مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2425|ئىنكاس: 3

پەرزەنتلىرىمىزنى قوش تىلدا ئوقۇتۇش كىمگە كېرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12480
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 04:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ماقالە قازاقىستان «ئۇيغۇر مەكتىپىنى قوللاپ-قۇۋەتلەش» فوندىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان تىلىۋالدىنىڭ قازاقىستاندا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسى بولۇپ، ماقالىدە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قوش تىلنى يولغا قويۇشتا ئۇچرىغان بېسىم، قىيىنچىلىقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مائارىپ تەرەققىياتىدا يولۇققان قىيىنچىلىق، چىكىنىش، كىرىسىز ئەھۋالى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇلاھىزە قىلىنغان. جۈملىدىن رايۇنىمىزنىڭ قوش تىلنى يولغا قويۇش ئەھۋالىمۇ قىستۇرما قىلىنغان.

قازاقىستاندىمۇ قوش تىل مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ،  ئا.روزىباقىيىۋ نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە (ئوتتۇرا مەكتەپ) نىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروۋنىڭ «كوپ تىللىق شەخس تەربىيىلەش – زامان تەلىپى» ناملىق ماقالىسمۇ مۇشۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىشىمۇباشقىلارغا ئوخشىمايدىغان  ئۆز قارىشىنى بايان قىلغان. تورداشلار قىزىقسا بۇ ماقالىنىمۇ يوللارمىز.

پەرزەنتلىرىمىزنى قوش تىلدا ئوقۇتۇش كىمگە كېرەك؟

«ئۇيغۇر مەكتىپىنى قوللاپ-قۇۋەتلەش» فوندىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان تىلىۋالدى

مەلۇمكى، كېيىنكى يىللاردا ئايرىم زىيەلىيلىرىمىز مىللىي مائارىپنى ئىسلاھات قىلىش مەخسىتىدە ئۇنى زامان تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش بويىچە ھەر خىل چارە-تەدبىرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلماقتا. ئەنە شۇنداق تەشەببۇسلارنىڭ بىرى ئانا تىلىمىزدا بىلىم بېرىۋاتقان مەكتەپلەردە قوش تىللىق بىلىم بېرىش سىتىمىسىنى جارى قىلىش مەسىلىسى بولۇۋاتىدۇ. ئىيتماقچى، بۇنىڭدىن بىرئاز يىل ئىلگىرى ھازىرقى ئا.روزىباقىيىۋ نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە (ئوتتۇرا مەكتەپ)قوش تىلدا ئوقۇتۇش سىستېمىسى سىناق سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، مەزكۇر بىلىم دەرگاھىنىڭ 6-سىنىپىدا «قازاقىستان تارىخى» پېنى بىر يىل داۋامىدا دۆلەت تىلىدا ئوقۇتۇلدى. ئامما ئۇنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغاچقا، ئالمۇتا شەھەرلىك بىلىم دىپارتامىنتى مەخسۇس بۇيرۇق چىقىرىپ، ئۇنى كۈچىدىن قالدۇرغان ئىدى.

شەخسەن مەن ياۋروپالىق كەسىپداشلار بىلەن EBҺTنىڭ ۋە مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بويىچە «كوپ ۋە قوش تىللىققا» بىغىشلانغان كۆپلىگەن سىمىنار-ئەنجۇمەنلەرگە ئىشتىراك قىلدىم. مەخسىتىم، مەزكۇر بىلىم مودىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەكتەپلەر ئۈچۈن پايدىسى ۋە زىيىنىنىڭ بار-يوقلىغىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت بولدى. راست، بۇ ناھايىتى مۇھىم ئىجتىمائىي-مەدەنىي مەسىلە سۈپىتىدە كۈن تەرتىۋىدە تۇرىدۇ. ئەگەر مەسىلىگە مۇشۇ نۇقتىئىي نەزەردىن يانداشساق، ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ مائارىپ سىستېمىسى كۈندىن-كۈنگە ئۆزگىرىۋاتقان شارائىتقا ماسلىشالمايۋاتقانلىغىنى ئىقرار قىلماي مۇمكىن ئەمەس. ئامما قەيت قىلىنىۋاتقان بۇ ئەھۋالنىڭ بىر تىلدىن ۋاز كېچىپ، ئىككىنچى بىر تىلغا ئوتۈش بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنىمۇ ئىسپاتلاش ئاكتىۋال بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. تەلىيىمىزگە قارشى، كوتىرىلىۋاتقان بۇ خىل مەسىلىلەر كۈندىن-كۈنگە ئىغىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ يىشىلىش جەرىيەنىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە.

2009-يىلى بىلىم ۋە پەن مىنىسترىنىڭ تەشەببۇسى تۈپەيلى، چىمكەنت شەھىرىدە كوپ ۋە قوش تىلدا ئوقۇتۇش بويىچە نۆۋەتتىكى ئەنجۇمان ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدا مەن ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي مۇئەممالىرىنىڭ باشقا تىلدا ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن تەشۋىشلىك ھالدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدىم. مەخسىتىم — يىڭى بىلىم سىستېمىسىغا كوچۈشكە ئالدىرىماسلىق ھەم بىزنىڭ مائارىپ ساھاسىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ يىشىلىشى كىرەكلىگىنى تەكىتلەش ئىدى. ئومۇمەن ئالغاندا، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئىككى تىللىق شارائىتتا رىۋاجلىنىۋاتقانلىغىنى، ئارىلاش مەكتەپلەرنىڭ 80 پىرسەنتكە يىتىدىغانلىغىنى، بىزنىڭ خەلقىمىز دۆلەت تىلىنى ئوزلەشتۈرۈشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئانا تىلىدا سۆزلەش دائىرىمىزنىڭ كەسكىن تارىيىۋاتقانلىغىنى ئەسكە سېلىپ ئوتتۈم. كىيىن ئالمۇتا ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن پانفىلوۋ ناھىيىسىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر ئارا يەنە بىر ئەنجۇمان بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدا قوش تىلدا بىلىم بېرىدىغان ئۆزبېك مەكتەپلىرى ئوز تەجرىبىلىرىنى ھەرتەرەپلىمە ھەم ئەتراپلىق تونۇشتۇردى. ئامما مەزكۇر ئەنجۇماندا قوش تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ زىيەنلىق ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە قاتتىق تالاش-تارتىشلار يۈز بەردى. بىراق ئەنجۇماندا قوش تىللىق بىلىم بېرىش سىستېمىسىغا كوچۈش بويىچە ھېچ قانداق قارار قوبۇل قىلىنمىدى. ئارىدىن يەنە بىرئاز ۋاقىت ئوتۈپ، بىلىم مىنىستىرلىقىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئا.روزىباقىيىۋ نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە كوپ ۋە قوش تىللىق بىلىم بېرىش مودىلىنى ئوزلەشتۈرۈشكە بىغىشلانغان يەنە بىر چوڭ ئەنجۇمان ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇ ئەنجۇماندىمۇ قوش تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئىلىپ كېلىدىغان پايدا-زىيەنلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇنازىرە قوزغىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ، مۇئەللىملەر بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ خاھىش-تەشۋىشلىرى ئىناۋەتكە ئىلىندى. بىلىم مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى روزا باتتالوۋا بىزنىڭ پىكىرلىرىمىزنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مەنپىيەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئومۇمەن، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى دىققەت-نەزەرگە ئىلىنىپ، ئۇشبۇ مەسىلە خەلقىمىزنىڭ تەلەپ-ئىھتىيەجىغا زىت كىلىدىغانلىغى ئېنىقلاندى. ئامما ئارىدىن بىرئاز ۋاقىت ئوتۈپ، ئىبھت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قايتا ئىلتىماسى بويىچە كوپ ۋە قوش تىلدا بىلىم بېرىش سىستېمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بويىچە ئالاھىدە گرانت ئېلان قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. شەخسەن مەن شۇ چاغدا دەررۇEBҺT غا نارازىلىقىمنى بىلدۈرۈپ، رەسمىي خەت يوللىدىم. ئۇلار مىنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم مەخسۇس ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئوتكۈزدى. مەن ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ EBҺTتەكلىپ قىلىۋاتقان «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» پىرىنسىپىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە شۇ تۈپەيلى بۇنىڭدىن بىۋاسىتە چوڭ زىيەن تارتىدىغانلىغىمىزنى بايان قىلدىم. مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرغان جىددىي مەسىلىلەر يىشىلمەي، مەزكۇر ئىسلاھاتنىڭ ھېچ قانداق ياخشى نەتىجە بەرمەيدىغانلىغىغا ئۇلارنىڭ كوزىنى يەتكۈزدۈم. ئاخىرى بۇ مەسىلە كۈن تەرتىۋىدىن چۈشۈپ، تەشۋىشىمىز بىرئاز بىسىلىشقا باشلىغان ئىدى. بىراق مۇشۇ يازدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گىزىتىدا (№26، 29-ئىيۇن) ئا.روزىباقىيىۋ نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروۋنىڭ «كوپ تىللىق شەخس تەربىيىلەش – زامان تەلىپى» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەم تىلغا ئىلىنىۋاتقان بىلىم دەرگاھىنىڭ پەنلەرنى كوپ تىلدا ئوقۇتۇش بويىچە قازاقىستان بىلىم مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇغىغا بىنائەن، 35 تەجرىبە-سىناق سۈپىتىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى بۇ مەسىلىنى يەنە قايتىدىن كۈن تەرتىۋىگە چىقاردى. شۇ ئارقىلىق بىز يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويغاندەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق. شۇنىمۇ تەكىتلىمەي مۇمكىن ئەمەسكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىللىي مائارىپ مەسىلىسى بويىچە ئورۇن ئىلىۋاتقان تالاش-تارتىشلار زىيەلىيلىرىمىزنى ئىككىگە بولۈۋەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئايرىم زىيەلىيلىرىمىز پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئارگۇمىنتىدىن باشقىنى تىڭشىمايۋاتىدۇ. ئەگەر بىز مۇشۇ يۆنىلىشتە ماڭساق، ئىنىغىراغى، زامانىسىدا غوجاملار باسقان ئىزغا چۈشۈۋالساق، كېلەچەكتە ئەۋلادلىرىمىز بىزنى كەچۈرەرمۇ؟!

ئومۇمەن، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش مودېلى قانداق؟ ئۇنىڭ ماھىيىتى نىمىدىن ئىبارەت؟ ئۇيغۇر مەكتىپىگە پايدىسى بارمۇ؟ ئۇ ئابدۇللا روزىباقىيىۋ ئاساسىنى سالغان مىللىي مائارىپىمىزغا تەھدىت ئىلىپ كېلەمدۇ، يوقمۇ؟ پۇختا بىلىم ئىلىشقا مەۋجۈت مائارىپ سىستېمىسى يارىمامدۇ؟ زىيەلىيلىرىمىز، ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرىمىز مەزكۇر مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئۇنىڭغا قارشى؟

شۇڭلاشقا بۈگۈن مەن مەزكۇر بىلىم كونتسىپتسىيەسىنىڭ ھەر خىل شەرت-تەلەپلىرى بويىچە پىكىر يۈرگۈزۈشنى مۇۋاپىق كوردۈم. بۇ ئۇيغۇر جامائەتچىلىگى بىلەن ئوقۇتۇش ئانا تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە پائالىيەت ئىلىپ بېرىۋاتقان ئۇستازلىرىمىز ئۈچۈن ھاجەت.

كوپ تىللىق شەخسنى تەربىيىلەشنىڭ سىيەسىي-ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي قاتلىمى.

بۇ توغرىلىق ئا ق ش، شەرىقى ياۋروپا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ماتىرىيەللىرى ئىنتايىن نۇرغۇن، بەزى ئىلمىي مەركەزلەر ھەتتا ئۇنىڭ ھەر خىل لايىھىلىرىنى ئىشلەپ چىققان. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىلىم ئاكتى شۇ جۈملىدىندۇر. (Akt o bilingval'nom obrazovanii (Bilingual Education Act) (1968)). ئومۇمەن، قوش تىلدا ئوقۇتۇشقا نىسبەتەن ھەر خىل ئىلمىي ياندىشىشلارمۇ كوپ. مەسىلەن، مەدەنىيەتشۇناسلىق ياندىشىش، (kul'turologiçeskiy podhod B.L. Vul'fson, V.S. Bibler) مەدەنىي ھەم تارىخي تسىۋىلىزاتسىيەلىق ياندىشىش  ۋە ھاكازىلار.

قىسقىسى، ياۋرۇپادىكى ھەممە خەلقلەر ئۇزاق ۋاقىت سىيەسىي بىرلىشىش جەرىيەنىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. شۇڭلاشقا يارۇپا ئىتتىپاققا كىرگەن مەملىكەتلەر ئارىسىدىكى چىگارىلەر بىكار قىلىندى. بۇ ناھايىتى چوڭ ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ (ئىشچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر تۈركۈمىنىڭ) بىر شەھەردىن ئىككىنچى بىر شەھەرگە ھەر دائىم يۆتكىلىپ تۇرۇشىغا ئاساس سالدى. ھەتتا بىر دۆلەتنىڭ پۇخراسىغا ئىككىنچى بىر دۆلەتتە مەۋسۇملۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتلەر يارىتىلدى، ھە، بۇ بولسا، ئوز ئارا قاتناش ئىشلىرىنى كۈچەيتىۋەتتى. بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال ئىلگىركى سوتسىالىستىك مەملىكەتلەردە ياققال بايقىلىۋاتىدۇ. دېمەك، مەزكۇر ئىجتىمائىي قاتلام ئۈچۈن ئىككىنچى بىر تىلنى ئوزلەشتۈرۈش ئاكتۇال بىر مەسىلىگە ئايلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىپ قارىغاندا، ئۇشبۇ ئىجتىمائىي جەريان بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بېرىپ تىرەلدى. شۇنداق قىلىپ، ياۋرۇپادا يىڭى مەدەنىي مۇھىت پەيدا بولۇپ، كوپ تىلدا ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كۆپىيىشىگە يول ئىچىلدى.

كېڭەش ئىتتىپاقى (سوۋىت ئىتتىپاقى)ئۈچۈنمۇ قوش تىلدا ئوقۇتۇش يىڭى بىر پرىنسىپ بولغىنى يوق. بۇ ھەقتە يېزىلغان كېڭەش ئالىم-پىداگوگلىرىنىڭ ماقالىلىرىمۇ يېتەرلىك. «پۈتۈنلۈك» سىستېمىسىغا ئاساسلانغان ۋ.ئىلئىن ۋە ن.سىرگىىۋنىڭ، ئاكسئولوگىيەلىك ياندىشىشتىن ئىبارەت م.بوگۇسلاۋسكىي بىلەن ز.راۋكىننىڭ، دىئالوگىيەلىك ياندىشىشىنى تەرغىب قىلىدىغان م.باختىننىڭ ئەمگەكلىرى ئەنە شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدىن كىيىن سوۋىت ئىتتىپاقى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس قارارىغا بىنائەن «قوش تىل مائارىپى» كومپانىيەسى جەمئىيەتنى قاپلىغانلىقى بارچىغا ئايان. بارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە ئارىلاش مەكتەپلەر تەشكىل قىلىنىپ، قوش تىلدا ئوقۇتۇش بويىچە مىتودىكىلىق قوراللار ۋە كۆرسەتمىلەر كۆپەيدى. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقىي قوش تىللىقنى نەزەرگە ئالمىغان بىر رەزىل سىيەسەت بولۇپ، بىرلا تىل، يەنى رۇسچە ئوقۇتۇشنى كۆزدە تۇتقان ئومۇميۈزلۈك ئىدىولوگىيەلىك ئېقىم ئىدى. بۇ سىيەسەتنىڭ ئازابىنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، بۇرياتىيە، خاكاسىيە ئوخشاش يۇمھۇرىيەتلەر خېلى تارتتى. مەسىلەن، ئالمۇتىدا تازا قازاق تىلىدا بىلىم بېرىدىغان بارى-يوقى بىرلا مەكتەپ قالغان ئىدى. ئەگەر قازاق خەلقى ئوز مۇستەقىللىگىنى قولىغا ئالمىغان تەقدىردە، ۋەزىيەت يامىنىغا ئايلىنىدىغانلىغى مۇقەررەر ئىدى. ھازىر قازاق زىيەلىيلىرى قوش تىللىقنىڭ قالدۇقلىرىغا قارشى كۈرەشمەكتە. ئەھۋال ئەنە شۇنداق جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى.

ئەمدى بۈگۈنكى سىيەسىي-ئىجتىماي ۋە مەدەنىي مۇھىتىمىز قانداق؟ پرىزىدىنتىمىز «تىللارنىڭ ئۈچ بىرلىكى» سىيەسىتىنى جارى قىلىپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ يىڭى ئىجتىمائىي تەرەققىيەت مودىلىنى بەلگىلەپ بەردى. قازاق تىلى – بۇ دۆلەت تىلى ھەم بىخەتەرلىكنىڭ ئاساسى. رازىمەنلىك ۋە دوستلۇقنىڭ ئاچقۇچى. رۇس تىلى – جەمئىيەت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھاجەت. ئىنگىلىز تىلى – دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيەتنىڭ يونىلىش-ۋىكتورى. دېمەك، بۇ ياش دۆلەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم سىيەسەت. چەت ئەللىك ئىختىسادىي شىركەتلەردە، ئاۋىااكومپانىيەلەردە، دۆلەتلىك باشقۇرۇش ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ياشلىرىمىز ئىنگىلىز تىلىنى مۇكەممەل بىلىدۇ، ئۇلار سان جەھەتتىنمۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن. ئامما ھازىرچە ئىنگلىز تىلىغا قىزىققۇچىلار ھەسسىلەپ كۆپەيگىنى بىلەن، بىراق ئۇ تىلنى رەسمىي ئوزلەشتۈرگەنلەرنىڭ سانى 10 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ. جەمئىيىتىمىزدە ئومۇمىي ئىنگىلىز تىلى مۇھىتى تېخىچە شەكىللەنمىدى ۋە ئۇنىڭ خىزىمىتى ھازىرغىچە ئانچە كۈچلۈك ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. راست، «زامان تەلىپىگە» بولا بۇ ساھا بويىچە مۇتەخەسسىسلەر كوپ تەييارلاندى ھەم تەييارلىنىۋاتىدۇ. ئامما ئىنگىلىزچە ئالىي ئوقۇشنى تۈگەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئىش بىلەن تەمىنلەنگەن دەپ ئىيتالمايمىز. ۋاقىت ئوتۈپ ئۇلار بۇ سۈنئىي ئوزلەشتۈرگەن تىلنى ئۇنتۇپ قىلىشىمۇ ئىھتىمالدىن يىراق ئەمەس. بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى. قانداقلا بولمىسۇن، ئۈچىنچى بىر تىل مۇھىتى قېلىپلىشامدۇ ياكى يوقمۇ؟ بەلگىسىز. قىزىق يېرى، بۇ بوشلۇقنى خەنزۇ تىلى بىلەن تولتۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس.

دېمەكچى بولغىنىم، ھازىرغىچە بىزنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن رەسمىي ئىككى تىللىق مۇھىت مەۋجۈت. ئۇ قازاق ۋە رۇس تىلىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ 91 پىرسەنتى قازاق تىلىنى مۇكەممەل بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىلاش نىكاھ بويىچىمۇ كۆرسەتكۈچىمىز باشقا خەلقلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلى يۇقىرى ئىكەن. ئەڭ مۇھىمى، قىدىمىي تارىختىن تارتىپ تەغدىرىمىز بىر. دېمەك، بۇ ئامىللار بىزنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن دۆلەت تىلىنى ئوزلەشتۈرۈش بويىچە ھەممە مۇئەممالارنى بىكار قىلىدۇ. تەكىتلەيمىزكى، ئەگەر بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ئوز ئانا تىلىمىزدا ئوقۇتساق، ئۇلارنىڭ دۆلەت تىلىنى ئوبدان ئوزلەشتۈرىدىغانلىغى شۈبھىسىز. بۇ ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان فاكت. بىز ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ساقلاپ قىلىش كويىدا، قازاق تىلى ۋە ئەدەبىيەتى پېنىنىڭ سائەتلىرىنى كۆپەيتىش بويىچە ئوتۈنۈش-ئىلتىماسلىرىمىزنى بىلىم مىنىسترلىگىگە يوللىغان ئىدۇق. ئامما يېقىندا بىلىم مىنىستىرلىقىنىڭ باش مۇتەخەسسىسلىرى ئالمۇتا ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىدا بولۇپ ئوتكەن ئۇچرىشىشتا، ئۇيغۇرلارنىڭ قازاق تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىغانلىقىنى ئىناۋەتكە ئىلىپ، يۇقىرىدا ئاتالغان پەنلەرنىڭ سائىتىنى ئازايتىشنىڭ ۋە ئۇشبۇ پەننى ئۇيغۇر مەكتىپى پروگراممىلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنىڭ كىرەكلىگىنى ئىيتتى. بىز بۇنىڭغا ناھايىتى خوشال بولدۇق. چۈنكى ئارتۇق سائەتلارنى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىيەتى پەنلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا پۇرسەت يارىتىلدى. ئەمدى خەلقىمىزنىڭ 60 پىرسەنتدىن ئوشۇقى رۇسچە ئوقۇيدۇ. بۇمۇ بىزنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن قوش تىللىق شارائىت. بەزىلىرىمىز ئەلاخان سۇلتاننىڭ دەۋرىدىن باشلاپ رۇسچە ئوقۇش خۇمارىمىزدىن ۋاز كىچەلمەيۋاتىمىز. ھەقىقەت شۇكى، ئۇنىڭدىن ئۇتقىنىمىزغا قارىغاندا ئۇتۇرۇۋەتكىنىمىز كوپ. مەسىلە — قانداق ئوقۇۋاتقانلىغىمىزدا، ئەلۋەتتە. بۈگۈنكى رۇسچە بىلىم ئىلىۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ پەقەت 10 — 12 پىرسەنتىلا تىرىشىپ ئوقۇيدىكەن. قالغىنى نېمە ئۈچۈن رۇسچە ئوقۇۋاتقانلىغىنىمۇ بىلمەيدۇ. ھەتتا، ئۇلار قارا ئىشچى بولۇپ، بىرىنىڭ ئىشىكىنى سۈپىرىپ، نىنىنى ياقسىمۇ بەرىبىر رۇسچە ئوقۇيدۇ. مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى 49-رۇس ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئېنىق بايقاۋاتىمىز. بۇ يەردە بىلىم ئىلىۋاتقان قارا كۆزلىرىمىز 80 پىرسەنتدىن ئاشىدۇ. ئامما ئەلا ئوقۇپ، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈۋاتقانلىرى بولسا، 8 پىرسەنتلىق كورسەتكۈچكىمۇ يەتمەيدۇ. ھەممە شارائىت تۇرۇقلۇق، ئۇلار نېمىشقا ئەلا ئوقۇمايدۇ؟ جاۋاب بىرلا — بىلىم ئىلىشقا قىزىقمايدۇ. بۇ ئىجتىمائىي ۋە پىسىخولوگىيەلىك مەسىلە. ئومۇمەن، رۇسچە ئوقۇتىمىز دەپ يىركىنىچلىك بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقاندەك قىلىمىز. بىلىمگە بولغان ئىنتىلىش ئختىدارىمىز ھامان تۆۋەنلەپ كېتىپ بارماقتا. شۇڭلاشقا بۈگۈنكى تاڭدا، بىز جەمئىيىتىمىزدە رۇسچە ئوقۇتۇش بويىچە تەشۋىقات يۈرگۈزەلمەيمىز ھەم ئۇ بۈگۈنكى كۈننىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىمىز. شۇ تۈپەيلى بىز «قوش تىلدا» ئوقۇتۇش ئارتۇق دەپ بىلىمىز. گەپ — ئوسمۈرلىرىمىزنى ياخشى ئوقۇتساق، بولغىنى. شۇ چاغدا كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يىتىمىز.

خۇلاسە شۇكى، قوش تىلدا ئوقۇتمىساقمۇ، بۈگۈنكى بىزنىڭ ھاياتىمىز قوش تىللىق مۇھىت بىلەن زىچ باغلىق. قوش تىللىقنى بىر مەكتەپ داىرىسىگە سىغدۇرۇپ ئاۋارە بولۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. ئۇنىڭسىزمۇ جەمئىيەت تەرەققىيەتى بىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيەمىزنى ئىگىلەپ، ئۇنى ھاجەتلىك تەرەپكە بۇرىماقتا. بىلىمنىڭ ئاساسى – ئۇ  تىرىشچانلىقىمىزغا ھەم تىنىم تاپماي ئىزدىنىشىمىزگە باغلىق. دېمەك، باشقا تىلدا ئوقۇتۇش — ئۇ پەقەتلا قوشۇمچە بىر فاكتور.

«قوش تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ» نەزەرىيەۋىي ۋە ئەمەلىي قاتلىمى.

بۈگۈنكى شارائىتتا، مەزكۇر بىلىم كونتسىپتسىيەسىنىڭ ئاساسىنى سابىق سوتسىالىستىك مەملىكەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى سالدى. تەكىتلەيمىزكى، رۇس تىلىنىڭ تەسىر دئاىرىسىدىن تىز چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، بالتىق بويى ۋە بىسسارابىيە دۆلەتلىرى كوپ تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ يىڭى كونتسىپتسىيەسىنى ئىشلەپ چىقتى. ئەنە شۇ بىلىم كونتسىپتسىيەلىرىنىڭ شامىلى بىزگىمۇ يىتىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇ قىرغىزىستاندا دۆلەت داىرىسىدە قوبۇل قىلىنىپ، كوپ تىللىق ئوقۇتۇش سىستېمىسى رەسمىي ۋە بەزى يەرلەردە مەجبۇرىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئۇ ئاساسەن ئۆزبېك تىللىق مەكتەپلەردە روياپقا چىقىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئۇنىڭ سىيەسىي قاتلىمى ھەققىدە بىز يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتتۇق. ئەمدى ئۇنىڭ نەزەرىيەۋىي ۋە ئەمەلىي ئاساسىغا توھتىلىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ شەكلى – تۈركۈمى تۆۋەندىكىچە

قوش ۋە كوپ تىلدا ئوقۇتۇش كونتسىپتسىيەسىنىڭ بىرىنچى تۈرى.

بۇنىڭدا ئانا تىل ۋە ئەدەبىيەتىدىن باشقا ھەممە پەنلەر دۆلەت تىلىدا ئوقۇتۇلىدۇ. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن خەۋپلىك جەرىيەن ھەم ئۇ ئارىلاش مەكتەپلەردە «ئوپتىمىزاتسىيە» جەرىيەنىنى ئىشتىكلىتىدۇ. بىلىم بېرىشنىڭ بۇ ۋارىيەنتى تارىخي ۋەتىنىمىزدىكى (ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى) نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە تىڭىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئىلى مائارىپىغا قاراتقان 11-بەش يىللىق پىلانىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2005-يىلىدىن باشلاپ 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «قوش تىللىق مائارىپنى» ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزىمىتى يىلتىزىغىچە چوڭقۇرلاشقان. يەنى 2020-يىلغىچە، ئۇيغۇرلار باغچىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي خەنزۇچە  تەربىيىلىنىدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش، پلانغا كىرگۈزۈلگەن.

ئەمدى بىز، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى، ئۈچۈن ئۇنىڭ نېمىگە ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى تالغىر ناھىيىسىنىڭ ئازاد يىزىسىغا قاراپ بىلگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر سىنىپىنىڭ يىپىلىشى تۈپەيلى،بۇ يېزىدىكى بىلىم دەرگاھى                                                     تازا رۇس مەكتىپىگە ئايلاندى.  راست، ئانا تىلى ۋە ئەدەبىيەاتى پەنلىرى ساقلىنىپ قالدى. ئامما بۇ مەكتەپكە باشقا مىللەتلەرنىڭ بالىلىرى كۆپلەپ جەلپ قىلىنىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىيەتى پېنىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئەتىۋارى بارا-بارا يوقايدۇ ھەم ھاجىتىمۇ بولمايدۇ.

«قوش تىللىق» بىلىم كونتسىپتسىيەسىنىڭ ئىككىنچى نەزەرىيەۋىي تۈرى.

دۆلەت تىلىدىن باشقا، شۇ خەلقنىڭ ئەدەبىيەتى، تارىخى ۋە بەزى ئىجتىمائىي پەنلەر مۇقەررەر رەۋىشتە مىللىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا ئوقۇتۇلۇشىنى نەزەردە تۇتىدۇ. بۇ شەكىلنى بىزنىڭ بەزى زىيەلىيلىرىمىز تەرغىب قىلىۋاتماقتا ھەم ئۇ رۇس تىللىق مۇھىت ناچار يەرلەردە تىز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن. مەزكۇر ئوقۇتۇش سىستېمىسى                                                     «ترانزىتلىق»، يەنى ئوتكۈنچى بىر خۇسۇسىيەتكە ئىگە. مەلۇم بىر ۋاقىتتىن كىيىن قانداقلارچە مىللىي مەكتەپلەرنىڭ ئورنىغا يىڭى بىر تىلدىكى مەكتەپلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالىمىز.

قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئۈچىنچى تۈرى.

باشلانغۇچ سىنىپلاردا دۆلەت تىلى ۋە ئەدەبىيەتىنى شۇ تىلدا ئوقۇتۇش                                                     بىلەنلا چەكلىنىدۇ.  ئەمدى 5 — 9-سىنىپلاردا بىر ياكى ئىككى پەننى دۆلەت تىلىدا ئوقۇتۇش ھەم قوش تىلدا ئوقۇتۇشقا ئومۇميۈزلۈك تەييارلاش پائالىيەتلىرى مۆلچەرلەنگەن. يۇقىرىقى سىنىپلاردا بولسا، ئاساسلىق ھەممە پەنلەر دۆلەت تىلىدا يۈرگۈزۈلۈشى ھاجەت. ئۇشبۇ نەزەرىيىنى EBҺTنىڭ مەركىزىي ئازىيەدىكى مۇتەخەسسىسلىرى تەۋسىيە قىلماقتا ھەم ئۇ «مىللىي دئاىرىلىك» قوش تىلدا ئوقۇتۇش پىرىنسىپىنى نەزەرگە ئالىدۇ.

قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ تورتىنچى                                                     تۈرى.

   

ئۇ مىللىي مائارىپ سىستېمىسىدا بىلىم بېرىشنى تىل ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن خىلمۇ-خىللاشتۇرۇش بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپ داىرىسىدە ئوقۇتۇش سىنىپلارغا قاراپ بۆلۈنىدۇ، يەنى بىر سىنىپ — ئانا تىلدا، يەنە بىر سىنىپ — دۆلەت تىلىدا، ئۈچىنچى بىر سىنىپ چەت تىلدا يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىن. بالىنى رۇسچە، ئىنگىلىزچە ۋە قازاقچە مەكتەپكە بەردىڭ نېمە ياكى ئاشۇ تىللاردا سىنىپ ئىچىپ ئوقۇتتىڭ نېمە — ئوخشاشلا. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇنىڭدىكى، قابىلىيەتلىكلەر ياخشى سىنىپقا، قابىلىيەتسىزلىكلىرى ناچار سىنىپقا تەبىئىي ئاجرىتىلىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ كوزىچىلا ئۇلار ئىككى ئىجتىمائىي قاتلامغا بولۈنۈپ، چوڭ بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ يىزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرمەكتە. ئۇ يەردە كۈچلۈك بالىلار رۇس سىنىپىغا يۈگرەيدۇ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنى ئۇيغۇر سىنىپىغا بېرىۋاتىدۇ. مەن ھەرگىزمۇ بەزى بىر مىللەتپەرۋەر ئاتا-ئانىلارنى نەزەردە تۇتمايۋاتىمەن.                                                     ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوز ئانا تىلىدا بىلىم ئىلىشنى خالايدىغانلارمۇ بار، ئەلۋەتتە. ھەر ھالدا، بۇ ئادالەتسىز پىرىنسىپ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشسا، ئوز ئارا چوڭ نارازىلىقنى پەيدا قىلىدۇ. مەزكۇر بىلىم مودېلى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتىدە، يەنى سايرام ناھىيىسىنىڭ ئۆزبېك تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلىرىدە قوللىنىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر پىرىنسىپ ي.سارىمى نامىدىكى 1-مەكتەپ-گىمنازىيەنى تىلغا ئالمىغاندا، باشقا ئۆزبېك تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان مەكتەپلەردە قارىمۇ-قارشىلىقلارنى پەيدا قىلدى. ئەمدى ي.سارىمى نامىدىكى بىلىم دەرگاھىغا كەلسەك، ئۇ تەشۋىقات ئارقىلىق ۋە، پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پۈتكۈل ناھىيىدىكى قابىلىيەتلىك بالىلارنى باشلانغۇچ سىنىپقا جەلپ قىلالىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، بىلىم پۇختىلىغى ھەم تەييارلىقى جەھەتتىن تەبىئىي تاللاۋىلىش يۈز بەردى. كوپ تىلدا ئوقۇشقا تەييارلىقى ھەم بىلىم سۈپىتى بويىچە ئەڭ قابىلىيەتلىك بالىلار ناھىيىنىڭ ئۇشبۇ مەكتىپىگە توپلاندى. مۇتەخەسسىسلەرنى ۋە مۇئەللىملەرنى تاللاۋىلىش پرىنسىپىمۇ جىددىي كۈچەيدى. قەيت قىلىنىۋاتقان مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئاساسەن ئۈچ، يەنى ئۆزبېك، قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا يۈرگۈزۈلىدۇ. بىر سىنىپتىكى پەنلەر ئاساسەن قازاق تىلىدا، يەنە بىرىدە بولسا، رۇس تىلىدا ئوقۇتۇلىدۇ. ئۇلار ھەر يىلى قازانغان نەتىجىلىرى بويىچە ئاشكارا مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، «ئىنكۇباتورلۇق» سىستېما شەكىللەنمەكتە. ئەمدى بۇ مەكتەپنىڭ چەت تىلى ئاساسىدا ئوقۇتۇش پىرىنسىپى ئۆزىنى ئاقلامدۇ، يوقمۇ، ئۇنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. قىزىقارلىق يېرى، بۇ ناھىيىنىڭ 99 پىرسەنتىنى ئۆزبېكلەر تەشكىل قىلىدۇ. جۇغراپىيىلىك  تۇرغىدىن ئىلىپ قارىغاندىمۇ، مەلىلەر بىر-بىرىگە يېقىن ھەم ئاھالىسىمۇ زىچ جايلاشقان. بۇ يەردە قازاق تىللىق                                                     مۇھىت يوقنىڭ ئورنىدا. مەكتەپ مۇدىرىيىتى مۇشۇ تەتۈر بالانسنى ھەم تەڭپۇڭسىزلىقنى بىكار قىلىش نىيىتىدە قوش تىل كونتسىپتسىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. ئۇلارنىڭ مەخسىتى — ئومۇمىي تىل ئورتاقلىقىنى پەيدا قىلىش.  بۇ ئىككى قېرىنداش خەلق دوستلۇقىنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە تەرىپلەنمەكتە. باشقىچە ئېيتقاندا، مەزكۇر تەشەببۇس سايرام ناھىيىسىدىكى ئۆزبېكلەر تۇرمۇشىغا ئانچىۋالا زىيەن كەلتۈرمەيدۇ.

قوش ۋە كوپ تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ بەشىنچى گازارمىلىق، «ھەربىيلىك» ۋارىيانتى.

بۇ شەكىل بىرپۈتۈن ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى ئەتىگەنلىكى سائەت سەككىزدىن باشلاپ، كەچقۇرۇنلۇقى سائەت توققۇزغا قەدەر دەرس ئوتۈلىدۇ. بالىنىڭ دەم ئىلىش ھەم تاماقلىنىش ۋاقتىمۇ جىددىي نازارەتكە ئىلىنغان. ھەممە نەرسە رىيىم-جەدۋەل-رېيتىڭ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ بىلىم سىستېمىسى قازاقىستاندا تۈركىيەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. مەزكۇر بىلىم مودېلى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى سىستېمىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، مەكتەپ مۇدىرىيىتى بالىلارنى بىۋاسىتە ئۆزلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەخسۇس تېستلار ئارقىلىق سىناپ، ئوقۇشقا قوبۇل قىلىدۇ. ھەر بىر بالا ئۈچۈن ئايلىق ئوقۇش ھەققى 45 مىڭ تەڭگىگىچە بارىدۇ. بۇ ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈش ئۈچۈن 6-سىنىپتىن باشلاپ تۈرك مۇئەللىملىرى رىپىتىتورلۇق كۇرسلاردا ساۋاق بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار خېلى زور خىراجەت سەرپ قىلىدۇ. بۇ كۇرسلارغا بارمىغان بالا (ئەلاچى بولغىنىغا قارىماي) تۈرك لىتسىي-گىمنازىيەالىرىگە چۈشۈشى ناتايىن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارغا ئوقۇشقا چۈشۈش ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن بالا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرىدۇ، يەنى بىر ئورۇنغا ھەر يىلى 5تىن 10غا يېقىن بالا ئوز ئارا رىقابەتلىشىدۇ. قىزىق يېرى، تۈرك لىتسىي-گىمنازىيەالىرى 20 — 30 پىرسەنت بالىنى ئوشۇق قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ئوقۇش جەريانىدا 20 — 30 پىرسەنت بالا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇنى تاشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھەممە نەرسە ھىساپلىق. شۇنلاشقا تۈرك لىتسىيىنى پۈتەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 97-98 پىرسەنتى جۇمھۇرىيىتىمىزدىكى ۋە چەت ئەللەردىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشىدۇ. مۇئەللىملەرنىڭ ئايلىق-مائاشى مەخپىي تۇتۇلىدۇ. دېمەك، رىقابەتچىلىك ناھايىتى جىددىي دېگەن سوز. بۇ بىلىم مودىلىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن خىراجەت ۋە كادىرلىق ئىھتىدار ھاجەت. بۈگۈنكى مەۋجۈت ئىھتىدارىمىز بىلەن بۇ يولدا ماڭىمەن «دېيىش» سىپايە ئېيتقاندا، ئاخماقانە ئىش.  ئىسىمىزغا ئالىدىغان بولساق، بۇ ساھادىمۇ سەلبىي تەجرىبىلىرىمىز بار.  بەزى زىيالىيلىرىمىز ئەنە شۇنداق مەخسەتتە شەخسىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنى ئاچقانلىقىنى بىلىمىز. مەزكۇر بىلىم دەرگاھلىرىغا كۆزگە كورۈنەرلىك ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرىمىزمۇ جەلپ قىلىنغان. ئامما بۇ پائالىيىتىمىز نەتىجىدارسىزلىق بىلەن ئاياغلاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئالىملىرى ۋە مەرىپەتچىلىرى  ئاۋىيتسارىيەلىك تەتقىقاتچى-پىداگوگ بىئاترىس شۇلتىرنىڭ كوپ تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ مەدەنىي ھەم پىسىخولوگىيەلىك نەزەرىيەۋىي كونتسىپتسىيەسىنى ئۈلگە سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە. ئالىم دۇنيا مائارىپىنىڭ ئەمەلىي تەرەققىيەتىغا ئاساسلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي كونتسىپتسىيەسىنى ئىشلەپ چىققان، ھەم ئۇنى قىسقىچە «قىسمەن چۆكۈپ ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى»  (Programma çastiçnogo pogrujeniya) دەپ ئاتىغان. باشقىچە ئېيتقاندا، بىئاترىس شۇلتىر «بىر تىل مەدەنىي مۇھىتىدىن ئىككىنچى بىر تىل مەدەنىي مۇھىتىغا چوكۈشنىڭ ئۈچ خىل پروگراممىچىنى تەييارلاپ، ئۇنى ياۋرۇپادىكى ئاز سانلىق خەلقلەر مائارىپىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان. مەزكۇر پروگرامما بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىققان ئادەم «قوش تىلدا» ئوقۇتۇشنىڭ زىيەنلىق ئاقىۋەتلىرىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ دەپ ئويلايمەن.                                                     قىسقىسى، ھازىرقى كۈندە قىسمەن چۆكۈپ ئوقۇتۇش بويىچە ئۈچ تىپلىق                                                     پروگرامما مەۋجۈت. ئۇلارنى قىسقىچە بولسىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئوتۈشنى مۇۋاپىق كورۈۋاتىمەن:

1. قىسمەن چۆكۈپ ئوقۇتۇشنىڭ ئوتكۈنچى پروگراممىسى (perehodne programmçastiçnogo pogrujeniya).

بۇنىڭدا دەسلەپ بىلىم ئانا تىلىدا يۈرگۈزۈلسىمۇ، كىيىن ئوقۇتۇش پەقەت بىر تىلدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولىدۇ. مەسىلەن، كۆپلىگەن                                                     دۆلەتلەردە شۇنداق. بۇ پروگراممىنى جۇڭگۇمۇ  تولۇقى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى.  مەخسىتى — بىر تىللىق سىيەسەتنى مۇقىملاشتۇرۇش. بۇ نەزەرىيە تەرەپدارلىرىنىڭ پىكرىچە، كوپ تىللىق مۇھىت جەمئىيەت ئىتتىپاقلىقىغا توسالغۇ بولارمىش. ئومۇمەن ئالغاندا، پىداگوگ بىئاترىس شۇلتىرنىڭ پىكرى بويىچە، ئۇ بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىككىنچى بىر مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش شەكلىدۇر.

2. ساقلىنىپ-چۆكۈپ ئوقۇتۇش پروگراممىسى programm pogrujeniya –sohraneniya

بۇ پروگرامما  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كوپ تىللىق ئوقۇتۇش مودېلى بىلىم بېرىشنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا قوللىنىلىدۇ. ئادەتتە بۇ پروگرامما بىرلا تىلدا سۆزلەيدىغان ۋە يات تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئۈچۈن پايدىلىق. چۈنكى ئىككىنچى تىلنى ئوزلەشتۈرۈش مەدەنىيەت ئىگىلەش ۋاسىتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر پروگراممىنى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ئۆزبېك- قىرغىز ھەم قىرغىز- رۇس                                                     مەكتەپلىرى، قازاقستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايىتىدە ئۆزبېك ۋە شۇنداقلا گرۇزىيەنىڭ پەقەت ئەزەربەيجان ھەم ئەرمەن دىئاسپورىلىرى پايدىلانماقتا.

3. ئىككىتەرەپلىمىلىك چۆكۈپ ئوقۇتۇش پروگراممىسىprogramm dvuhstoronnego pogrujeniya

بۇ پروگراممىنىڭ مەخسىتى كوپ تىللىقنى ۋە كوپ مەدەنىيەتلىكنى تەمىنلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككىتەرەپلىمىلىك چۆكۈپ ئوقۇتۇش كوپ تىللىق بىلىم بېرىشنىڭ ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلى سۈپىتىدە جارى قىلىنماقتا. بولۇپمۇ بۇنىڭ رىگىئوناللىق ئەھمىيىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە. بىزنىڭ شارائىتقا ئاساسلىنىپ چۈشەندۈرىدىغان بولساق، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ كۆپلىگەن يىزىلىرىدا ئىككى خەلقنىڭ تىلى ئوخشاش دەرىجىدە ئۈگىنىلىشى نەزەردە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئوخھشاشلا، قازاق مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى (يەنىمۇ باشقا پەنلەر: مۇزىكا، سۈرەت ۋە باشقىلار) رەسمىي پەن سۈپىتىدە ئوقۇتۇلىدۇ دېگەن سوز. بۇ خىل پروگراممىنىڭ مەخسىتى — خەلقلەرنىڭ ئوز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشتۇر. بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر پروگرامما يارۇپادا، يەنى ئاۋىيتسارىيەدە، نورۋىگىيە ۋە فىنلياندىيەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. ئالىملار بۇ پروگراممىنى تىنىچلىقنى ساقلاشقا قارىتىلغان بىردىن-بىر توغرا كونتسىپتسىيە سۈپىتىدە باھالىماقتا. ئومۇمەن، ھەرقانداق بىلىم مودېلى جەمئىيەتنىڭ تىنچ تەرەققىيەتىغا ۋە ئۇنىڭ نەتىجىدارلىغىغا ماسلىشىشى كېرەك.

قىسقىسى، كوپ ۋە قوش تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ تۈرلىرى ئەنە شۇنداق. مابادا، ۋەزىيەت مەكتەپلىرىمىزنى كوپ ۋە قوش تىلدا ئوقۇتۇشقا مەجبۇرلىسا، بىز تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلساق بولىدۇ.

بىرىنچىدىن، بالىلارنىڭ دەرسلەردە دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. كۆزلىگەن مەخسىتىمىزگە يىتىشتە مەۋجۈت مىللىي مائارىپ سىستېمىسى ناھايىتى قۇلايلىقتۇر.                                                     ئىككىنچىدىن، قوش تىلدا ئوقۇتۇشقا كەلگەندە دەرس دائىرىسىدىن چىقماسلىق، يەنى پەن تىلىنىڭ تولۇق ئۆزگىرىشىگە يول قويماسلىق مۇھىم.

مەسىلەن،  ئانا تىلىدا دەرس ئۆتكەندە تەبىئىي رەۋىشتە دۆلەت تىلىغا ئوتۈش ئۇسلۇبىنى قوللانسا بولىدۇ. بۇنىڭغا بىزنىڭ مۇئەللىملىرىمىزنىڭ قابىلىيىتى يىتىدۇ. ئۇنىڭغا دەرس ۋاقتىنىڭ پەقەت 25 — 30 پىرسەنتىنىلا سەرپ قىلىش كېرەك، بولمىسا ئانا تىلدا ئوقۇتۇش پىرىنسىپىغا دەخىل يەتكۈزۈلىدىغانلىغى ئېنىق. ھەم مەزكۇر پىرىنسىپنى يۇقىرىقى سىنىپلاردىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۇپايە. تەنتەربىيە، باشلانغۇچ ھەربىي تەييارلىق ھەم ئەمگەك ئوخشاش پەنلەردە قوش تىللىق پىرىنسىپنى كوپىرەك پايدىلانسا، ئۇنىمۇ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. بىراق ئاساسلىق پەنلەر باشقا تىلدا ئوقۇتۇلسا، ئۇ چاغدا مىللىي مائارىپىمىز، يۇقىرىدا تەكىتلىگىنىمىزدەك، ئېغىر كۈنگە قالىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوش تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ دەرستىن سىرت ھەم بوش ۋاقىتلاردىن نەتىجىدارلىق پايدىلىنىش ئۇسلۇبلىرى ھەققىدە مىتودىكىلىق كۆرسەتمىلەر نۇرغۇن. ئۇلاردىن پايدىلانساق،                                                     بىزنىڭ مۇئەللىملىرىمىز ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن يىتىپ ئاشىدۇ. بۇ توغرىلىق جۇمھۇرىيەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىدا دوكلات قىلغان ئىدىم. مەن تەكلىپ قىلغان بىلىم ئۇسلۇبى ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى.                                                                               ئىككىنچىدىن، بىزنىڭ ئالىملىرىمىز قوش تىللىق شارائىتقا ماسلاشتۇرۇپ يىڭى تېخنولوگىيە ھەم مىتودىكىلىق ئۇسلۇبلارنى ئىشلەپ چىقىرىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۆزىدە مۇئەللىملەرنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا ئابدۇللا روزىباقىيىۋ ھۇلىنى سالغان مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئاساسىنى بۇزۇۋەتمەيمىز دەپ ئويلايمەن.

ئەڭ مۇھىمى، بىز مىللىي مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى چارە-تەدبىرلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، بالىلارنى تېستقا ئومۇميۈزلۈك تەييارلاش ۋە ئۇنىڭ ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش مەسىلىسى. بۇ مەسىلە چىگىش ۋە مۇرەككەپ پىتىچە قالماقتا. كۆپلىگەن مەكتەپلەر PGK (ئارىلىق دۆلەت نازارىتى) تېستلىرىغا قاتناشمايدۇ. دېمەك، بىلىم سۈپىتى دېگەندەك رەسمىي نازارەت قىلىنمايدۇ دېگەن سوز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ BMTقا قاتنىشىشىنى توغرا كۆرمەيدۇ، ئۇلارنى يالتايتىشقا تىرىشىدۇ، بەزى يەرلەردە ئوچۇق قارشى بولىدۇ. سەۋەبى، بىرلا، يەنى بۇ مەسىلە ئوقۇش سۈپىتىگە بىۋاسىتە باغلىق.  مابادا، نەتىجىسى ناچار بولسا، ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلىنىدۇ. بەزى BMTقا قاتناشقان ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار ناچار جاۋاب بېرىپ، ھەتتا كامالەتلىك شاھادەتنامە ئالالماي قىلىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە BMTنىڭ رولى بىز ئويلىغاندەك ئەمەس. جاي-جايلاردا ئوتكۈزۈلۈۋاتقان «بىلىم ۋە سەنئەت» فىستىۋاللىرى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىۋاتىدۇكى، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز تېخنىكىلىق پەنلەردىن دائىم ناچار باھا ئالماقتا. بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى بەكمۇ ئىچىنارلىق.

ئىككىنچى، دەرسلىك ۋە ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ناھايىتى مۇرەككەپ پىتىچە تۇرىدۇ. ئۇ قانچە ئىغىرلاشقانسىرى، مىللىي مائارىپقا شۇنچە زىيان تېگىدۇ. بۇ مەسىلىنى ئۇمۇمخەلق بولۇپ يەشمىسەك، بالىلىرىمىزنىڭ ئۇۋالىغا قالىمىز. مەبلەغنى مانا مۇشۇ ساھاغا سالغان توغرا. ئىچىنارلىق يېرى، كېيىنكى يىللاردا تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ھەم تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ مائارىپقا بېرىۋاتقان ھالىس ماددىي ياردىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيتقاندا، 25 مىللىون تەڭگىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. ئامما ئەنە شۇ خىراجەتنىڭ 95 پىرسەنتى «مەكتەپ تېمىنى پەدەزلەشكە» كەتكەن.

ھەر يىلى 400گە يېقىن قابىلىيەتلىك بالىمىز ئالىي ئوقۇش ئورنىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىشكە تەمشىلىدۇ. مانا مۇشۇ كۆرسەتكۈچنى كەم دېگەندە ئىككى ھەسسە ئوستۈرۈش لازىم. مەبلەغنى شۇلارنىڭ بىلىم ئىلىشىغا سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. تەشكىلاتلىرىمىز ھەق تۆلەپ ئوقۇۋاتقان ئەلاچى ستۇدىنتلارغا ئوسۈمسىز نىسىيە بېرىشنى يولغا قويۇشى كېرەك.

ئۈچىنچى، كادىر مەسىلىسىنى ئۆگىنىش ھاجەت. بىز شۇنداق خۇلاسىگە كېلىۋاتىمىزكى، كۆپلىگەن مۇئەللىملىرىمىزنى بىپەرۋالىق، ئىلاجسىزلىق، ھارغىنلىق، پىسسىمىستىك تۇيغۇلار ئوز ئىلكىگە ئىلىۋالغان. ئۇلار مەۋجۈت مەمۇرىي قارىمۇ-قارشىلىقلاردىن ۋە ئادالەتسىزلىكلەردىن يالىققان. بەزى مەكتەپلىرىمىزدە ئۇششاق سوز، سۇخەنچىلىك، كۆرەلمەسلىك، چىقىم-ئەرىزىلەر كۆپەيگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھەقىقىي مەنادا ئۇستازلىق قىلىشقا ئىنتىلمايدۇ، بەلكى كۈن كورۈشكە ئوبدان ئادەتلەنگەن. مۇنداق ئەھۋالدا نەدىن مىللەتپەرۋەرلىك روھ كۈچەيسۇن. ئۇيغۇر ۋە پانفىلوۋ ناھىيىلىرىدە بىر مۇئەللىمگە 4-5 ئوقۇغۇچى توغرا كېلىدۇ. نېمىشقا ئەلاچىلار كۆپەيمەيدۇ؟ نېمىشقا نەتىجىلىرىمىز تۆۋەن؟ بۇ خىل سوئاللارغا جاۋاب تېپىش تەس. قىسقىسى، ئىنسان فاكتورى كۈن تەرتىۋىدە تۇرىدۇ. دېمەك، جەمىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋە زىيەلىيلىرىمىز قوش تىللىققا ئالدىرىماي، ئەنە شۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغا ئات سىلىشى كېرەك.

تورتىنچى، تىل-يىزىق مەسىلىلىرىنى تولۇق ئوز ئەسلىگە كەلتۈرمىسەك، خەلقىمىزنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايمىز. روھىي چۈشكۈنلۈك يۈز بېرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتا، دۆلىتىمىز تەرەققىيەتى ئۈچۈنمۇ زىيان. قازاقىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىككە دەخىل يىتىدۇ. بەزى زىيەلىيلىرىمىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن قاچىدۇ. مەزكۇر مەسىلە كېلەچەككە بولغان ئىشەنچە-ئۈمۈتىمىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. مىللىي مائارىپىمىز تەشۋىش بىلەن ئۈمىدسىزلىك چاڭگىلىغا ئورىلىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئاتا-ئانىلار نەدىن بالىلىرىنى ئۇيغۇرچە ئوقۇتسۇن؟!

بەشىنچى، قابىلىيەتلىك بالىلار بىلەن ئىندىۋىدۇال شەكىلدە ئىشلەش ئىنتايىن ھاجەت. ئېنىق رەقەملەرگە ئاساسلانساق، ھازىرنىڭ ئۆزىدە «بىلىم ۋە سەنئەت» فىستىۋالىغا قاتنىشىۋاتقان 300گە يېقىن ئۇيغۇر بالىسى داۋاملىق شىئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللانسا، 600گە يېقىن بالا رەسىم سىزىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ئەنە شۇ بالىلارنى دائىم رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر بىز قابىلىيەتلىك بالىلار بىلەن تۇراقلىق مۇناسىۋەت باغلاپ، ئۇلارنى دائىم ئىجادىيەتكە قىزىقتۇرۇپ تۇرساق،                                                     بالىلارنىڭ بىرەر-يىرىمى، سۆزسىز، ھەقىقىي مەنىدىكى شائىر ياكى رەسسام بولۇپ يېتىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ پەن كونكۇرسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇيۇشتۇرساق، ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر. ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە ۋە بىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە بىلىم مۇسابىقىلىرىنى ئوتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللانساق، بالىلارنىڭ ئىخلاس-ئىشتىياقىنى ۋە بىلىم ئىلىشقا بولغان ھەۋەسىنى كۈچەيتىمىز. ھازىر چەت ئەللەردە رىپىتىتورلۇق سىستېما ناھايىتى كۈچەيگەن. راستىنى ئېيتقاندا، بىلىم بېرىشنىڭ ئاساسىي شەرتى بالىغا خۇسۇسىي ياندىشىشتۇر. مانا شۇنداق پائالىيەت بىلەن ھەممە مەدەنىيەت مەركەزلىرى، جەمىيەتلىك فوندلار شۇغۇللىنىشى كېرەك. باشقا ئامالىمىز يوق. بۈگۈنكى تاڭدا، «ئۇيغۇر مەكتىپىنى قوللاپ-قۇۋەتلەش» فوندى ھەر خىل كۆرۈكلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قابىلىيەتلىك بالىلارنى ئىجادىيەتكە يىتىلىمەكتە. ئەنە شۇ بالىلارنىڭ ھەممىسىنى رىغبەتلەندۈرگەن بولساق، خېلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولار ئىدۇق. ئامال قانچە، مۈمكىنچىلىگىمىز يار بەرمەيۋاتىدۇ.

ئاللاغا مىڭ قاتلىق شۈكرىكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىللىي مائارىپ مەسىلىلىرى جىددىي قويۇلماقتا، كۆپلىگەن جانكۆيەرلىرىمىز مىللىي مائارىپنىڭ ساقلىنىپ قىلىش تەرەپدارى، مۇئەللىملىرىمىزمۇ ئويغىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بىسىم كوپچىلىگى ۋەزىيەتنى ئىناۋەتكە ئىلىپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇش پىرىنسىپىنى رەت قىلماقتا. دېمەك، مىللىي مائارىپىمىز ئوز يولى بىلەن تەرەققىي ئىتىۋىرىدۇ. ھە، بىز مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن، كورنەكلىك مەرىپەتچى، ئەدىب نەزەرغوجا ئابدۇسىمەتوۋ ئىيتقاندەك، «جىنىمىز پىدا! ئۇنىڭدىن ھېچ نىمىنى ئايىمايمىز»، دەپ ئويلايمەن.

ئالىمجان تىلىۋالدى

«ئۇيغۇر مەكتىپىنى قوللاپ-قۇۋەتلەش» فوندىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى.

مەنبە:

http://uyguravazi.kz


بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93051
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 12:45:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تايىنىدىغان' يۆلەك بولىدىغان مىللى  دولىتى  بولمىسا  بەك  ئازابلىق  ئىشلار  كۆپىيىدىكەن .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1780
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 402 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 06:16:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مائارىپىمىزنى قوللاشقا  خېلى  كۈچ  چىقىرىپتۇ .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

"/ئارتۇق گەپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12311
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3715 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2013-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 06:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرھالدا ئۇلارنىڭ نىمىن قىلىش- قىلماسلىقتا رەت قىلىش ھوقۇقى بار ئىكەن

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش