندىسىنى يېڭەلىسە، ياپونىيىدىن(ياپونىيە كوماندىسى تۈنۈگۈن ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى بىلەن ئۆز مەيدانىدا 1:1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشتى) قالسا ئىككىنچى بولۇپ 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن شۇنداقلا مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى بولۇپ قالىدۇ.
ماتىرىيال سۈرەت
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tantarbiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-6 05:31 PM
|
|
|
|
|
|