مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1756|ئىنكاس: 11

ئۇيغۇر كارخانلىرىمىزغا نەزەر.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1505
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 05:40:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر كارخانلىرىمىزغا نەزەر....

  

  • بىلگە تەييارلىغان   

           بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا باھا بېرىشتە شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچ تەرەققىياتى مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىنىدۇ.ئۇيغۇر جەمىيتىگە نەزەر سالساق  يېڭى، ياش كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، باشلامچى كارخانىلارمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرماقتا.  شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر باشلامچى   كارخانىلىرىمىزمۇ كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش   ، شۇنداقلا ئورتاق تەرەققىيات نۇقتىسىنى چىقىش قىلىش مەقسىتىدە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆز-ئارا مەنپەتلەرنى يەتكۈزۈپ بەلگىلىك نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈردى . ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بۇرۇن ئەنئەنىۋى سودىنى ئاساس قىلىپ تىجارەت  قىلغان بولسا كىيىنكى مەزگىلدە  كارخانا قۇرۇپ زامانىۋى تىجارەت تۈرىگە قاراپ يۈزلەنگەن خەلىق  ... ئۇيغۇر كارخانچىلىرى  دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلاردىكى سودا تالانتىغا .ئىشەنچىسىگە بوي سۇنماس ئىرادىسىگە  ، يىڭىلىقنى تىز قوبۇل قىلىشتەك تەرەققى پەرۋەر قەلبىگە تاينىپ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرى ئىچىدە ئالدى بىلەن كارخانا يۆنلىشكە قاراپ ماڭغان خەلىق دىسەك ماختىغان بولمايمىز . مۇسا بايۇف ئاكا - ئۇكلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ ...ئۇيغۇر كارخانچىلىقىنىڭ تىز تەرەققى قىلىپ ھەرخىل سىياسى ئىجتىمايى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر ئەسىرگە يىقىن ۋاقىت تەرەققى قىلماي بىر ئىزىدا توختاپ قىلىشى ، سىياسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر كارخانچىلىقىمىز ھەققىدە ئويلىماي تۇرالمايمىز.           
    ئۇيغۇر كارخانچىلىقى ئۇزاق ئۇيقىدىن كىيىن يىقىنقى 10 نەچچە يىلدىن تىز تەرەققى قىلىپ ئارامان گۇرۇھىغا ئوخشاش باشلامچى كارخانلىرىمىز ۋە نۇرغۇن ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى شەخسى كارخانلىرىمىز بارلىققا كەلدى ..بازار رىقابىتى كۈچلىك بۇگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كارخانلىرىمىز كەسىپتە مۇلازىمەتتە يىڭىلىق يارتىپ ئۈزلىكسىز تەرەققى قىلىش ئۈچۈن جاپالىق تىرشىۋاتىدۇ ....  بەزى بىرقىسىم كارخانچىلىرىمىز يات مىللەتتىكى يالغانچىلىق ساختا پەزلىكىنى ئۇيغۇر كارخانچىلىقىغا سۆرەپ كىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ھىسىياتىنى ئالداپ پۇل تاپقان كارخانىلارمۇ بارلىققا كەلدى ۋە بىر قىسىملىرى تىگىشلىك جازاسىنى تارىتتى ...
    بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئۇيغۇر كارخانسىغا بولغان ئىشەنىچ تۆۋەنلەپ كەتتى ... سەل بىر كاللىسى بار ئادەم شۇ سەۋەپتىن تىۋىزۇردا بىرىۋاتقان تىتىقسىز ئىلانلارغا ئىشەنمەس بولدى !       
    يىقىندىن بىرى نۇرغۇن يىڭى كارخانلارنى تور يۈزىدە ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىڭ پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم . .... بىرقىسىم كارخانىلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىىشلىرىنى ئوقۇپ بىر خىل قىلىپتا يىزىلغان چۈشەندۈرۈشنىڭ پەقەت ئىلان رولىنى ئويناۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇم  ... ھەتتا شىركەت قىسقىچە تارىخدىن تارتىپ مۇلازىمەت ۋەدىسىگىچە بولغان بىر خىل قىلىپ مىنى بۇلارنى يىزىشىمغا مەجبۇر قىلدى ..
       باشلامچى كارخانا دىگەن نىمە دىگەن سۆزگە بولغان قىزىقىشىم قوزغالدى ،،.، توربەتلەرگە كىرىپ قاراپ  بىرمۇ باشلامچى بولمىغان كارخانا قالمىغاندەكلا ھىسياتقا كەپ  قالدىم ... ئالدىنقى قىتىم تور ئارلاۋىتىپ يادىكار ئوقەتچىلىك گۇرۇھىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆردۈم ... ئۇزاق ئۆتمەي مۇنبەردە بۇ توغۇرلۇق تىمىلار يوللاندى ... مۇنبەرداشلارنىڭ كەسكىن تىل كۆرىشى ئارقىلىق ئۇزاق ئۆتمەي ئۆچۈرۈلدى ... سەۋەپ  بىر ئوبدان كۆپ ئادەم بىلمەيلا گورۇھ بولۇپ شەكىللەنگەن بۇ كارخانىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن سەمىمى يىزىلغان تىما ئەخلەت تىما ئارىسدىن ئورۇن ئالدى .... دوستلار بىلەن بىر مۇلاھىزە قىلىپ باقساق . ئۆز يۇرتىمىزدىكى ھەقىقى ئىش قىلىپ خەلىققە پايدا يەتكۈزىۋاتقان كارخانىلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى توغرۇسىدا تور يۈزىدە پىكىرلەشسەك .. بەزى بىرقىسىم ئۇيغۇر كارخانچىلىقىنىڭ يۈزىنى تۆكەشكە تۆھپە قوشۇۋاتقان شالغۇتلاردىن خەلىقىمىزنى تور يۈزىدە  خەۋەردار قىلساق دىگەن مەخسەتتە بۇ تىمىنى يوللۇدۇم ،... كۆپچىلىكنىڭ قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىنى . ئۇيغۇركارخانچىلىرىمىزدىن بىرسى بىرسىمىزنىڭ خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن ئەركىن مۇنازىرلەشسەك ......      
    باشقۇرغۇچىلارنىڭ   تىمامنى تەستىقلاپ قويۇشىنى ئەگەر تەستىقلانمىسا نىمە ئۈچۈن تەستىقلىمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى دەپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
      


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-5 12:01 PM  


دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

كارخانا دىگەنلىك ئىش ئورنى دىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9695
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8883
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 10:08:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەتتىكى ئىقتىسادى ئاڭ ئامىلى ساغلام تەرەقىي قىلىپ ، مىللەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەقىياتىغا ھەل قىلغۇش تەسىر كۆرسۈتۈپ ، شۇ مىللەتنىڭ ھازىرىنى پۇختىلاپ ، كەلگۈسىنى مەلۇم دائىرىدە كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ  . كارخانا  ، ئىقتىساد ئالىمىنىڭ موھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، ئادەملەرنىڭ  ئەقىلىي كۈچى يۇقۇرى دەرىجىدە مۇجەسسەملەنگەن ئىش پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلىنىش ئورنى ، سورىنى . شۇڭا ، كارخانا مەدەنىيىتى ئېڭىنى داۋاملىق يېڭىلاپ يۇقۇرى سەۋيەگە كۆتۈرۈش كارخانىچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى موھىم ئىش تەرتىۋىنىڭ بىرى . ئۇيغۇردا ھازىرغا قەدەر  پاي ھەسسىدارلىق تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ يوق بولۇپ تۇرۇىشى ، ئۇيغۇر كارخانىچىلىق ساھەسىنىڭ تېخى ناھايىتى تۆۋەن سەۋيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئائىلە ئەزالىرىنى يادرو قىلىپ ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ، بۇ ئاخىرقى ھېساپتا تې
ىنىكا كۈچى ، ئىقتىسادى كۈچى ، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى زور بولغان كارخانا گۇرۇھلىرىنىڭ مەيدانغا چىقالماسلىقىغا سەۋەب بولماختا . ئەگەردە ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى مۇشۇ خىل ئەندىزىدە داۋاملىق ماڭسا ، مۇشۇ خىلدىكى كارخانىچىلارنىڭ سانى قانچە كۆپ بولغان ئاخىرقى ھېساپتا ئۇلار يەنىلا بۇ ساھەدە نەتىجە يارىتالماي رەھىمسىز بازار رىقابىتىنىڭ شاللىۋىتىشىگە دۇچ كېلىدۇ .............
دېمەك ، ئۇيغۇرلار دىل بىرلىكىنى ئاساس قىلىپ بۇ ساھەگە ھەقىقى مۇھەبىتىنى بېرىشى كېرەك !

__ ئىلىغا چىقىپ كەتتى ، يول بىلمەيدىغان باللار .
__ سودىسىنى قىلالارمۇ ، چالا سودىگەر باللار .
__ ئاتۇش __ ئاتۇش __ ئاتۇش __

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1130
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 22618
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3328 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 10:35:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   دۆلىتىمىزدىكى تۆت چوڭ قىلتاق

بىرىنچى چوڭ قىلتاق: ئۆي-مۈلۈك
ئۆي مۈلۈك سېتىۋېلىش نىمىدن دىرەك بىرىدۇ؟ ئو سىزنىڭ ئۈزىڭىزگە تەۋە ئۆيگە ئىگە بولغانلىغىڭىزدىن دىرەك بىرىدۇ. توغرا، سىز مۇشۇنداق دەپ قارايسىز، لېكىن جوڭگۇدا بۇ ئۆيگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئامالىڭىز يوق، ئۇ پەقەت سىزگە ئىجارىگە بىرىلگەن. چۈنكى ئۆي سىزنىڭ بولغان بىلەن، يەر سىزنىڭ ئەمەس، سىزگە پەقەت يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى 70يىللىق ئىجارىگە بىرىلگەن خالاس (ھازىردىن70يىل مۇقەددەم ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلدىكى ئۆيلەرنى كىم كۆرۈپتۇ؟). ئۆيلەر ئادەتتە 30يىلدا بىر قېتىم يېقىلىش ياكى كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشكە دوچار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ دىگەنلىك سىز ئۆي سېتىۋالىدىغان پۇلنى خەجلەپ، پەقەت ئۆي ئىجارە ئېلىشتەك ئەمىلى ئۈنۈمگە ئېرىشتىڭىز دىگەن گەپ. ئەلۋەتتە بۇ ئەڭ يامان ئاقىۋەت ئەمەس، ئەڭ يامان يىرى __ سىزنىڭ نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئاندىن ئالدانغانلىغىڭىزنى بايقشىڭىزدۇر. بىر توپ لۈكچەكلەر ئۆمۈرلۈك جوغلانمىڭىزغا سېتىۋالغان ئۆيىڭىزگە باستۇرۇپ كىرىپ، يوغان قىلىپ «چېقىلىدۇ» دىگەن خەتنى يېزىپ قويۇشسا، ئۆي بىساتلىرىڭىزنى ئەخلەت ئورنىدا كوچىغا تاشلىۋەتسە، سىزنىڭ يېلىنىشلىرىڭىزغا پەرۋا قىلشمىسا، ھەتتا گىزىتكە ئېلان بىرىپ «مىق ئائىلە» دىگەندەك سېسىق نامىڭىزنى تارىتىپ، ئەل يۇرتىنىڭ ئاھانىتىگە قويسا……مانا شۇ ۋاقىتتىلا سىز نىمىنىڭ ھەقىقى ئۆمىدسىزلىنىش ئىكەنلىگىنى بىلىسىز.
جوڭگۇ ئۆي مۈلۈكچىلىگىنى سۈپەتلەيدىغان بىر لەتىپىدە مۇنداق يېزىلغان «
بۇرۇنقى زاماندا نۇرغۇنلىغان زىمىنلىق بىر پومىچىك بولۇپ، ئۇ نۇرغۇنلىغان يىللىقچىلارنى تېپىپ ئىشقا ساپتۇ. پومىچىك يىللىقچىلارنىڭ يېتىپ-قوپۇشى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئىتتىپاق بىنالىرىنى سالدۇرۇپ بىرىپتۇ. بىر كۈنى ئۇنىڭ مۇشاۋۇرى مۇنداق ئەقىل كۆرسىتىپ:
__بىگىم، يىللىقچىلار نەچچە يىللاردىن بىرى ئىشلەپ خېلى پۇللۇق بولۇپ قالدى. ئولار ئايدا تاپشۇرىدىغان ئۆي ئىجارىسى بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. بەرىبىر ئولار بۇ ئۆيلەردە مەڭگۈ ئولتۇرىشىدۇ.
سىلە ئەڭ ياخشىسى بۇ ئۆيلەرنى ئولارغا سېتىپ بىرىپ، بۇنى ھۆكۈمەت ئۆيلىرىنى سېتىپ بىرىش دەپ ئات قويسىلا! ئۆينىڭ ئولارغا مەڭگۈلۈك تەۋە بولىدىغانلىغىنى دەپ قويساقلا ئولار بۇ نەچچە يىلدىن بىرى يغقان پوللارنىڭ ھەممىسنى قايتۇرىۋالالايمز-دەپتۇ. »
__بۇ چارە بولىدىكەن، لېكىن ئىجارىنى قانداق قىلىمىز؟-
دەپ سوراپتۇ پومىچىك.
__ئوخشاشلا يىغىۋېرىمىز، ئۇنىڭغا ياپۇنچە ئىسىمدىن بىرنى قويايلى، مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى دەپ ئاتايلى-دەپ مەسلىھەت بىرىپتۇ مۇشاۋۇر. پومىچىك يوقارقى پىلاننى تىزلا ئەمىلىلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ. يىللىقچىلار شۇنداق خوشال بولۇشۇپتۇ.
نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پومىچىك تۇرىۋاتقان يېزا تەرەققى قىلىپ، بازارغا ئايلىنىپتۇ. پوللۇق كىشىلەرمۇ كۈندىن-كۈنگە كۈپىيىپ، ئولتۇرىدىغان ئۆي يىتىشمەي قاپتۇ. ھېلقى مۇشاۋۇر يەنە پومىچىكقا ئەقىل كۆرسىتىپ:
__بىگىم، يىللىقچىلارنىڭ قولىغا بۇ بىرنەچچە يىلدىن بىرى يەنە پۇل كىردى. بىز ئولارغا يىڭى ئۆي سېلىپ بىرەيلى، بۇ ئىشقا كونا شەھەرلەرنى ئۆزگەرتىش دەپ ئات قويايلى. ئولار قوللىرىدىكى پۇللارنى بىزگە بەرسۇن، بىز كونا ئۆيلەرنى يىقىپ يىڭى ئۆي سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ساتايلى-دەپتۇ. )
پومىچىك بۇ پىلاننىمۇ ئەمىلىلەشتۈرۈپتۇ. لېكىن بۇ قېتىم بەزى يىللىقچىلار رازى بولۇشمىغاچ پومىچىكنىڭ چوماقچىلىرى ئىشقا ياراپتۇ. يىللقچىلار دەرتنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بوپتۇ. بۇ ئارقىلىق پومىچىك يەنە نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ.
يەنە بىرنەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، پومىچىكنىڭ كەنتى تەرەققى قىلىپ چوڭ شەھەرگە ئايلىنىپتۇ. پۇللۇق كىشىلەر تېخىمۇ كۆپىيىپتۇ. پومىچىكنىڭ يەرلىرى تېخىمۇ پۇلغا يارايدىغان بوپتۇ. ھېلقى مۇشاۋۇر يەنە پومىچىكقا ئەقىل كۆرسىتىپ:
-بىگىم، بىز بۇ يىللىقچىلارنىڭ ئۆيلىرىنى يىقىپ، داچىلارنى سالايلى، ئۆيلەرنى يىقىپ يىڭى ئۆيلەرنى سېلىپ، ھېلىقى پۇللۇق بايۋەتچىلەرگە ساتساق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايمىز-دەپتۇ.
__يىللىقچىلار قانداق قىلىدۇ-دەپ سوراپتۇ، پومىچىك.
__ئولارغا كۆپرەك پۇل بىرىپ، نەق پۇل بىلەن ئۇرنلاشتۇرۇش دەپ ئاتايلى. بىز يەنە چوشقا قوتىنىمىزنىڭ يېنىغا ئۆي سېلىپ ئىقتىسادى قولايلىق ئۆي دەپ ئاتايلى. يولدىن بىرنى ياساپ بىرىپ، شۇيەردىكى ئۆيلەرنى ئۇلارغا يەنە ساتايلى….
__ئولارنىڭ پۇلى يەتمىسە قانداق قىلىدۇ-دوپ سوراپتۇ، پومىچىك يەنە.
__گۆرۆخانىمىزدىن ئولارغا پۇل قەرىز بىرىپ تورساق، يلىغا ئۈسۈم چىقىدۇ، پۇللىرىمىز يەنە پۇل توغىدۇ. خەتىرىمۇ يوق-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ مۇشاۋۇر.
پومىچىك بۇ پىلاننىمۇ ئەمىلىلەشتۈرۈپتۇ. يىللىقچىلار قوللىرىغا نەق پۇل ئېلىشپتۇ. لېكىن ئىقتىسادى قولايلىق ئۆيدىن ھازىرغىچە پەقەت بىر يۈرۈشلا سېلىنىپتۇ. يىللىقچىلار ئۈچرەتتە تۇرۇپ ئۆي ساقلاشقا مەجبور بوپتۇ. ئاڭلىساق ھازىرغىچە ساقلاۋئېتىپتىمىش…….
شۇنىڭ بىلەن يىللىقچىلار ئۆكتە قوپۇپ، ئىش چىقىرىشقا باشلاپتۇ. پومىچىك ئنتايىن ئالاقە زادە بولۇپ، مۇشاۋۇرىدىن:
__ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ دەپ سوراپتۇ
__ئولارغا دەرھال ”ئۆي باھاسى چۈشىدۇ، ھازىرچە ئۆي ئالماي ئجارىگە ئولتۇرغاچ تۇرۇڭلار“-دەپ ئۇقتۇرايلى، بۇنداقتا بىز چوشقا قۇتىنىمىزنىمۇ ئۇلارغا ئىجارىگە بىرەلەيمىز-دەپ مەسلىھەت بىرىپتۇ مۇشاۋۇر. نەتىجىدە يىللىقچىلارنىڭ نەچچە يىللاردىن يىققان پۇللىرىمۇ تۈگەپ، يەنىلا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغان بولۇشۇپتۇ.
بۇلەتىپە گەرچە سەل كۆپتۈرىۋەتكەندەك كۈرۈنسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە ھەرگىزمۇ پاكىتسىز ئەمەس؟ بەزىلەر بۇنداق تۇرۇقلۇق جوڭگۇلۇقلار يەنە نىمە دەپ ئۆي سېتىۋالىدۇ؟ خۇددى ساراڭلاردەك ئۆي قوغلىشىدۇ؟ زادى نىمە ئۈچۈن دەپ سورىشى مۈمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى نادانلاشتۇرۇش تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى: خوددى60-يىللاردا كىشىلەرنى قول سائەت، كىيىم تىكىش ماشىنىسى ۋە ۋئېلىسىپىت ئېلىشقا كۈشكۈرتۈپ، پەقەت مۇشۇنداق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرلا خوتۇن ئېلىپ-ئەرگە تېگەلەيدۇ دەپ قاراش كۆپتۈرۈلگەن. 70-يىللاردا كىشىلەرنى تىلىۋۇزۇر، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ ۋە تېلىفۇن ئورناتقاندىلا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولىدۇ، خوتۇن ئېلىپ-ئەرگە تېگەلەيدۇ دەپ قارالغان. ئىسىمدە قېلىشىچە ئۇ ۋاقىتتا بىر تېلىفون نەچچە مىڭ يۈەنگە قويۇلاتتى (كىشى بېشى كىرىمى200يۈەنگە يەتمەيدىغان كىچىك شەھەرلەردە)، بېيجىڭ-شاڭخەيلەردە بىر تېلىفون قۇيغۇزۇش10000يۈەندىن ئاشقان، ئۈچرەتتە تۇرۇپ نۇمۇر ئالىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولغان. بۇ ھازىرقى ئۆي ئېلىش ھادىسىسى بىلەن نىمە دىگەن ئوخشىشىپ قېلىش-لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بارلىق ئۇسرۇق زىيالىلارنىڭ ھەمىىسى، يۇقۇرقىدەك ئادەم ئەخمەق قىلىدىغان كونا كۇزىرنى كۈتۈرۈپ چىقىپ:
ــــ ئاق ياقىلىقلارنىڭ يىڭى ئۆلچىمى، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەربابلارنىڭ يىڭى تاللىشى پالانى ئايلانما يۇلىدىكى كىچىك تىپىلق ئۆي، پالانى يەردىكى تىجارەتسىمان مۇنداق ئۆي دەپ ۋالاقشىماقتا. ئولار سىزنىڭ نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇلىڭىزنى ئېلىپ تۇرۇقلۇق، يەنە ھەر ئايدا ئىجاەر (يىڭى مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى) ئالىدۇ. بانكا ئۈسۈمى ۋە ھەرخىل ناملاردا ئەپچىللىك بىلەن قۇشۇلغان ئۈسۈملەر، سىياسەتلەر……… يىغىپ ئىيتقاندا سىزنى جۆندەپ ئۈلتۈرۈشتىن قورقمسىمۇ، تازا ئېچنىشلق ئۆلمەسلىگىڭىزدىن قورقىشىدۇ. پۇقرالار نىمەدەپ بۇنداق قىلتاقلارغا چۈشۈشكە شۇنچە خوشتار، يەنە كىلپ يۈزلەپ قېتىم قىلتاققا چۈشۈپمۇ بۇرنىغا سۇ كىرمەيدۇ؟ بۇلارنى ئويلىساملا زەردەم قاينايدۇ.
ئىككىنچى چوڭ قىلتاق: ئىشقا ئورۇنلىشىش
بەزىلەر يېزىلارغا چۈشۈپ چېنىققان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ ئۇھ-سىنۋاتقاندا، بەزىلەر ئىش ئورنىدىن قېلىپ ھاياتلىق يۇلى قالمىغانلىغىنى ھىس قىلىپ، جىم ئولتۇرىۋېلىش نامايىشى ئۆتكۈزسە ھېچكىمنىڭ كارى بولماي، كوچىلاردا سەرسانە يۈرگەندە باشقىلار تەرىپىدىن مازاق قىلىنىپ «ھايات دىگەن مەردانە، باشتىن كەلگىن سەن يەنە…»
-دەپ ناخشىغا قۇشۇۋېلىنغان چاغلىرىدا، سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەينى يىللىرى ئولارمۇ بۈگۈنكى ئاق ياقىلىقلارغا ئوخشاشلا پەخىرلىنىشلىك كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ كىرىمى ۋە ئورنى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايىتتى. سىز يەنە 20يىلدىن كىيىن ئولاردەك كوچىلاردا سەرسان يۈرۈپ، ھەممىنىڭ تاشلىۋئېتىشىدەك كۈنگە قېلىشىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ مۇنداق دىسەم بەزىلەر ئىشسىزلىق سوغۇرتىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوغۇرتىسى،….سوغۇرتىسى دىگەنلەرنى بىلمەمسەن دىيىشى مۈمكىن.
ۋاي-ۋاي…! مەن بېيجىڭدا لەيلەپ يۈرىۋاتقىلىN يىل بولغاندۇ، تۆلىگەن سىتىراخۇانىيە پۇللىرىممۇ نەچچە تۈمەندىن ئاشتى، لېكىن ئىشسىز قالغىنىمدا پۇتۇم ئۈزۈلگىچە مېڭىپمۇ بىرەر ئىسىتىراخۇانىيەدىن بەھىرلىنىپ باققىنىم يوق. ئەكسىچە نۇرغۇن ئىستىراخۇانىيەلىرىم ئۈزۈپ-ئۇلاپ تاپشۇرۇپسەن دىگەن باھانىدا توڭلىتىۋئېتىلدى. مەن ئاچچىقتىن ئۆتلىرىم تىشۈلگۈدەك بوپ كەتتىم….بۇنى تېخى بەك يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. سىزنىڭچە ســــــىز 60 قا ئۇلاشقاندا راستىنلا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىسىتىراخۇانىيەسىدىن بەھرىمان بولالامسىز؟ ئۇ ۋاقىتتا ئاسماندىن پۇل ياغامدۇ-يا؟ بۈگۈنكى ياشانغانلارنڭ پىنسىيە پۇلىنى بىزلەر تېپىۋاتىمىز، يەنە كىلىپ ھازىر30-40ياشلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتە نەچچىدىن قېرىنداشلىرى بار. بۇ دىگەنلىك بۈگۈنكى پىشقەدەملەرنىڭ پىنسىيە پۇلى ئالالىشىدىكى سەۋەپ: 5 ياش بىر قېرىنى بېقىۋاتىدۇ. لېكىن بىز بۇ ئەۋلات قېرىغان ۋاقىتتا، بىر ياشنىڭ ئىككى قېرىنى بېقىشىغا توغرا كىلىدۇ. پۇل نەدىن كىلىدۇ؟ كىلىدىغان يىرى يوق. سىز90ياشقا كىرگەندە ئاز-تولا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىسىتىراخۇانىيەسىدىن مەنپەئەتلىنەلىشىڭىزنىڭ ئۈزى خودايىمغا ئامانەت.
شۇنداق تۇرۇۇقلۇقمۇ يەنە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى ھۆكۈمەت تەۋەلىگىدىكى ھەرخىل كەسپى ئورۇنلار ۋە كارخانىلارغا كىرگۈزۈشكە ساراڭلاردەك قاترىشىدۇ. منىڭ يېنىمدا بۇنداق مىساللار داۋاملىق يولۇقۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ يىراقراق توققانلىرىمىزدىن بىرى ، 70مىڭ يۈەن خەجلەپ مۇناسىۋەت ئىزلەپ ۋە سوغات شوڭغۇتۇپ ، ئوغلىنى ئاشكارە تاللاش ئارقىلىق قاتناش ساقچى ئەترىدىگە توختاملىق ساقچىلققا ئېلەشتۈرىۋالغان ئىدى. ئۇ ئېيىغا 800 يۈەن مۇئاش ئالاتتى. لېكىن 3-يىلىغا بارغاندا رىقابەتلك ئورۇن تاللاشتا شاللىنىپ كەتتى. بىر ئائىلە كىشىلىرى يىغلاپ-قاخشاپ قېلىشتى. مەن دەيمەن شاللانغىنىڭ ئوبدان بولدى، سەن بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ ئۇ 70مىڭ يۈەننى تېپىپ بولالمايسەن. ئەڭ ياخشىسى ئوبدان يۇيۇنۇپ ئوخلاپ، ئەتىدىن باشلاپ يىغىش-تۆشەش قىلىپ بولسىمۇ بىرەر تىجارەت قىلىۋال، بو ئارقىلىق ئاز-تولا پۇللۇق بولۇپ قېلىشڭ مۆمكىن.
ئەينى يىلى مەن مەكتەپ پۈتكۈزگەندە، ئاپام مىنى يىتىلەپ، پۇلنى يېنىغا سېلىپ، XX بۆلۈمىگە ئاپاردى. مەن خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئەبلەخنىڭ تەلەتىگە قاراپ، قوسۇۋېتىشكە تاسلا قالدىم. ئىش ھەققىگە قارسام: ئانامەي…..مەن 10يىلغىچە يىمەي-ئىچمەي يىغساممۇ دەسمىينى قايتۇرىۋالالمايدىكەنمەن ئەمەسمۇ!!!! شوڭلاشقا مەن ئاستىرىتتىن ھېلىقى ئەبلەخكە تەھدىت سالدىم، بۇ سالپاڭ قوساق بۆلۈم باشلىغى مىنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. شۇندىلا ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كىتىشكە مۇۋەپپەق بولالىدىم.
مەن زادى ئويلاپ تىگىگە يېتەلمەيمەن، جوڭگۇلوقلار نىمانداق بۇنچە ئەخمەق؟ نىمانچە بۇنچە خۇراپى؟ ئويقۇڭلارنى ئاچساڭلار، نورمالراق تەپەككۇر قىلساڭلار بولمامدۇ؟ ئىش قىلىشنىڭ ئالدىدا پايدا-زىياننى ھىساپلاپ باقساڭلار نىمە بولىدۇ؟ يەنە ھازىرقى ئاق ياقىلىق ياشلارغا دەپ قوياي، ئىش ئىزلىگەندە ئىش ھەققىنى يوقۇرىراق تەلەپ قىلىڭلار، داۋالىنىش ۋە باشقا ئىستىراخۇانىيەلەرنى ئالماڭلا، پۇلۇڭلارنى ئۆزۈڭلار ساقلىساڭلار ئەڭ بىخەتەر، كەلگۈسىدە ئەسقاتىدۇ.
ئۈچىنچى چوڭ قىلتاق:مائارىپ
بىر پارچە دىپلوم قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ بىر پارچە دىپلوم زادى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ بىر پارچە دىپلوم زادى-زادى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ باسما تەننەرخىگە 2يۈەنلا كۇپايە!!! بىر ئوقۇتقۇچنىڭ مەۋسۈملۈك مۇئاشى قانچە پۇل؟ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىلا كۇپايە!!! بىر سىنىپنىڭ كىتاپ-دەپتەرلىرى قانچە پۇل؟ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىلا كۇپايە!!! بىر سىنىپنىڭ مەۋسۈملۈك ئىجارىسى قانچە پۇل؟ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىلا كۇپايە!!! خوش…ئۇنداقتا جوڭگۇ مۇئارىپى نىمە دەپ بۇنچە كۆپ پۇل ئالىسەن؟؟؟
خوش…پۇقرالار، بىز نىمىشقا قىلتاققا چۈشىمىز؟ سەۋەپ كېىچىك ۋاقتمىزدىن باشلاپلا ھۆكۈمران سىنىپلار بىزگە ئەليول-ئەلالىققا تاللىنىشنى شەرەپ دەپ بىلدۈرۈپ كەلگەن( ياق، كەچۈرۈڭلار، خاتا دەپ ساپتىمەن، ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش شەرەپ). لېكىن پۇقرالار ئەزەلدىن نىمە ئۈچۈن شەرەپ بولىدىغانلىغىنى ئويلاپ بېقىشمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن شەرەپلىك بولىدۇ…ئەلا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن نىمە دەپ كېرەكسىز ئەخلەت چىقمايدىكەن؟
پەرزەنىتلىرىڭلارنى قانداق ئادەملەرنىڭ ئوقۇتىۋاتقانلىغىنى بىلەمسىلەر؟ جوڭگۇدا پەقەت جەمىيەتكە ماسلىشالمىغان ئادەملەرلا ئوقۇتقۇچىلىققا چۈشۈپ قالىدۇ. بىر مىسال كەلتۈرەي: ئالدىنقى مەزگىلدە مەن بىر تۈر مۇناسىۋەت بىلەن ئالى مەكتەپنىڭ بىرنەچچە ئاسپىرانتىنى تېپىپ پىروگىرامما لاھىيەلەتكۈزدۈم. بۇ جەرياندا بۇلارنىڭ دۆتلىگىدىن ھەيران قالدىم، ئىشنى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ مەيدانىڭىزدا تۇرۇپ ئويلاشمايدۇ، بېشىدا ساقلاپ تۇرسىڭىز ئاندىن ئىشلەيدۇ. بىرىلگەن ھۆججەتتە ئىنىقلا خاتا خەت بولسىمۇ ئۆزگەرتىشمەيدۇ. بايقىۋالغان چېغىڭىزدا يەنە سىز بىلەن زوكانلىشدۇ، ھۆججەتنى سىز بەرگەن، بۇ ئولارنىڭ خاتالىغى ئەمەس، سىز بەرگەندىلا خاتا بەرگەنلىگىڭىز ئۈچۈن بۇ سىزنىڭ خاتالىغىڭىز….ئازراقمۇ مەسئولىيەتچانلىغى يوق، ئىش قىلىش ئۈچۈنلا ئىشلەپ، بىرئىشنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەشنى ئويلىمايدىغان «ئەلاچىلار» غا ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ تەربىيە بەردىم:
ـــ سىلەر باشقىلارنىڭ مەيدانىدىن پىكىر قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشڭلار كېرەك، باشقىلارغا قانداق نەتىجە لازىم بولىدىغانلىغنى ئويلاش كىرەك، بولمىسا جەمىيەتتە پۇت تىرەپ تورالمايسىلەر..
نەتىجىدە ئولار مۇنداق جاۋاپ بىرىشتى:
ـــ بىزدىگەن ئۇ جەمىيتىڭگە چىقمايمىز، بىزنىڭ ئىمتاھانلاردىكى نەتىجىمىز بەك ياخشى، مەكتەپتىن بىزنى ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قالىدىغان بولدى. يەنە دىسەك بىزنىڭ باشتىنلا ھېچقانداق سەۋەنلىگىمىز يوق، سىز بىزگە قانداق ئورۇنلاشتۇرسىڭىز شۇنداق ئىشلەيمىز، ئورۇنلاشتۇرمىسىڭىز ئىشلىمەيمىز. بۇ بىزنىڭ غورورىمىز ۋە پىرىنسىپىمىز.
مەن ئولارغا دىدىم:
ـــ ئەگەر ھەرقايسىڭ ئامبارغا قاراشساڭ، ئىشتىن چۈشكەندە خوجايىن ئىشكنى قۇلۇپلىۋئېتىڭلار دىمۈگۈچە، ئامبارنى تاقاشمامسەن؟ بۇنىڭغا ئىچىڭ ئېچىشمامدۇ…!!!
بۇندىن كىيىن سىزنىڭ پەرزەتلىرىڭىز دەل مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىدا ئوقۇيدۇ ۋە چوڭىيىدۇ، بۇنىڭدىن سىز خاتىرجەم بولالامسىز؟ شۇنىڭغىمۇ، ھازىرقى ئالى مەكتەپلەردە بىرگە يېتىپ قوپۇۋاتقان، دەرىستىن قېچىۋاتقان، جىدەل قىلىۋاتقان، ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋئېلىۋاتقان…..ئىشلارنىڭ تولىلىغى. لېكىن ئائىلە باشلىقلىرى يەنىلا پەرزەنىتلىرىنى ئالى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىشىدۇ، يەنە كېلىپ ئۆمۈرلۈك جوغلانمىسىنى سەرىپ قىلىپ….
تۆتىنچى چوڭ قىلتاق: ماشىنا سىتىۋىلىش
جوڭگۇلۇقلار ئالجىپ قالدىمۇ؟ ماشىنا سېتىۋېلىش، نىمەدەپ ماشىنا سېتىۋېلىشدۇ؟ ئەلۋەتتە خەجلەپ بولالمىغۇدەك پۇللىرىڭىز بولسا، نىمە ئالغۇڭىز كەلسە شۇنى ئالسىڭىز بولىدۇ. ماشىنا ئالسىڭىزمۇ-ئۆي ئالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ، بەرىبىر ماي باھاسى قانچە ئۆسسىمۇ پۇلىڭىزنى خەجلەپ تۈگىتىپ بولالمايسىز، ئۆيىڭىز چېقىلىشقا توغرا كەلسىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىمايدۇ. لېكىن كۆپ قىسىم پۇقرالارچۇ؟
بۇرۇن مىنىڭ بىر خىزمەتدېشىم بېيجىڭ ئىككىنچى ئايلانما يولىدا ئولتۇراتتى. يەر ئاستى پويىزىدا يېرىم سائەتتە شىركەتكە كەپ بولالايتتى. لېكىن ئىككىنچى قول «شىيالى»دىن بىرنى زادى سېتىۋالغۇسى كەپ قالدى. ئەتىگەن سائەت 8دىن باشلاپ يولدا قىستىلىپ، ئاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا شىركەت تەرەپكە سۈرۈلۈپ بارىدىغان بولدى. ئايلىق ماشىنا توختۇتۇش ھەققىمۇ خېلى يەرگىچە چىقتى. لېكىن بۇ غوجام سالاھىتىم خېلى يۇقۇرلاپ قالدى دەپ ھىس قىلىدىغان بولدى. مەن ھېلىغۇ «شىيالى» ھەيدىگەنلەركەن، «ئاۋدى» ھەيدىگەنلەرگىمۇ بىرەرسىنىڭ توققۇز تازىم قىلىپ كەتكەنلىگىنى كۆرمىدىم. ئولار مىنىڭ نەزىرىمدە باشقىلاردىن ئەخمەقرەك كۆرۈنىدۇ خالاس.
يەنە بىر قېتىم مەن ئايلىق كىرىمى 4000يۈەن ئەتراپىدىكى بىر قىزچاقنىڭ قەرىز ئېلىپ ماشىنا سېتىۋالماقچى بولغانلىغىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. مەن ئۇ قىزچاقتىن سورىدىم:
ـــ قىزچاق، سىز يا تىجارەت قىلمىسىڭىز، ئىشقا ۋاقتىدا بېرىپ كىلىشكە يەر ئاستى پويىزى شۇنچە قولايلىق تورسا، نىمە دەپ ماشىنا سېتىۋالىسىز؟.
قىزچاق بىرھازا ئويلىنىپ تورغاندىن كېيىن، ئەتىماللىققا جاۋاپ تاپالمىدى بولغاي:
ــــ بەزىدە تاللا بازىرىدىن بىر نەرسە سېتىۋالاي دىسەم، تاكسى قىممەت چۈشۈپ قالىدىكەن، مېڭىپ بارسام يىراق كەپ قالىدىكەن، شۇڭلاشقا ئۆزەم ماشىنا ھەيدەپ باراي دىدىم.
-دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇسۇۋېتىشكە تاس قالدىم. سىنىڭ ماشىنا ھەيدەپ تاللا بازىرىغا بېرىپ تەييارچۆپ سېتىۋالغىنىڭدىن كۆڭلۈڭ ئېلەشمەمدۇ؟ ئەخلەت تەرگۈچى داگېدا بىلەن قوراللىنىپ ئەخلەت تەرسىمۇ، يەنىلا ئەخلەتچى، بۇنىڭلىق بىلەن بىرەر نەرسىنى ئىسپاتلايمەن دەپ خام-خىيال قىلىشما.
مەسىلەن مەن ھازىر سودا قىلىۋاتىمەن، ئىشلىرىم شۇنداق ئالدىراش، كۆندە دىگۈدەك 4-5يەرگە چاپىمەن. نۇرغۇن خىرىدارلار بىلەن ئۇچرىشىمەن. لېكىن مەن ماشىنا سېتىۋالمايمەن. نىمە ئۈچۈن؟ مەن تاكسىنى توسسام توختايدۇ، چۈشسەم كېتىدۇ، ماشىنا توختىدىغان يەر يوقلىغىدن ئەنسىرىمەيمەن، سوقۇلۇش-سۈرۈلۈشتىن ئەنسىرىمەيمەن، ئوغرى-يالغاندىن ئەنسرىمەيمەن، بوران چىقسۇن-يامغۇر ياغسۇن شوپۇرۇم تەييار. ناۋادا ماشىنا توسۇلۇشقا ئوچراپ قالسا، دەرھال تاكسىدىن چۈشۈپ، يەر ئاستى پويىزىغا ئالمىشالايمەن. بونىڭغا يىلىغا بىر تۈمەندىن جىقراقلا پۇل كىتىدۇ. ماشىنا ئالسام يىللىق ماشىنا توختۇتۇش ھەققىگىلا بىر تۈمەندىن ئوشۇق چىقىم بولىدۇ ئەمەسمۇ! بۇنى ئەخمەقلىق دىمەي نىمە دەيمىز؟ .
ماشىنا سېتىۋالماڭلار، ماشىنا سېتىۋالماڭلار…دىگەنسىرى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئالجىپ قالغاندەك قەرىز بىجىرىپ ماشىنا سېتىۋېلىشتى. خوددى كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئۈلۈمى تازا ئېچنىشلىق بولالمايدىغاندەك. سېتىۋېلىشىڭلار ئەمىسە-دىيىشتۇق، سېتىۋېلىپ بولغاندىن كىيىن قەرىزگە ئۈسۈم قوشۇلدىمۇ؟ ماي باھاسى بوراندەك تىز ئۆسۈپ كەتتىمۇ؟ ماشىنا توختۇتۇش ھەققى يەنە ئۆستىمۇ؟ پۇشايمان قىلىشتۇقمۇ؟ يىڭى ماشىنا يولغا چۈشۈپ بولغىچە باھاسى چۈشۈپ ساتاي دىسەكمۇ ساتالمىدۇقمۇ؟ سىزگە دىسەم ماي باھاسى يەنە ئۆسىدۇ، ئامرىكا دوللىرىدەك باھاغا چىقىپ توختايدۇ. خا-خا…سىز ئامىرىكىلىقنىڭ ئوندىن بىرىگە يەتمەيدىغان كىرىمىڭىز بىلەن، خەقنىڭ بىنزىن باھاسى بىلەن ئوخشاش باھادا ماشىنىڭىزنى باقىسىز.
ئاخىرقى گەپ، ھەممە ئادەم ئەخمەق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نادانلاشتۇرۇش تەربىيىسى ئەخمەق قىلىپ قويغان. ئەخمەقرەك بولغاننىڭ يامىنى يوق، لېكىن ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئويلىشىپراق، ئىقتىسادى مەنپەئەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى دەڭسەپراق ئىش كۆرگىنىڭىز دۇرۇس! بولمىسا ۋاقتى كىلىپ، ئۆي باھاسى بىر چۈشسە، ماي باھاسى بىرئۆسسە، يېرىم ئۆمۈرلۈك جوغلانمىڭىزغا دىپلوم ئېلىپ ھېچنىمە قىلىشنى بىلمىسىڭىز، نەچچە ئون يىل غەللە-پاراق تاپشۇرۇپ ھېچقانداق پاراۋانلىقتىن بەھىرلىنەلمىسىڭىز….سىزنىڭ تارتىدىغان زىيىنىڭىز پەقەت نەچچە ئون تۈمەن پۇللا بولماي قالىدۇ..
بەزىلەر:
ـــ ۋاي-ۋۇي! ئۇنداقتا بىز ئۆيدە ئولتامامدۇق، ماشىنا سېتۋالمامدۇق، ئاپتۇۋۇز بەك قىستاڭچىلىق تۇرسا
-دىيىشى مۈمكىن. مەن دەيمەن بولارنىڭ ھەممىسى نادانلاشتۇرۇش تەربىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ساختا شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى. ماڭا قاراڭ، مەن بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتىمەن، ئايلىق ئىجارىسى ئاران مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.(بۇ پەقەت بەزى كىشىلەرنىڭ ئايلىق مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققىغە توغرا كىلىدۇ). ئەگەر توي قىلسام، يەنە 3-4مىڭ يۈەنلىك ئۆيلەرنىمۇ ئىجارە ئالالايمەن. ئۆي جاھازلىرى ۋە بىزەكلىرىنىڭ ھەممىسى تەييار. يەنە كىلىپ قايەر قولايلىق بولسا شۇ يەرگە كۆچەلەيمەن. كۆچكۈم كەلمىسە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارە ئالىمەن. بۇمۇ خوددى مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرغانغا ئوخشاش ئىش. يەنە كىلىپ بانكا قەرزى، ئۈسۈمى، تۇنجى تاپشۇرىلىدىغان پول دىگەندەك بىر توقام چىقىملارنى تىجەپ قالالايمەن. ئىشىم بولسا تاكسى توسىمەن، ئىشىم بولمىسا يەرئاستى پويىزىغا چقىمەن. يىلىغا بىر تۆمەن يىتىپ ئېشىپ قالىدۇ. بۇنىڭدا يەنە گىراج(ماشىنا ئامبىرى) پۇلى، ماشىنا توختۇتۇش پۇلى، جەرىمانە پۇلى قاتارلىق بىر توقام پۇللارنى تىجەپ قالالايمەن. ماي باھاسى 10سومغا چىقسىمۇ پەرۋايىم پەلەك، ماڭا دەخلى قىلمايدۇ. پېقىرمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزمەيلا قېچىپ چىقىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلىگىمدن ئۆگەندىم، بىر تەرەپتىن بازارنى قېتىرقىنپ تەتقىق قىلىغاچ، پىلانلاش-كەسىپكە چېپىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلدىم، كىيىن ئوخشاشلا چەتئەل كارخانىسىغا كىرەلىدىم، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتكە دىرىكتور بولالىدىم، يەنە كىلىپ نەچچە تۈمەن ئوقۇش پۇلىنىمۇ تېجەپ قالالىدىم. )
ئەلۋەتتە بەزىلەر مۇنداق دىيىشى مۈمكىن:
ـــ سەن ھەتتا ئۆيمۇ سېتىۋالمىغان تورساڭ، چوقۇم توي قىلالمايسەن!!!.
مەن ئويلايمەن:
ـــ مىنىڭغۇ ئۆيۈم يوق، سىزنڭچە سىزنىڭ ئۆيىڭىز بارما؟
بەزىلەر:
ـــ ئۆي ئىجارە ئېلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس، ئىجارە ۋاقتى توشسا ئۆي يەنە باشقىلارنىڭ بولىدۇ.
-دىيىشىدۇ.
مەن ئويلايمەن:
ـــ سىزنىڭچە سىز ئۆي سېتىۋېلىپ نەچچە ئون يىل بانكىغا قەرىز تۆلەيسىز، قەرىزنى تۈگەتسىڭىزلا ئۆي سىزنىڭ بولامـــــــا؟…..


ئىلقۇت  تورى

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95412
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2013-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 10:45:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۆتمۈشىڭنى ئۇنۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3182
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8863
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 2373 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 11:52:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىي كارخانىلار .ئەڭ ئاۋال يەنە شۇ مىللىي پۇقرالارنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج،بۇيەردە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر گەپنى قىستۇتۇرۇپ  ئۆتكۈم كىلىۋاتىدۇ، دۇنيادا  ئەينى زاماندا يەھۇدىلاردەك ئېزىلگەن خارلانغان مىللەتتىن يەنە بىرى بولمىسا كىرەك، ئەمدىچۇ؟  ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكىدەك ھالغا يەتتى .  نىمە؟نىمە ئۈچۈن؟!  چۈنكى ئۇلار بۇرۇنلا مىللىي كىملىكنىڭ بىۋاستە مىللىي ئىگىلىككە تەسىر يەتكۈزدىغىنىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدە ، يەنە كىلىپ ئۆز مىللىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدە ،مەسىلەن ئالايلۇق،  ھازىر ئسرائىليدە يەنە نۇرغۇن ئەرەب مۇسۇلمانلار يەھۇدىلار بىلەن يىقىن يەردەياشايدۇ ، بۇيەردە يەنە شۇ ئەرەب خەلىقلەرنىڭ بازىر بارئىكەن، ئەمما بۇ يەھۇدىلار بۇيېقىندىكى بازارنى تاشلاپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ يەھۇدىلار ئاچقان بازارغا كىلپ مال سېتىۋالىدىكەن. بۇزادى نىمە ئۈچۈن؟ بۇنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ  ھەممەيلەنگە ئايان!؟
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك  يۇقىرقى ماقالىدا ئيتىلغاندەك    مىللىي كارخانىلىرىمىز ئەمدى باش كۆتۈرۈپ چىقىۋىدى ، بەزى ھارامخور  قىزىلكۆز  سودىگەرلەر  بىزنىڭ ئاڭ سەۋىيسى تۆۋەن خەلقىمىزنى ئالداپ ئىچكىردە ئشلەنگەن ساختا مەھسۇلاتلارغا ئۇيغۇرچە خەت بىسپ ساددا خەلقىمىزنىڭ كۆزىنى بوياپ كىلىۋاتىدۇ(بۇئەھۋال يىزا قىشلاقلاردا بىر قەدەر ئېغىر) . سىنچىلاپ قارىسىڭىز  *********سودا شىركىتى دەپ يىزىلغان تېخىمۇ ئنچىكىلەپ قارىسىڭىز خەنزۇچە يىزىلغان ئچكىردىكى ئاللىقانداق بىر زاۋۇتنىڭ نامى يىزىلغانلىقىنى كۆرىسىز..........بۇنداق مىساللار كۈرمىڭ!!!
ئەي نائىنساپ قىزىلكۆز  سودىگەرلەر ئۆز خەلقىڭىزگە  ئورا كولىماڭ! ئۆز خەلقىڭىزنى ئالدىماڭ!   بېڭسڭىز بولسا شۇنداق كارخانىدىن بىرنى قۇرۇڭ، بىزنىڭ ئشسىز قالغان ياشلىرىمىزنى ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇڭ ! باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەنمەي ئۆزىڭىزنىڭ كارامىتىنى ئشقا سىلىڭ!  ئەنە شۇ چاغدا سىزمۇ  خەلقىمىزنىڭ دىل تۆرىدىن ھەقىقى ئورۇن ئالالايسىز !  ئەنە شۇ چاغدا بىزنىڭ خەلىق سىزنى ھەققىي يۇسۇندا ھۆرمەت بىلەن تىغا ئىلىپ تەرىپلەيدۇ،قېنى ئەمدى ئادىميلىك ۋىجدانىڭزنى ئالدىڭىزغا قويۇپ  ئويلىنىپ بېقىڭ!!!

توۋا....................

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12032
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9322
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 12:12:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ziyaratqi يوللىغان ۋاقتى  2013-6-5 11:52 AM
مىللىي كارخانىلار .ئەڭ ئاۋال يەنە شۇ مىللىي پۇقرالارنى ...

ماۋۇ ئىنكاسنىڭ جېنى باردەك تۇرىدۇ،  ئىسلامى نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ تەرەققىي قىلىش ، زاۋۇت، كان، كارخانىلارنى قۇرۇش پەرىز، مۇسۇلمان مىللىي كارخانىچىلارنى قەھىرمان دېسە بولىدۇ، شۇلارنىڭ سودىسىنى قوللاش شەرىئەتتە ۋاجىب ، سىز بىر مۇسۇلمان  مىللەتدىشىڭىز سودا قىلۋاتسا، ئۇلارنىڭ مېلى ئېھتىياجىڭىزنى قامدىيالايدىغان تۇرۇپ ياكى ئالاھىدە ئەھۋال بولماي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مېلىنى سېتىۋالسىڭىز گۇناھكار بولىسىز.

قانچىكى يۇقۇرى ئۆرلىسەڭ، شۇنچە يىراقنى كۆرەلەيسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43758
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 12:58:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر گەپ بار ،''ماللىرىنى ئۆزى ئىشلىمەيدىكەن ،ئىچكىرىدە ئىشلىتىدىكەن ،ئالمايمىز دەيدىغان '' ئەلۋەتتە ،يىمىەك ئىچمەك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز كېرەك . لېكىن باشقا تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ قەيەردە ئىشلەنگىنى بولمىسۇن ،سۈپەت جەھەتتە مەسىلە بولمىسا يەنىلا ئۇيغۇر شىركەتلىرى بازارغا سالغاننى سېتىۋېلىشىمىز ،ئۇلارنىڭ ئىپتىدائى مەبلەغ توپلاش باسقۇچىدىن ئۆتۈۋېلىشى ،ئىمكانىيەت ۋە بازار كۆتۈرۈشچانلقى يۇقىرىلىغاندا زاۋۇت قۇرۇشى ئۈچۈن قوللىشىمىز لازىم .دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق مەھسۇلاتلارنى شىركەتلەر ئۆزى ئىشلەپچىقارمايدۇ .ئۇلار لايىھە ،كارخانا سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى بىكىتىپ ۋە باشقا زاۋۇتلارغا ھاۋالە قىلىپ ئىشلىتىپ ،ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىپ ،مەھىسۇلات سۈپىتىنى ياخشىلاش ،سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىقلار ئارقىلىق تىجارەت قىلىدۇ .بۇنداق تىجارەت ئەندىزىسى بەك ئۇمۇملاشقان .ئۆزىنىڭ زاۋۇتى بولسا ئەلۋەتتە ياخشى لېكىن ئۆزىنىڭ زاۋۇتى بولماسلىق ھەرگىزمۇ مىللى كارخانىلارنى قوللىماسلىقنىڭ سەۋەبى بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك.مەسىلەن :مەشرەپ ،تەبەسسۇم قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە سېتىشتىن كىيىنكى كاپالەتلىرى ئوخشاش تۈردىكى بەزى مەھسۇلاتلاردىن ياخشى چىقىۋاتىدۇ .باشقىلارنىڭكىنى ئالغۇچە مۇشۇلارنى ئالسىڭىز ،بۇقوللاشنىڭ رولى ھەرگىز كىچىك ئەمەس .

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12181
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8313 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 01:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئادەتتە نەرسە كىرەكلەرىنى سىتىۋالغاندا ئاساسى جەھەتتىن ئۇيغۇر شىركەتلىرى بازارغا سالغان
مەسھۇلاتلارىنى كۆپ سىتۋالمەن،لىكىن بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلەرنىڭ ئىچىملىك ياكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئورالمسى ئۇيغۇرچە بولغۇنى بىلەن ،يەنلا شۇ ئىچكىردە ئىشلەيدۇ دىگەن سۆزلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ يەنلا شۇ سوپۇنلاردىن باشقىنى ئانچە كۆپ ئىلىپ كەتمەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-5 01:31 PM  


ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

دۇنيانى مېھىر-مۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10036
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 02:58:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئىسمىدىن چىقىپ تۇرمامدۇ سودا شىركىتى دەپ  . شۇ  مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانىنى كۈتىرە  ئېلىۋالغان (    چوكانلىرىمىزغا)   نىمە دەي  ئەمدى ......

ئۇيغۇردولان

ئادەمنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىر ئۆمۈ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28144
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6636
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1584 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 05:47:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۆزەمنى تۇنىغان كۈنۈم- قەلبىمدىن باشقا بارلىق نەرسىلەرگە باشقىلار ھۆكۈمران ئىكەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش