مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 47769|ئىنكاس: 176

جان ئالغۇچى سىستىرا - سارەم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 10:29:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                           جان ئالغۇچى سىستىرا - سارەم

                                                                       ( ھىكايە )



                                                               ( 1 )

- سارەم ماۋۇ بىمارغا پىنسىلىن ئېسىڭ ، ئاۋۇ بىمارغا گىلىكوزا ئېسىڭ ، بۇ بىمارغا بولسا ...
مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى گەپنى دەۋاتسا سارەم گېپىنى بۆلىۋەتتى .
- ئوھۇش ، پىنسىلىن ئىنسىلىن دىگەنلەرنى بىلەيمەن ، گىلىكوزىسىمۇ يا كىۋەز غوزىسىمۇ ئۇنىمۇ بىلمەيمەن ، خاپومىسلا مۇئاۋىن سىكىلتار ...
سارەمنىڭ بۇ گېپىدىن مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى شۇنداق بىئارام بولدى ھەم ئاچچىقلاندى .
- نىمە ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا گېپىم دائىم مۇشۇنداق ئىككى پۇڭغا ئەرزىمەمدۇ ؟ بىلىپ قويۇڭ مەن دىگەن سىزنىڭ باشلىقىڭىز ....
- بىلىمەن ، ئوبدان بىلىمەن باشلىق ... شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭ مەن ھازىر ئىشتىن چۈشتۈم ، ھۆكۈمەت بىكىتىپ بەرگەن سەككىز سائەتلىك ۋاختىم توشتى .
- ھىم ، قېنى كۆرەرمىز !
مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى گەپ قىلالماستىن قوشۇمىلىرىنى تازا تۈرۈپ قول سومكىسىنى بىلىكىگە ئېسىپ ئىشتىن چۈشۈشكە تەييارلىنۋاتقان سارەمنى يەپ كەتكۈدەك دەرىجىدە قاراپلا قالدى .
قول سومكىسىنى بىلىكىگە ئاسقان ، سارەم خالاتىنى كىيىم ئاسقۇسىغا ئارتىپ قويۇپ خۇددى كىيىم مودىلىدەك لەرزان دەسسەپ ئىشخانىدىن چىقتى ، پۇتىدىكى ئىنچىكە پاشنىلىق ئايىقىدىن چىققان تاراق ... تاراق... تاراق... قىلغان ئاۋازلار تاكى ئامبولاتورىيە بىناسىدىن چىقىپ كىتىپ بولغۇچە ئاڭلانغان ئىدى .
نىمىسىنى دەيسىز مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى قولىدىكى كىسەللىك دىجۈرنى خاتىرسىنى سارەمنىڭ پۈكىيىگە پاققىدە تاشلاپ قويۇپ بىر تال تاماكىنى ئېلىپ ئوت يېقىپ كۈچەپ - كۈچەپ شوراشقا باشلىدى ، ئۆزىچە بولغاندا سارەمنى بىر باھانىلەر بىلەن بىردەملىك تۇتۇپ قېلىپ ئۇنىڭغا يەنە كۆڭۈل ئىزھار قىلغۇسى بار ئىدى .
ئەپسۇس ، ئىش ئۇنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقماي قالدى ، مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى تاماكىسىنى يانتۇ چىشلەپ دەرىزە سىرتىغا نەزەر تاشلىدى ھەم ئۆزى كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىر كۆرۈنۈش يەنى سارەمنىڭ شىپاخانا دەرۋازىسى ئالدىدا بىراۋنىڭ موتسىكىلىتىغا مىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى ، كۆردىيۇ ئىچى يەنە بىر قېتىم ئاچچىق بولۇپ شۇ ئاچچىقىدا تاماكىنى چىڭڭىدە چىشلەپ يەرگە تۈكۈرۋاتتى .
ئەسلىدە سارەمنى كەينىگە مىندۈرگىنى مۇشۇ شىپاخانىنىڭ تېڭىقچىسى نۇرئەمەت بولۇپ ئوخشاشلا نۇرئەتمۇ مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقىنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيىتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سارەم مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقىغا قارىغاندا نۇرئەمەتكە بەكرەك يىقىن بولۇپ نۇرئەمەتنى كۆرسە تەبەسسۇم قىلىپ كۈلكە - چاق چاقلىرىنى ئايىمايىتتى ، شۇنداق مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى ئالدىدا پەيدا بولدىمۇ يامغۇرلۇق ھاۋارايىدەك شاپپىدە چىرايى تۈرۈلۈپ قالاتتى .
بۇنداق كۈنلەر داۋاملىشۋاتقىلى خىلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى ، مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقىنىڭمۇ قورساق كۆپۈكى تازا ئەۋجىگە چىقىپ قالغان ئىدى . كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ دەپ ، نىمە قىلىدۇ مەيلى يوق ئادەمنى ئۆزىگە زورلاپ ، ھە دىسە كۆزىگە كىرىشۋىلىپ ...
ئوقۇش تارىخى ، ئۇنۋان ، تۇرمۇش سەۋىيسى جەھەتتە نۇرئەمەتتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغان بۇ مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى قانچە قىلىپمۇ سارەمنى ئۆزىگە تارتالمىدى ، ئەمدى قانداق قىلىمىز مۇشۇ كۆڭۈل دىگەن نەرسىمۇ بەزىدە شۇنداق قەلەندەر ، بەزىدە شۇنداق باي ، بەزىدە شۇنداق مىھرىبان ، بەزىدە شۇنداق مۇز چىراي بولۇپ قالىدىغان گەپكەن ، بۇ تەرىپىنى بىز چۈشەنگەن بىلەن مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى قوبۇل قىلالماي قالدى بولغاي چۈنكى ئۆزى بىر داۋالاشنى ئۈگەنگەن ، دوختۇر بولسىمۇ بىراۋنىڭ روھىنى داۋالىيالمايدۇ دە ؟!...
بۇ مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقىنىڭ ئىسمى يۈسۈپ ، ئادەتتە شىپاخانا ئىچى - سىرتىدىكىلەر يۈ يۈەنجاڭ دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قالغان ، ياش قۇرامى جەھەتتىن سارەم ۋە نۇرئەمەتلەردىن ئۈچ - تۆت ياشلا چوڭ چىقىدۇ . قارىماققا يېشى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ بىراق ئاتاقتا مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى بولۇپ ئاتىلىپ قالدى .
بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس ، ئەمدى ئوقۇپ كەلگەن مەكتىپى بۇ شىپاخانىدىكىلەر ئوقىغان مەكتەپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىپاخانىدىكى ھەممىدىن ئىقتىدارلىق دوختۇرمۇ مۇشۇ ھىساپلىنىدۇ ، ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى شىپاخانىدىكى كۆپىنچە سىتىرا ، دوختۇر ۋە باشقىلار ئالدىدا < ھە > دەپ قويغىنى بىلەن كەينىدىن چۈشۈۋاتقان پىكىر - شىكايەتلەر ، بۇلۇڭ - بۇلۇڭلاردىكى پىچىرلارشلار توختاپ قالمايدۇ .
ئادەمنى يەنە بىر ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى بۇ مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى يۈسۈپنىڭ < يۈسۈپ سىيگەك > دىگەن لەقىمى .
توۋا ، بىر چوپ چوڭلا ئەركىشىنى سىيگەك دىسە ھەم كۈلكىلىك ، ھەم ھەيران قالارلىق بىلىنمەمدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دوختۇر ئەمەسمۇ ؟
ھەي ، مۇشۇ بەزى ۋاقىتتا پۇل ۋە قابىليەت ھەممىگە قادىر بولالمايدىغىنى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىپ قالىدىغان بولدى ، بۇ < يۈسۈپ سىيگەك > نىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق لەقەم بىلەن ئاتىلىپ قالغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمەي تۇرۇپ ھىكايىمىزنى داۋاملاشتۇرساق بولماس .
  يۈسۈپنىڭ ئىشقا چىققىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان چاغلار ئىدى ، ئۇ ۋاقىتتا شىپاخانا قۇرۇلۇشى قىلىنۋاتقانبولغاچقا شىپاخاننىڭ ئىچى قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار ، بىمارلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن تولغان ئىدى ، شۇڭىمۇ شىپاخانا ئىچىدىكى بەزىبىر ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ۋاقتىنچە بۇزۇلغان بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە شىپاخانا ئاممىۋى ھاجەتخانىسمۇ بار ئىدى .
گەرچە ۋاقىتلىق يەرنىلا ئازگال قىلىپ كولاپ چۆرىسىگە شىپاخانا كىسەلخانىسنىڭ كونىراپ كەتكەن يوتقان ، كۆرپە كىرلىكلىرى تۇتۇپ قويۇلغان ئاددىيلا بىر قانچە ھاجەتخانا بولسىمۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا يىتىشمەي قالاتتى ، نەق شۇ پەيىتلەرنىڭ بىر كۈنىدە يۈسۈپنىڭ ھاجىتى قىستاپ كىتىپ تۇرغىنىدا شىپاخانا باشلىقى ئۇنى بىر ئىش بىلەن ئىشخانىسدا تۇتۇپ قالمامدۇ ، ئالە شەرىڭنى  يۈسۈپ قانداق قىلسام بۇ ئۆلگۈر ئىشخانىدىن تىزراق چىقىپ كىتەرمەن دىگەن نىيەتتە ئىچىدە شىپاخانا باشلىقىنى مىڭ - مىڭ تىللاپ ئاخىرى ئىشخانىسىدىن قايتىپ چىقىدۇ ، بىراق بۇ چاغدا ئاللىقاچان خىلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەچكە ھېلىقى ۋاقىتلىق كولانغان ھاجەتخانىغا بېرىپ بولغۇچە بەرداشلىق بىرەلمەي ئىشتىنىغا چىقىپ كىتىدۇ ، ئۇچىسىدا دوختۇرلۇق خالاتى بولسىمۇ ئانچە بىلىنىپ كەتمەيىتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۈنى توپا رەڭ ئىشتان كىيگەچكە ھېلىقى ھۆلچىلىك مانا مەن دەپ بىلىنىپلا قالغان ئىدى .
ئۇنداق بولۇشىنى ئۆزىمۇ خالىمايتتى ئەلۋەتتە ، ھاجەتخانىغا ئازلا قالغان ۋاقىتتا بۇ ئىشنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى ، شۇئان ئۆز - ئۆزىگە < خەپ بىرەرسى كۆرۈپ قالمىغىيدى > دىدىيۇ ، جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن يۈزلىرى قىزىرىپلا كەتكەن ئىدى .
نەخ شۇ پەيىتتە بۇ بولمىغۇر ئىشنى سارەم بىلەن يەنە بىر سىتىرا قىز كۆرۈپ قالسا بولىدۇ ، ئىشخانىسىغا ئالدىراشلا قايىتىۋاتقان يۈسۈپ ئۇ ئىككى سىستىرانىڭ ئالدىدا بەكلا ئواڭيسىزلىنىپ قالغان بولۇپ ، ئۇ چاغلاردا سارەمگە ئانچە قىزىقمايىتتى ، ئەمما كىيىنچە ئۆزىنىڭ سىيگەك دىگەن لەقەم بىلەن ئاتىلىپ قالغانلىقىنى سارەمدىن كۆرۈپ ھە دىسىلا سارەمنى ئىشقا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا بىرخىل ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەن ئىدى .
بۇ ئاداۋەت بارا - بارا مۇھەببەتكە ئايلىنىپ قالدىمۇ ئىشقىلىپ يۈسۈپ سارەمنى كىينچە ئۆچ ئەمەس ، ئامراقلىقتىن ئىزدەيدىغان ، سەۋەپسىز ئىشقا سالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى .
ئەمدى بۇ يۈسۈپقۇ تەقى تۇرقى قىزلار قاچقۇدەك كىلىشمىگەنمۇ ئەمەس ھەم خۇيى ئۈنچە ئەسكى ، زوراۋانمۇ ئەمەس بىراق شۇ لەقەم قويۇلۇپ قالغاندىن كىيىن سىستىرا قىزلار ، باشقا خىزمەتچىلەر بىر قىسىم قارايدىغان بولۇپ قېلىشقان بولۇپ ، يۈۈسپنىڭ ئوبرازى شۇ بر قېتىملىق ئىش بىلەنلا يەرگە ئۇرۇلغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈپنىڭ دادىسى يېزىلىق خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسننىڭ مۇدىرى بولغاچقىمۇ ئۇ ئادەم ئۈستىدىكى شىكايەت ، يامان گەپلەرمۇ بالىسى يۈسۈپكە يۈك بولۇپ قالاتتى .

مەنبەسى : ئۆزەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-15 07:54 PM  


مۇھتاجىلىق بەك يامان

اللە ھەممىمىزنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1123
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8061
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:28:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بارمىكىن...؟

اللە ھەممىزنىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرگەي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6979
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1214 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:30:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بارمۇ ؟ تۈگدىمۇ ؟

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:36:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم XERHAN  مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ھىكايىلىرىڭىزنى  بەك  قىززىقىپ  ئۇقۇيمەن . تېخى   داۋامى  با  ئوخشايدۇ  دىسەم  تۈگىدى  دەپ  قۇيۇپسىزغۇ ؟ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم  قىلىپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARZUY تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 11:37 AM  


ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:41:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
( 2 )

كۆڭلىگە يەنە نى خىياللارنى پۈككەن يۈسۈپ ئەتتىگەنلىك يوقلىمىغا ئازراقلا كىچىكىپ قالغان سارەمگە ئاچچىقلاپلا كەتتى .
- كىلىشلىرى ئەمدىما خېنىم ؟ سىلى مۇشۇ ئىسكەتلىرى بىلەن داۋامسىزلىق قىلىۋاتسىلا باشقىلار قانداقمۇ ياخشى ئىشلىيەلىسۇن ؟ ئۆزىچىلا خالىغاندا كىلىپ ، خالىغاندا كىتىدىغان توختىنساخاننىڭ دېڭى ئەمەس بۇ ، بۇ دىگەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ، بىمارلارنى كىچەمۇ - كۈندۈز كۈتىۋالىدىغان داۋالاش ئورنى ...
يۈسۈپنىڭ بۇ گېپى سارەمگە تازا قامچا بولدى ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا سارەم بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالدى ، شۇ تۇرقىدا يۈسۈپ بىلەن تازا بىر جۇۋاۋلاشقۇسى بار ئىدىيۇ ئۆزىدىن چوڭ ، پىشقەدەملەرنىڭ ئالدىدا سەت تۇرمىسۇن دىگەن چېغى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئىدى .
- ئەمدى نەچچە مىنۇت كىچىككەنگە جاھان ئوڭ تەتۈر بولۇپ كەتمەيدۇ ، ئەمما بۇ ئورۇننىڭ خارەكتىرى ئوخشىمايدۇ ، كىچىكىپ قالغان شۇ مىنۇتتا جىددىي قۇتقۇزۇشقا تىگىشلىك بىمار كىلىپ قېلىپ ۋاختى سائىتى ئۆتۈپ كىتىپ قالسا جانغا تاقىشىدىغان گەپ ، كىچىككەن شۇ مىنۇتتا بىمارنىڭ دورا ئىچىش ۋاختى ۋە ئۇكۇل ماڭغۇزۇش ۋاختى ئۆتۈپ كەتسە ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن باشقا سالامەتلىكى كەينىگە چىكىنىپ كىتىدىغان گەپ ...
يۈسۈپنىڭ گەپلىرى قارىماققا كۆپچىلىككە قىلىنغاندەك قىلغان بىلەن ئاستىرىتتىن بۇ گەپلەرنىڭ يەنە بىر ئۇچى سارەمگە قىلىنغانمۇ ئىدى .
ئەتىگەنلىك يوقلىما ، يىغىن ئاخىرلىشىپ كۆپچىلىك ئۆز ئىشىلىرىغا مەشغۇل بولۇشقا باشلىدى ، يۈسۈپنىڭ بۇ گەپلىرىنى شەخىسى ئاداۋەت قاتارىدا كۆرگەن سارەم ئىشخانىغا كىرىپلا يۈۈسپنى تىللاشقا باشلىدى .
- ۋاي يۈسۈپ چىللە ، يۈسۈپ سىيگەك ... خۇددى ئۆزى كۈندە تولۇق كىلىدىغاندەك ، بىر كۈنمۇ كىچكىپ باقمىغاندەك قىلىپ كەتكىننى ، شۇ مىنۇتتا بىمارلار كىلىپ قالسا دەپ كەتكىنى تېخى ، ئاي - يىل ئۆتۈپ كەتسە ئەتتىگەن تەرەپتە ئىت مۈشۈكمۇ كەلمەيدۇ بۇ دەڭگە ، شۇ مىنۇتتا دورا ، ئۇكۇل ۋاختى ئۆتۈپ كەتسە دەپ كىتىپتۇ خۇددى نەچچە مىنۇت كىچىكىپ قالغانغا پېيى تارتىشىپ ، كانىي بوغۇلۇپ ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك ...
- ئاداش ، نىمىلەرنى دەپ غودۇراۋاتىسەن ؟
سارەمنىڭ خىزمەتدىشى ئايقىز ئۆزىچە سۆزلەپ كىتىۋاتقان سارەمگە قاراپ سورىدى ، سارەممۇ مۇشۇ پۇرسەتتە يۈسۈپنى تازا تىللاپ ئىچىنى بوشىتۋىلىشنى ئويلىدى .
- نىمە دەيىتتىم ، ئەتتىگەندە ناشتىلىقنىڭ ئورنىغا دەشنەم بەرگەن مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى يۈسۈپنى دەيمەن .
- ھە بايا كىچىكىپ قالغىنىڭ ئۈچۈن دىگەن گەپلىرى ئاچچىقىڭنى كەلتۈرۈپ قويۇپتۇدە ؟
- ئەلۋەتتە ، ئۈنچىلىك قىلىپ كىتىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ ئاخشام كىر يۇيغان ئىدىم يېرىم كىچىگىچە شۇ كىرلەرنى يۇيۇپ بىكار بولالماي ئەتتىگەن سەلپەل كىيىن تۇرۇپ قاپتىمەن .
- ئۇىمۇ دەيمىز ، بۇنىمۇ دەيمىز ئاداش نىمىلا دىگەن بىلەن بىزنىڭ باشلىقىمىز بولغاندىن كىيىن گېپىنىڭ ھەممىنى ئورۇنداپ بولالمىساقمۇ < ھە > دەپ قويساق بولىدۇ .
- ۋاي نىمىسىنى دەيسەن ، باشلىقمىش ...،ئىشۇ يېشىدا مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى بولۇپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قابىليىتى ، ئۇنۋانىغا باغلىق ئەمەس ، ھەممىنىڭ سەۋەبى دادىسى ...
- دادىسى ، نىمە ئۇ چۈشىنەلمىدىمغۇ ؟
- شۇنىمۇ بىلمىگەن ، بۇ يۈسۈپنىڭ دادىسى خەلق ئىشلار ئىشخانىسنىڭ باشلىقى يەنى جاڭزاخاننىڭ باشلىقى بىلدىڭمۇ ؟
- ۋۇيەي ئاداش سارەم ، ئەمىسە تېخىمۇ دىققەت قىلساق بولغۇدەك ...
- نىمىسنى دەيسەن ؟
- بۇ يەردە ئوغلىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويساق دادىسىغا ۋەز ئېيتىپ قالسا ئىشلىرىمىز تەسكە چۈشۈپ كەتمەمدۇ ؟
- ۋىي ماۋۇ گەپنى ئەمدى ، ئەرگە تىگەلمەي قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەپ كىتىپسەندە ؟
- ۋاي ئۇنداققۇ ئەمەس ئاداش ، كۆزدە تۇتقىنىم مەن ئەمەس ، بىزنىڭ ئاچا - سىڭلىمىز ، ئاكا - ئۇكىلىرىمىز بار ئەمەسمۇ ...
- خاتىرەڭنى جەم قىلغىن ئاداش ، بۇ يۈسۈپنىڭ دادىسى ھالۋىغا پوق ئارلاشتۇرۇپ قويسا ھالۋىنى دەپ بولسىمۇ پوقنى سۈزىۋىتىشتىن يانمايدىغان ئادەم .
- ۋۇي شۇنداقمۇ ، ئەمىسە يامان بەك ئىنساپسىزكەندە ؟
- شۇنى دىگىنە ئۇ ئادەمنى ھەممە ئادەم بەيتۇللا دەيدىكەن .
- بەيتۇللا ؟ شۇنداقمۇ ئىسىم بولامدۇ ئەمدى ؟
- بەيتۇللا دىگىنى باي ، ھەممە ئادەم ئالدىغا بېرىشنى ئارزۇ قىلدىىغان ...دىگىنى بولمامدۇ ساراڭ .
- ۋۇ خا خا خا .... ۋاي ماۋۇ گەپلەرنى كۆرۈڭ ، راسىت ، راسىت ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر گەپ بولۇپتىغۇ بۇ ...
- ئەبەيدۇللا ، بەيتۇللا ..ئەگەر شىئىر يېزىشنى بىلگەن بولسام بەك ئوبدان قاملىشاركەن بۇ ئىككى گەپ .
- ۋۇ خا خا خا ... ۋاي ئۇچىيىم تارتىشىپ قالدى ئاداش ، بەك كۈلدۈرۋەتتىڭ مىنى ۋۇ خا خا خا ....
سارەمنىڭ خىزمەتدىشىنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئىشخانا سىرتىغىمۇ ئاڭلىنىپ كەتتى ، سىرىتقا چىقاي دەپ ماڭغان يۈسۈپ بۇ قاتتىق كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ قەدىمىنى سارەملەرنىڭ ئىشخانىسغا قاراپ يۆتكىدى .
- ھە بۈنچە قاقاقلاپ كۈلىدىغان رىستۇراننىڭ ئايرىمەخانىسىما بۇ ؟ خوش بولۇپ كىتىپ ئۆزلىرىنى باسالماي قېلىشقان بولۇشسىلا ئېغىزلىرىنى سەككىز يىپلىق قىلىپ تىكىپ قويايمۇ يە ؟ تازىمۇ بىر قاملاشمىغان ... كارىدوردىكى < تىنچ > دىگەن خەتنى پىشانىلىرىگە ئېسىشىپ قويايلىمۇ يا ؟
يۈسۈپ گەپنى دەپ بولۇپلا سارەملەرنىڭ بىرەر ئېغىز نارازىلىقى ۋە ياكى ئىپادىسىنى كۈتمەيلا چىقىپ كەتتى ، بۇ گەپلەرگە تېخىمۇ بەك خۇيى تۇتۇپ قالغان سارەم دەرىزە تەكچىسىدىكى بىر تەشتەك گۈلنى ئېلىپلا يەرگە تاشلىدى .
- خەپ سىنى ، خەپ سىنى يۈسۈپ ، سەندىن قانداق ھىساپ ئالىمەنكىن قېنى قاراپ تۇر !
سارەم ئاچچىقىدا بۇ گەپلەرنى قىلدىيۇ گېپىنى يۈسۈپنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىدى ، سارەمنىڭ نىمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولغا يۈسۈپ ئىشىكتىن يىراق كەتمىگەن ئىدى .
- ھە نىمە قوڭ چاقىمىز ؟ ئىشلىسەك ئىشلەيلى خان ، بولمىسا ئۆيگە بېرىپ پادىمىزنى باقىلى ...
يۈسۈپنىڭ يەنە بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق گەپ قىلغۇسى بار ئىدىيۇ ، سارەمنىڭ شۇنداق غەزىپى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى زىدە قىلىپ قويماي دىدىمۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا ئۇدۇل سرىتقا چىقىپ كەتتى .
- سارەملەر تىنىچلىنىپ قالدى ، گەرچە ئىچىدە شۇنداق ئاچچىقى ، نارازىلىقى بولسىمۇ ئۈنتۈنسىزلا قالغان ئىدى .
يۈسۈپ شىپاخانا قوراسىغا چىقىپ سارەمگە قىلغانلىرىغا سەل پۇشايمان قىلىپ قالدىيۇ ئۇنىڭدىن ئۆزرىھالىق سوراش ۋە ئۇنىڭ چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىشنى ئويلاپ باقمىدى ، سەۋەبى يۈسۈپنىڭمۇ بوينى قاتتىق ، بىرسىدىن ئالدىراپ كەچۈرۈم سورىمايدۇ .
ئۇنى - بۇنى دەپ چۈشلۈك تاماق ۋاختى كىلىپ قالغان ئىدى ، يۈسۈپ ئەمدىلا تاماققا چىقاي دەپ تۇرىشىغا ھېلىقى نۇرئەمەتنىڭ موتسىكىلىىتىنى تەييار قىلىپ تۇرغىننى كۆرۈپ ئىچىدە چوقۇم يەنە سارەمنى ساقلاۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىدە نۇرئەمەتنى چاقىردى .
- نۇرمەت ھوي نۇرمەت بۇياققا كەلگىنە !
ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان نۇرمەت يۈسۈپنىڭ چاقىرىشى بىلەن موتسىكىلىتىنى گۆررىدە قوزغاپ يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كەلدى .
- نىمە ئىش يۈ يۈەنجاڭ ؟
- موتسىكىلىتىڭنى بۇرىغىنە بىر يەرگە بېرىپ كىلەيلى .
- نە نەگە بارىمىز ؟
- بارغاندا بىلىسەن ئاۋۋال رولىنى بۇرا .
نۇرئەمەتنىڭ سارەمنى ساقلاۋاتقىنى ئېنىقلا ئىدى ، شۇڭىمۇ ئانچە ئاكتىپ بولمىغان ھالەتتە موتسىكىلىتنىڭ كەينىگە يۈسۈپنى مىندۈردى .
ئىزغىرىن شاماللار قاتناش قورالىدا ماڭغان كىشىنىڭ يۈزلىرىگە ئۇرۇلۇپ ئاز تولا توپا ، چاڭلار بىلەن قوشۇلۇپ كۆزلىرىنى قىسشقا زورلايىتتى .
نۇرئەمەت يۈسۈپنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن يىراقى بىر كەنىتكە يىتىپ باردى ، نۇرئەمەت ئانچە قىزغىن ئەمەس ئىدى بىراق يۈسۈپ ئۇنىڭ باشلىقى بولغاچقا گەپ قىلسا يىرالمايىتتى .
- كەنت قوراسى دەرۋازىسنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى كۆرگەن يۈسۈپ نۇرئەمەتنى دەرۋازىنى  قېقىشقا ئۈندىدى ، دەرۋازا قېقىلىشى بىلەن تەڭ ياندىكى ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىن بىرەيلەن تىزلا چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئۇلارنى كۈتىۋالدى .
- ۋوي كەسىلە يۈەنجاڭ كەسىلە ....قەدەملىرى يىتىپ قاپتۇ .
يۈسۈپ ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن قورا ئىچىگە كىرىپلا گەپ سوراشقا باشلىدى .
- ھە ھازىرمۇ ئەيساكام سىكىلتارمۇ ؟
- ھەئە شۇنداق .
- كەنىت شىپاخانىسنىڭ ئىشلىرى قانداقراق ؟
- خەۋەلىرى بولمىسا كىرەك يۈەنجاڭ ، شىپاخانا ئىشخانىسىغا قارايدىغان تىللاخاچام تۇغۇتلۇق بولۇپ قېلىپ بىر قانچە كۈن بولدى ئۆيسىىدە ...
- ھە راسىت ، ئالغىنقى قېتىم كۆرۈشكىنىمدە قورسىقى خىلى چىقىپ قاپتىكەن .
- شۇ ھەئە قوشكىزەك تۇغۇپتىمىش .
- يامان ئاچىمىزدە ئۇ ...
يۈسۈپ ئانچە مەنسىتمىگەن ھالەتتە دەپ قويۇپ ھېلىقى دەرۋازىبەننى كەنىت شىپاخانىىسى ئىشخانىسنىڭ ئىشكىنى ئېچىشقا بۇيرىدى ، ئۇ كىشى تىزلا ئىشىكنى ئېچىپ يۈسۈپنىڭ كەينىدە قولقوشتۇرۇپ يوليۇرۇق بىرىشىنى كۈتىۋاتقاندەك ھالەتتە تۇراتتى .
- توپا بېسىپلا كىتىپتۇ بۇ ئىشخاننى تازلاپ قويساڭلا بولماسمىدى .
- ھە مەن تازلاي ، مەن تازلاي يۈەنجاڭ ...
شۇ كەمدە نۇرئەمەتنىڭ ئىچى تىتىلداپ كەتكىنى چىرايىغا چىقىپ بولغان ئىدى ، يۈسۈپكە بولسا بۇ بىر ئويۇندەك بىخارامان ئىشخانا ئىچىنى زىيارەت قىلىپ ، ماتىرياللارنى كۆرۈپ ۋاقىتنى قەستەن كەينىگە سۈرۈۋاتقان ئىدى .

داۋامى بار ...  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-15 08:00 PM  


مۇھتاجىلىق بەك يامان

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:41:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇسى جان  ئالغۇچى  سېستىرا  سارەم  بولغاندىكىن . ئاۋۇ  يۈسۈپ  سىگەكنىمۇ ، ياكى  ئاۋۇ  نۇر  ئەمەتنىمۇ  ئىككىسىنىڭ  بىرسىنى  ئۆلتۈرۋېتىشى   كېرەك  ئىدىغۇ. ئاخرنىمۇ  چۈشرىۋىتىڭە  ئەمدى. تۈگىدى  دەپلا  تۈگەتمەي

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:44:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ARZUY يوللىغان ۋاقتى  2013-6-4 11:36 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم XERHAN  مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ھىكايىلىر ...

سىزگىمۇ خەيرلىك كۈنلەر ! بۇنداقلا تۈگەپ كەتسە قانداق بولىدۇ ؟
ئەسلى بىراقلا يوللاي دىگەن ئىدىم ،بىراق ۋاقىت ، مۇھىت يار بەرمەيدىكەن شۇڭا بۆلۈپ بۆلۈپ ئۇدۇللۇق يوللايمەن .
ئۈستىگە ئەسكەرتىش بىرىمەن دەپ ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن . تۈگىگەن ۋاقىتتا باشقۇرغۇچى يولداشلار بىرلەشتۈرۈپ بىرىدۇ ، شۇ ۋاقىتتا قولايلىق ...

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:51:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ داۋامى با ھېكايىنى بىرلا يولىسا بولىدۇ ما قادىخان .........
شۇڭا ئوقۇمۇدۇم مەن ..

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 10 ياسالما ئىنكاس !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:59:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-6-4 11:44 AM
سىزگىمۇ خەيرلىك كۈنلەر ! بۇنداقلا تۈگەپ كەتسە قانداق  ...

ئاشۇ ۋاقىتتا خاپا بولماي يوللىۋىتەرسىزمۇ ماڭا يېزىپ بولدۇم دەپ ،سىزنىڭ تېمىڭىزنىمۇ شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم،مانداق ئىلان قىستۇرۇلغان تېمىنى ئۇقۇسام ئۆزۈم سەل بىئارام بولۇپ قالىدىكەنمەن!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 10 ماقۇلە ئەخمىتىكا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:59:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  جۇمۇ، يەنە  تۈگىدى  بىچچارە  سارەم   ئسسقتا  يەنە  قانچىلىك  ساقلا.......

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش