ئالدىنقى ھەپتە بىر تونۇشۇم بىر ئاق ئالتۇن زەنجىرنى كۆرسىتىپ ماڭا دەرت تۆكۈپ بەردى .
ئىچكىرگە بارغاندا كۆزۈمگە بەك چىرايلىق كۆرنۈپ ئالغانتىم . يۇرتۇمغا كىلىپ بىر مەزگىل سالسام سەل قارىيۋالدى . تەكشۈرتسەم پىرسەنىتلىك كۈمۈشكەن ، ئاق ئالتۇن ئەمەس دەيدۇ .
بەك ئاچچىقىم كەلدى . 1450 يۈەنگە ئالغان . كۈمۈش دىگەن ئاق ، يۇمشاق بولاتتىغۇ ؟ مەن ئاق ئالتۇن ئىلىپ باقمىغان ، بۇنى ساتسام ئالماسمۇ ؟؟؟؟ دەپ ۋايساپ كەتتى .
مەن ئۇنىڭغا ؛-قەشقەردە ئادەتتە ئاق ئالتۇن زىبۇ -زىننەت ئىشلىتىدىغانلار يوق دىيەرلىك .
ئۆزىڭىز چۈشنىدىغان ياكى بىلىدىغان يەردىن ئالسىڭىز بولمامتى ؟
ساتسىڭىز پۇلغا ئالمايدۇ . ھازىر خام كۈمۈشنىڭ گىرامى 5يۈەن . ئۇنىڭ ئۇستىگە سىز ئالغان بۇ زەنجىر ساپ كۈمۈشمۇ ئەمەسكەن . ساپ كۈمۈش بولغان تەقدىردىمۇ ساتسىڭىز ئون يۈەنگىمۇ ئالمايتى .
ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا چىقىپ كەتتى .
ئۇچ-تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ئاق ئالتۇن ئالدىغانلار كۆپ ھەم ئاق ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلىرى مودا بوپ كەتكەن.
لىكىن ئىستىمالچىلار ھازىر ئاق ئالتۇندىن زىرىكتى ، سەۋەبى ئالغاندا قىممەت ، ساتقاندا پەرىق بەك چوڭ .
ئالماشتۇرۇش تەننەرقىمۇ يۇقۇرى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ئىش قۇشۇپ خالىغان نۇسقىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ .
شۇ سەۋەپتىن ھازىر سىرىق ئالتۇن ئىستىمالچىلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى .
مەن دوسىتلارنىڭ ئاق ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى پەرىقلەندۈرىشى ئۈچۈن ئاق ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ بىر قانچە پەرقىنى ئىيتىپ بىرەي .
ئاق ئالتۇننىڭ قىممىتى سېرىق ئالتۇندىن يۇقىرى بولىدۇ. ئاق ئالتۇن كۈلرەڭگە مايىل بولغاچقا كۈمۈش بىلەن پەرقلەندۈرۈش تەس. ئىستېمالچىلار زىننەت بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا ئاق ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلىۋېلىشى كېرەك.
1. زىننەت بۇيۇمىدىكى بەلگىگە قاراش. زىننەت بۇيۇمى ئۈستىدە tP ياكى Platnum ۋە ياكى Plat دېگەندەك خەتلەر بولسا ئاق ئالتۇن، ئەگەر S ياكى Silver دېگەن خەتلەر بولسا كۈمۈش ھېسابلىنىدۇ.
2. ئېغىرلىقى. ئاق ئالتۇننىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 21.4، كۈمۈشنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى بولسا 10.49. ئوخشاش ھەجىمدىكى ئىككى ماتېرىيالنىڭ ئېغىرلىقىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئاق ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى كۈمۈشنىڭكىدىن بىر ھەسسە ئېغىر بولىدۇ.
3. سىرتىدىن پەرقلەندۈرۈش. ئاق ئالتۇن كۈلرەڭگە مايىل، قاتتىق بولىدۇ. كۈمۈش بولسا ئاق رەڭدە بولۇپ، سىلىق پارقىراق بولىدۇ ھەم ئاق ئالتۇندىن يۇمشاق بولىدۇ.
مەنبە ؛ www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-4 12:10 PM