ۋاقتى ئۆتكەن پۇراقسىز گۈلسەن،
تۇرغان بىلەن يالغاندىن كۈلۈپ.
يالماپ كەتكەن بەرگىڭنى شامال،
قالغان نۇرلۇق باھاردا ئۆلۈپ.
ۋاقتى ئۆتكەن پۇراقسىز گۈلسەن،
كېلىپ قالغان چىمەنگە ئارتۇق.
قۇيۇپ كۈيچى بۇلبۇلنى داغدا،
قىلغان ئېغىر ئازابنى تارتۇق.
ۋاقتى ئۆتكەن پۇراقسىز گۈلسەن،
پەيلىڭ خوخا تىكەنگە تەڭداش.
لىڭشىپ تۇرۇپ چىقارغان ئاۋاز،
جانغا زامىن ھەسەتكە رەڭداش.
ۋاقتى ئۆتكەن پۇراقسىز گۈلسەن،
ئەستىن چىققان نەزەردىن چۈشۈپ.
كۈيلەپ مەينەت شېخىڭدا قاغا،
قۇرۇپ قالغان يىلتىزىڭ ئۈششۈپ.
ۋاقتى ئۆتكەن پۇراقسىز گۈلسەن،
ساختا كۈلگە جىلمىيىپ تۇرغان.
ئېقىپ ناخۇش باغرىڭدا زەھەر،
يىلان–چايان بەزمىسى قۇرغان.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-4 07:47 PM