ئائىلىلەردە تەبئى گاز ئورنىتىشتىكى بىخەتەرلىك
دولانلىق تەييارلىغان
ھازىر ناھىيىمىزدە ۋە يېزا بازارلاردا بىنالارغا تەبئى گاز تۇرۇبىسى تورلاشتۇرۇلۇپ تاماق ئىتىش ۋە ئىسسىنىشقا زۈرۈر بولغان ئىنىرگىيە مەنبەسى بۇلۇپ قالدى،ئەمما تەبئى گازنى توغرا ئىشلەتمىگەندە يۇشۇرۇنغان خەۋىپنىڭ چوڭلۇقى ھەممىمىزنى ئويغا سالماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە، تەبئى گاز بىلەن ھاۋا ئارلىشىپ قۇيۇقلۇقى 25%تىن ئاشقاندا ئوت ئۇچقۇنى ياكى كىچىككىنە ئېلىكتىر ئۇچقۇنى بىلەن ئۇچراشسا پۈتۈن بىر بىنانى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ، شۇڭا تەبئى گاز ئۇرنىتىش ۋە ئىشلىتىشتە تۈۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
1-ئۇچاق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش لازىم.
ئۈزىمىزدە ئەسلىدىنلا بار بولغان ئۇچاقلار ئاساسەن سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازغا لايىقلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بولغاچقا گاز بېسىمىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەپلىك ئۇنى ئىشلىتىشكە مۇمكىن بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا كونىسىنىڭ پۈركۈش بېشىنى ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىدىن سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا بۇلىدۇ،ئەگەر ئىختىسادتىن قىينالمىسىڭىزلا يېڭىدىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز،كونا گاز ئۇچاق كونا ئاياققا ئوخشايدۇ ،مىھرى ئىسسىق بولغىنى بىلەن چۇقۇم سېلىۋىتىپ يېڭىسىنى سېتىۋېلىش ئاقىلانىلىق ئەلۋەتتە .
2-قۇرۇلمىنىڭ ھىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
تەبئى گاز سائىتى ۋە يۇمشاق تۇرۇبا شۇنداقلا ئۇچاقتىن گاز قاچماسلىقى لازىم،بۇنى قاراپ پۇراپ ياكى ئۇلانغا ئۇرۇنلارغا سۇپۇن سۈيى سۈركەش ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە بۇلىدۇ،تەكشۈرۈش جەريانىدا ئوت يېقىشتىن قەتئى ساقلىنىش لازىم،يۇمشاق تۇرۇبىنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئاشماسلىقى لازىم.
3- زۈرۈر بولغان گاز قېچىشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىش لازىم.
ھازىر بازارلاردىكى گاز قېچىشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ كۆپ ئىشلىتىغىنى مۇنداق ئىككى تۈرلىك، بىرىنچى خىلى گاز قاچقاندا سىگنال بىرىش بىلەن بىرگە گاز كىلاپاننى ئاپتۇماتىك ئىتەلەيدۇ، بۇنۇڭ باھاسى قىممەترەك بۇلۇپ گاز تۇرۇبىسى ئورناتقاندا بىللە ئورنىتىش زۈرۈر.
يەنە بىر خىلى پەقەت ئاپتۇماتىك سىگنال بىرىدۇ ، گازنى توختاتمايدۇ،لىكىن بۇنۇڭ رۇلىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان ماركىدىكى ۋە ئوخشىمىغان زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،بىز ئۈزىمىزنىڭ تاللىشى بۇيۇنچە ئورنىتىۋالساق بۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dolanlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-5 06:52 PM