ئاستانە 6-ئاينىڭ 6-كۇنى ،قازئاخبارات-دۇنيادىكى لىۆ تىلىنى بىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەم گرىيزىلدا كريستين 103 يىشىدا كانادادە ۋاپات بولدى-دەپ خەۋەر قىلدى لەنتا.رۇ مۇنبىرى.
بۇ لىۆ تىلىنى بىلىدىغان گرىزىلدا كريستين:
The Times جۇرنىلىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىرقى كۇندە فىن-ۋگور تىلىنىڭ لىۆ تارمىقىدا سۆزلىشىدىغان 40 تەك ئادەم بار، ئەپسۇس، بۇ 40تەك ئادەمنىڭ ھىچ بىرىسى لىۆ تىلىنى ئوزلىرىنىڭ ئانا تىلى دەپ قارىمايدۇ، ھازىر ئوزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان لىۆ مىللىتىدىن 400دەك ئادەم قالغان،
گىرىزىلدا كرىستين بالتىق دىڭىزى قىرغىقىدىكى لىۆ مىللىتى يىزىسىدا تۇغۇلغان،1944-يىلى ئائىلىسى بىلەن بىللە لاتوۆىيەدىن كانادىغا كوچمەن بولغان، كىيىنكى يىللاردا ئۇ تىل مۇتەقەسىسلىرى بىلەن مۇشۇ لىۆ تىلىنى ھوججەت شەكلىدە قاتىرىلەش ۋە ئوقۇشلۇق ئىشلەشكە قاتناشتى، ئۇ يەنە ئوز ئانا تىلىدە شىئىر يىزىپ، ۋاپات بولۇشتىن بىر ئاي بۇرۇنلا تاماملىغانكەن،.
لىۆ تىلى فىن-ۋگور تىللىرىنىڭ فرىبالتىىقلىق-فىن تارمىقىغا كىرىدۇ، لىكىن، قىرىنداش تىل بولغان بىلەن ئىستونىيىلىكلەر بىلەن فىن(فىنلاندىيە)لىقلار بۇ تىلنى چۇشۇنۇپ كىتەلمەيدۇ،مۇشۇ لىۆ تىلىنىڭ ۋەكىللىرى بالتىق دىڭىزى قىرغىقىدە ياشىغان فىن-ۋگور تايىپىلرى ئىدى، بەزى مەلۇماتلاردە ئولار مۇشۇ يەرگە 9مىڭ يىلدىن بۇرۇن كىلىپ ماكانلاشقان.
لىۆ تىلىنى بىلىپ تۇرۇپ ،ئانا تىلى ھىساپلىمىغان ۋە ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان 400دەك ئادەمگە قاراپلا، دۇنيادىن بىر تىلنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ.
مەنبە:
http://www.inform.kz/arb/article/2564031