تەۋپىق روھى-ئۆچمەس مەشئەل
يالقۇن روزى
20-ئەسىردىكى تاڭ قۇياشى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارنىڭ جىمجىت ئۇزىشى بىلەن ئالەمدىكى كۆپىنچە كىشلەر 20-ئەسىرنىڭ تارىخقا ئايلىنىپ قىلىشىغا گۇۋاھچى بولۇپ قىلىشتى. يىڭى بىر ئىرا، يىڭى بىر ئەسىرنىڭ ھەيۋەتلىك قوڭغۇرىقى داڭ ئۇرۇپ دۇنيانى لەززىگە سالدى. ھەرقايسى ئەللەر، مىللەتلەر، قوۋملار ئۆزىنىڭ ئەسىرلىك نەتىجە-ئۇتۇقلىرى ۋە تەجىرىبە-ساۋاقلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈلگۈردى. يىڭى بىر تاڭ، يىڭى بىر باشلىنىش ئەسىرلەردىن بىرى تۈرلۈك-تۈمەن قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ كەلگەن بىزدەك قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتكە قانداق تۇيغۇ بېغىشلىدى؟
21-ئەسىرنىڭ قوڭغۇرىقى كىشىنى ھاياجانلىق ھېسلارغا چۆمدۇرىدىغان، ئەسلىتىش، ئويلاندۇرۇش ۋە ئويغىتىش كۈچىگە باي ياڭراق ساداسى بىلەن ھەربىر خەلىقنى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى كەچمىشلىرىنى ۋاراقلاشقا؛ دۇچ كەلگەن ھايات قىسمەتلىرىدىن ئىدراكي يەكۈن چىقىرىشقا، يىڭىدىن دۇچ كەلگەن كىرىزىسلىرىغا چارە-ئامال ئىزدەشكە، كىلەچىكى ئۈستىدە ئەستايىدىل باش قاتۇرۇشقا، نېمىگە ئەقىدە باغلاپ، نېمىگە ئىنتىلىپ ياشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەخىرسىز ئىزدىنىشكە ئۈندىدى.
شۇ قاتاردا بىزمۇ، تەپەككۇر قۇۋۋىتىمىزنىڭ ۋە بىلىش ئىقتىدارىمىزنىڭ يىتىشچە ئەسلەشكە، ئويلاشقا ۋە ئىزدىنىشكە تىرىشتۇق. ئۇزاق-ئۇزاقلاردىن ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خىلمۇخىل ئاۋازلارنى ئاڭلىدۇق.
بىز ئانا تارىخىمىزنىڭ قاراڭغۇ جىلغىلىرىدىن ئاڭلانغان خاسىيەتلىك كۆك بۆرىنىڭ سوزۇپ-سوزۇپ ھۇۋلاشلىرىغا قۇلاق سالدۇق. قۇلاقلىرىمىزغا تونۇش بولغان بۇ مۇقەددەس ئاۋاز بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزنى ھاياجان ئىلكىدە تىترەتتى؛ تومۇرلىرىمىزدىكى ئۇيۇغان، سوۋۇغان قانلىرىمىزنى قىزىتىپ جۇشقۇن دولقۇن ياسىدى.
بىز، ئۇلۇغ بوۋىمىز ئوغۇزخاننىڭ ئاپپاق ئارغىماق ئۈستىدە غالىبلارچە ئولتۇرۇپ جاكارلىغان ئۇلۇغ پەرمانىغا قۇلاق سالدۇق، ئۇنىڭ شىدەك ھۆركىرەپ تۇرۇپ جاكارلىغان ئۇلۇغ پەرمانى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ كەتى؛
مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئىلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بۇيان*، (غەلبە، بەخىت سائادەت)
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران*. (جەڭ شۇئارى)
بىز تۇران شاھى بۈيۈك بوۋىمىز ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ يۈزمىڭلىغان ئۇچلۇق قالپاقلىق چەۋەندازلانى ئەگەشتۈرۈپ مەككار پارس پادىشاھلىرىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن تۇتۇشقاندا ئارغىماق ئېتىنىڭ ئېچىنىشلىق كىششنىگەن ئاۋازىنى ئىشتتۇق. يەر-كۆك ياش تۆكتى. پۇتكۈل تۇران ۋادىسى لەززىگە كىلىپ ئۇچار قاناتلاردىن تارتىپ گۈل-گىياھلارغىچە ئەلەملىك پەرياد كۆتۈردى؛
ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟
ۋاپاسىز دۇنيا قالدىمۇ؟
پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ؟
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.
بىز مۇقەددەس ئۆتۈگەن تېغىدا ئولتۇرۇپ جاھان سورىغان باھادىر قاغانلىرىمىزنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلىرىنى باشلاپ سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى بىپايان يايلاق-چۆللەردە شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلىپ، مەغرۇر تەلەپپۇزدا: «ئالدى تەرەپتە كۈن چىقىشقىچە، جەنۇپتا تۈن ئوتتۇرسىغىچە، ئارقا تەرەپتە كۈن پېتىشقىچە (ۋە) شىمالدا تۈن ئوتتۇرسىغىچە، بۇ چىگرالارنىڭ ئىچىدىكى پۈتكۈل خەلىقلەر ماڭا قارايدۇ. بىشى بارلارنى باش ئەگكۈزدۈم، تىزى بارلارنى تىز پۈكتۈردۇم، سەلتەنىتىمنىڭ سۈر-ھەيۋىسى تۆت ئەتراپنى قاپلىدى» دىگەن غالىبانە ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق.
بىز دانىشمەن سۇلتانىمىز سۇتۇق بۇغراخاننىڭ جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرغان قىپقىزىل خاقانىيە بايرىقىنى ئوتتۇرا ئاسيانىڭ ئاسمىنىدا ھەيۋەت بىلەن قانداق لەپىلدەتكەنلىكىنى كۆردۇق. قەشقەردە ياڭراپ، پۇتكۈل تارىم ۋادىسىنى قاپلىغان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق.
بىز لەنەتگەردى ئافاق خوجا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرى جۇڭغار قوشۇنلىرىنى سەئىدىيە سەلتەنىتى ئۈستىگە باشلاپ كەلگەندە، ئۈركۈپ قاچقان مەزلۇم خەلىقنىڭ ئاچ-زارلىقتا قىلغان نالىسىنى ئاڭلىدۇق؛ يەركەندىكى ئالى بىلىم يۇرتى، 360 ھۇجرىلىق ئالتۇنلۇنلۇق (رەشىدىيە) مەدرىسىنى قورشاپ ئۆز قولى بىلەن ئوت قويغاندا، مەدرىس ئىچىگە پاناھلىنىۋالغان 2000 دىن ئوشۇق ئۇستاز -شاگرىتنىڭ چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان دەھشەتلىك ئوت دىڭىزى ئىچىدە قىلغان قارغىشلىرىنى ئاڭلىدۇق...
بىز ئەنە شۇ قۇللۇق ئاسارىتى ۋە نادانلىق جاھالىتى تۈپەيلى باشلانغان كۆپ ئەسىرلىك تۈگىمەس سورۇقچىلىقلاردا، تارىخنىڭ تۈگىمەس تاسقاشلىرىدا قەدىمدە تۈركىي خەلىقلەر ئىچىدە ئاۋانگارت ھېسابلىنىدىغان بۇ مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ پۈتۈنلەي ھالىدىن كىتىپ، تولىمۇ زەئىپ ۋە بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسلىدۇق. ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئىسلام تارىخچىسى مەسئۇدى ئەجدادلىرىمىز توغرۇلۇق «دەۋرىمىزدە (943-يىللىرى) تۈرۈك قەبىللىرى ۋە تۈرۈكلەر ئىچىدە توققۇز ئوغۇزلاردەك باتۇر، ئۇلاردەك قۇدرەتلىك ھەم ئۇلاردەك مۇستەھكەم دۆلەت باشقۇرغانلار يوق» دەپ قايىللىق بىلەن تەسەننا ئوقوغان. بۇ ئۇلۇغ خەلق ئارىدىن 1000 يىللار ئۆتكەندە خۇددى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ تىلى بىلەن ئېتقاندا، ئەھمەدشاھ قارقاشىنىڭ مەشھۇر ساتراسى «ئات ھەققىدە مۇخەممەس» تە تەسۋىرلەنگەن ئەبكار ئاتنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالغانىدى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر خەلقى بۇ يىللاردا مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قۇللاشتۇرغۇچى قەبىھ سىياسەت-قانۇنلىرىنىڭ تۆمۈر پەنجىسىدە ۋە سوپى ئىشانلارنىڭ نادانلاشتۇرغۇچى ئەقىدە-تەشەببۇسلىرىنىڭ جاھالەت ئىسكەنجىسىدە غورۇر-ئىپتىخارىدىن ۋە ئىشەنىچ-ئېتقادىدىن ئايرىلىپ، زئىپلىشىپ، ھورۇنلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ، بۇزۇقلىشىپ، ئىنسانى ساپاسىدىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدىغان بىر توپ ئاڭقاۋ-ئازغۇن قوۋمغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئاشۇ يىللاردا قەشقەرىيە تۇپرىقىغا قەدەم باسقان 23 ياشلىق قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانۇف 1858-يىلى ئۆز خاتىرىسىگە مۇنداق يازغانىدى: «بۇ مىللەتنىڭ بىشىغا كىلىۋاتقان پۈتمەس-تۈگىمەس قۇللۇق ئاسارىتى، زورلۇق-زومبۇلۇق ھەم ئادالەتسىزلىكلەر ئەنە شۇنداق بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك، ھورۇنلۇق، يالغانچىلىق، بۇزۇقلۇق دىگەندەك ئىللەتلەرنىڭ يامراپ كىتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. لىكىن بۇ مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەرگە نېسىپ بولمىغان شۇنداق سېھرى كۈچى باركى، ئەگەر بۇ مىللەت باشقىچە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولالىغان بولسىدى، ئۆزلىرى بىلەن بىر دىندىكى باشقا مىللەتلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى.» چوقان ۋەلىخانۇف توغرا ئېيىتقانىدى. ئەلۋەتتە، « كىشلەر زىيادە پەرۋىشكە، چىكىدىن ئاشقان رەھبەرلىككە ۋە قاتتىق نازارەتكە چۈشۈپ قالغان جايدا مۇقەررەر شۇنداق بىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق كىشلەرنى قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان زەئىپلىككە گىرىپتار بولىدۇ.» (ساموئېل سىمايلىس).
تاينىپ كەلگەن مۇقەددەس ئېتىقاد تۈۋرۈكلىرىنى قۇرت يەپ كاۋاك قىلىپ قويغان، نۇر چېچىپ كەلگەن مەرىپەت مەشئەللىرىنى بوران سوقۇپ خىرە قىلىپ قويغان بۇ خەلىقنىڭ نادان قىز-ئوغۇللىرى بۇنىڭدىن 100يىل ئىلگىرىكى، كونا ئەسىردىن يىڭى ئەسىرگە ئاتلاشنىڭ خاسىيىتىنى قىلچە ھىس قىلالمىغان، ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە ياڭرىغان قوڭغۇراق ساداسىنى ئازراقمۇ ئاڭلىيالمىغانىدى. ئەينى چاغدا كۆتۈرۈلگەن يىڭى ئەسىر قۇياشىنىڭ تۇنجى ئالتۇن نۇرىغا سۆيۈنۈش ئىلكىدە چۆمەلمىگەنىدى.
دېمەك، 19-ئەسىردىن 20-ئەسىرگە جاھاندىن بىخەۋەر ھالدا، قۇللۇق كىشەنلىرىنى شاراقشىتىپ، نادانلىق جەندىلىرىنى سۆرىشىپ كىرىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالىمىدە يۈز بىرىۋاتقان ئىمپىېرىيە ئۇرۇشلىرىدىن، ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدىن، ئىلىم-مەرىپەت يىڭىلىقلىرىدىن تامامەن خەۋەرسىز ئىدى.
زۇلمەت قۇيۇنلىرى چۆرگىلەپ تىنمىغان بۇ قەدىمكى تۇپراق، غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولۇپ كەتكەن بۇ قەدىمكى خەلىق يىڭى تارىخ يارىتالايدىغان شىر يۈرەك ئەزىمەتلىرىنىڭ ۋە يىڭى دولقۇن قوزغىيالايدىغان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ ئۆزلىرىنى بۇ كۈلپەتلىك تەقدىردىن قۇتۇلدۇرۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.
20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئاكا-ئۇكا مۇسا بايېفلار ئاچقان يىڭىچە بەننى مەكتەپلەر، ئابدۇقادىر داموللام ئېلىپ كەلگەن جەددىزم تەشەببۇسلىرى، قۇمۇل تاغلىرىدا يانغان ئىنقىلاب يالقۇنى، مۇھتىلار ئوغۇللىرىنىڭ قىلىچىدا يالتىرىغان قۇياش نۇرى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توۋلىغان ئويغىنىش چوقانلىرى، مەمتىلى ئەپەندى قوزغىغان يىڭى مائارىپ ھەركىتى،قۇتلۇق شەۋقى چىقارغان گىزىت-ژۇرناللار بۇ قەدىمكى تۇپراقنىڭ ئۇنتۇلغان شۆھرىتىنى تىكلەش، قەدرىنى يوقاتقان بۇ قەدىمكى مىللەتنىڭ ئىساني ئىززىتىنى تىكلەش يولىدىكى تارىخى ئۇرۇنۇشلار ئىدى.
ئېتىقاد جەھەتتىكى ساپلىقنى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىقنى يوقىتىپ جاھالەت دەشتىدە تېڭىرقاپ تۇرغان، قۇللۇق ۋە مەھكۇملۇق پىسخىكىسىغا ئەسىر بولۇپ خار ۋە زەبۇنلۇق كوچىسىدا ئۆمىلەپ يۈرگەن بۇ خەلىقنى، ھە دىگەندىلا ئۈزۈلمەس مەنىۋى رىشتىگە ئىگە قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئورتاق مىللىي ئارزۇ يولىنى بويلاپ مىڭىشقا يېتەكلەش ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىدى. شۇنداقتىمۇ تىرىشچانلىق ۋە قىزغىنلىق ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. بۇ مەزلۇم خەلىقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆزىنىڭ ئېنسانىي قەدىر-قىممىتىنى تېپىپ ياشاش، ئىشەنىچ-ئىتقادىنى مۇستەھكەملەش، ئىلىم-مەرىپەت مەشئەللىرىنى يىلىنىجىتىپ نادانلىقنىڭ قارا قولىدىن قۇتۇلۇش يولىدىكى تارىخى ئۇرۇنۇشلىرى دولقۇن ياسىدى. بۇ تارىخىي ئۇرۇنۇشلار مەيلى قانداق نەتىجىلەنگەن بولسۇن، خەلق بۇ جەرياندا نېمىگە ئەقىدە باغلاپ، نېمىگە ئېنتىلىپ ياشاش كېرەكلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتتى. نەتىجىدە مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىمىزدا زاماننىڭ تەلىپىگە ماسلاشقۇدەك دەرىجىدە بولمىسىمۇ، ھەرھالدا ئىلگىركى يىللارغا سىلىشتۇرغاندا كىشىنى ئۈمىدۋار قىلىدىغان ئويغىنىش دولقۇنلىرى شەكىللەندى. ئەنە شۇ مىللىي ئۆزلۈك ئىڭىمىزدا شەكىللەنگەن ئويغىنىش دولقۇنلىرىنىڭ ئەۋجىدە بىر ياڭراق سادا، يەنى تەۋپىق روھى- نادانلىقتىن، قالاقلىقتىن، بىخۇدلۇقتىن قۇتۇلۇش يولىدا بارلىقىنى بىغىشلاش، ئىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈش روھى ئۆزگىچە سېھرى قۇدرەت بىلەن نەرە تارتتى:
ئويغان خەلق، يۇرتۇڭنى سەن قۇتۇلدۇر،
مەكتەپ بىلەن چىراق ياققىن، نۇر تولدۇر!
بىتسۇن ئەمدى، زۇلمەت دەۋرى-ئىستىبدات،
قارا كۈندىن، شۇم تەقدىردىن بول ئازاد!
20-ئەسىر تارىخىمىزدىكى ئۇلۇغ مائارىپچى، تالانىتلىق تەشكىلاتچى، ئوت يۈرەك كومپوزىتور ۋە شائىر مەمتىلى ئەپەندى(تەۋپىق، 1901-1937)
ئۆزىنىڭ قىسقا، ئەمما قىسمەتكە باي شانلىق ھاياتىدا ھەقىقى مائارىپچىغا خاس پىداكار ئوبرازى، ئىنقىلابچىغا خاس جەڭگىۋار روھى، تەشكىلاتچىغا خاس پۇختا ھەركىتى، جەڭچىگە خاس قەيسەر خاراكتىرى ۋە سەنئەتكارغا خاس مەغرۇر خىسلىتى بىلەن تىللاردا داستان قىلغۇدەك ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، يالقۇنلۇق مەكتەپ ناخشا-مارشىلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئۆز ئەقىدىسى يولىدا كۆيۈپ كۈل بولۇپ، روھىيەت تارىخىمىزدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر - تەۋپىق روھىنى ياڭرىتىپ، مىللى ئۆزلۈك ئىڭىمىزدا شەكىللەنگەن ئويغىنىش دولقۇنلىرنىڭ ئەۋجىگە بىر ياڭراق ئۈن قاتتى؛ مەنىۋىيەت ئاسمىنىمىزغا بىر ئۆچمەس مەشئەل ياقتى. بۇ ئۇلۇغ روھ گويا ئۆچمەس مەشئەلگە ئوخشاش بىزنىڭ ئىزدىنىش يوللىرىمىزغا دائىم نۇر چىچىپ تۇرىدۇ. ئۇ بىر مۇقەددەس سادا سۈپتىدە بىزنى نېمىگە ئەقىدە باغلاپ، نېمىگە ئىنتىلىپ ياشاش كىرەكلىكى ھەققىدە ھەر دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۈمىدۋارلىق، پىداكارلىق بىلەن ياشاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
21-ئەسىرنىڭ تۇنقى تاڭ قۇياشى ئۆزىنىڭ ئىلھامبەخىش جىلۋىسى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلىب قەسىرىدىن ئورۇن ئالغان قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر - تەۋپىق روھىنى ۋە بۇ روھنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان مەمتىلى ئەپەندى تۇغۇلغىنىغا توپتوغرا 100 يىل بولغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالدى.
بىز، بارلىقىنى ئانا خەلقىگە بېغىشلىغان بۇ بۈيۈك ئوغلاننىڭ 100يىللىق تەۋەللۇتىنى قانداق خاتىرلەيمىز؟ ھىسياتلىق نەزىم-قوشاقلارنى پۈتۈپ قويۇش، قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، تۇپراق بىشىغا گۈلدەستىلەرنى قويۇش، خاتىرلەش سورۇنلىرىنى تەشكىللەپ ھاياجانلىق نۇتۇق-تەسراتلارنى سۆزلەپ قويۇشتەك ئوموملاشقان ئادەت بويچە خاتىرلەيمىزمۇ ياكى ئەقىدە گۈلزارىدىن، تەپەككۇر گۈلشەنىدىن ھىكمەت گۈلدەستىلىرىنى راسلاپ ئۇنىڭ شەرىپىگە ئاتايمىزمۇ ياكى بولمىسا تەۋپىق روھىنىىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنى ھايات پائالىيەتلىرىمىزدە ئىزچىللاشتۇرۇپ ياشايمىزمۇ؟ بۇ، ھەركىمنىڭ ئەقىدە-ئىتقادىغا، ئەقىل-ئىقتىدارىغا ۋە غەيرە-جاسارىتىگە باغلىق مەسلە، ئەلۋەتتە.
مېنىڭچە، ئەڭ ئەۋزىلى: مىللىي روھىيەت تارىخىمىزدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر - تەۋپىق روھىنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنى ھايات پائالىيەتلىرىمىزدە ئىزچىللاشتۇرۇپ ياشاش؛ خەلقىمىزنىڭ ئويۇن-تاماشا، كۈلكە-چاقچاق، نەغمە-ناۋا سورۇنلىرىغا غەرىق بولۇپ، بىخۇدلارچە ياشىشىىنىڭ زالالەتكە ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش؛ زاماننىڭ تەقەززاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىنى ئەلا بىلىپ، نادانلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن قول ئۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ دۇچ كەلگەن خىلمۇخىل كىرىزىسلارغا ئاقلانىلىك بىلەن يۈزلىنىپ، ئۆزىمىزنى تونۇپ ۋە ئۆزىمىزنى كۈچەيتىپ، رىقابەت سورۇنلىرىدا ئۆزىمىزنى نامايان قىلىپ، شان-شەرەپ قۇچۇپ ياشاشقا تۈرتكە بولۇش؛ ئەۋلادلارنى ھەرقانداق خىرىس ۋە توسالغۇلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان، ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كۆرەش قىلالايدىغان قىلىش؛ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزگە خەلىقلەر بىلەن قولىنى قولىغا تۇتۇشۇپ، باراۋەر، ئىناق، بەختىيار، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش بەرپا قىلالايدىغان، قىلىش، دەۋىر ۋە زامان يۈكلىگەن مەسئولىيەتنى بەجانىدىل ئورۇنلىيالايدىغان قىلىش...
ئەنە شۇ چاغدىلا بىز مەمتىلى ئەپەندىنى ھەقىقىي خاتىرلىگەن بولىمىز. كەسكىن رىقابەت دولقۇنلىرىغا ئۆزىمىزنى بىمالال ئاتالايمىز ۋە كۈتمىگەن خىرىسلار ئالدىدا مۇستاھكەم، مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرالايمىز.
تەۋپىق روھى - شەخسىيەتسىز روھ! ئۇ بەھىرىمەن بولۇپ ياشاشنى ئەلا بىلىدىغان ئەمەس، بەلكى بېغىشلاپ ياشاشنى ئەلا بىلىدىغان روھ.
تەۋپىق روھى - كۈرەشچان روھ! ئۇ نادانلىق ۋە ياۋۇزلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئەركىن، مەدەنىي، ھۆر ھاياتنى ئالىي نىشان قىلغان روھ.
تەۋپىق روھى - مەنسى مول، ئەھمىيىتى زور ئەنگۈشتەر كەبى روھ.
تەۋپىق روھى - ئىلھامبەخىش روھ! ئۇ جاسارەت ۋە پاراسەت بىلەن تولغان روھ.
تەۋپىق روھى - ئۆچمەس روھ ! ئۇ مەشئەلگە ئوخشاش يورۇق سىپىپ، ئۈزلۈكسىز لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان روھ !
تەۋپىق روھى - مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان يۈكسەك روھ ! ئۇ مىللى ھاياتىمىزدىكى بىر تۈرلۈك قىممەت ئۆلچىمى.
2001-يىلى يانۋاردا يېزىلدى.
يالقۇن روزى ئەپەندىمنىڭ «مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن» دىگەن كىتابىدىن كەمىنە ياقتۇرۇپ يوللىدى.
ئابابەكرى توختى ئەپەندىمىنڭ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغاندا يازغان ئىسىل شېئىرى.
تەۋپىق قەبرىسىگە يادنامە
ئادەمگە ئارتۇقچە بىر ئەسىر ياشاش،
بىر ئەسىرگە تەڭدۇر ئوتتۇز ئالتە ياش.
مۇزلىغان زىمىننى ئىللىتقان نېمە؟
قەبرىگە كۆمۈلۈپ ياتقان شۇ قۇياش!
--ئابابەكرى توختى
(بىر كىچە ئۇخلىماي بىسىپ چىقتىم) مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pak-nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-6 12:28 PM