مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4143|ئىنكاس: 28

قۇتقۇزۇۋېلىش خاراكتېرلىك «سۇلى دۆلىتى» خارابىلىكى تەتقىقاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 02:19:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  قۇتقۇزۇۋېلىش خاراكتېرلىك «سۇلى دۆلىتى» خارابىلىكى تەتقىقاتى
مۇھەممەد قادىر بارخان

    كىشىلەرنىڭ بوز يەر ئېچىپ بېيىش قىزغىنىلىقىنىڭ تۈرۈتكىسى ئاستىدا يېقىندىن بېرى «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى» خارابىلىكىنىڭ ئاققاش تەرەپ (قەشقەر تەرەپ) بۆلىكى تەۋەلىكىدە نەچچە ئون مىڭ مو يەر ئېچىلىپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قەدىمى چۈشكەن بۇ قەدىمكى ئىزنا يوقۇلۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەنلىكتىن، كەڭ جامائەتنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى ئورگانلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش مەقسىدىدە مەزكۇر خارابىلىكنى قۇتقۇزۇۋېلىش خاراكتىرلىك بۇ تېما يېزىپ چىقىلدى.
.
.
   1-«قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى»

مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ئورۇنلىرى «سۇلى دۆلىتى خارابىسى»نىڭ تارىخى ئېنىقلىمىسىغا بۇنداق ئىزاھات بەرگەن: «ئاتۇش شەھرىنىڭ  شەرقى  جەنۇبىدىكى  ئازاق  يېزىسى  قۇمسېغىر  كەنتىنىڭ  غەربى جەنۇبىدا  بىر  قەدىمى  شەھەر  خارابىسى  بار.  قەدىمى  شەھەر  خارابىسى  توقاي  دەرياسىنىڭ  شىمالى  قىرغىقىدىكى  تۆپىلىككە  جايلاشقان.  خارابىنىڭ  ئوتتۇرىدا  يەرنى  كېسىپ  ياسىغان  بىر  توپا  مۇنار  بار، ئۇنىڭ  غەرب  تەرىپىدىكى  20  مېتر  يەردە  يەنە  بىر  بۇلۇتسمان  توپا  دۆۋىسى  بار.  بۇ  يەردىن  لاي  بۇت   بايقالغان.  بۇنىڭدىن  بۇ  يەرنىڭ  بۇرۇن  بىر  قەدىمى  بۇتخانا  ئىكەنلىكىنى  پەرەز  قىلىشقا  بولىدۇ،  چاسا  توپا دۆۋىسى  بىر  غايەت  زور  مۇنارنىڭ  ھۇلى  بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ  تەخمىنەن  5  كىلومېتر شەرق  غەرپ تەرەپلىرىدە  يەنە  خەن سۇلالىسىغا ئائىت  تۇرا،  ئىبادەتخانا، بۇددا  مۇنارى  قاتارلىقلار  بار . قەدىمى  خارابىنىڭ  نەچچە  ئون  كۇۋادرات كىلومېترلىق   دائىرىسىدىكى يەرلەردە  كۆپ مىقداردا ساپال  پارچىلىرى   ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ   بىر  كۇۋادرات  كىلومېترلىق  دائىرىدە   ساپال  پارچىلىرى   زىچ    چېچىلىپ ياتىدۇ.  ساپال  پارچىلىرى  كۆپرەك،  قىزغۇچ  قۇم،  قارا  ساپال، كۆپ  تۇتقۇچلۇق قازان،  كۈپ،  تۇۋاق  قاتارلىقلارنىڭ  پارچىلىرىدۇر.  خارابىدىن  يەنە  تۆت  يەردە  تۆت  چاسا  شەكىلدىلىكى  قەلئە  بايقالغان،  خارابىنىڭ  شەرق  تەرىپىدە  بىر  نەچچە  ئورۇندا  ئېگىز  تۇرالارنىڭ  خارابىلىرى  بار. قۇمسسېغىر   خارابىسى   دەسلەپكى  قەدەمدە  قەدىمكى  سۇلى  دۆلىتىنىڭ  خارابىسى  دەپ  پەرەز  قىلىنماقتا. لېكىن  بەزىلەر  ئۇنى  قاراخانىلار  سۇلالىسىنىڭ  دەسلەپكى  مەزگىلىدىكى  خان  ئوردىسىنىڭ  خارابىسى   ھازىرغا  قەدەر  مىڭ  يىلدىن  ئارتۇق  تارىخقا  ئىگە دەپ  قارايدۇ.  خارابىنىڭ  ئوتتۇرىدىكى  چوڭ  توپا  مۇنار  بىر  بۇددا  مۇنارى  بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ.  بۇددا  مۇنارىنىڭ  ھۇل قىسمى  ئۈچ  قەۋەت بولۇپ،  ئاستى   قەۋىتى جەنۇبتىن  شىمالغا كەڭلىكى 1.8 مېتر،  شەرقتىن  غەربكە  كەڭلىكى 11.5  مېتر،  ئېگىزلىكى 2.6 مېتر،  ئوتتۇرا         قەۋىتىنىڭ     ئېگىزلىكى  2  مېتر،  ئۈستۈنكى  قەۋىتىنىڭ  ئېگىزلىكى 1.8  ،مېتىر،  ئاستىدىن  ئۈستىگە  قاراپ  قەۋەت  بويىچە       تارىيىپ بارغان. مۇنار  سېلىندىرسىمان  شەكىلدە.  ئوتتۇرا  قىسمىنىڭ  دېئامېترى6.4  مېتر،  مۇنارنىڭ   ئومۇمى  ئېگىزلىكى  6  مېتر  كېلىدۇ،  مۇنارنىڭ  ئۇچى  يايسىمان  شەكىلدە.  مۇنارنىڭ  يېنىدا   كۆمتۈرۈلگەن  كۈرەك  شەكىلدىكى  توپا  دۆڭى  بولۇپ ، بۇ   بىر  يېقىلغان  بۇددا  مۇنارىنىڭ  ھۇلىدۇر.(ئاستىنىڭ كەڭلىكى مېتر 23.5،  ئۇچىنىڭ  كەڭلىكى 14.6  مېتر، ئېگىزلىكى 11  مېتر).  بۇددا  مۇنارىنىڭ ئەتراپىدىكى  يېقىلغان  تام  سېپىللارنى  يەنىلا  پەرق  ئېتىش  مۇمكىن.  بۇ  بۇددا  مۇنارى تەخمىنەن  خەن  دەۋرىدە  ياسالغان  بولۇپ ،  بۇددا دىنىنىڭ  دۆلىتىمىزگە  تارقالغان  مەزگىلگە  توغرا  كېلىدۇ. خارابىنىڭ  ئەتراپىدىكى   ئون  ،  يىگىرمە كۇۋادرات  كىلومېترلىق  گۈللەنگەن  بىر دائىرىدىن    قەدىمى ساپال، تۆمۈر بۇيۇملارنىڭ پارچە-  سۇنۇقلىرى  ۋە  مارجان،  بىزەك  بۇيۇم،  قاپارتما  ھەيكەل  ، قەدىمقى  پۇللار،  قورال،  ئوقيا   بېشى  دەستىسى  قاتارلىق نۇرغۇن مەدەنىيەت  يادىكارلىقلىرى   يىغىۋىلىنغان .  بۇنىڭدىن  بۇ  يەرنىڭ  قەدىمدە   بىر  گۈللەنگەن  شەھەر  بولۇپلا  قالماستىن  يەنە  بىر  جەڭ  مەيدانى  بولغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ  بېرىدۇ.  بۇ  خارابە  قەدىمى سۇلى  دۆلىتى  ياكى  قاراخانلار  سۇلالىسىنىڭ  تارىخىنى تەتقىق  قىلىشتا  ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە  ئېگە.»

گەرچە يۇقۇردا كۆرسىتىلگەندەك «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى»نىڭ ھازىرقى كۆرسەتمە تاختىسى ئازاق يېزىسىغا تەۋە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم تارىخى نوقتىلىرىدىن «ئارادوڭ خارابىسى»، «ھېسار ئاتام خارابىسى»، «خانسۇپا خارابىسى»، «تىم قورغان خارابىسى» ۋە «كونا مۇرتۇم خارابىسى» كاتتايلاق زىمىنىغا تەۋە بولغاچقا، بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن ئاساستا تەتقىق قىلىش، مەلۇم ماھىيەتلىك يەكۈنگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

«مۇرتۇم خارابىسى» «خانۆي»، «ئاققاش مۇنار خارابىسى»، «ئارادوڭ خارابىسى»، «ھېسار ئاتام خارابىسى»، «خانسۇپا خارابىسى»، «تىم قورغان خارابىسى» ۋە «كونا مۇرتۇم خارابىسى» قاتارلىق تارىخى نوقتىلارنى «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى»غا تەۋە دەپ قارىغىنىمىزدا؛ «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى»نىڭ مەرگىزى قىسمى قۇمسېغىر، بەشكىرەمنىڭ شەرقى، ئاققاش، لەڭگەرنىڭ شىمالى، كاتتايلاق كۆتەمە مەھەللىسىنىڭ غەربى، چۈشۈرگە ۋە تېجەن كەنتلىرىنىڭ غەربى جەنۇبى، سالاتلار ۋە كېچىڭىزنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربى نوقتىدىن شەرقى نوقتىغىچە بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇپقىچە بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر، ئومۇمى يەر مەيدانى 600 كۇادىرات كىلومېتىر. «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى» خارابە-قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى؛ قۇمسېغىردىن «مۇرتۇم خارابىسى»غىچە، «مۇرتۇم خارابىسى»دىن «خان ئۆي»گىچە، «خان ئۆي»دىن «ئاققاش مۇنار خارابىسى»غىچە، «ئاققاش مۇنار خارابىسى»دىن «كونا مۇرتۇم خارابىسى»غىچە، «كونا مۇرتۇم خارابىسى»دىن «خان سۇپا خارابىسى»غىچە، «خان سۇپا خارابىسى»دىن «تىم قورغان خارابىسى»غىچە، «تىم قورغان خارابىسى»دىن «ئارا دوڭ خارابىسى»غىچە، «ئارادوڭ خارابىسى»دىن «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسىنىڭ كۆرسەتمە تاختىسى»غىچە،  «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسىنىڭ كۆرسەتمە تاختىسى»دىن قۇمسېغىرغىچە بولۇپ تەخمىنەن 200 كۇئادىرات كىلومېتىردىن كەم ئەمەس. قالغان 400 كۇئادىرات كىلومېتىر زىمىن «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى»نى ئەتراپتىكى يۇرتلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان چىگرا بوشلۇقىدەك قىلىدۇ.

53-رەسىم، «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى»نىڭ كۆرسەتمە خەرىتىسى

53resim.jpg

(1)«سۇلى»نىڭ مەزگىزى

(2) «ئارادۆڭ خارابىسى»

(3) «ھاسائاتام خارابىسى»

(4) «كونامۇرتۇم خارابىسى»

(5) «تىم قورغان خارابىسى»

(6) «خان سۇپا خارابىسى»

(7) «تۇر خارابىسى»

(8) «مۇرتۇم خارابىسى»

(9) «خان ئۆي خارابىسى»

(10) «باش قاش»

(11) «ئوتتۇرا قاش»

(12) «ئاياق قاش»

(13) «ئاققاش»

«قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى»نىڭ تەۋەلىگىدىكى ئومۇمى قۇرۇلۇشنى تۆۋەندىكى قىسىملارغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ بىرىنچى، مەرگەز گەۋدە قۇرۇلىشى. «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى كۆرسەتمە تاختىسى»نىڭ غەربى جەنۇبىدا ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 300 مېتىر، كەڭلىكى 50 مېتىر چوڭ ئوردا قەلئە ئىزناسى بولۇپ، قەلئە ئىچىدە بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى، بىر بۇددا مۇنارى ئىزناسى، بولغاندىن سىرىت، قەلئە ئىچىدە يەنە نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ غۇۋا ئىزناسى ساقلانغان. بۇ چوڭ قەلئەنىڭ جەنۇبىدا بىر قانچە قورغان ۋە ئۆيلەرنىڭ ئىزناسى تۆت كىلومېتىر شەرقكە سوزۇلغان. چوڭ قەلئەنىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىدە ئۈچ كىچىك قورغان ئىزناسى ۋە نۇرغۇنلىغان ئۆيلەرنىڭ غۇۋا ئىزناسى بار. چوڭ قەلئەنىڭ شىمالىدا بىر بۇددا مۇنارى ۋە بىر قەبرە رايونى بولۇپ، قەبرە رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئېگىز سەھنە ۋە شەرقىدىكى تۆۋەنلىكتە بىر كۇئادىرات كىلومېتىر دائىرىدە ئاتلىق قوشۇننىڭ مەشىق مەيدانى باردەك قىلىدۇ. مەرگەز گەۋدە قۇرۇلىشى تەخمىنەن ئۈچ كۇئادىرات كىلومېتىر دائىرىنى ئىگەللىگەن.

ئىككىنچى، مەرگەز سىرىتىدىكى قۇرۇلۇشلار. «ئارادۆڭ خارابىسى»دىكى ئىككى قەلئە ۋە بىر ئۆتەڭ ئىزناسى، بىر قەبرە رايونى. «ھېسار ئاتام خارابىسى»دىكى بىر قەلئە ۋە بىر ئۆتەڭ ئىزناسى، بىر قەبرە رايونى. «تىم قورغان خارابىسى»دىكى بىر قوغدىنىش چوڭ قەلئەسى ۋە قەلئە ئىچى قەبرە رايونى، بىر «تۇر». «خان سۇپا خارابىسى»دىكى بىر خان ئارامگاھ قەلئەسى، بىر ئۆتەڭ ئىزناسى. «كونا مۇرتۇم خارابىسى»دىكى بىر «تۇر» ۋە بىر كىچىك قەلئە. ئاققاشنىڭ غەربى شىمالىدىكى بىر «تۇر» ۋە بىر كىچىك قەلئە. «مۇرتۇم خارابىسى»دىكى بىر بۇددا مۇنارى، بىر «تۇر» ۋە تارقاق قەبرە رايونى قاتارلىقلار.

ئۈچىنچى، سۇ قۇرۇلىشى. «ئاققاش ئۆستىڭى» بىلەن «قاراقاش ئۆستىڭى»دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۈغۇرۇش سېستىمىسى «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى» شەھەر قۇرۇلىشىنىڭ دائىرىسىنى پەرق ئېتىشتىكى ئاساسى تارىخى ئىزنادۇر. بەشكىرەمدىن باشلىنىپ لەڭگەر كەنتىگىچە سوزۇلغان «ئاققاش ئۆستىڭى»نىڭ شىمالى قىرغىقىنى «چاقماق دەريا» كەلكۈنىنىڭ مۇداپىيە چوڭ توسمىسى قىلغان ئاساستا، جەنۇپ تەرەپكە بۆلۈنگەن تارام- تارام ئېرىقلار ياسالغان. «قاراقاش ئۆستىڭى» قۇمسېغىردىن باشلىنىپ «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى»نىڭ كۆرسەتمە تاختىسىغا كەلگەندە ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنگەن؛ بىرى ئۇدۇل «قەدىمقى مۇرتۇم خارابىسى»نىڭ تۆت كىلومېتىر جۇنۇبىدىكى خارابىگە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۆستەڭنىڭ جەنۇبى قىرغىقى «چاقماق دەريا» كەلكۈنىنىڭ مۇداپىيە كىچىك توسمىسى بولغاندىن سىرىت يەنە غەربى جەنۇپتىن شەرقى شىمالغا قاراپ ئاقىدىغان ئالتە كىچىك ئېرىققا بۆلۈنگەن. يەنە بىرى «ئارادوڭ خارابىسى»نىڭ ئىككى كىلومېتىر غەربىگىچە ئېقىپ بېرىپ يەنە ئىككىگە بۆلۈنگەن؛ بىرى ئۇدۇل «تىم قورغان خارابىسى»غا ۋە «خان سۇپا خارابىسى»غا ئېقىپ بېرىپ «كونا مورتۇم»نىڭ شىمالىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئاخىرلاشقان. يەنە بىرى «ئارادۆڭ خارابىسى»نى كېسىپ ئۆتۈپ ئۇدۇل «ھېسار ئاتام خارابىسى»غا ئېقىپ بېرىپ يەنە ئىككىگە بۆلۈنگەن؛ بىرى «ھېسار ئاتام خارابىسى»دىن شەرقى شىمال تەرەپكە قاراپ ئاققان؛ يەنە بىرى «ھېسار ئاتام خارابىسى»دىن ئۇدۇل «كونا مۇرتۇم»غىچە ئېقىپ بارغان. «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى» ئۈچ ئېغىز (چاقماق دەرياسى، ئاتۇش بوغۇز دەرياسى، باچاڭ ئېغىزى)نىڭ كەلكۈن سۈيىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئاساسىدىمۇ لاھىيەلەنگەن. «ئاققاش ئۆستىڭى» بىلەن «قاراقاش ئۆستىڭى»نىڭ ئارلىقىدىكى كەڭ قانال چاقماق دەرياسىنىڭ كەلكۈن سۈيىنى غەرپتىن شەرققە راۋان يوللىغان. ئاتۇش بوغۇز دەرياسىنىڭ كەلكۈنىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئۈچۈن «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى» كۆرسەتمە تاختىسىدىن تاكى «تىم قورغان خارابىسى»غىچە غەربى جەنۇپتىن شەرقى شىمال تۈز سىزىق يۆنىلىشى بويىچە ئېگىز دامبا ياسالغان. باچاڭ ئېغىزىنىڭ كەلكۈنىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئۈچۈن «خان سۇپا خارابىسى»دىن تاكى «كونامۇرتۇم خارابىسى»نىڭ ئۇدۇلىغىچە غەربى شىمالدىن شەرقى جەنۇپ يۆنىلىشىگە قاراپ قىيپاش ھالدا دامبا سوقۇلغان.

تۆتىنچى، يول قۇرۇلىشى. «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى»نىڭ يول قۇرۇلىشى ئاساسەن، ئۆستەڭ بىلەن باراۋەر كۆتۈرمە ھالەتتە بولۇپ؛ ئىچكى قىسمىدىكى يول، تاشقى تۇتاشتۇرغۇچى سودا يولى (يىپەك يولى) دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئىچكى قىسىمدىكى يولمۇ؛ چوڭ يول ۋە تۇتاشتۇرغۇچى كىچىك يول دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. چوڭ يول؛ «قەدىمقى سۇلى دۆلىتى خارابىسى» (ھازىرچە ”مەرگەز“ دەپ ئاتاپ تۇرايلى)دىن قۇمسېغىر ۋە مۇرتۇمغىچە؛ ”مەرگەز“دىن ئاققاشنىڭ غەربى شىمالىدىكى «تۇر»غىچە؛ ”مەرگەز“دىن ئاققاشنىڭ شىمالىدىكى ئۆتەڭگىچە؛ ”مەرگەز“دىن «كونا مۇرتۇم»نىڭ تۆت كىلومېتىر جەنۇبىدىكى خارابىلىققىچە؛ ”مەرگەز“دىن «كونا مۇرتۇم»غىچە؛ ”مەرگەز“دىن «خان سۇپا»غىچە.  تۇتاشتۇرغۇچى كىچىك يوللار؛ «خان سۇپا»دىن «كونا مۇرتۇم»غىچە؛ «خان سۇپا»دىن «ھېسار ئاتام»غىچە؛ «خان سۇپا»دىن «تىم قورغان»غىچە؛ «كونا مۇرتۇم»دىن «كونا مۇرتۇم»نىڭ جەنۇبىدىكى خارابىلىققىچە؛  «كونا مۇرتۇم»دىن «ھېسار ئاتام»غىچە؛  «ھېسار ئاتام»دىن «ئارادوڭ»گىچە؛ «ھېسار ئاتام»دىن «ھېسار ئاتام»نىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ يولغىچە؛ «ئارادوڭ»دىن «ئارادوڭ»نىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ يولغىچە؛ ئاققاشنىڭ غەربى شىمالىدىكى «تۇر»دىن ئاققاشنىڭ شىمالىدىكى ئۆتەڭگىچە؛ ئاققاشنىڭ شىمالىدىكى ئۆتەڭدىن «كونا مۇرتۇم»نىڭ جەنۇبىدىكى خارابىلىققىچە. تاشقى تۇتاشتۇرغۇچى سودا يولى (يىپەك يولى)؛ «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى»دىن كاتتايلاققا تەۋە «دۇلدۇرۇقۇم قاراۋۇلخانا خارابىسى»غىچە؛ «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى»دىن كاتتايلاقتىكى «تۇرخېنىم»غىچە. «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى»دىن كاتتايلاقتىكى سۇغۇن ئاغزىغىچە؛ «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى»دىن كېچىڭىزگىچە؛ «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى»دىن بەشكىرەمگىچە؛ «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى»دىن ئاققاشقىچە؛

«قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى»نىڭ ئومۇمى قۇرۇلىشىدىكى مەرگەز گەۋدە قۇرۇلىشى، مەرگەز سىرىتىدىكى قۇرۇلۇشلار، سۇ قۇرۇلىشى ۋە يول قۇرۇلىشىدىكى بۇ خىل تورسىمان مۇرەككەپلىك كىشىنى ھەقىقىتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. يەر تەكشىلىكىدىن بىر مېتىردىن بەش مېتىرغىچە كۆتۈرىلگەن ئۆستەڭ ۋە ئۆستەڭگە تۇتاشتۇرۇپ ياسالغان تەخمىنەن 120 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول قۇرۇلىشى ئۈچۈن قانچىلىك ئەمگەك ۋە ئەمگەك كۈچى لازىم بولىدىغانلىقىنى ھىساپلىماي تۇرۇپ، ئاددىسى مەرگەز گەۋدە قۇرۇلىشىنىڭ يەرتەكشىلىكىدىن كۆتۈرۈلگەن قىسمىنى پەرپا قىلىشنىلا مۆلچەرلەپ باقساق؛ بىر نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ نەچچە ئون يىل ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر، ئەمگەك كۈچى سانىنى 50 مىڭ دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ قىسىم قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىلا بىرەر يىلدا تاماملىنىشى مۇمكىن. يەنە باشقا قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك ئەمگەك كۈچى كىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تولىمۇ قىيىن.

بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قانداق زۆرۈرىيەت ئاستىدا باشلىنىپ، قاچان ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىشتە، «سۇلى» نامىنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى ۋە قايسى تىلىغا تەۋە ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاش بىردىن بىر بۆسۈش ئېغىزى بولسا كېرەك.

«سۇلى» نامى خەن سۇلالىسى زامانىدن تارتىپ تاكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە (مىلادىيە 811- يىلى «سۇلى» ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەنگە قەدەر) ھەرخىل خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە خاتىرىگە ئېلىنغان. شۇنداقلا غەربى خەن سۇلالىسىنىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەخسىدىدىكى بەن چاۋ قاتارلىق سانغۇنلارنىڭ غەربى يۇرتتىكى يۈرۈشلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «سۇلى» بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.

«سۇلى» نامى تاكى ھازىرغىچە «سۇلى- سۇلۇق»، «سۇلى- سېرىق» بىلەن ئىزاھلىنىپ كەلمەكتە. ئەگەر  بىز قەشقەرنىڭ قەدىمكى نامىنى «سۇلى»نىڭ بىمەنە يەشمىسى «سۇلۇق» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ تارىختىكى ھەقىقى ئورنىنى قەشقەرنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ھازىرقى ئاققاشنىڭ شىمالىغا، قۇمسېغىرنىڭ شەرقىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىدىغانلا بولساق. «سۇلى»نىڭ ئېنىقلىمىسى خاتا ئىزاھلانغان بولىدۇ. يۇقۇردا «سۇلى»نىڭ تۆت چوڭ قۇرۇلىشى ئىچىدە ئۆستەڭ ۋە سۇ قۇرۇلىشىنىڭ تورسىمان مۇرەككەپلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ «سۇلى»غا سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرسە، «سۇلى»غا تۇتاش يېزا كاتتايلاقنىڭ تارىخى رىۋايىتىدىكى «تۇرخېنىم» (تۇرخۇجام)نىڭ كاتتايلاققا سۇ يەتكۈزۈش پائالىيىتى، «سۇلى»نىڭ «سۇلۇق» ئېنىقلىمىسىنى تېخىمۇ رەت قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا «سۇلى»نى «سۇلۇق، سازلىق زىمىن» قىلىپ كۆرسىتىشكە مەزكۈر جايدىن بىرەر چوڭ كۆل ۋە بىرەر سازلىقنىڭ ئىزناسى ھازىرغىچە بايقالغىنى يوق.

«سۇلى» نامى تارىختا ئۈچ قېتىم ئۆزگۈرۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنى ئۈزىل- كېسىل ھەل قىلىش، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «بارخان- تۆۋەنكى چىننىڭ نامى. قەشقەرگە يېقىن بىر تاغنىڭ ئۇستىدىكى قورغان...» (1- قىسىم، 567-بەت) دىگەن باياننى، ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ «چىن ۋە ماچىن» ھەققىدىكى قارىشىنى ۋە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئۇيغۇرلارغا بەش شەھەر قۇرۇپ بېرىشى قاتارلىق ئۈچ مەسىلىنى مۇۋەپپەقيەتلىك ھالدا بىرلەشتۈرىشىمىزگە باغلىق.

«باچاڭ قاراۋۇلخانا خارابىسى» ھەققىدىكى بايانىمىزدا «تۆۋەنكى چىن»نىڭ ئوردىسى «بارخان»نى «دۇلدۇرۇقۇم» تاغ ئۈستى قورغىنىغا مۇقۇملاشتۇرۇپ، «تۆۋەنكى چىن»نىڭ نامىنى بەزى ۋاقىتلاردا «بارخان»، كۆپىنچى ھاللاردا «ماچىن» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، «ماچىن»نىڭ تىل يىلتىزى «مۇرچىن» بولۇپ، «مۇر»غا «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «قارا» ئىزاھاتى بىلەن، «ماچىن»نىڭ كونكىرىت مەنىسى «قاراچىن» ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەنىدۇق. «چىن ئەسلىدە ئۈچكە بۆلىنىدۇ: بىرىنچى، يۇقۇرى چىن... بۇ تاۋغاچ دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئوتتۇرا چىن... ئۈچىنچى، تۆۋەن چىن بولۇپ، ”بارخان“ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ (”بارخان“) قەشقەردە...»(«تۈركى تىللار دىۋانى» 1-قىسىم، 592- بەت). «تۆۋەن چىن» ئوردىسى ”بارخان“ («قەشقەرگە يېقىن بىر تاغنىڭ ئۇستىدىكى قورغان») ھازىرقى باچاڭ دىكى «دۇلدۇرۇقۇم تاغ ئۈستى قورغىنى»دا بولغان ئىكەن، ”بارخان“نىڭ مەرگىزى شەھرى ھازىرقى «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى» بولىشىدا گەپ يوق. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ «تۆۋەن چىن»نى «ماچىن»نامىدا دەلىللىشى، ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ماھىيەتتە، «تۆۋەن چىن» پادىشاسى ئەفراسىياپ (ئالپ ئەرتۇڭا)نىڭ ”بارخان“نىڭ مەرگىزى شەھرى بولغان «سۇلى»دىكى ھەربى ھازىرلىقلار ئارقىلىق باشلىغانلىقىنى ۋاستىلىق ھالدا ئۇچۇرلاندۇرغانلىق. «تۆۋەنكى چىن»نىڭ «ماچىن» (مۇرچىن- قاراچىن) دەپ ئاتىلىشىدا، ئۈچ چىن (يۇقۇرى چىن، ئوتتۇراچىن ۋە تۆۋەن چىن)نىڭ جايلىشىشىدىكى جۇغراپىيىلىك ئورنى بويىچە، «تۆۋەنكى چىن»نىڭ ئەڭ غەرپ (كۈن پېتىش تەرەپ)كە جايلاشقانلىقى ئاساسى سەۋەپتۇر. تۈركى مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدە غەرپ بىلەن شىمالنى قارا، جەنۇپ بىلەن شەرىقنى ئاق ياكى قىزىل نامى بىلەن ئاتاش كەڭ ئومۇملاشقان. شۇ ۋەجىدىن «يۇقۇرى چىن» ۋە «ئوتتۇرا چىن»نىڭ غەربىگە جايلاشقان «تۆۋەنكى چىن»نى «ماچىن» (مۇر چىن- قارا چىن) دەپ ئاتىماق بەرھەق. قاراخانىلار خاندانلىقى پادىشالىرىنىڭ ئۆزىنى ئەفراسىياپ ئەۋلادى دەپ قارىشى،  دەل ئەشۇ «قارا»(مۇر) نامىدىن كەلگەن. «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى»دىكى چاقماق دەرياسىدىن كەلگەن كەلكۈننى شەرقكە يوللايدىغان قانالنىڭ ئوڭ (جەنۇپ) ۋە سول (شىمال) تەرىپىدىكى ئىككى چوڭ قاش نامى، شەرق ۋە جەنۇپ تەرەپنى «ئاق»، غەرپ ۋە شىمال تەرەپنى «قارا» دەپ ئاتاش ئەنئەنىمىز بويىچە، ئوڭ (جەنۇپ) تەرەپتىكى «قاش»نى «ئاققاش»، سول (شىمال) تەرەپتىكى «قاش»نى «سولمۇر قاش» دەپ ئاتىغانلىقى ئېنىق. ھازىر قەشقەرنىڭ شىمالىدا «ئاققاش» دىگەن بىر يۇرت نامى بار. «سولمۇرقاش» نامىنىڭ دائىملىق تەكرارى «سولمۇر»دا موقۇملاشقان بولۇپ، بۇ يەردىكى «سول»- سول تەرەپ («سول-سول. سول ئەلىك- سول قول.») («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3- قىسىم، 184- بەت)نى، «مۇر»- قارا رەڭنى ئىپادىلەيدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «مۇرۇچ- قارامۇچ» (1-قىسىم، 447-بەت) دىگەنگە قارىغاندا، «مۇرۇچ»- «مۇر» ۋە «ئۇچ»تىن تۈزۈلۈپ؛ «مۇر»- قارا رەڭنى، «ئۇچ»- نەرسىنىڭ ئۇچىنى كۆرسەتكەن. بىز دارى-دەرمەك ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان «قارامۇچ» ئۆسۈملىكى پىشقاندا ئۇچى قارا رەڭگە ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا «مۇرۇچ»(قارامۇچ) دەپ ئاتالغان. دىمەك، قەدىمكى «سۇلى» نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى «سولمۇر» بولۇپ، «سولمۇر» نامىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئېلىمىزنىڭ چۈنچيۇ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى (ئەفراسىياپ «تۆۋەن چىن»نىڭ پادىشاسى بولغان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 500-يىللار)غا توغرا كېلىدۇ.

ئىسكەندەر زۇلقەرنەين شەرىق ئىستىلاسىغا ئاتلىنىپ ئۇيغۇرلارغا بەش شەھەر سېلىپ بەرگەن ۋاقىتتا «سولمۇر» نامى «سۇلمى» نامىغا ئۆزگۈرۈپ، تاكى باكتىرىيە ئىمپىرىيىسى قۇرۇلۇپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر يەنىلا «سۇلمى» نامى بىلەن ئاتالغان. «تۈركى تىللار دىۋانى»دا: «ئۇيغۇر- بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن... بۇ شەھەرلەر: سۇلمى، بۇنى زۇلقەرنەين سالدۇرغان. قوجۇ، چانبالىق، بېشبالىق، ياڭى بالىق.» (1-قىسىم، 151-، 152- ۋە 153-بەتلەر) قاتارلىق بەش سەھەرنى سانىغاندا، «سۇلمى» شەھرىنى قالغان تۆت شەھەرنىڭ ئالدىدا قويۇپ، مەزكۇر شەھەرنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئۆزى سالدۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئۇيغۇر زىمىنىغا كىرىشتىكى تۇنجى ئۆتكىلى «تۆۋەن چىن» (ماچىن- قاراچىن) بولۇپ، ئۇ تۇنجى قەدەمنى ئېلىشىغىلا قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراپ «پۈتۈم» تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ دە، «پۈتۈم»دىكى تۇنجى شەھەر «سۇلمى»نى ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ سالدۇرىدۇ. «دىۋان»دا بەش شەھەرنىڭ ئالدىغا تىزىلىپ سانالغان «سۇلمى» شەھرىنى «تۆۋەن چىن»دىن ھالقىپ ئۆتۈپ «ئوتتۇرا چىن»غا ياكى «يۇقۇرى چىن»غا سېلىش ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ يۈرۈش لېنىيىسىگە زىت ھەم تارىخى مەنتىقىغىمۇ زىت. بۇ شەھەر چوقۇمكى، ئىستىلاچىلارنىڭ پامىر ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىپ، «تۆۋەن چىن»گە  باستۇرۇپ كىرگەندە، «ئوتتۇرا چىن» ۋە «يۇقۇرى چىن»غا ھوجۇم قىلىشتىكى تۇنجى ئىستىراتگيىلىك ئارقاسەپ ئىستىكامى ھېساۋىدا سېلىنغان. بىز يۇقۇرىدا، «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى»نىڭ ئومۇمى دائىرىسى ۋە ئاساسى گەۋدە قۇرۇلىشىنى تەپسىلى گۈزىتىپ، «سۇلى» شەھرىدەك زور قۇرۇلۇش ۋە كاتتا شەھەرنى پەرپا قىلىشقا ھېچ ئەقلىمىز يەتمىگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنى، سانسىزلىغان قوشۇنغا ئېگە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ سالدۇرغانلىقىنى قىياس قىلىۋاتىمىز. ئۇنداقتا، ئۇشبۇ ۋاقىتتا «تۆۋەن چىن»نىڭ پادىشاسى زادى كىم بولغىدى ؟ بۇ سۇئالغىمۇ «دىۋان»نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد بوۋىمىز جاۋاپ قالدۇرغان:

« سۈ كەلدى يەر ياپا

قارار قار  (كۆكنى با)سا

قاچتى ئاڭار ئالب ئايا

ئۇفۇت بولۇپ ئول ياشار»

(«يەر يۈزىنى قاپلاپ ئەسكەر كەلدى، ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان چاڭ- توزان ئۇپۇقنى ۋە قارلىق تاغلارنى قاپلىدى، شۇڭا ئالپ ئايا دىگەن كىشى قاچتى، ئۇ يېڭىلگەچكە ئۇيۇلۇپ ياشىدى.») (3-قىسىم، 288- بەت). شېىردىكى دەسلەپكى ئىككى مىسرا، ئىسكەندەر قوشۇنىنىڭ پامىر-قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىغاندىكى دەھشەتلىك كۆرىنىش تەسۋىرى. كىيىنكى ئىككى مىسرادىكى تەسۋىرلەنگەن شەخس «تۆۋەن چىن»نىڭ پادىشاسى «ئالپ ئايا» بولۇپ، ئۇ بەلكىم ئالپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ)تىن 171 يىل كېيىن ياشىغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 329- يىللاردىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تۇنجى قېتىم زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئالپ ئەرتۇڭانىڭ  4-، 5-ئەۋلادى بولىشى مۇمكىن. «ئالپ ئايا» چوقۇمكى «ئالىپ ئەرتۇڭا»دىكى «ئالپ»نى تەخەللۇس قىلغان.

«تۆۋەن چىن»دىكى ئەجداتلىرىمىز «سۇلى» تەۋەلىكىدىكى چاقماق دەريا كەلكۈنىنى يوللايدىغان ئىككى قاشنىڭ بىرىنى «ئاققاش»، يەنە بىرىنى «سولمۇر»، ھەر ئىككى قاشنىڭ ئورتاق نامىنى «گەزقاش»دەپ ئاتاپ، بۇ قاشنى لەھىيەلىگەن «ھاسا ئاتام» توپىنومىيىسىنى قەدىرلەپ، «ھاسا»نى ئۇزۇن- قىسقىلىقنى ئۆلچەيدىغان «گەز»گە تەققاسلاشقان ئىدى. ۋاھالەنكى، ئەفراسىياپنىڭ ئىران بىلەن بولغان كۆرەشلىرىدە «گەزقاش»نىڭ شىمالىدا  ھەربى ھازىرلىقلار نوقتىسى كۆپەيگەچكە، سول تەرەپتىكى قاشنىڭ نامى «سولمۇر» تارىخى ئاتالغۇ دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىپ قالغان. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ شەرق ئىستىلاسى مەزگىلىدە بۇ رايوندىكى قۇرۇلۇشلار ھەسسىلەپ كۆپىيىپ «پۈتۈم»دىكى بەش شەھەرنىڭ بىرى «سۇلمى»غا ئۆزگەرگەن. ئەفراسىياپ (ئالپ ئەرتۇڭا)نىڭ 4-، 5- ئەۋلادى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان «ئالپ ئايا»نىڭ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيندىن قورقۇپ قېچىشىغا قاتتىق نارازى بولغان خەلق، مەزكۈر شەھەرنىڭ نامىنى «سۇلى» دەپ ئاتىۋېلىپ، ئۆز پادىشاسىنىڭ باشقىلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. شۇ ۋەجىدىن «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «سۇلى- قۇللارغا قويۇلىدىغان نام.» (3- قىسىم، 320- بەت) دىگەن نۇمۇسلۇق ئەسلەتمە ساقلىنىپ قالغان. غەربى خەن سۇلالىسىنىڭ «تۆۋەن چىن»غا كەلگەن ئەلچىلىرى خەلق پەرۋەر بولغاچقا، خەلقنىڭ ئاتىشى بويىچە ۋە خەنزۇچە تىرانسپكسىيە بويىچە ئەينەن ھالدا «سۇلى»دەپ ئەنگە ئالغان. مانا بۇ، بۈگۈنكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۈيۈك بىرلىكى تارىخى ئاساسىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ئەمەسمۇ !

2- «ئارادوڭ خارابىسى»

«ئارادوڭ خارابىسى»نىڭ ئورنى «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى كۆرسەتمە تاختىسى» بىلەن «ھېسار ئاتام قەلئەسى خارابىسى»نىڭ ئارىسىدا بولۇپ، «قەدىمكى سۇلى دۆلىتى خارابىسى كۆرسەتمە تاختىسى»نىڭ  يەتتە كىلومېتىر شەرقى شىمالىدا، «ھېسار ئاتام قەلئەسى خارابىسى»نىڭ تۆت كىلومېتىر غەربىدە. «ئارادۆڭ خارابىسى»دا ئىككى دائىملىق تۇرالغۇ قەلئە، بىر ئۆتەڭ ئىزناسى ۋە بىر قەبرە رايونى بار. قەبرە رايونىنىڭ كۆلىمى خېلىلا كەڭ بولۇپ غەرپتىن شەرقكە ئۇزۇنلىقى 200 مېتىر، شىمالدىن جەنۇپقا ئارىلىقى 20 مېتىر. بىر قىسىم ئاسارە- ئەتىقە ئوغرىلىرىنىڭ بەزى جەسەتلەرنى كولاپ چىقارغاندا  قالدۇرۇپ قويغان ھەمدەپنە كوزا پارچىللىرى ئەتراپتا چېچىلىپ تۇرغىنىغا قارىغاندا، قەبرىلەر بۇددىزىم مەزگىلىدە، بۇددىزىم ئەنئەنسى بويىچە قويۇلغاندەك قىلىدۇ. «ئارادوڭ خارابىسى»نىڭ شەرقى جەنۇپ بۇرجىكىدە بىر ئىگىزلىك بولۇپ، بۇ جاينى كولىغۇچىلارمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇششاق گەژ پارچىلىرىنى چىقىرىپ قويغان بولۇپ، بۇ بۇددا مۇنارى بولىشى مۇمكىن. بۇ خارابىلىققا تۇتاش جەنۇب تەرەپتىكى يولنىڭ 100 مېتىر دائىرىسىدە غۇۋا ئولتۇراق ئىزنالار بولۇپ، بۇ جايدىن سۇنۇق يارماقلار تېپىلدى.

3- ھېسار ئاتام  قەلئەسى  خارابىسى

«ھېسار  قەلئەسى  خارابىسى  ئازاق  يېزىسى  قۇمسسېغىر   كەنتىنىڭ  شەرقى  شىمالىدىكى  15  كىلومېتر  كېلىدىغان  جايدا بولۇپ، خەن  دەۋرىگە  ئائىت خارابىدۇر. ھېسار  قەلئە  خارابىسى، قەدىمى  چوڭ يولنىڭ    بويىدا بولۇپ،  قاغان  تىم  ۋە    خان سۇپا  شەھرىگە  بارىدىغان  ئاچا  يول  ئېغىزىغا  جايلاشقان، خان  سۇپا  بىلەن  بولغان  ئارىلىقى تەخمىنەن  5  كېلومېتر. بۇ خارابىنىڭ تۆت  تەرىپى  قورۇق  تامغا  ئېلىنغان  بولۇپ،  كۆلىمى    كىچىكرەك  بولغان  قەلئە  ھېسابلىنىدۇ.  قەلئەنىڭ  مەركىزىدە  بىر  تۆپىلىك  بولۇپ،  تۆپىلىكنىڭ  ئۈستىدە  بىر  كۈزىتىش  مۇنارىنىڭ  خارابىسى  بار. بۇ  قەلئەنىڭ  ئىسمىدىنلا  ئۇنىڭ  بىر    لەشكىرى  ئىشلار  قەلئەسى  ئىكەنلىكى   مەلۇم  بولۇپ    تۇرىدۇ.  بۇ  يەردىنمۇ   نەقىش  چىقىرىلغان  نۇرغۇن    ساپال  پارچىلىرى  ۋە  ساپال  بۇيۇملار  تېپىلغان . بۇ  يەر  ئوبلاست  دەرىجىلىك  قوغدىلىدىغان  مەدەنىيەت   يادىكارلىق   خارابىسىدۇر.»

بۇ خارابىلىقنىڭ كۆرسەتمە تاختىسى «ھېسار ئاتام خارابىسى» دەپ يېزىلغان. ئەمما، ئابدۇشۇكۈرمۇھەممەتئىمىن «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە» دىگەن ئىزدىنىشىدە «ھېسار ئاتام خارابىسى»نى «ھاسا ئاتام» دەپ ئالغان. ئۇنىڭ بۇنداق دەپ ئېلىشىدا ئىككى سەۋەپ بولىشى مۇمكىن، بىرى، ئۇ «ھېسار ئاتام»نىڭ شەكلەن مەنىسىنى «قەلئە ئاتام» دەپ قاراپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنتىقسىزلىقىنى ھىس قىلغان. يەنە بىرى، ئۇ كاتتايايلاق توپىنومىيىسىدىكى «تۇرخېنىم» (تۇرخۇجام) رىۋايىتىدىكى «ھاسا»نى بۇ مەنتىقىسىزلىقنى ئوڭشاشنىڭ بىردىن-بىر ئۇچۇرى قىلغان بولىشى مۇمكىن. بىز، مەزكۇر ئالىمنىڭ قارىشىنى ئورۇنلۇق دەپ قاراپ، ئەسلىدىكى «ھېسار ئاتام خارابىسى»نىڭ ئورنىغا «ھاسا ئاتام»نى ئالدۇق. ھەم بۇ ئاتالغۇ ئارقىلىق «كاتتايلاق نامىنىڭ تىل يىلتىزى ھەققىدە» دىگەن ئىزدىنىشىمىزدە نۇرغۇن ئىلمى يەكۈنلەرگە ئېرىشتۇق. بۇ جاينى يۇقارقى چۈشەندۈرىشتەك « كۆلىمى    كىچىكرەك  بولغان  قەلئە » دىيىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ شەرقى جەنۇبىدا 300 مېتىرغا يېقىن غۇۋا ئىزنا بولۇپ، مەن (ئاپتۇر) بۇ جايدىن بىر چاڭگال سۇنۇق يارماقلارنى ئۇچراتتىم. بۇ جاينىڭ شەرقى شىمالىدا بىر كىچىك كۆلەمدىكى قەبرە رايونى بولۇپ، بىز بۇ جايدىنمۇ قارا ساپال پارچىللىرىنى ئۇچراتتۇق. 54- رەسىمدىكى كوزا پارچىلىرى مەزكۇر قەلئە ئۇستىدىن تېپىلغان. بىز بۇ جايدىكى كىچىك كۆلەمدىكى قەبرە رايونىغا قاراپ، بۇ قەلئەنى «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان»غا ئۆتۈشتىكى سالاھىيەت تەكشۈرۈش ئورنىمىكىن دەپ قالدۇق.

54-رەسىم، كوزا پارچىلىرى

54resim.jpg

4- «خان سۇپا خارابىسى»

55-رەسىم، خانسۇپا

55resim.jpg

«خان  سۇپا  خارابىسى  كاتتايلاق  يېزىسىنىڭ  24  كىلومېتر  غەربى  جەنۇبىغا  جايلاشقان. ئۇ  كەڭرى كەتكەن   تۈزلەڭگە سۇپا  شەكىلدە  ياساپ  چىقىرىلغان قۇرۇلۇش  بولۇپ ،  ئۇزۇنلۇقى 90  مېتر،  كەڭلىكى  62  مېتر، ئېگىزلىكى  7  مېتىر ،  ئۈستىنىڭ    يەر مەيدانى  تەخمىنەن5500  كۇۋدارات  مېتر،  كېلىدۇ، بۇمۇ    خەن  دەۋرىگە  ئائىت  مەدەنىيەت  يادىكارلىق  خارابىسىدۇر. تارىخى  يازمىلار  ۋە  ئارخىئولوگىيەلىك  بايقاشلاردىن   بۇ  يەرنىڭ   ئۇيغۇر  پادىشاھلىرىنىڭ  كاتتا  يىغىلىشلارنى  كۆزدىن كەچۈرىدىغان ،  قەبىلە  ئاقساقاللىرىغا  يىغىن ئاچىدىغان  سورۇن  ئىكەنلىكى  مەلۇم.   خارابىنىڭ  تۆت  تەرىپىگە  تۆت  ئابىدە تىكلەنگەن  بولسىمۇ،  لېكىن  بۇ  قەدىمى  ئابىدىلەر    كىشىلەر  تەرىپىدىن كولاپ ئېلىپ كېتىلگەن.  بۇ  يەردىن  بۇددا ھەيكىلى،  مىس    تەڭگە،  بۇغا  مۈڭگۈزى،  ساپال   ۋە ھەرخىل  گىرىم بۇيۇملىرى  تېپىلغان. 1944-يىلى، خوجاخۇن  ئىسىملىك  بىر  كىشى  بۇ يەردىن  بىر  خان  تاجى تېپىۋالغان بولۇپ،    ئەينى  ۋاقىتتا  بۇ خان  تاجىنى  ھۆكۈمەتنىڭ  ئادەملىرى  ئېلىپ  كەتكەن  ۋە  شۇنىڭدىن كېيىن  ئىزدېرىكى  بولمىغان. بۇ  يەرنىڭ  مەدەنىيەت  قاتلىمى  چوڭقۇر،  تارىخىنىڭ  ئۇزۇن  بولۇپ  قوغداش  تەدبىرلىرى  قوللىنىش  زۆرۈرلىكىنى  ھېس  قىلغىلى بولىدۇ. خان  سۇپا  ئوبلاست  دەرىجىلىك  قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت  يادىكارلىق ئورنى  ھېسابلىنىدۇ.»

«خان سۇپا خارابىسى»نىڭ ئىنسان ئىزناسى قاتلىمى ئۈچ مېتىردىن ئارتۇق (56-رەسىمدىكىدەك) بولۇپ، ھەممىلا جايدىن ئاددى بولسىمۇ مەدەنىي يادىكارلىق بويۇملىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىز بۇ جايدىن ئىككى تال بۆرە ھوشۇقى (59- رەسىم)، ئاددى تاش يارغۇنچاق (57-رەسىم)، پۈتۈنلەي چىرىپ كەتكەن مىتال پارچىلىرى (58-، 61-رەسىم)، قاپارتما نەقىشلىق ساپال پارچىلىرى (58-، 60-رەسىم)، تاش مۇنچاق ۋە ساپال مۇنچاق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۇچراتتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە بۆرە ھوشۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ توتېم ئىتىقادىنى ئەسلىتىدۇ. ئاددى تاش يارغۇنچاقنىڭ يۈزىدىكى سىزىقچىلار باچاڭدىكى «دۇلدۇرۇقۇم تاغ ئۈستى قەلئەسى»دىن تېپىلغان يارغۇنچاقنىڭ سىزىقلىرىغا پۈتۈنلەي ئوخشاش. بۇ يارغۇنچاقنىڭ بىرى ئاتۇش باج ئىدارىسىدىكى مۇھەممەتجان سەيدىللادا، يەنە بىرى باش باچاڭدىكى ياسىنجان ھاپىزدا.

يۇقۇرقى تېپىندىلار ئىچىدە تاش مۇنچاق، ساپال مۇنچاق، بۆرە ھوشۇقى ۋە بىرونزا بويۇملار پارچىلىرى، مەدەنىيەت بويۇملىرى ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىغا ھۆكۈم قىلىشتەك، تارىخشۇناسلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئومۇمى قارىشى بويىچە، ھېچ بولمىغاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللارغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر، ئىنسان ئىزنالىرى ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرغان، ئۈچ مېتىرلىق يەر قەتلىمىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل گۈزىتىدىغان بولساق، بىز تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىغان نەتىجىلەر قولغا كېلىشى مۇمكىن.

56-رەسىم، خانسۇپا يەر قاتلىمى

56resim.jpg

57-رەسىم، ئاددى تاش يارغۇنچاق

57resim.jpg

58-رەسىم، مىتال ۋە ساپال پارچىلىرى

58resim.jpg

59-رەسىم، يارغۇنچاق پارچىلىرى، بۆرە ھوشۇقى ۋە يارماق

59resim.jpg

60-رەسىم، ساپال ئۈستىدىكى قاپارتما نەقىش

60resim.jpg

61-رەسىم، مىتال پارچىلىرى

61resim.jpg

6- «تىم قورغان خارابىسى»

«تىم  قەلئەسى  خارابىسى  كاتتايلاق يېزىسى 26 كىلومېتر  غەربى  جەنۇبىدا  بولۇپ،  خان  سۇپىنىڭ  غەربى    بىلەن  بولغان  ئارىلىقى  تەخمىنەن 2  كىلومېتر،  بۇ  خارابە  خەن  دەۋرىگە    مەنسۇپ   مەدەنىيەت  يادىكارلىق  ئورنىدۇر. بۇ  خارابىنىڭ  تاشقى  كۆرۈنۈشى  ۋە  جۇغراپىيەلىك  ئورنىدىن قارىغاندا  ئۇنىڭ  ستراتىگىيەلىك  ئەھمىيەتكە  ئىگە    لەشكىرى  بازا  بولۇشى  ئىھتىمالغا يىقىن.  قەلئەنىڭ  تۆت  ئەتراپىدا قورۇق  تام  بار. قورۇق تام  دەرۋازىسىنىڭ  ئېگىز  مۇنارى  ھېلىھەم  شۇنداق  ھەيۋەتلىك  بولۇپ  ئېگىزلىكى  تەخمىنەن  12 مېتر،   لاي   كېسەك بىلەن   قوپۇرۇلغان،  لاي  كېسەكلەرنىڭ  ئۆلچىمى 5014×34×،     قەلئەنىڭ  ئومۇمى  كۆلىمى (62-رەسىم) تەخمىنەن  15  مو  كېلىدۇ.  قەلئەدىن خېمىر يۇغۇرغان  ياغاچ  تەڭنە،  ئاق  يىپلىق يۇڭ  رەخت پارچىسى، ھەر  خىل ساپال  پارچىلىرى  ۋە  قەدىمقى  مىس  تەڭگىلەر  تېپىلغان. بۇ  يەر  ئوبلاست  دەرىجىلىك  قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت  يادىكارلىق  ئورنى  ھېسابلىنىدۇ.»

بىز «تىم قورغان خارابىسى»دا 63-رەسىم دىكىدەك ھەممە يەرگە چېچىلىپ ياتقان ساپال پارچىلىرى، قەدىمكى ھەيكەللەرنىڭ توپا بىلەن بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن قىزىل ھەم ئۇيۇل كاللەكلىشىپ قالغان قالدۇق نەرسىلەرنى كۆپ ئۇچراتتۇق. بىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى 64-رەسىمدىكى قوپال باش ھەيكەل (بۇ ھەيكەل توختى پاشادا)نى ئۇچراتقانلىقىمىز بولدى . بۇ ھەيكەل  ناھايىتى ئاددى لاھىيەلەنگەن بولۇپ، ئادەمنىڭ باش قىسمى، بولۇپمۇ كۆز، قاش، بۇرۇن ۋە ئېغىز قىسمى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. بۇ ھەيكەلمۇ «دۇلدۇرۇقۇم تاغ ئۈستى قەلەسى» («تۆۋەن چىن»نىڭ «بارخان» ئوردىسى)دىن تېپىلغان «11-رەسىم، كوزا تۇتقۇچىدىكى ئادەم (ئەر) بېشى قاپارتمىسى»دەك بالبال ۋە قورچاق تىپىدىكى يادىكارلىقتەك قىلىدۇ. ھەيكەلنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى چەمبەر سىمان ئايلانما سىزىق ھالىتىدىكى قاپارتما نەرسە، ناھايىتى چوڭ ھەيكەلنىڭ باش قىسمىنىڭ بۈدۈر چاچ ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن نەرسە بولسا كېرەك . 65- رەسىمدىكى يارماق ۋە مارچان مۇشۇ رايۇندىن تېپىلغان. مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىن ئىش ھەققى ئېلىپ «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان»نىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل توختى پاشا ئىسىملىك كىشنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ جايدىن يەنە «ئەنقا باشلىق ئادەم ھەيكىلى» بايقالغان بولۇپ، بۇ ھەيكەل ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. «ئەنقا باشلىق ئادەم ھەيكىلى» بىلەن 35-رەسىمدىكى «ئارغۇ ئاچچىغدىكى ئىككى قۇش سۆرىتى» ئاساسەن تارىختىكى ھونلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. «تىم قورغان خارابىسى»دا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بىر ئېگىز مۇنار بولۇپ بۇ  غەربى جەنۇپتىكى «سۇلى»غا ۋە شىمالدىكى «بارخان» (دۇلدۇرۇقۇم تاغ ئۈستى قەلئەسى)گە ئوت يېقىپ ياكى تۇتۇنلىتىپ بەلگە بېرىشتىكى «تۇر» بولىشى مۇمكىن.

ئومۇمەن، «خان سۇپا» بىلەن «تىم قورغان خارابىسى» ئاساسەن بىر گەۋدە ھالىتىدىكى خېلى چوڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. بۇ ئىككى تارىخى ئىزنا «سۇلى»نىڭ شەرقى شىمال قورغىنى بولۇپ، «سۇلى»دىن «سۇغۇن ئاغزى» ۋە «بارخان»غا ئۆتۈشتىكى ئەڭ موھىم ئۆتكەللەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ھەم بۇ جايدىن تېپىلغان خانتاجىغا قارىغاندىمۇ «خان سۇپا خارابىسى»دا ئەفراسىياپ (ئالپ ئەرتۇڭا)، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين، «ئالپ ئايا» ۋە غەربى خەن سولالىسىنىڭ ئۇلۇغ سانغۇنى بەن چاۋ قاتارلىق پادىشا ۋە سانغۇنلار تۇرغان بولىشى مۇمكىن.

62-رەسىم، تىم قورغان خارابىسى

62resim.jpg

63-رەسىم، چېچىلىپ ياتقان ساپاللار

63resim.jpg

64-رەسىم، قوپال باش ھەيكەل

64resim.jpg

65-رەسىم، يارماق ۋە مارجان

65resim.jpg

7- «كونا مۇرتۇم خارابىسى»

«مورتىم  خارابىسى  كاتتايلاق  چۈشۈرگە  كەنتىدىن  12  كىلومېتر  يىراقلىققا  جايلاشقان  بولۇپ،  پىرامىدا  شەكىللىك  بىر  مۇنار  ھېسابلىنىدۇ،  ئاستىنىڭ  دېئامېتر 21  مېتر،  ئېگىزلىكى 7  مېتر،  بولۇپ    لاي كېسەكتىن قوپۇرۇلغان،  لاي  كېسەكلەرنىڭ  ئۆلچىمى   36×   34× 9  سانتىمېتر، بۇ  خەن  دەۋرىگە  ئائىت  مەدەنىيەت  يادىكارلىقى  بولۇپ،  بۇددا  دىنى  قۇرۇلۇشى  ھېسابلىنىدۇ،  ئۇنىڭ  شەكلى  ئۆزگىچە  بولۇپ  ئۇنى  غەربى  دىياردىكى  ئەل  ئىھرام  دېيىشكە  بولىدۇ،  يىللارنىڭ  ئۆتۈشى  بىلەن  بۇ  يەر  ئېغىر  بۇزغۇنچىلىققا  ئۇچرىغان. بۇ   ئوبلاست  دەرىجىلىك   قوغدىلىدىغان    مەدەنىيەت  يادىكارلىق  ئورنى  ھېسابلىنىدۇ.»

يۇقۇرقى چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا «كونا مۇرتۇم خارابىسى» بىلەن ھازىرقى قۇمسېغىرنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى «مۇرتۇم خارابىسى»نىڭ زۆرۈر تارىخى مۇناسىۋىتى باردەك قىلىدۇ. بىزنىڭچە، قەدىمكى «سۇلى» بارغانسىرى يوقۇلۇش گىرداۋىغا يۈز تۇتقان ئەھۋالدا، ئەشۇ «كونا مۇرتۇم»نى ئەۋلاتلارنىڭ ئۇنتۇپ قالماسلىقى ۋە مەڭگۈ يادلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن قۇمسېغىرنىڭ غەربى جەنۇبىغا يۆتكەلگەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-6 07:13 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptap104 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10157
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 06:50:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىتىملىق  قۇرۇلتايدا ئىنىق قىلىپ،شەھەر رايونىنى نامۇۋاپىق كىڭەيتىش،كىڭەيتىشنى ئاساس قىلىۋىلىپ يەرلىكتىكى مەدىنىي مىراسلار،قوغدىلىدىغان رايونلارنى ئىگىلىۋىلىشنى قاتتىق چەكلەش كىرەك دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ يەنىلا يەرلىكتىكى پۇلغا تويماس پوققورساقلار كىم پۇلنى جىقراق شۇڭغۇتسا شۇنىڭغا يەرنى كىسىپ بىرىۋەدى....   

                 قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش،مۇھىت ئامىلىنى ئىتىبارغا ئالماسلىق،يەرلىك مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت ۋە قەدىمىي مىراسلارغا پەرۋاسىز قاراش ئاخىرىغا كىلىپ شۇ تاپقان پۇلى بىلەن شۇ بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ 10/1نى قايتۇرۇپ كىلەلمەسلىك.........   

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10157
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 06:58:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋە..... مۇنداق تىمىنى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق دىسە....ھەي

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 07:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TaRKiN يوللىغان ۋاقتى  2013-6-6 06:50 PM
بۇ قىتىملىق  قۇرۇلتايدا ئىنىق قىلىپ،شەھەر رايونىنى نا ...

ئۇنداق قىلماڭلار مۇنداق قىلماڭلار دەپ شۇلار ئۈگۈتۈپ قويىدىكەن . يۇقۇردىكىلەر قىلماڭلار دەۋاتىدۇ قىلىپ باقىلى قانداق بولىدۇ دەمدىكىن يا تۈۋەندىكىلەر .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10157
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 07:06:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-6-6 07:03 PM
ئۇنداق قىلماڭلار مۇنداق قىلماڭلار دەپ شۇلار ئۈگۈتۈپ  ...

بۇلار قىلسا يانا شۇ پايدا...

         قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقىمايدۇ

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 07:10:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئەجەپ مۇنداق ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ...

مۇھتاجىلىق بەك يامان

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 07:47:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ خارابىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى مۇشۇنداق قىلىپ ئاستا-ئاستا ئېچىپ تۈگەتمىسە كېيىن يېڭى خارەبىلىككە ئورۇن چىقمايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايدۇ.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 07:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمقلمز  ئۇ كونا تاش تمقنق ساقلاپ قىلىپ.چىقىپ تۈزلەپ چىرايلىق قۇرلۇش قىلىپ دىيارىمىزنى ساھالەر بويچە تەرەققىي قىلدۇرشىمىز يەر ماكانسىز بەسەيلەرنى ھاراسى قۇرغاق كىلماتى ناچار دىيارىمىز غا تەكلىپ قىلىپ ئورتاق كۈچچىكرىپ باي ئىنىق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقشىمىز كىرەك.............شۇ كونا يەرلىنى چاقساق بەلكىم بىرەتال لاتاخەي سۇنمايمۇن كەيگەن يا    بىرى چاڭگال پۇچۇق تەڭگە چىقدۇ .بۇ بىزنىڭ ئايرىلماس قىرىنداش ئىكەنلىكمىزنى ئىسپستلاپ بىردۇ ...شۇ خارابىلىقلارنى چىقىپ دەللسپات توپلاپ يۇتتاشلارنى خارتىرجەم ئىلىپ چىقشىمىز .مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ھاللىق سەۋيەەە يىتشىمىز كىرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 07:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمقلمز  ئۇ كونا تاش تام لىقنق ساقلاپ قىلىپ.چىقىپ تۈزلەپ چىرايلىق قۇرلۇش قىلىپ دىيارىمىزنى ساھالەر بويچە تەرەققىي قىلدۇرشىمىز يەر ماكانسىز بەسەيلەرنى ھاۋاسى قۇرغاق كىلماتى ناچار دىيارىمىز غا تەكلىپ قىلىپ ئورتاق كۈچچىكرىپ باي ئىنىق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقشىمىز كىرەك.............شۇ كونا يەرلىنى چاقساق بەلكىم بىرەتال لاتاخەي سۇنمايمۇن كەيگەن يا    بىرى چاڭگال پۇچۇق تەڭگە چىقدۇ .بۇ بىزنىڭ ئايرىلماس قىرىنداش ئىكەنلىكمىزنى ئىسپستلاپ بىردۇ ...شۇ خارابىلىقلارنى چىقىپ دەللسپات توپلاپ يۇتتاشلارنى خارتىرجەم ئىلىپ چىقشىمىز .مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ھاللىق سەۋيەەە يىتشىمىز كىرەك بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BAHADER1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-6 07:56 PM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 09:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش