ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
-----------------------------------------------------------------------------------
ئالدىنقى قىتىم يوللانغان
كۇلۇب تور يۈزى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىندى تېمىسىدىن كېيىن بىز يەنە ئۈزلىكسىز ئىزدىنىپ ئاخىرى ،تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان تېلېفونلارنى ئاساسىي مەقسەت (تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاشقا بولمىغاچقا كۇلۇبتا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولمايتتى ،پەقەت
http://i.xjmac.com دا ئاۋال كىرگۈزىدىغان مەزمۇننى كىرگۈزۈپ ،مەزمۇننى كۆچۈرۋىلىپ ئاندىن كۇلۇبتا ئىشلىتەتتۇق ) قىلىپ ،كۇلۇب
يانفۇن نۇسخىسى دا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق .
-----------------------------------------------------------------------------------
ئىقتىدارلىرى : بىز يەنە بىرقانچە كۈنلىك ئىزدىنىش ۋە ئارقىلىق كۇلۇبنىڭ كۆچمە نۇسخىسىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرىۋالدۇق ،
بۇ جەرياندا بىزگە تېخنىكلىق ۋە لاھىيە ئىشلىرىدا يىقىندىن ھەمدەمدە بولغان دوسلىرىمىزغا تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز .
1. iOS سىستېمىلىق ئۇيغۇرچە فونت قۇشۇلغان ،قوشۇلمىغان بارلىق نەشىردىكى يانفوندا ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىدۇ. (بىزدىكى بار بولغان ئۈسكىنە ۋە يانفون سىسىتېما نەشىرى چەكلىك بولغاچقا ئىچكى سىناققا قاتناشقانلارنىڭ سىناش نەتىجىسىگە ئاساسەن بايقالغان خاتالىقلار ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى)
2. يانفۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىغان بولسىمۇيانفوننىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كومپيۇتېردىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە تېما، ئىنكاس يازغىلى بولىدۇ.
3. تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن تېمىدىكى رەسىم ۋە ئەزالارنىڭ باش سۈرىتىنىڭ كۆرۈنۈش-كۆرۈنمەسلكىنى يانفوننىڭ ئېقىم مىقدارىغا ئاساسەن ئىشلەتكۈچى خالىغانچە تەڭشىۋالالايدۇ.
5. بېكەتتىمۇ يېڭى ئەزالار نورمال تىزىملىتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ.
6. يانفون ئېقىم مىقدارىنى ئىنتايىن ئاز خورىتىدۇ.
7. كۇلۇبتىكى تېمىلارنى تېڭشۈن، شىنلاڭدىكى مىكروبلوگلارغا ھەمبەھىرلەشكە بولىدۇ.
8. يانفون نۇسخىدىمۇ كۆرۈپ يارىغان تېمىلارنى ساقلىغۇچقا قوشىۋالغىلى بولىدۇ.
9. دوست قوشقىلى، ئۆز ئارا مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى يوللىغىلى، مەزمۇن ئىزدىگىلى بولىدۇ.
10. دوستلار، مۇنبەردىكى ئەزالار، ۋە يېقىن ئەتراپتىكى (30 كىلومېتىر ئەتراپتىكىلەر) نى كۆرگىلى بولىدۇ (خۇددى مىكرو ئۇچۇردىكىگە ئوخشاش) . (بۇ ئىقتىدارغا مەن تازا ئىشەنچ قىلىپ بولالمىدىم جۇما)
11. سەھىپىلەرنى تاللاپ تېما كۆرگىلى، ئۆزى يوللىغان تېمىلارنى ئايرىم كۆرگىلى بولىدۇ.
12. يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق كۇلۇب يانفون كۆچمە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى دوستلىرىغا تەشۋىق قىلالايدۇ (ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز خالىسىڭىز) .
كۇلۇب كۆچمە نۇسخىسىنىڭ Adrirod نۇسخىسىغا ئىھتىياجلىق بولساڭلار ،ئىھتىياج سانىغا ئاساسەن Adnriod نۇسخىسىنىمۇ چۈشۈرۈشكە تەمىنلىسەك بولىدۇ .
كەڭ ئالما ھەۋەسكارلارنىڭ چۈشۈرۈپ ئىشلىتپ بېقىشىنى، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئەسكەرتىش : بۇ ئەپ ھازىرچە تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئۈسكىنىلەردە نورمال يۈرىشىدۇ ، بىز بىر قاتار سىناش ۋە نورماللاشتۇرۇش ،بايقالغان خاتالىقلارنى تۈزەتكەندىن كېيىن App store غا يوللايمىز ،تۈرمىدىن قاچمىغان ئۈسكىنىلەردىمۇ نورمال ئىشلىتىش شارائتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز .
بايقالغان خاتالىقلارنى ئىمكان بار ،رەسىم تۇتۇپ يوللاپ بەرسەڭلار ،بىزنىڭ تۈزىتىشىمىزگە قولايراق بولىدۇ .
ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى كۆچمە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=3864&fromuid=4
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yoluchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-6 02:34 PM