مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1886|ئىنكاس: 10

تەكلىپ: 1000يىللىق ۋە يىقىنقى زامان ئالىملىرىمىزھەققىدە! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95629
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 08:04:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇر بىشىدا.

«ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئوقۇ»دەپ.  «خەبەرچى جىبىرئىل» «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام»نىڭ  كۆكرىكىنى ئۈچ قىتىم سىقىپ، «ئوقۇغىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئوقۇغىن»دەپ.

چۈشۇرۇلگەن سۈرە «ئەلەق»قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىفكىلا ئەمەس، ھەممىباپ پەنلەر كىتابىياتلىرى بىلىملىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىلىم ئال، ئىزدەن دىگەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىھرىبان تور ئەھلى، ئۇيغۇر قىرىنداشلار، سىلەرنىڭ تىنىڭلارغا ساقلىق ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، يازمىشىمنىڭ بىشىدا بولسۇن.

بارچە نۇقساندىن پاك بولغان، زەررىچە شەيئېنىڭ ئىگىسى بولغان زۇل جالال مەدەتكارىڭلار.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خاتۇن ئەۋلادلىرى، ساھابىلىرى، تۆت چارىيار، ئۇيغۇر ئاتا-بوۋىلىرىمىز دۇاگايىڭلاردا ھەرۋاخ بولسۇن!

تارىخقا قىززىقماسلىق، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋا، ئالىم-ئۆلىمالىرىنىڭ تارىخىنى ئۇقماسلىق ۋە يالغان ئىيتىپ بۆھتان قىلىش نۇمۇس، خائىنلىقنىڭ ئالامەتىدۇر. ئەسلەشتىن لەكمىڭلارچە  تىپىلغۇسىز خىسلەت، نۇرغۇن ھىكمەت ۋە نەسىھەت، ئىبرەتلىك تارىخى ئىزلار يادلىنىدۇ. بەدلىگە «رومان» دىن. ئىبارەت چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەدەبىيات ئابىيدىسى ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تولۇق ئىشىنىڭ!

ئۇشبۇ يازمىشنىڭ ماۋزۇسىنى نىمە دەپ قوياي، ئوخشاش چىقماي قالسا تەئەججۇپلىنىپ كەتمەڭ. مۇنبەرلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. مۇناجاتلىق، ئوچۇق خەتلىك، ئۆتۈنۇشلىك، ئاشكارلاش خاراكتىرلىك تىمىلەر ئالدىنقى قاتارغا تىزلىدىكەن. ۋە ئىنكاسنىڭ كۆپ بولىشىغا قاراپ ئۇزۇن  تۇرغۇزىدىكەن، ئاڭلىشىمچە، ھەر قايسى مۇنبەر باشلىقلىرى. ئالاھىدە ئەزالىرىنىڭ پىكىرى بىلەن مەلۇم  تىمىلارنى باسۇرۇپ قويالايدىكەن. بۇ، پۇچەك ئىش. كۆپ، مۇنەۋۋەر مۇنبەرلەر نىڭ خىسلىتى بولۇپ قاپتۇ. بۇ، بىزدىكى بىر كىشىنى زىيادە كۆتۈرۇپ كىچىككىنە قۇسۇر چىقىپ قالسا ‹ئوتتەك قىززىپ، پو؟ تەك سويۇپ›تۆھپىلىرىنى ئۇنتۇپ تاشلىۋىتىشىمىزنىڭ ئالدىنقى كۆرنىشلىرى دەپ قارايمەن، كۆز ئالدىڭىزدىكى ئەيىپلىنىۋاتقان كىشىلەر بۇنىڭ مىسالى ئەندىزى. ئاتام رەھمەتلىك، «كۆپ ماختاش، زىيادە ئالقىشلاس، ئاخىردا شۇ، كىشىنىڭ مەغرۇر قىلىپ بىر ئىشلار بىلەن سۆكۇلۇپ ئىنسان تىلىغا كەلمۇگۇدەك بۆھتانلار بىلەن نەزەردىن چۈشۈپ، كىتىشىدىن دىرەك بىرىدۇ. ھەرقانداق بىركىم ماختىسا ئىپادىسىگە سىزمۇ رەھمەت ئىيىت. ئەيىپلىسە، نىمىشكە ئەيىپلەيدىغانلىقىنى زىھنىڭىز بىلەن ئويلاپ. ئەيىبىڭىزنى يىپىپ ئەمەس تۈزتۇپ، نۇقسان ئاز ئىشتىن بىرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرۈڭ. بۇ، سىزنىڭ تەربىي قوبۇل قىلىپ، خۇلاسىلەپ، يەكۇن چىقىرالايدىغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى»دەپ نەسىھەت قىلاتتى.

ئۇشبۇ پۈتۇكنى نەچچە كۇن سەرىپ قىلىپ يىزىپ پۇتتۇردۇم. تولۇقلاشقا تىگىشلىك يەرلىرىنى تولۇقلۇدۇم. ئىلىۋىتىشكە تىگىشلىك يەرلىرىنى ئىلىۋەتتىم.

ياۋرۇپا ئەدەبىيات سەنئىتى 16-ئەسىردە گۇللەنگەن بولسا، 11-ئەسىردە‹چىن› ‹باغدات›لار بىلەن تەڭ يولدا مىڭىپ. بىر-بىرىنى سىلىستۇرغۇسىز بەيگە ئاتلىرىدەك تەڭ چاپقانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن. قۇربىشىدىن كىيىنلا تەكلىپ بەردىم. قايسى مۇنبەر قوبۇل كۆرۇپ، قىززىق تىمىغا چىقارسا، بۇ يازمىشتىكى تەكلىپىم سىلەرگە ھەدىيە، ئەگەر قوبۇل كۆرمىسەڭلار. «مىسرانىم» دىمۇ بىسىلىپ قالسا، باشقا مۇنبەرلەرگە ئىۋەتىشىمنى خائىنلىق دەپ، قارىمىغايسىلەر. ئىشىنىمەن بىركۇنى تەكلىپىم روياتلىققا چىقىدۇ.

بۇ، يازمىشتىكى تارىخ،ئۈچ ئالىملىرىمىزنىڭ قىسمىتى، خىسلىتى، ۋەسىيەتلىرى. ئاتامدىن ئاڭلىغان ئەسلىمەمگە تايىنىپ قۇرلارغا تىزدىم. كىتاپلارنى ئاختۇرغىنىمدا پەش چىكىتلىدىن ئوخشاش چىقتى. گاھى ئەسلىمەمدىكى يىل نامىلەرنى كىتابلاردىن تاپالمىدىم، ۋە بەزى ئىسىملارمۇ تولۇق ئەمەس.

قۇر بىشىدىن كىيىنكىسى،مۇنبەرلەرگە پىكىر-تەكلىپىم. ئاخىردا، تارىخ، رەھمەتلىك ئاتامنىڭ ئىيتىپ بەرگەن قىسسىلىرى.

ئەجىرىم بىكار بوپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرىسەم، رەھمەتلىك ئاتام. خىياللىرىمدا :-«ئۇنداق بولمايدۇ. ئوغلۇم! سەن، مەن سۆزلەپ بەرگەن، نۇرغۇن ھىكمەت ۋە ئىبرەتلىك تارىخنى، ئۇنۇتقان، بۆھتانچى، كاززاپلاردەك بايان قىلمىدىڭ.  يۇرۇق دۇنيادا ۋە پانىي ئالەمدە، زۇل جالال ئەجىرىڭنى يەردە قويمايدۇ. خالىسلىق يەردە قالمايدۇ، سەن ھىچقانداق پايدىنى كۆزلىمىدىڭ. بىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدىڭ. مەن، ئىككى يىللىق قەسلەر بىلەن شېھىت بولۇپ سىنى تاشلاپ كەتكىنىم بىلەن. ئىگەڭ، سىنى قوغداۋاتىدۇ. غەيرەت قىل ئوغلۇم! رەببى ئارزىلاتقاننى بەندە خار قىلالماس، مانا بۇ، ھەقىقەت! ئادالەتسىزلىكلەردىن مەيۈسلەنمە. ئىزىمنى، يۈرىدىغان يولۇڭنى تاپتىڭ!» دەپ. خىيالىمغا ئەينەن كىلىپ رىغبەت بىرىۋاتىدۇ. ئىشەنمەمسىز.  مەن، تولۇق ئوتتۇرنى ئاران پۇتتۇرگەن، ئازغۇن، زەردىلىك سەپرا ئوغۇل، قانداقلارچە مۇسىبەتتىن كىيىن يازمىشلارنى يازىدىغان بولۇپ قالدىم. رەببىنىڭ ئلھاملىرىمىدۇ. ياكى «شېھىت ئاتام»روھى ئۆزىنىڭ سىرلىق ۋاپاتىنى بىلدۈرۇش بىلەن بىرگە ئىلھاملىرىنى سىڭدۇرۋاتقانمىدۇ، قۇلاق تۈۋىمگە كىلىپ ئىيتىپ بەرگەنمىدۇ. راستىنى زۇل جالال ئۆزى بىلىدۇ.

بۇلارنى يېزىۋىتىپ، پىغانلىق، ماتام يىغام قايتىلاپ. كۆزلۇرۇمگە ھەسرەت نادامەت، ئۆكۇنۇش ياشلىرى ماڭلايلىرىمدىن سىرغىتىپ ناتىۋان، كەبىي ئاجىز، نازۇك، بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدۇرۇۋاتقىنىدا، ئورنۇمدىن تۇرۇپ خىياللىرىمنى چىچىش نىيتىدە سىرىتقا قاراپ ماڭغىنىمدا، ئارقامدىن ئاتامنىڭ ھاسا ۋە ئاياغ تىۋىشى كەلگەندەك، «سىرلىق قەسلەردە».«شېھىت»بولغان، ئاتام رەھمەتلىك، كەينىمدە باردەك ھىس قىلىپ جسمىم ئىرىپ، تەنلىرىم تىتىرەپ، نەچچىلەپ رىئاللىققا تەن بىرەلمەي، كەينىمگە قاراپ قالدىم.؟؟

ئەپسۇس. ھەقىقەت، مىنى ھەر قىتىم، مازاق قىلىدۇ. مەسخىرە بىلەن، رىئال دۇنيادا. ئەڭ راسچىل ھەق«ئۆلۇم» نى بىلدۈرۇپ. ئاتام سىماسىنىڭ مەڭگۇگە يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ زاڭلىق ئىتىدۇ.

IMG_0192_副本.jpg

نىمىشكە تولا ئاتىسىنى تىلغا ئالىدىغاندۇ دەپ، قالماڭ تورداش. مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى رەھمەتلىك ئاتامنىڭ، ئىخلاسمەن ۋاپا ئەھلى شاگىرىتلىرى ئانا يۇرتىمىزدا خوشنا يۇرتلاردا، چەتئەللەردە بار. بۇ، يازمىنى ئوقۇۋاتقان سىزنىڭمۇ. يىنىڭىزدا، خىزمەت ئورنىڭىزدا، خوشنىڭىزنىڭ ئارىسىدا، ھەتتا ئۆزىڭىز بولىشىڭىزمۇ مۈمكىن. بىر، ئىلىم ئىگىسى ھۆرمەتلىگۈچى ياخشى ساۋاقداش(ئاتام،ئوقۇغۇچىلىرىنى شۇنداق ئاتايتى) كىشى بولسىڭىز. خالىس بىر دۇا قىلىپ قويسىڭىز. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ روھى. مىللەت- شاگىرىتلەر، دوس-يارەن، پەرزەنتلەردىن رازى بولغان بولاتتى.  ئۆزى ئارزۇ قىلغان، ئالىم-ئۆلىما، ئەدىپلەرنىڭ ئاخىرەت ماكانى «جەننەتۇل رىزۋان» دا، ئەمىن تاپقان بولار ئىدى. سىلەرگە مەن ئوغلى لۇتپىنىڭ، رازىلىق سالاملىرىم ھەر دۈئالىرىمدا بولاتتى.

خالىس تۆھپىكارلارنىڭ ئىھتىيات قىلىشىنى، بەك كۆڭۆلچەكلىك، ھەممىگە ئىشىنىپ كىتىشىگە بۇ، يازمىشىم،ئوچۇق ئاشكارە سىگىنال! بولۇپ قالسۇن.

«مۇنبەر ژورنىلى» تەسىس قىلساڭلار.

رەھمەتلىك ئاتام مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى«ئەفەندى ھەزرەت» ھايات كۇنلىرى قىسقىغىنە مۇڭداشقان، بىر-بىرىگە، ياخشى تەسىراتلارنى بەرگەن. گۇلەن ئەفەندىنىڭ ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان، پائالىيتىدە «مەتبۇئاتلار، توردا يىزىلغان تىمىلارنى، ئىنكاسلارنى نەشىر قىلشقا قوشۇلمىدى.»دىگەن. سۆزى مىنى ئويغا سىلىپ قويغان ئىدى. ماتىمىمنىڭ ئۈچىنجى كۇنىسى ئۇ، كىشى بىلەن كۆرۇشكىنىمدە ئاتامنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ سورىغان ئىدىم، «ئۇلار شۇنداق كۆز قاراشتا بوپ قاپتۇ» دىگەن ئىدى.

كۇنلەر ئۆتۇپ. دۇككان ئىزدەش غىمىنى چۈرۇپ تۇرۇپ. خالىسانە نەزەرگە ئىلىنماي قالغان، ئىش توغرىسىدا ئويلۇنۇشقا باشلاپ قالدىم. مۇنبەرلەرگە قايتىدىن قارايدىغان. بولۇپمۇ، مۇنبەرنىڭ يازمىشلىرىغا سەپسالىدىغان، كۈزتىدىغان بولدۇم. ھەتتا ئىككى تىمامنى باغداشنىڭ بەس-بەس مۇنازىرە. بىكىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۇزۇپ، كۈزتۇپ باقتىم. ئۆتۈنۇشلۇك ئىنكاسمۇ يىزىپ باقتىم. دەل. رەھمەتلىك ئاتام، دىگەندەك چىقتى.

ئەڭ تىز ھىسسىيات:- ھىسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، دەرھاللا تىما چىقىرىش، كۆرۇپ، ئىپادىسىنى دەرھاللا يوللاش. مەۋھۇم شەكىلدىكى تورنىڭ تىز بولغۇنىدەك، مۇنبەرلەرنىڭ يازمىشلىرى ۋە ئىنكاسلىرى ناھايىتى تىز. ھەر قانداق يازمىشلەردىن كىيىن چوقۇم ھەر ئەزانىڭ تىز ئىنكاسى.

بۇلار، دەل مۇنبەر ئەھلىنىڭ نۇقسانى. ئەزالارنىڭ، ھىسىيات كەينىدىكى راسچىللىقىنىڭ ئىپادىسى. دەل، مۇشۇ تىز ھىسىيات.سۇبىكتىپلىققا، چىقىرىلغان نۇقسان، دىيىشىمگە رۇخسەت قىلساڭلار.

ئوخشۇتۇش ئارقىلىق ئىپادىلىسەم:- كەيىپ قىلغان كىشى، كەيىپنىڭ مەسلىكىدە كىملەرگە نىمە دىگەنلىكىنى بۈلمەيدۇ. يىشىلگەن چاغدا ‹سەن ماڭا پۇستانە گەپنى قىلدىڭ› دىسە، سەت ئىش قىلىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ نىم قىلارىنى بىلەلمەيدۇ. لىكىن يامان كىشى بوينىغا ئالمايدۇ. يەنە بىرى:- ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قالسا. ‹سەترەك تىللىسام بوپتىكەن، ياكى جان يىرىگە ئۇرۇپ نىم بولسام بوپتىكەن› ئەقلى بار كىشى، ‹ھەي نىمىدەپ دەشنام بەرگەندىمەن، ئۇرمىسام بوپتىكەن،› دەپ ئويلايدۇ.

بۇ ئىككى ئوخشۇتۇشۇمنى ئويلىنىپ بىقىڭلار. ھەر قانداق تىمىنىڭ كۆرۇلۇپ بىرىلگەن ئىنكاسلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ھىسىيات تىز كەلگەن چاغدا مەسلىك كەيپىگە تامامەن ئوخشۇتۇشقا بولىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، گاھى ئىنكاسىڭىز ۋە يازمىڭىزغا باشقىدىن قارىغان چىغىڭىزنى ئەسكە ئالسىڭىز بولىدۇ.

مەتبۇئاتلارغا كەلسەك، ئۇلاردا گۇناھ يوق، چۈنكى ئۇلاردا پېرىنسىپچانلىق بىلەن خىزمەت روھى بار، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيتى تولۇق بېلىنىپ تۇرىدۇ. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ «تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ» دىگەن كىتابىنى مەزمۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مەن ئۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ (ئاخىرقى سۆزدە) ئەدىپلەرنىڭ قانداق ئىزدىندىغانلىقىنى، كىتابىنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن قانداق ئەجىر قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتىلاپ تەكشۇرۇپ-تەتقىق قىلغان. كىتابىغا شەرھىيلەپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىزدەنگەنلىكىنى يوشۇرۇن بىلدۇردىغان. قىسقىغىنە، ئارىيەسى:-

«تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ» ئەسلىمە.

ئاپتۇر:- مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى

(ئاخىرقى سۆز) دىن ئىلىندى

(ئەبۇل فەرەجىل ئىسفاھانى«ئاغانى» دېگەن. مەشھۇر كىتابىنى 50يىلدا يېزىپ بولغان، ئەگەر ئۇ «جامائەتكە يارايدىغۇ، ئاخىرەت ئەمەلىي ئەمەس، مۇشۇنچىلىك يازسام بولار»دېگەن بولسا ئىدى، بۇ كىتابى بەش يىلدا تاماملىغان بولار ئىدى. شۇنچىلىك زېھىن كەتكەن بۇ كىتاپنىڭ مۇئەللىپى ئۆز قولى بىلەن يازغان دەسلەپكى نۇسخىسى «مۇسەۋىدەسى»نىڭ باغداد شەھىرىدە3-4مىڭ دەرھەم(يەنى روسىيە ھېسابىدا160تىللا)غا سېتىلغانلىقى مەلۇم. 327-بەت)

بۇنىڭدى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، يازغۇچىلىق ئىلمى كۆپ زىھىن، ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان پەللىسىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر كاتتا پەن. مەتبۇئاتلارغا دەل مۇشۇنداق ئەسەرلەر كىرەك.

مۇنبەرنىڭ يازمىشلىرىنى «ژورنال» قىلىپ چىقارسا. ئۇنىڭ كۆپ ئوقۇرمەنلەرگە ئىرىشىدىغانلىقىنى تەپەككۇر قىلالىسىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. پەن تېخىكىنىڭ مەسئۇلى بولغان تور دۇنياسىغا. ئۇنىڭ، جەۋھىرى مۇنبەرلەرگە، ئالقىشلار ئىننىق گەۋدىلنىپ تۇرغىنى ئىسپات تەلەپ قىلىشقابولمايدىغان ھەقىقەت. بۇ، تەكلىپىمنى ئويلۇشۇپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ. ئەدىپلەرنىڭ تەييار ئەسەرلىرىنى كۆچۈرىۋەرمەي. جانلىق يىرىنى مىسال قىلىپ ئالساق. ئۆزىمىزنىڭ پىكىرنى شۇ، ھىكمەتكە تەتبىقلاپ يازساق، قابىلىيتىمىزنى ئىنىق جارى قىلدۇرۇپ، ئەدىپنىڭ ئەجىرىگە ھۆرمەت قىلغان بولاتتۇق.

مۇنبەرلەردە، تورنىڭ يىنىدىكىلەر كۆرەلىگەن نى ياخشى ئەسەرلەر بار. لىكىن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى «تور» دىگەن. بۇ، ياخشى مەۋھۇم شەيئىگە ئۆچمەن بولۇپ قالغان. ئاتا-ئانىلارنى خەبەردار قىلىشىمىز كىرەك. ئۇلارغا توردىمۇ  ياخشى ئىشلارنىڭ كۆپلەپ بولىۋاتقانلىقىنى، ھەرخىل قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ ياردەم ئىزدىگەنلەرنىڭ، ياردەمگە ئىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرۇش شەرەپلىك ئىش دەپ ئويلايمەن. مىنىڭ بۇ، كىچىككىنە يازمىشىمدا ھەممە مۇنبەرلەرگە تەكلىپىم :-

توردىكى يازمىشلەرنىڭ سۇپىتىنى، ئىشتىراكچى قوللىغۇچىلارغا بىرىدىغان قۇۋۋىتىنى، تور ئەھلىنىڭ زوقىنى كەلتۇردىغان يىڭىچە بىر يازمىشلەرنى يازساڭلار. ھىسىياتنى كونتۇرۇل قىلىپ تەھلىل ۋە تەھسىل قىلىپ، ئىجابىي تىما-ئىنكاس بەرسەڭلار. چۈنكى مۇنبەرنى چەتئەللىكلەر كۆرمەيدۇ. راسچىللىق سۈكۇتلۇك كۈزتۈشتىن كەلسە. تىخىمۇ، راسچىل، ھەققانى بولىدۇ.

جاپاكەش مەرھۇم  ئەدىپ، يازغۇچى  مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى  نىڭ  ئوغلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىراۋلارنىڭ رەھمەتلىك ئاتامنىڭ نەچچە يىللىق كۈچ سەرىپ قىلغان كىتابىنى، تەستىقتىن ئۆتكۇزمەي، «ئىمزا قۇيۇش» تىن. ئىبارەت ئاددىي ئىشنىمۇ 60نەچچە يىللىق دوسلىقىنىڭ ئۈستىگە قويالمىغان، ۋاپادارلىقىنى-ۋاپاسىزلىقى بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن، دوستىنىڭ ئۆزىدىن ئىشىپ كىتىشىنى خالىماي،«ئاددىي بولۇپ قاپتۇ» دەپ، نەچچە رەت قايتۇرۋەتكەنلىكىنى، رەھمەتلىك ئاتامنىڭ مىڭلارچە «بالا چاغدىكى دوستۇم ئۇنىماپتۇ، تەستىقلاپ بەرمەپتۇ، ئاددىي بوپ قاپتۇ دەپ قايتۇرۋىتىپتۇ، قويغان، ئىمزاسىنى كۆزۇم بىلەن كۆرمىسەم ئىشەنمەسكەنمەن» دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ ھەسرىتىنى، زايا كەتكەن گۆھەر يازمىشلىرىنىڭ، يىقىن بۇرادىرىنىڭ بىر نىمىلەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، قۇلقۇم بىلەن ئاڭلاپ. ئاتامنىڭ ئەپسۇسلانغان ھالىتىنى، كۆزۇم بىلەن كۆرۇپ. ئەشۇ، گۇزەل ھىسلارغا تولغان. بىلىنمىگەن نى ھايات ئەدىپلەرنىڭ شەنىگە، ئۇلارنىڭ ئەجىرىگە ھۆرمەت ۋە ئىززەت تۇغۇلۇپ، ئابىدىلەرنىڭ تىكلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ. مۇنۇ تەكلىپنى بىرىۋاتىمەن.

مەن ئىشىنىمەن،  ھەممىباپ يازمىلار چىقىدىغان. بۇ، ژورنال. يىڭى چىقىپلا ئالقىشقا ئىرىشەتتى، مۇنبەرلەرنىڭ ھەممىدىن ياخشى يىرى، مىللەتنىڭ پارچىلاشقا ئۇرۇنمايدىغان. بۆلگۇنچىلىك ئىدىسىيى يوق. دۆلەتنىڭ قانۇنىغا تۈزىمىگە بوي سۇنىشىنى مۇنبەر باشلىقلىرى، تەكىتلەپ تۇردۇ. ئەزا بولغانلارنىڭ بىرىنجى بولۇپ كۆرىدىغان ئەسكەرتىشىمۇ شۇ.

«گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونىمىساڭ نىمە پايدا»دەپ. مەتبۇئاتلار تونىماي قىلىۋاتقان ئەدىبىيات گۇلزارىدىكى، خۇشقەلەملىك زاتلارنى بالدۇر تونۇپ. تەسىس قىلىشىڭلارنى ئارزۇ-ئۈمىد قىلىمەن، قالغان گەپ ياخشى-يامان ئىنكاسلاردا قالدى.

بۇ، تارىخنى تەنقىدى نەزىرىڭلاردا كۆرگەيسىلەر. مۇكەممەل دىيەلمەيمەن، لىكىن، رەھمەتلىك ئاتامنىڭ ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن تارىخ بايانىغا ھۆرمەت قىلىپ ئەينەن يازدىم. كىتاپلارنى، راسلىقىنى شەرھىلىگەن ئاساستا كۆردۇم لىكىن كۆپ كۆچۇرمىدىم. نەچچە كۇنلەپ، دۇككاننىڭ غىمىنى قىلماي، سىلەرگە يارىشىغا، بىلىپ قىلىشىڭلار، ئۈچۈن ئۈچ ئالىم كىشىنىڭ تارىخىنى قىسقىغىنە بايان قىلدىم.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە

QQ图片20120601020108.jpg

قارا خانىيلەرنىڭ پايتەختى «ئوردۇ كەنت»كاشغەر، يىنىدىكى قۇز ئوردۇ بالاساغۇندا 1019-يىلى دۇنياغا كەلگەن. 1085يىلى دىيارى كاشغەردە ۋاپات بولغان.

ئالىمنىڭ شاھ ئابىدە ئەسىرى، «قۇتاد غۇ بىلىك» (بەخىت كەلتۈرگۇچى بىلىم)، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا، كاشغەر تىلىدا يىزىلغانلىقى پاكىت دەلىلى بىلەن ھەممىگە مەلۇم.

قامۇس نىڭ ئەدەبىي تۈرى«داستان»- 85باپ، 6654بېيىت،13مىڭ 300دىن ئارتۇق مىسرادىن تەركىپ تاپقان.  ئەسەر، مەسنىۋى (ئىككىلىك شەكىل). ئارۇز ۋەزىنىنىڭ مۇتەققارىپ بەھرىدە يىزىلغان. ئەرەپ پارىس تىللىرىنى پەقەت چوڭ زۆرۈرىيەت ئاستىدىلا ئىشلەتكەن. ئاساسەن قاراخانىيلەرنىڭ ساپ تىل تەركىۋى«ئوردۇ كەنت»  كاشغەر يىزىقى دا يىزىلغان.

ئالىم 1070-1069-يىللىرى ھىجىرىيە462-يىلى 18ئايدا يىزىپ پۈتتۇرۇپ. قاراخانىيلەر خانلىقىنىڭ، شۇ، ۋاقىتتىكى خانى «ئەبۇ ھەسەن سۇلايمان بۇغراخان»غا تەقدىم قىلغان. خان، ئالىمنىڭ ئۆتكۇر قەلمىگە، ئاپىرىن ئىيتىپ دۆلەتنىڭ تۆت چوڭ مەرتىۋىسىنىڭ، بىرى بولغان «خاس ھاجىپ»لىق يۇقىرى مەسلىھەتچىلىك، تۈۋرۇكلۇك، ئۇنۋانىنى بەرگەن.

بۇ ئەسەر پۇتۇپ تەقدىم قىلىنغاندىن كىيىن كۆپ ئەللەرگە ئابىدە بولۇپ شاھلارنىڭ دەستۇر كىتاپلىرى بولغان ھەممىسىنىڭ كىتاپقا ئايرىم ئات قۇيغانلىقى قامۇس دا ئىنىق مەلۇم.

قامۇس ئالىمنىڭ ئۆزقەلىمى بىلەن يىزىلغان قەدىم ئۇيغۇرچە نۇسقىسى، دۇنيا دا تىخى تىپىلمىغان، قامۇسنىڭ. ئۈچ نۇسخىسى، بولۇپ. ۋېنا، قاھىرە، پەرغانە نۇسقىسىلىرى ئىبارەت.

بۇ، نۇسقىلاردىن ۋېنا نۇسخىسىنى «19ئەسىر ئەدەبىيات سەنئەت قايتا گۇللەنگەن» چاغلىرىدا ۋىنگىرىيىلىك ئا،ۋامبىرى، روس ئالىمى ۋ،رادلۇۋ تۇنجى قىتىم نەزمىي يەشمىسىنى يىشىپ تىرانسىكرىپسىيىسى بىلەن ئىلان قىلىپ دۇنيا ئەھلىگە تونۇتقان. «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما» دەپ. رەھمەتلىك ئاتام ھەر قىتىم ئىسىملىرىدىن تارىتىپ ئىنىق ئىيتىپ بىرەتتى، ئەسلەپ گاھى كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەسكە ئالالماي ئامالسىز كىتاپقا قاراپ كۆچۇردۇم.

نەزمىي يەشمىسىنى:-(مەسئۇل)ئا،ئۆتكۇر. ئەھمەد زىيائى. مەمەتئىمىن يۈسۇپ.

تىرانسىكرىپسىيىسى:-(مەسئۇل)ئابدۇشكۇر تۇردى. ئابدۇللاھ مۇھەممەدى. مەھمۇد زەيدى.

ئالىم ئىسلام ئۆلىماسى، مۇرەتتەپ قارىي. بولغانلىقى ئۈچۈن، پۇتكۇل، ئەسەرنى ئىسلام دىنىغا ئۇيغۇن ھالدا ئەۋۋال مىھرىبان نىڭ نامى بىلەن باشلاپ.  ماختاشقا تىگىشلىك «زۇل جالال»نى مەدىھلەپ، ماختاپ سۈپەتلەپ بۇلۇپ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسىلامنىڭ تۆھپىسىنى، ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى، خاتۇن ئەۋلادلىرىغا دۇئالەر. يىقىن تۆت ساھابىسى ۋە تۇققان، دوسلىرى تۆت خەلىپىنى، دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىقىدا ئايرىلماس تۆت تادۇغا، ئوخشۇتۇپ سۈپەتلەپ دۇئالەر يازغان. بۇغراخانىغا ھەم مەدھىيە سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئەدەبىيات گۇلزارىغا ۋە خەلقىگە قوشقان تۆھپىسىنىمۇ بايان قىلغان. «قۇرئان كەرىم»نى ئىنسانلارنىڭ بىر جۇملىسىنى يىشىش ياكى ئوخشۇتۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەڭ ئاخىرقى ساماۋىي كىتاپلارنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئىنىق شەرھىيلىگەن ھۆكۇم بار، ئۇنىڭغا ئوخشۇتۇش مۇمكىن ئەمەستۇر. مىنىڭ بىلىدىغىنىم. قامۇس كىتابىمىزنىڭ ئالىمى. ئۇلۇغ ساماۋى كىتاپ ۋە شەرىف كىتاپنىڭ ئىلھامىدىن پايدىلىنىپ يازغانلىقىنى ئىنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، ھەمدە ۋەسسىيەتلىرىدە«ئۇ، دۇنيانى ئىزدىسەڭمۇ يول مۇشۇ، بۇ، دۇنيانى ئىزدىسەڭمۇ يول مۇشۇ،»دەپ، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ،بايانلىرىنىڭ نىگىزىنى چۈشەندۇرىدۇ. قامۇس، «قۇتادغۇ بىلىك».«شاھ ئەسەر»دىيىلگەن. ئەڭگۇشتەر، داستاندۇر.

QQ图片20120517003516.jpg

مەھمۇت كاشغەرى توغرىسىدا

قاراخانىيلەر خانلىقىنىڭ شاھزادىسى، «قارا خانىيلەر» ئۇرىقى. شاھزادە. «ئوردۇ كەنت» كاشغەر، نىڭ غەربىي جەنۇپتىكى 45كىلومىتىرچە كىلىدىغان ئوپال يىزىسى سۇلتان باغنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تۇتۇشىدىغان «ئازىخ كەنت»(سۆسەر ئاغزى)دە تەخمىنەن 1008-يىللىرى تۇغۇلغان.

مەھمۇد كاشغەرى نىڭ نەسەپنامىسى:-

ئابدۇكىرىم ساتۇق بۇغراخان.(932-يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلغان خانلىق دىنى قىلغان،955-يىلى قەست بىلەن زەھەردە ۋاپات تاپقان.قەبرىگاھى ئاتۇش مەشھەتتە)


سۇلايمان ئارسىلان خان . (1056-يىلى ۋاپات تاپقان، بۇ يىل نامە كىتاپلاردا يوقكەن، ئۇقىۋىلىڭ)

ئەبۇل ھەسەن قىلىچ بۇغراخان (992-يىلى ۋاپات بولغان)

يۈسۈپ قەدىرخان(1032-ۋاپات تاپقان)

مۇھەممەد بۇغراخان(1057-ۋاپات بولغان)

ھۈسەيىن بىن مۇھەممەد چاغرى تېكىن«شەمسۇد دەۋلە ئارسىلان ئىلىك»(1057يىل ۋاپات تاپقان)

مەھمۇد بىن ھۈسەيىن ئەل كاشغەرى.«مەھمۇد كاشغەرى»(1008يىلىدىن 1105يىلىغىچە)كىتاپلاردىن ئىلىندى

ئانىسىنىڭ ئىتى ـ  بۈۋى، بۇبى رابىيە. شۇ، زامانەمدىكى مەرىپەتپەرۋەر خوجا سەيپىدىن موللامنىڭ قىزى. يۇقىرى مەلۇماتلىق خان ئۇرۇقلىرىغا ماس كىلىدىغان بىلىمدار بۈۋى ئايال.

بۇ نەسەپ تەركىپىنىڭ ئالدىنقى خاقانلىرىمۇ بار، مەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خاندىن باشلاپ تىزغىنىمنى كەچۈرگەيسىلەر.

ئالىم، دەسلەپقى تەلىماتنى ئانىسىدىن، ئۆز يۈرتى ئوپالدا دىنىي مەدىرىسلەردە ئالغان. كىيىن كاشغەردە «مەدىرىسى ھامىددىيە» دە شەيخى ئىمام- ئىبنى خەلەف ئۆلىمادىن ئالغان. ئالىم پىشقان مۇرەتتەپ قارى. شۇ، دەۋىرنىڭ ئۆگىنىش زۆرۇر دەپ قارالغان قۇمۇق پەنلەرنىڭ(ھەممە پەنلەر) ئىلمىنى ئۈگەنگەن. تىللاردىن تۈرك تىلى ۋە گىرامماتىكىسىغا پىسششىق. ئەرەپ تىلى، پارىس تىللىرىنى تولۇق بىلىدۇ. ئىلمىي نۇجۇمدىمۇ يىتىشكەن ئالىم(ئاستىرنوم، يۇلتۇزلار ئىلمى) جۇغراپىيە، تارىخ، قاتارلىق ئىلىملىرى. تۈرك، ئىلىگە مىراس ئابىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ رويادلىققا چىقىشىغا چوڭ تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇستا نەيزىۋاز ئىكەنلىكىنىمۇ شەرھىيلىگەن ئىسپاتلار تولۇق.«دىۋان» دا:-«مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كىزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلەرنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيلىرىنى ئىنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىر تىلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.»دەپ پۇتۇلگەن.

قارا خانىيلەرنىڭ تەخت تالىشىش كۆرشىدە ئاتىسى بوغۇپ ئۆلتۇرۇلگەن، يەتتە بىر نەسەپ قىرىنداشلىرى زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۇلگەن. ئالىم ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۈچىراپ قىلىشىدىن، ئەندىشە قىلغان. باشقا خان ئۇرۇقلىرىنى ھۆرمەتلىگۇچىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن يوشۇرنۇپ يۈرۇپ«مۇق يولى»(قۇش يولى) ئارقىلىق چىگىردىن چىقىپ، تۈرك تىلىداسۆزلەشكۇچى بارلىق قەۋىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۈزتۇپ، ھەر بىر قەۋىمنىڭ، تارىخى، جۇغراپىيلىك ئورنى، قەبىلىسىنىڭ ئورنى، مىللەت نامى، ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىق گەۋدىلىك، ئالاھىدىلىكلىرىنى روشەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەن. ئاتام رەھمەتلىك:-«ئالىم، سەرگاندان تۇرۇپمۇ، كۆپ ئەجىر قىلىپ ھەممە گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى نەقىل قىلغان، ئاساسلىقى: تىلىنىڭ بىر بىرىگە ئۆتۈپ ئەبچەش بولۇپ كىتىشى نىڭ ئالدىنى ئىلشنىڭ زۆرۇرلىكىنى ھىس قىلغان. سەرگاندانلىق ھاياتىنىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۇزۇپ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» كە ماتىريال توپلىغان.»دىگەن. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ بۇ سۆزىمۇ دىۋاننى تولۇق كۆرۇپ بولۇپ قىلغان باھا سۆزى، ئالىمنىڭ خىسلىتىنىڭ تىلدىكى بايانى.

ئاز كام 20يىللىق سەرگاندانلىق ھاياتىدا 20دىن ئارتۇق، تۈرك قەۋمىنى كىزىپ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ياشاش ئادەتلىرى، يۇرىت ماكانىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى، تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇكەممەل بىر چوڭ لۇغەتكە ماتىريال توپلىغان. ئەبەدىي بىر ئابىدە بولۇپ قىلىشى ئۈچۈن ئىزدەنگەن ۋە تەسەۋۋۇر قىلغانلىقى كىتاپتا ئىننىق بايان قىلغان. ۋە تۈرك ئاتلىق بۇ چوڭ قەۋىمنىڭ نۇھ ئەلەيسىلامنىڭ تۈرك ئاتلىق ئوغلىنىڭ پەرزەنىتلىرى ئىكەنلىكىنى رىۋايەت قىلىپ بايان قىلىدۇ،(نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋرىتى ئىچىلىپ قالغانداكۆزىنى قولى بىلەن توسىۋالغان، ئەۋرىتىنىڭ يىپىنچىسىنى يىپىپ قويغان چوڭ ئوغۇل شۇ، ئۇنىڭغا دۇانىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قىلغانلىقىغا ئىسپات دەلىل تولۇق). ئالىم 1072-يىلى باغدادقا بىرىپ ئاز كەم 20يىللىق توپلىغان ماتىريالىنى رەتلىگەن. لۇغەت پۇتكەندىن كىيىن، ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ ۋارىسى «مۇقتەدىي بىئەمۇرۇللا»غا تەقدىم قىلغان. ئالىمنىڭ يەنە «كىتابۇ جەۋاھىرىن لۇغاتىت تۈرك»نى. تۈرك تىلىنىڭ گىرامماتىكا سۆپىتىدە«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى تولدۇرۇپ، تۈركى تىللارنىڭ گىرامماتىكىسىنى تۈزەپ چىققان. لىكىن، بۇ كىتاپنىڭ ئەسلى قول يازمىسى تىپىلمىغانلىقى كىتابىلاردا بايان قىلىنغان. ھەم بۇ ئىككى كىتاپتىن باشقا كىتاپ يازغانلىقىغا ئىسپات يوق، دەپ قىسقىچە بايان قىلغان. توپىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كىيىن  قارا قانىيلەرخانلىقىدىكى  «ئابدۇ جەلىل كاشغەرى». ئەلچىلەرنى سودا كارۋانچىلىرىغا قوشۇلۇپ، باغداد خەلپىسى بىلەن، دوسلۇق ئورۇنتۇش ۋە خان ئۇرقى مەھمۇد كاشغەرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە باغدادقا ئىۋەتكەن. ئالىم «بۇ،كىتاپ. مىنىڭ ئۆمرۇمنى ئاخىرلاشتۇردى».«دىھقاننىڭ ياخشىسى چامغۇر تىرىيدۇ، ئادەمنىڭ ياخشىسى ئۆز يۇرتتا قىرىيدۇ»دەپ. يۈرەك سۆزلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ. يۇرتىغا كارۋانلار بىلەن بىللە ماڭغان. كاشغەرگە قايتىپ كىلىپ. ئۆز يۇرتى ئوپالدا ماكانلاشقان ھەم«مەدىرىسى مەھمۇدىيە»دەپ ئاتالغان مەدىرىسنى بىنا قىلدۇرۇپ 10يىل مۇددەرىسلىك قىلغان. ئاخىرىدا 1105-يىلى 97-يىشىدامەدىرىسنىڭ دەرىسخانىسىدا ۋاپات تاپقان. مەدىرىسنىڭ سۇلتانباغ بىلەن تەكياگاھ نىڭ شىمال تەرپىگە دەپنە قىلغان. ھازىرقى ئورنى دەل شۇ جاي. 1948-يىللىرى بىر قىتىم خەلىق تەرىپىدىن رىمىنۇت قىلىنغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا خاراپلاشقان. 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كۇمىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كىيىن، قايتىدىن رىمۇنىت قىلدۇرۇلغان ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىنىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى دەپ بەلگلەنگەن، شۇندىن ئىتىۋارەن نەچچە قىتىم رىمىنۇت قىلدۇرلۇلغان، ھازىرغىچە قەبرىگاھ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلىرىنىڭ زوقىنى كەلتۈرۇپ تۇرماقتا.

مەھمۇد كاشغەرى يەرشارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى تۇنجى بولۇپ ھىس قىلغانلىقىنى، ئۆزى سىزغان «دائىرە»سىدىن بىلىۋىلىشقا بولىدۇ. چەتئەل ئالىملىرى 16ئەسىلەردىن كىيىن ئاران ھىس قىلغان. ھىساپلاپ باقسىڭىز بوۋىمىزنىڭ ۋە ئالىملىرىمىزنىڭ كامالەتكە يەتكەن پىر كالاملار ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز. چەتئەللىكلەرنىڭ كىتاپلىرىدا يوق ئەزىر دۇردانىلەر، مانا بۇ، ئىككى بوۋىمىزنىڭ بەخىت قامۇسى، لۇغاتىدە بار. لىكىن ئۇلار ئەينى دەۋىرلەردە 10يۈەن، 6.66پۇڭغا  سىتىلغان، ماڭا ھەرگىز 10يۈەن100يۈەندەك ئىدى دىمەڭ، ئالغۇسى بار ئادەم ھازىرمۇ ئىلىۋاتىدىغۇ، كۆرگىسى بار ئادەم چەتئەللەردىن ئالاھىدەن كىلىۋاتىدىغۇ.

«تۇركىي تىللار دىۋانى» نىڭ. ئۇيغۇر چە نەشىرىنىڭ تەييارلىغۇچىلىرىنى ئۇنتۇپ قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ :-ئا،ئۆتكۇر. ئابدۇسالام ئابباس. ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللاھ. دامۇللا ئابدۇلھىمىت يۇسۇفى، خەلىم سالىخ. ھاجى نۇر ھاجى. ئوسمان مەھەممەد نىياز. سابىت روزى. (مەسئۇل مۇھەررىر)ئىبراھىم مۇتئى. (مۇھەررىر)ئىمىن تۇرسۇن. مىرسۇلتان ئوسمانوۋ. (كىتاپتىن كۆچۇرۇلدى.)

مەن ئابدۇقادىر دامۇللام توغرىسىدا مۇنۇ ئىككى بوۋىمىزنىڭ قىسسەسى، بىلەن تەڭ ئاڭلاپ كىلىۋاتقان قىسسىلەرىدىن بىرى، رەھمەتلىك ئاتام. بىشىغا دوپپا كاستىيۇم بۇرۇلكا، گالاستۇك، ئۇچىسىغا يىشىل تون كىيىپ، توي تۆكۇنلەردە سالماق، قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. مەن كېيىنىشېنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سورىغان ۋاقتىمدا ئىسلام ئۆلىماسى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پەلسەپە ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى يەنى جەدىدلەرنىڭ سىماسى ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ بەرگەن.

ئابدۇقادىر دامۇللام ھەققىدە

يىقىنقى زامان ئالىملىرىمىزنىڭ ئىچىدىدىكى «جەدىد» تىزىمغا يۇقىرى ئىسلام ئورۇنلىرىدىن پەتىۋا پىچتۇرۇپ. شۇ، يىڭىچە ئىسلاھاتنى ئورناتقان. يىتۇك دىنىي ۋە پەننىي ئالىمىمىز. ئابدۇقادىر دامۇللابىننى ئابدۇلۋارىس كاشغەرى. ئاتۇش مەشھەد يىزىسىدا 1862-يىلى(ھىجىرىيە1279-يىلى)ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

تۇنجى مەدىنىيەت ساۋادىنى يۇرتىدا ئالغان، 15يىشىدا كاشغەردىكى شەيخۇل ئۆلىما مۇللا ئىسلام دامۇللامدا ئوقۇپ. ئوتتۇرا تەلىم ئالغان. ئىلىمگە قانائەت قىلماس قەلىپ. ئۇنى بۇخاراغا بىرىشقا ئۈندىكەن ئالىم بۇخارا غا بىرىپ(سەمەرقەنىت سەيقەلى ئالەم، بۇخارا قۇۋۋىتى ئىسلام). ئىلمىي كالام، ئىلمىي فىقھە، ئىلمىي تەفسىر، ئىلمىي تارىخ، ئەدەبىيات پارىس تىلى، تۈرك تىلى، ئەرەپ تىللىرىنى ئۆگەنگەن. ئوقۇش تاماللاپ، سەمەرقەنىت ئۇفالاردا بىرمەزگىل مۇددەرىسلىك قىلغان. ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىدە، ساياھەتتە بولۇپ. كاشغەرگە قايتىپ كىلىپ «خانلىق مەدىرىس»تە مۇدەرىسلىك قىلىش بىلەن بىرگە مۇتەسسىپ قارىي ئۆلىما، سوپا-ئىشانلار بىلەن تىركەشكەن. شىۋىتلەرنىڭ چىركاۋلىرىنى ۋە باشقا ئورۇندىكىلىرىنى چاقتۇرغان. شۇ، سەۋەپ پۇلنىڭ ئازدۇرشى بىلەن. ئىسىل ئۆلىمالىرىمىز، ئالىم بىلەن قارشىلىشىپ سۈيقەسلەردە بولغان. ئالىم قەسلەردىن ھىجرەت، ئىككىنجى قىتىملىق ھەج سەپىرى. قىلىشقا ماڭغان. «بەيتۇل مۇكەررەم»دە تاۋاپتا بولۇپ. ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ۋەزلىرىگە قاتناشقان. يىڭىچە ئىسلام كۆز قارىشىغا نىسبەتەن ئىزدەنگەن. ئالىمنىڭ كىتاپلىرىدىن «جەۋاھىرۇل ھىقان»شېئىرى ئەسىرى، مىسىرنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلاقلىق. ۋەتىنىمىز جۇڭگۇ ۋە دۇنيا ئىتىراپ قىلغان يىقىنقى زامان ئىسلام ئالىمى ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان. ئالىمنىڭ مۇشۇ قىتىملىق سەپىررى ئوڭۇشلۇق، ۋە ئەتراپلىق بولۇپ مۇنۇ ئابىيدىلەرنى پۇتتۇرگەن:-

ئاقائىد زۆرۇرىيە، (زۆرۇر ئەقىدىلەر). ئىلمىي تەجۋىت، (قىرائەت ئىلمى)

ئىبادەت ئىسلامىيە،(ئىسلام ئىبادەتلىرى). سەرىپ نەھۋى، (ئەرەپ تىلى گىرامماتىكىسى)

مىفتاھول ئەدەپ،(ئەدەبىيات ئاچقۇچى). تەئىلىمۇس سىبيان(ئۆسمۇرلەر تەلىماتى)

نەسائىھۇل ئەتفان،(ياشلارغا نەسىھەت) .نەسىھەت ئاممە، (ئاممىغا نەسھەت)

ئىلمى ھىساپ.                    جەۋاھىرۇل ھىقان(ھەقىقەت جەۋھەرلىرى)كىتاپلاردىن ئىلىندى

يىرىك قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ شەرھى ھۆكۇم تەربىيەت كىتاپلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئون كىتابى، ھازىرغىچە ئىسلام تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ پاساھەتلىك ئابىيدىلىرى سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.  ئىككىنجى قىتىملىق ھىجرەتتىن كاشغەرگە قايتىپ كەلگەندە «جەدىد»تىزىم غا پەتىۋا پىچتۇرۇپ كەلگەن، لىكىن يەنە شىۋىتلەر، ئۆلىما تويماس قارىلەرنى ئىشقا سالغان. ئۇلار «بۇ، خىلدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھارام، يالغۇز دىنى بىلىمنىلا ئۆگىنىش كىرەك» دىگەنلىكىنى ئىنىق خاتىرلەردە مەلۇم، مەرھۇم ئاتامنىڭ دەپ بىرىشىچە «ئابدۇقادىر ئاتلىق دىنىي مۇناپىقنى ئۆلتۇرگەنلەر جەننەتكە كىرىدۇ» دەپ. خەلقنى ئازدۇرغان. ئالىم، پىتنىلەرگە قۇلاق سالمىغان كاشغەردە «مەتلەئىل ھىدايەت»ناملىق مەكتەپ قۇرۇپ ئۆزى باشقۇرغان يىتىم يىسىلەرنى تەربىيلىگەن، ھەم شۇ ۋاقىتنىڭ باي-تىجارەتچىلىرىگە تەربىي خىزمەت ئىشلەپ، 52نەپەر ياشنى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقارغان. ئالىم شىۋىدلەرنىڭ قەستى بىلەن كاشغەرلىك شىۋىد پەرەس، نائەھلى  بايۋەتچە ھەرەمباي دېگەن مۇناپىق، ئەھمەد مەزىنگە 300سەر كۈمۈش بىرىپ. ئۇنىڭ، ھەققىگە ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلغان. 1924يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۇنى، ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللام بىنى ئابدۇلۋارىس كاشغەرى، تاڭ سەھەردە ئەھمەت مەزىننىڭ خەنجىرى ئاستىدا ئۆز كۇتۈپخانىسىدا شېھىت بولغان. ئۇنىڭ قەبرەگاھى كاشغەر تاختى كۆۋرۇك قەبرىگاھىدا.

شىۋىدلەر ئالىمنى قەسلەپ يوقاتقاندىن كىيىن نۇرغۇن كاشغەرلىق  ئۇيغۇرلارنى ئازدۇرۇپ، ئۆز دىنىغا كىرگۇزگەن. ھىسابسىز بايلىق ۋە يادىكارلىققا ئىگە بولغان. شىۋىتلەرنىڭ ئارقىدا  روسلانىڭ قارا قولى بارلىقى نىمۇ ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ھەرەمباغ دىگەن بايۋەتچىگە قانچىلىك ئىنئام بەرگەنلىكىگە ئىسپات بولمىسىمۇ. كىنۇلاردەك ئىنىق تۇرۇپتۇ.

شۇنداق، كاشغەرلىك مەزۇننىڭ ئۆلتۇرگەنلىكى راس. لىكىن، ئۇنىڭ شىۋىدلەرنىڭ غالچىلىرىنىڭ ۋە شىۋىتلەرنىڭ قەسلىرى ئىكەنلىكى تونىماي. (كاشغەرلىك ھەر قايسىڭ ئۆلتۇرۇشكەن) دىيىش تۈپتىن خاتا!. بۇرمىلانغان تارىخنىڭ ھىچ ئەھمىيتى يوق. ئىتىپاقسىزلىق مۇشۇنىڭدىنمۇ چىقىدۇ، ئاپپاق خوجا مازىرغا كەلسەك، شۇ، ۋاقىتتىكى سوپى ئىشانلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن، بىر ۋاقىتتا قەبرىگاھلارنى تاۋاپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلىكىمۇ راس. ئابدۇقادىر داموللام كۆپ تەشۋىق ۋە ۋەز قىلىپ. (زىيارەت قىلىڭلار،تەربىيەت ئالغىلى چىقىڭلار ئۆلۇكنىڭ قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ)دەپ. ۋەز تەبلىغ قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزلىرىنى ياڭراتقان، سوپىلار ئۇنىڭغا بوي سۇنمىغان، تىل تەككۇزگەن. داموللام، ئاخىرىدا چىقىۋىتىش نىيتىگە كەلگەن. يىنىدىكى كىشىلەر تەخىر قىلىپ نەسىھەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئابدۇ قادىر دامۇللامنىڭ قەسلىنىشىدە سوپى-ئىشانلەرنىڭ قولىمۇ بارلىقىنى بىلىۋىلىڭ. يالغان تارىخقا بولغان ئىنكاسلىق راس تارىخىم مۇشۇنچىلىك بولسۇن.

قۇسۇرنىڭ ئاز بولىشى ئۈچۈن ئىسپاتلىغان، كۆرگەن لىكىمنىڭ بەدىلىگە :-

قۇتاد غۇبىلىك. تۈركى تىللار دىۋانى1. تۆھپە ئۇتتۇلمايدۇ. ھىدايەت گۇلزارى1. شۇكرۇ خالۇك ئاكالىن(تۈركىيە)لىك تەتقىقاتچىنىڭ كىتابى.

بۇلارنى كۆردۇم، لىكىن پايدىلىنىپ كۇچۈرگەن يىرىم كۆپ ئەمەس ، 27يىللىق ھاياتىمدا، ئاتامدىن ئاڭلىغان، ۋاپات تاپقىچە سوراپ بىلگەن. ھەم، ئاتام «كىتاپ ماللىسىدىن قۇلاق ماللىسى يامان» دەپ كۆپ بايانلارنى يىرىك تىلىدا چۈشۇنۈشلىك نىگىزلىك يىلنامە ۋە ئىسىملىرىنى نەچچىلەپ  ئىيتىپ ئەستە تۇتىۋىلىشىمنى جىكىلىگەن.  ئەستە تۇتىۋىلىش قابىلىيتىمنىڭ بىر كۇنى ئەسلىمىلەرگە تولغان كىتاپلارنى يىزىشقا پايدىسى بولىدىغانلىقىمغا بەل باغلاپ تۇرۇپتىمەن. بۇ تارىىنى باغداش مۇنبىرىدە ئىلان قىلغان ئىدىم لىكىن مىنى ياقتۇرمايدىغان مەشھۇر كىشىنىڭ پىكرى بىلەن بىسلىپ قالدى شۇڭا باشتىكى بايانىم بويىنچە مىسرانىمغا سۇندۇم، ئەگەر ئەشۇ مەشھۇر كىشى يەنە شۇنداق قىلسا ئۆزۇمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرمەي، ئۇنىڭ كۆرەلمەس كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغانلىقىمنىڭ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرشۇمنىڭ كىرەكلىكىنى ھىس قىلدۇرغىنىغا ئەپتى بەشىرىسىنى بىر غىرىپقا بىلدۇرگەنلىكىنى ئۇقۇپ قىلىڭلار، مەن يىزىپ مەسخىرە قىلىپ قالماي ئەفەندىم سىزدىن كۆپ كەچۈرۇم سوراپ كەتتىم بىلمىسىڭىز سىزنىڭ تارىخىڭىزنىمۇ، ۋە قايسى ئەمەل بىلەن ئۇتۇقلارغا قوغدۇنۇش ۋە كەڭچىلىككە ئىگە بولىۋاتقىنىڭىزنى بايان قىلىپ ئەپتى بەشىرىڭىزنى ئاشكارە قىلىپ سالماي، مىنىڭ جان كۆيدۇردىغان بۇرادەرلىرىم، ۋە مىنى ئاتىسىنىڭ ئىزىنى باسقۇچى دەپ نۇرغۇن كىشىلەردىن پەخەس بولۇشۇمنى ئىيتىپ تۇرىدىغان ئۇستازلىرىم سىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ، ياتقان ئارسىلان بىلەن ھەپىلەشمەڭ دەپ:

مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى ئوغلىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-8 05:35 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kuxbeg526 + 126 بارىكاللا!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 126   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 10:36:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدىمۇ بۇ تېمىنى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73170
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3047
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 12:00:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95027
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 562
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 01:51:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكرار ئوقۇدۇم  شۇنداڭتۇمۇ شۇنداق قىزقىپ ئوقۇدۇم  بەك ئىسىل تىما بۇ

قېرىنداشلىرىم مىنى تاشلىۋەتسىمۇ ھەرزامان يۇركۇمنى  قىرىنداشلىرىمغا ھەدىيە قىلىشقا
تەييارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95629
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 03:48:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇشبۇ تارىخنى ئوقۇش بىلەن بىرگە شۇ مەرھۇم ئالىملىرىمىزغا دۇا قىلىپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11349
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5112 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 04:40:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئۇستازىم مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمىنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي!!ئامىن!~!ئۇستازىمىز مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى  تەلەپچان  ،پىكىرى ئۈتكۈر،ناتىق ،ئۇيغۇر ئەدبىياتى پىشۋاسى  ئىدى.قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئۇتتۇرا (ھازىر قەشقەر 6-ئوتتۇرا دەپ ئۆزگەرتىلدى)نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.دەرىسخانىدا سۆزلىگەن ھەربىر جۈملە سۆزى ئنتايىن پاساھەتلىك ۋە ۋەزىنى ئىغىر ئىدى.مۇنبەردە چاچلىرى ۋاقىتسىز  ئاقارغان ئىدى.ئۇستازىمىزنى بىز شاگىرىتلىرى مەڭگۈ ياد ئىتىمىز!!ئۇستازىمىزنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر يوقۇتۇش بولغان.سىزنىڭ مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقڭىزدىن ئىنتايىن سۈيۈندۈم.ئۇستازىمىزنىڭ ئوغلى بولۇشقا مۇناسىپ ئىشلارنى قىپسىز!!بارىكاللا!!داۋاملىق ئالغا باسقايسىز!!ھايات مۇساپىسىدا پۇتىمىزغا پۇتلىشىدىغان داڭگاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ،لىكىن بۇلار بىزنىڭ يوغان چامدىغان قەدەملىرىمىزنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 05:01:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى مۇئەللىم بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر مۇئارىپى ۋە ئەدەبىياتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئۇستازلىرىمىزدىن ئىدى. مەنمۇ قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە مەرھۇم مۇئەللىمنىڭ  تەلىمىنى بىۋاستە ئالالمىغان بولساممۇ(چۈنكى ئۇچاغلاردا ئۇستاز مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ،دەرس بەرمەيتتى) ،بىراق ئۇنىڭ ئىلمى ۋە ۋىجدانىغا تولىمۇ قايىل ئىدىم . ھەريىلى ئۇستازنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نۇرۇز پائالىيتى ئۆتكۈزىلەتتى، ئۇستاز بولسا بىزگە تارىخ،ئەخلاق توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەيتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە بىرقېتىم ئۇ مەخسۇس تەۋپىق ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ ، بارلىق ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنى تەۋپىقنىڭ تاشلىنىپ ۋەيران بولۇپ كەتكەن قەبرىسىنى ياساشقا ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلغانىدى. ئۇستاز باھار كېلىشى بىلەنلا چىمەن دوپسىنى ياراشتۇرۇپ كىيىپ ،ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن بىزگە مىلەتنى سۆيۈشنىڭ كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.
ئەپسۇس ئۇچاغلاردا ئۇستازنىڭ يارىشىملىق دوپپىسىنى كۆرۈپ ھەۋەس قىلساممۇ ،كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ نېمىشقا دائىم دوپپا كېيىدىغانلىقىنى چۈشەنمەپتىكەنمەن. مانا ئەمدى دوپپا كىيسەممۇ ،ئىدارە باشلىقنىڭ دەككىسىني يەيدىغان بولۇپ قالغاندا ئۇستازنىڭ قەلبىنى چۈشەندىم . ئۆز نەرسەڭنى قەدىرلەشنى بىلمىسەڭ مۇشۇنداق قەدرىنى بىلگەندە كېچىكىدىكەنسەن .
رەھمەتلىك ئۇستازنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن . يىراقتا بولغاچقا ۋاپاتىدىن خەۋەرسىز قاپتىمەن.
ئۇستازنىڭ ئوغلى ، سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بوپتۇ ، مۇنبەرگە دائىم قەدەم تەشرىپ قىلارسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-6 05:02 PM  


مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95629
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 05:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-6 05:01 PM
مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى مۇئەللىم بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر م ...

رەھمەت سىزدەك ئىخلاسمەن شاگىرتلىرى بىلەن ئاتام روھى ئەمىن ئازادە سوراقلىرى يەڭەىل بولغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2604
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 06:56:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا  دەت  بەرمىسۇن  قېرىندىشىم  ،تولىمۇ پاساھەتلىك  بىر   تىما  يوللاپسىز .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2604
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 06:56:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا  دەت  بەرمىسۇن  قېرىندىشىم  ،تولىمۇ پاساھەتلىك  بىر   تىما  يوللاپسىز .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش