مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4181|ئىنكاس: 6

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ رىقابەتكە قابىللىقى ۋە ئۇلارنىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 07:43:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تورداشلار تور ۋە باشقا ئۇچۇرلاردىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش، پەن- مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىدىن ئاز- تولا خەۋەردار بولۇپ تۇرسىمۇ، ئۇچۇرلارنىڭ ئاز بولىشى سەۋەبىدىن بىر قەدەر ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالماي كەلدى.

بۇ ماقالىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەن- مائارىپ، نەشرىياتچىلىق، يېزىق، دېھقانچىلىق، تىجارەت، ئائىلە- نىكاھ قاتارلىق مەسىلىلەردە نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تورداشلار ئوقۇغاندىن كىيىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ.

ماقالە تىل جەھەتتە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان بولغاچقا، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتكەن. قىسمەن سۆزلۈكلەر رۇسچە ۋە باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغاچقا، يېزىق ئالماشتۇرۇش جەريانىدا تۈزۈتۈپ قويۇشقا قۇربىم يەتمىدى. ئۆز پېتى ئالدىم.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ رىقابەتكە قابىللىقى ۋە ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى

كېيىنكى يىللاردا بىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ، ئىلىم-پەننىڭ، تېخنولوگىيەلەرنىڭ، مائارىپ ۋە بىلىمنىڭ، ئىنساننىڭ كەسپىي تەييارلىقىغا، ماھارىتىگە بولغان تەلەپلەرنىڭ چاپسان ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي ئىتىشىگە گۇۋاھ بولۇۋاتىمىز. مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۈشەنگەن ھالدا، دۆلەت ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى، شۇنىڭ ئىچىدە تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

قازاقىستانمۇ ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك پروگراممىلىرىنى ئىشلەپ چىقىۋاتىدۇ. بىرىنچى نۆۋەتتە، ئەلۋەتتە، پرىزىدىنت نۇرسۇلتان نازاربايىۋنىڭ «قازاقىستان-2050» ئىستىراتىگىيەسى — قېلىپلاشقان دۆلەتنىڭ يىڭى سىياسىي يولى» ناملىق مەكتۈبى — بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېقىن كېلەچەكتىكى ئاساسىي نىشانى. مۇشۇ تارىخىي ھۆججەتنى ئۆگىنىپ، شۇنداقلا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇشۇ تارىخىي باسقۇچتىكى ئورنىنى تەھلىل قىلغاندا پەيدا بولغان ئوي-پىكىرلىرىمنى گىزىتخانلار بىلەن بۆلۈشۈشنى توغرا كۆرۈۋاتىمەن.

ھازىر، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلار ئالدىدا ئاساسەن «مىللىتىمىز زامان ھوۋۇپلىرىغا قانچىلىك دەرىجىدە جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ قانچىلىك دەرىجىدە بىز رىقابەتكە قابىل؟» دېگەن سوئاللارنىڭ تۇرغانلىقى تەبىئىي. شۇ خىلدىكى مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىگەندە، دەررۇ ناتان روتشىلدنىڭ «كىم ئاخباراتقا ئىگە بولسا — شۇ دۇنيانى ئىگىلەيدۇ»، دېگەن ئىبارىسى يادىمغا كېلىدۇ. مەلۇمكى، روتشىلد ناپولىئوننىڭ ۋوتىرلو تۈۋىدىكى مەغلۇبىيىتى ھەققىدە ئاخباراتنى ئىگىلەپ، لوندون بىرجىسىدا 40 مىللىيون فۇنت-ستىرلىڭ تاپقان.

ئاخبارات مەيدانى

شۇنداق قىلىپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قانچىلىك دەرىجىدە ئاخباراتقا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ؟ ئىقرار قىلىشىمىز كېرەككى، باي مەدەنىي مىراسلىرىمىزغا قارىماي، ئۇيغۇر تىلىدىكى زامانىۋى ئاخباراتلار پەقەت ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەسەرلەر شەكلىدە بېرىلىۋاتىدۇ. ھازىر بىزگە ئۇيغۇر تىلىدا قانداق ئاخباراتلارنى ئىگىلەش، ئومۇمەن، مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ؟ بىرىنچى نۆۋەتتە، ئىلىم-پەندىكى، تېخنىكا ساھاسىدىكى ۋە تېخنولوگىيەلەردىكى يېڭىلىقلار توغرىلىق ئاخباراتلار يوق. ھازىر ئالەمدە ئئىنتىرنىت تېخنولوگىيەلىرى، مائارىپ، ئىقتىسات، مېدىتسىنا، شەخسلەر ئارا ۋە ئائىلىدىكى مۇناسىۋەتلەر پسىخولوگىيەسى، نەتىجىدارلىق باشقۇرۇش ئىلمى، مەنىۋى ئەمەلىياتلار تەرەققىي ئېتىۋاتىدۇ، ئەھمىيەتلىك بەدىئىي ئەسەرلەر، شۇنىڭ ئىچىدە بالىلار ئۈچۈن كىتابلار، باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. ئامما بۇ ئاخباراتلارنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىگىلەش ھىلىغىچە قىيىن بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاخبارات مەيدانىنى تەرەققىي ئەتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلى تەرەققىي ئەتمەيدىغانلىغىنى چۈشىنىش ھاجەت.

مۇشۇ يەردە مەن يازغۇچى-شائىرلىرىمىزغا مۇراجىئەت قىلىشنى توغرا كورۈۋاتىمەن. مەلۇمكى، ھەرقانداق ئىجادكارنىڭ ئۆز مەخسىدى بار ۋە ئۇلار ئۆز ئىسىملىرىنىڭ تارىختا قالغىنىنى خالايدۇ. كىتاب چىقىرىش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى، سۆزسىز. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، خەلقىمىزنىڭ تەرەققىياتى، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن بۇ، ئەلۋەتتە، ئازلىق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دۇنيا ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەرىيانىنى باشلاش ناھايىتى مۇھىم.

ھازىر بەزىلىرى: «ئۆزىمىزنىڭ كىتابلىرىنى نەشر قىلىشقا مەبلەغ يوق چاغدا، تەرجىمىنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟» دېيىشى مۇمكىن. ئامما بۇ كۈنلەردە كىتاب، گىزىت-يۇرناللارنى نەشر قىلمايلا، ئىنتىرنىت ئارقىلىق نۇرغۇن ئاخباراتنى ئىلىشقا بولىدۇ. ھازىر ئىنتىرنىت بارلىق ئاھالىلىق پۇنكتلاردا بار. دېمەك، ئىنتىرنىتتا يورۇق كۆرگەن ھەرقانداق ئاخباراتنى ھەرقانداق خالىغۇچى ئالالايدۇ.

زامانىۋى تېخنولوگىيەلەرنى پايدىلىنىش ھەممىمىزگە ئاخبارات مەيدانىنى شەكىللەندۈرۈشكە مۇمكىنچىلىك يارىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز بىلىمىنى قانداشلىرىنىڭ مەنپەئىىتى ئۈچۈن ئىشلىتىش خاھىشى بولۇشى كېرەك ۋە ئاخباراتنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش زۆرۈر. ئاخباراتنى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئئىنتىرنىتتىكى سايتلاردا ئېلان قىلىشقا بولىدۇ ياكى يىڭى سايتلارنى ئىچىش كېرەك. مەسىلەن، بىز بارلىق ئاخباراتلارنى ئۆگىنىپ، www.aqhun.kz سايتىنى ئاچتۇق. بۇ جەرىيانغا سالاھىيەتلىك، بىلىملىك شەخسلەرنىڭ ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇشىغا ھېچ قانداق توسالغۇلۇق يوق. پەقەت خاھىش بىلدۈرسە بولغىنى.

ئاخبارات مەيدانىنىڭ تەرەققىي ئېتىشى بىزنىڭ رىقابەتكە قابىل ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى تاڭدا زامانغا لايىق بىلىمسىز، زامانىۋى تېخنولوگىيەلەرسىز ۋە مىتودىكىلارنى بىلمەي، سالاھىيەتلىك مۇتەھەسسىس بولۇش قىيىن. بىزنىڭ دىھقانلىرىمىز، چارۋىچىلىرىمىز دىھقانچىلىقنىڭ زامانىۋى تېخنولوگىيەلىرى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىڭى سورتلىرى، ماللارنىڭ يىڭى نەسىللىرى، ئوغۇتلار ۋە دورا-دەرمەك ئۆسۈملۈكلىرى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نەتىجىدارلىغىنى ئاشۇرىدىغان يىڭى تېخنولوگىيەلەر توغرىلىق ئاخباراتلارغا موھتاج. ئاخباراتنىڭ يوقلۇقىدىن بىزنىڭ فىرمىرلىرىمىز قازاقىستاندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت پروگراممىلىرىدىن سىرتتا قالماقتا. مەسىلەن، بۇنىڭدىن ئۈچ-تورت يىل ئىلگىرى باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش بويىچە پروگرامما ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ھازىر بولسا، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش پروگراممىسى ئىشلەۋاتىدۇ. مۇشۇ پروگراممىلار دائىرىسىدە نېسىيەلەر، ئايرىم ئىمتىيازلار تەۋسىيە قىلىنماقتا.

مەلۇمكى، ئوتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا تاماكا ئوستۈرۈش قولغا ئىلىنغان ئىدى. ئەگەر شۇ ۋاقىتتا دىھقانلىرىمىز تاماكا ئوستۈرۈشنىڭ ۋە ئۇنى قۇرۇتۇشنىڭ تېخنولوگىيەسىنى، تەبىئەت شارائىتىغا مۇۋاپىق تاماكا سورتلىرىنى ۋە ھاجەت بولغان ئوغۇتلارنى تاللاشنى بىلگەن بولسا، ۋاقىت، ئەمگەك ۋە مەبلەغ بىكارغا كەتمىگەن بولار ئىدى. يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقكى شۇ ۋاقىتتا دىھقانلىرىمىز ئوستۈرگەن تاماكىنىڭ سۈپىتى ناچار بولغانلىقتىن، ئۇنى سېتىش مۇمكىن بولمىدى.

تەرەققىي ئەتكەن ئاخبارات مەيدانى بالىلار ئۈچۈن ھاجەت. بىرىنچى نۆۋەتتە، ئانا تىلىدا ئوقۇش ۋە تەرەققىي ئېتىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. بىزنىڭ تىلشۇناس ئالىملىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز، جەمئىيەت ئەرباپلىرىمىز مىللەتپەرۋەرلىك تۇرغۇسىدىن بالىلارنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشنى تەرغىبات قىلىپ كەلمەكتە. ئامما ئايرىم ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشقا ئالدىرىمايۋاتىدۇ. نېمىشقا؟ بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئالغان بالىلارنىڭ ئىستىقبالى توغرىلىق مەسىلە كوتىرىلىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز پىكىرلىرىنى ئېنىق يەتكۈزۈشكە سالاھىيەتسىز بولۇپ قالماقتا. ئۇلارنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار مۇشۇنداق بىلىم بېرىشنىڭ تار دائىرىلىك ئىكەنلىكىدىن گەۋەردار ھەم ئۆز بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە مۇتەھەسسىسلىك تاللاشتا كەڭ مۇمكىنچىلىكلەرگە ئىگە بولۇشىنى خالايدۇ. ئاخبارات مەيدانىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش ھەممىمىز ئۈچۈن ھاجەت ۋە پايدىلىق. بۇ يۆنىلىشتە ئۇتۇقلۇق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرساق، كېلەچەكتە بىزگە ئۆز ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ، تەرەققىي ئەتكۈزۈشكە يول ئىچىلىدۇ. ئاخبارات ئىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش بىزگە بىلىم ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن يۈكسىلىنىشكە زېمىن يارىتىدۇ.

تىخى يېقىندىلا پرىزىدىنتىمىز نۇرسۇلتان نازاربايىۋ ئۇمۇمبىلىم بېرىش مەكتەپلىرىدە بىرىنچى سىنىپتىن تارتىپ ئىنگلىز تىلىنى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى قويدى. ئامما بىزدە مۇشۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن لازىم بولغان كادىرلار بارمۇ؟ بالىلارغا سۈپەتلىك بىلىم بېرىدىغان ئۇستازلار بارمۇ؟ رىقابەتكە قابىل باھالار بىلەن سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا بىزنىڭ دىھقانلىرىمىزنىڭ ۋە فىرمىرلىرىمىزنىڭ سالاھىيىتى يىتەمدۇ؟ تىجارەتچىلىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئەمگىگىنىڭ نەتىجىدارلىغى قانچىلىك؟

تەكىتلەش كېرەككى، كادىر مەسىلىسى ھەممە جايدا مويۇت. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 — 80-يىللىرى، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىللىرىنىڭ يىقىنلىغى تۈپەيلى كۆپلىگەن مۇتەھەسسىسلىكلەر بويىچە ئۇيغۇرلار تاشكەنتنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىلىم ئالدى. بۇ يىللاردا ئاگرونوملار، ئىقتىساتچىلار، خىمىكلار، ژۇرنالىستلار، ئۇستازلار، ئىنجىنىرلار تەييارلانغان ئىدى. بۈگۈن بولسا، يىڭى كادىرلارنى تەييارلاش دائىرىسى تارايدى. مەلۇمكى، ئوتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بەزىلەر بەزى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ياش كادىرلارنى ئوقۇتۇش كېلىشىملىرى بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئامما بۇ يۆنىلىشتىكى ئىشلار تامامەن توختاپ قالدى. يەنى بۇ يەردە ئاخباراتنىڭ يوقلۇقى بىلىم ئىلىش ۋە ياش كادىرلارنى تەييارلاش مۇمكىنچىلىكلىرىدىن پايدىلىنىشقا توسالغۇ بولماقتا.

ئەلۋەتتە، ئاخبارات مەيدانىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش توغرىلىق كوپ تەرغىبات قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭ ھاجەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىمىز مۇمكىن. ئامما ئېنىق مىساللارسىز ئۇنى ئېنىق چۈشىنىش قىيىن. شۇڭلاشقا تۆۋەندە بىر نەچچە مىساللارنى كەلتۈرۈشنى توغرا كورۈۋاتىمەن.

ئائىلىۋىي مۇناسىۋەتلەر

بىزنىڭ ھەرقانداق ئۇتۇقلىرىمىز ئائىلە ۋە ئائىلىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئاساسلانغان. مۇستەھكەم ئائىلەۋىي مۇناسىۋەتلەرنى يارىتىشقا ياردەم بېرىدىغان بىلىملەر پەقەت شەخسىي تەجرىبە ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلارنىڭ مەسلىھەتلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىشى مۇمكىن. ھازىر بۇ ساھادىكى بۇرۇندىن كېلىۋاتقان بىلىملەر يوقاپ كېتىپ بارىدۇ. بىراق مۇشۇنداق مۇھىم بىلىملەر ئايرىم ھەلىقلەردە ساقلىنىپ قىلىۋاتقانلىقى ھوشال قىلىدۇ. بىز مۇشۇ بىلىملەرنى خەلقىمىزنىڭ ۋە ئۆزىمىزنىڭ مەنپىيىتى ئۈچۈن پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

سىر ئەمەسكى، ھەرقانداق ئائىلىدە مۇناسىۋەتلەر ھەرتۈرلۈك. ئامما ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر تۇرغىدىن قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە، ئاياللارنىڭ كوپچىلىگى ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسىدىكى بەختكە پەقەت ماددىي بايلىق ئارقىلىق يىتىشكە بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئەر كىشىلەر بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كەيپ-ساپا سۈرۈشىگە ھېچ كىمنىڭ كاشىلا بولماسلىقىنى خالايدۇ. ئەگەر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ كىلەچىگىنى ئويلاپ، بىراق شۇ مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن ئېنىق بىر چۈشەنچىسىنىڭ ياكى رىجىسىنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلى ھاياتتا ئۆز ئورنىنى تاپالمىسا، ھاراق ئىچىشكە باشلايدۇ. گىزىتخانلارنىڭ يادىدا بولسا كېرەك، يېزىلاردا كولخوزلار تارىتىلغاندىن كىيىن، مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەردى. يەنى ئۇلار ئاقچا تېپىش مۈمكىنچىلىگىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ھاراق ئىچىشكە باشلىدى. ئەر كىشىلەرنىڭ ھاراقكەشلىككە بېرىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۇلار ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمۈتىنى ئاقلىيالماي قالغان پەيتتە بولىدۇ. چۈشىنىشلىككى، ھەرقانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەندىنىڭ ئۇتۇقلارغا يىتىپ، ھاياتتا ئۆز ئورنىنى تاپىدىغىنىغا ئۈمىد قىلىدۇ. ئامما پەرزەنتلەر ھەردايىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمۈتىنى ئاقلالمايدۇ. شۇڭلاشقا پەرزەنتلەر ئاتا-ئانا ئالدىدىكى گۇناھىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا يەنە قىيىن مەسىلىلەر تۇغۇلۇپ، ئەر كىشىلەر ھاراقكەشلىككە بېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئەجدادلىرىمىزدا ئائىلىدىكى ئەر كىشى ۋە ئايالنىڭ ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئېنىق چۈشەنچىلەر بولغان. بۈگۈنكى تاڭدا بۇ چۈشەنچىلەرگە ئەمەل قىلىش سۇسلاشماقتا.

ئايالنىڭ ئائىلىدىكى رولى يېتەكچى بولغانلىقتىن، ئائىلىدىكى ھەرقانداق ئۇتۇق ۋە بەختسىزلىك كوپ جەھەتلەردىن شۇلارنىڭ قولىدا. ھازىر بەزى چاغلاردا ئەر كىشىلەر ئاياللارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئاياللار بولسا، ئەر كىشىلەردەك پائالىيەت يۈرگۈزمەكتە. ئەر كىشىلەر بۇ ئەھۋالدا ئاياللارنى ئەيىبلىسە، ئۆز نۆۋىتىدە ئاياللار ئۇلارنى ئەيىبلىمەكتە. مېنىڭچە بولسا، بۇ يەردە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ گۇناھى بار. ئاياللار ئەر كىشىلەرگە ئوخشاش ھاياتتا ئۇتۇقلارغا يەتكۈسى كېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەر كىشىلەرنى يەكلەشكە ئىنتىلىدۇ. بۇ جەمئىيەتتىمۇ ۋە نۇرغۇن ئائىلىلەردىمۇ يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال.

ھازىر يەنە شۇنداق چوڭ پروبلىمىلارنىڭ بىرى يىشى يەتسىمۇ تۇرمۇشقا چىقمىغان قىزلار سانىنىڭ كوپىيىۋاتقانلىغى. ھەتتا ئۇلارنى ئائىلە قۇرۇشقا ئىنتىلمايۋاتىدۇ، دەپ ئىيتىشقىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى نېمىدە؟ ئادەتتە، ئىش بابىدا ئۇتۇقلارغا يىتىپ، ماددىي بايلىققا ئېرىشىش، بىلىم ئىلىش جەريانىدا بەزى قىزلاردا ئەر كىشىلەرگە خاس مىجەز-خۇلۇقلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەر كىشىلەرگە بولغان، شۇنىڭ ئىچىدە ماددىي بايلىققا بولغان تەلەپلىرىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. ئامما ئەر كىشىلەر مۇنداق قىزلاردا پەقەت ئىش بىلەرمەن شەخسكە خاس تەرەپلەرنى كۆرىدۇ. دېمەك، ئۇلارنى كويۈمچان ۋە مىھرىۋان ئانا سۈپىتىدە قوبۇل قىلالمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدىن چىقىشنىڭ پەقەت بىرلا يولى بار. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئايال ئۆزىنىڭ ئانىلىق خىسلەتلىرىنى يوقاتماسلىغى كېرەك. بىرىنچى نۆۋەتتە، كويۈمچان ۋە مىھرىۋان بولغانلىقى ئەۋزەل.

ئەجەبلىنەرلىك يېرى، ئائىلىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلەشكەندا، ياش قىزلار، نىمىشقىدۇ، كۆپىنچە ئىلگىرى ئاجرىشىپ كەتكەن دوستلىرىغا ياكى تۇغقانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، ئاجرىشىپ كەتكەن ئايال بۇ قىزغا قانداق مەسلىھەت بېرىشى مۇمكىن. ئۇ پەقەت ئائىلىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى جىددىيلەشتۇرۇپ، ئاجرىشىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن. مېنىڭچە بولسا، مەسلىھەت سوراپ، ئىجابىي ئائىلىۋىي تەجرىبىسى بار شەخسلەرگە مۇراجىەت قىلغان توغرا.

قۇدرەتلىك كۈچلەر

بىز بەزى چاغلاردا ئۆزىمىزنى تۇتۇشنى بىلمەي، كوپ ۋاقتىمىزنى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش، يامان كەيپىياتىمىزنى كوتىرىشكە سەرپ قىلىمىز. ئەسلىدە ئۇنى كۈچ-قۇۋىتىمىزنى، سالامەتلىكىمىزنى ساقلاش، ھاياتىمىزنى ياخشىلاش، بەخت ئۈچۈن سەرپ قىلغىنىمىز توغرا بولاتتىمىكىن. ئەپسۇس، بەزىدە قېلىپلاشقان مۇرەككەپ ئەھۋاللاردا نېمە قىلىشنى بىلمەي، باش قاتۇرىمىز. نېمە ئۈچۈن ھاياتىمىز قىيىنلىشىپ كېتىپ بارىدۇ؟ سەۋەبى، بىز ئۆز كۈچىمىزنى توغرا يولغا سەرپ قىلىشنى بىلمەيمىز. خاتالىقلارنى ئەۋەتىپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن پروبلىمىلارنى پەيدا قىلىمىز.

دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ — ۋاقىتنىڭ كۈچى. بۇ كۈچكە ھېچكىم تاقابىل تۇرالمايدۇ. پەقەت ۋاقىت بىلەن ئاھاڭداش ياشاش مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت تەلىپىگە رىئايە قىلىش، ھەرقانداق ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ۋىجدان بىلەن ياشاش، قانداق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرۇش، ھايات باسقۇچلىرىدا قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش چۈشەنچىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش ھاجەت. ئەقىللىك ئادەملەر يۈز بېرىۋاتقان ھەرقانداق ۋاقىئەنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، خۇلاسە چىقىرىپ، نېمە قىلىش كىرەكلىگى توغرىلىق مۇقىم قارارغا كېلىدۇ.

قۇدرەتلىك كۈچلەر بىزگە بەخت ياكى تەشۋىشلەرنى ھەدىيە قىلىشى مۇمكىن. شۇ ئارقىلىق بىزگە دۇرۇس ھايات كەچۈرۈشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەن قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ نېمىگە قادىرلىقىنى توغرا چۈشىنىپ، قانۇنىيلىقىنى ئىقرار قىلسام، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە بىقىنىمەن ۋە شۇنىڭغا رىئايە قىلىشقا تىرىشىمەن. مەسىلەن، قۇياش چىققاندا، دۇنيا ئويغىنىدۇ. دېمەك، مەنمۇ ئويغىنىشىم كېرەك. ئاي چىققاندا بولسا، دۇنيا جىم-جىتلىققا چۆمىدۇ. يەنى مەنمۇ شۇنىڭغا بىقىنىشىم ھاجەت. كۈن تەرتىۋىنىڭ باشقىمۇ ئىلىمىنتلىرى قۇياش ۋە ئاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئۆزىنى قانداق تۇتۇشنى چۈشەنسە، بەختكە ئېرىشىشى مۇمكىن.

بەزى چاغلاردا ئىنسانلار قۇدرەتلىك كۈچلەرگە قارشىلىق بىلدۈرۈشكە ئىنتىلماقتا. مۇنداق ئادەملەر كېچىسى ئۇخلاشنىڭ ئورنىغا، كۈندۈزى ئۇخايدۇ. دېمەك، ئۇلار كېچىسى تاماقلىنىدۇ ھەم ئەمگەك قىلىدۇ، دېگەن سوز. يەنى كۈن تەرتىۋىگە رىئايە قىلماسلىغىنىڭ سەۋەبىدىن، ئىنساننىڭ كۈچ-قۇۋىتى ئاجىزلىشىپ، ئاغرىقچان ۋە بەختسىز بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئاقىۋەتتە، ئۇلار بەخت چۈشەنچىسىدىن چەتنەپ، ئۆزىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش ئىختىدارىنى يوقىتىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتىگە، ۋاقىئەلەرنىڭ قانۇنىيلىقىغا قارشى چىقىپ، دائىم تەشۋىشلەر ئىلىكىدە ياشايدۇ. ئامما تەبىئەتكە قارشى چىقىش مۇمكىن ئەمەس. بىز ھېچقاچان قۇياشتىن كۈچلۈك بولالمايمىز.

ھەرقانداق ئىنسان ئۈچۈن كېچىسى سائەت 22.00دىن 24.00غىچە ئۇخلاشنىڭ ئادەمنىڭ پسىخىكىسىغا مۇھىملىقىنى چۈشىنىش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ بارلىق ئەسەب سىستېمىسى دەم ئالىدۇ. ئۇيقىسىزلىق ئادەملەردە تەشۋىشلەرنى، يامان كەيپىياتلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئېنىق.

زامانىۋى تېخنولوگىيەلەر

ھازىر زامانىۋى تېخنولوگىيەلەر بىزگە ناھايىتى چوڭ مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئاخباراتنىڭ يوقلۇقىدىن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمەيۋاتىمىز. بۈگۈنكى تاڭدا دۇنيادا نۇرغۇنلىغان سودا ئىشلىرى بازارلاردا ئەمەس، بەلكى ئىنتىرنىت دۇكانلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. ئىنتىرنىت ئارقىلىق ھازىر كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىم، كومپيۇتېر، تېخنىكا، قىسقىسى، ھەممە نەرسىنى سىتىۋىلىشقا بولىدۇ.

ھازىر ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇش قوللانمىلىرىنىڭ، دەرسلىكلەرنىڭ يىتىشمەيۋاتقانلىغى توغرىلىق كوپ ئىيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر، بىز بالىلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا يىڭى تېخنولوگىيەلەر تۇرغۇسىدىن قارايدىغان بولساق، ئىلىكترونلۇق دەرسلىكلەرنى تەييارلاش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇۋاتىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناھايىتى پايدىلىق. كىتاب، دەرسلىكلەرنى چىقىرىش، ئۇلارنى تەييارلاش ئۈچۈن كوپ مەبلەغ كېرەك. بەزى چاغلاردا مەزكۇر دەرسلىكلەردە كوپ خاتالىقلارغا يول قويۇلۇۋاتقانلىغىمۇ سىر ئەمەس. ئەمدى بۇ خاتالارنى جۆندەش ئۈچۈن يەنە مەبلەغ ھاجەت بولىدۇ. ئىلىكترونلۇق دەرسلىكلەرنى نەشر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. خاتالار بولغان ھالەتتە، ئۇنى تىز ئارىدا جوندىۋىتىش مۇمكىن. ئۇستازلار بىلەن ئاتا-ئانىلارغا بالىنىڭ ئوقۇشىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشمۇ ئوڭاي بولىدۇ. بەزىدە ماڭا ھەرقانداق ئائىلىنىڭ كومپيۇتېرنى سىتىۋىلىشىغا مۇمكىنچىلىكى يار بېرەمدۇ، دەپ سوئال قويۇشى مۇمكىن. ھازىر زامانىۋى، كىچىك قۇلايلىق نىتبۇكلارنىڭ باھاسى 18 — 20 مىڭ تەڭگە ئەتراپىدا. مۇنداق مىقداردىكى مەبلەغنى ھەربىر ئاتا-ئانا تاپالايدۇ دەپ ئويلايمەن.

ھازىر يېزا يەرلىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زامانىۋى تېخنولوگىيەلىرىنى بىلىش ھاجەت. مەسىلەن، ئاز ئىنىرگىيەنى تەلەپ قىلىدىغان زامانىۋى تېخنىكا ئالما ۋە ئورۈكلەرنى تىز ئارىدا ئىچىدىغان شىرنە-شەربەتكە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. دۇكاندا 2 لىترلىق ئەينەك بانكىدىكى شەربەتنىڭ باھاسى 200 تەڭگىدىن كەم ئەمەس. كونسىرۋىلانغان چەيزىنىڭ باھاسى 250 تەڭگە. بىز بىلىمىزكى، يازنىڭ كۈنلىرى چەيزىنىڭ 1 كىلوگراممىنى چېلەك ئەتراپىدا 30 تەڭگىدىن ئىلىشقا بولىدۇ.  دېمەكچى بولغىنىم، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېخنولوگىيەلىرى بولمىغانلىقتىن، ھەرقانداق توۋارنى بىز دۇكاندىن سىتىۋىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز. بەزى چاغلاردا يېزىلاردا ھەتتا ھوسۇل يىغىلماي، ئىتىزدا قالىدىغان پەيتلەرمۇ بولىدۇ. ئەگەر دىھقانلىرىمىز زامانىۋى تېخنولوگىيەلەر بويىچە ئىشلەشنى بىلگەن بولسا، مۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرمەتتى. قازاقىستاندا ھازىر بالىلارغا بىغىشلانغان ئۆزۇق-تۈلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چەت ئەللەردىن كەلتۈرۈلىدۇ. شۇلارنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە، مەسىلەن، ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى سېلىشقا بولماتتىمۇ؟ ئۇيغۇر ۋە پانفىلوۋ ناھىيىلىرىدە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى تامامەن يوق. بارلىق مەھسۇلات باشقا رىگىونلاردىن كەلتۈرۈلىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش قولغا ئىلىنغان بولسا، ئىش ئورۇنلىرى پەيدا بولۇپ مەبلەغ تېپىش مۇمكىنچىلىكلىرى يارىتىلاتتى.

ھازىر ئا ق ش دا كوپ قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ چىدىرلىرىنى يېپىش ئۈچۈن تەبىئىي لاندشافت تېخنولوگىيەسىنى قوللىنىش كەڭ قانات يايماقتا. يەنى چېدىرلارغا توپا يىيىتىلىپ، ئۆسۈملۈكلەر تىكىلىدۇ. يازنىڭ كۈنلىرى مۇشۇ تېخنولوگىيە ئىلىكتر ئىنىرگىيەسىنى پايدىلىنىشنى 30 پايىزغا قىسقارتىشقا مۇمكىنچىلىك يارىتىدۇ. بۇ تېخنولوگىيەلەرنى ئۇيغۇرلار ئىلگىرىدىنلا پايدىلىنىپ كەلگەن ئەمەسمىدى. يادىمىزدا بولسا كېرەك، بۇنىڭدىن 40 — 50 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويلىرى شىفىر بىلەن يىپىلمايتتى، پەقەت ئۈستىگە قىلىن توپا چىقىرىلاتتى.

كىرىللىتسىدىن (ئىسلاۋىيان يېزىقى)لاتىن ھەرپىگە ئوتۈش مەسىلىسى

پرىزىدىنت نۇرسۇلتان نازاربايىۋ 2025-يىلغىچە لاتىن ھەرپىگە ئوتۈش ۋەزىپىسىنى قويدى. بۇ ناھايىتى كوپ ئەمگەكنى، مەبلەغنى تەلەپ قىلىدىغان جەرىيان. مەسىلەن، ئۆزبەكستان 14 يىل ئىلگىرى مۇشۇ جەرىياننى باشلىغان ئىدى. ئامما تىخىچە بۇ جەرىيان داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىزگىمۇ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغىمۇ، لاتىن ھەرپىگە ئوتۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. بىز بۇ ئىشتا ياۋروپا ئۇيغۇرلىرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئالفاۋىتنى (ئىلىپبە) ئاساس قىلىۋېلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، تۈركىيە ئىلىدا يورۇق كورۈۋاتقان ئۇيغۇر نەشرلىرى لاتىن ھەرپىدە تەييارلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يىڭى ئالفاۋىتنى يىڭى قازاق ئالفاۋىتى بىلەن كوپ جەھەتتىن يىقىنلاشتۇرۇشىمىز ھاجەت. سەۋەبى، كومپيۇتېر بىلەن ئىشلىگەندە قازاق ھەرپلىرىنى پايدىلىنىمىز. نەشر قىلىنىۋاتقان بەدىئىي ئەسەرلەرنى لاتىن ھەرپى بىلەن رەقەملىك شەكىلگە ئالماشتۇرۇش تېخنىكاكىلىق جەھەتتىن ناھايىتى ئاسان. بۇنىڭ ئۈچۈن مېتىن كومپيۇتېرغا كوچىرىلىپ، مەخسۇس پروگرامما ئارقىلىق رەقەملىك شەكىلگە ھەم كىرىلل يىزىغىدىن لاتىن ھەرپىگە ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇ مەتىنلەرنى ئاسانلا ئىنتىرنىتتىكى ئۇيغۇر سايتلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، كىرىلل يىزىغىدا بىلىم ئالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن لاتىن ھەرپىنى ئۆگىنىش جەرىيانى قىيىن بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ جەرىياندا گىزىتىمىز بەزى ئوقۇرمەنلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. مېنىڭچە، گېزىت ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا لاتىن ھەرپىگە ئوتۈش، ئۇنى ئۆگىنىش توغرىلىق بەس-مۇنازىرىلەرنى ئوتكۈزۈشى ھاجەت. ھازىرنىڭ ئۆزىدە بەزى ماتىرىاللارنى لاتىن ھەرپىدە بېرىشنى قولغا ئىلىشقا بولىدۇ.

لاتىن ھەرپىگە ئوتۈش ئاخباراتلىق مەيداننى شەكىللەندۈرۈشتە ۋە تەرەققىي ئەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سەۋەبى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئىجادكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئوقۇش مۈمكىنىچىلىگىگە ئىگە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ئاخبارات مەيدانىنى پەقەت قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارمۇ مەلۇماتلار بىلەن تولۇقتۇرۇشى مۇمكىن.

خۇلاسە

بىز يۇقۇرىدا كەلتۈرگەن مىساللار مۇھىم بولغان ئاخباراتلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىلا. ئاخبارات مەيدانىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈشنىڭ يوللىرى ناھايىتى نۇرغۇن. ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تەر توكۈپ، ئەمگەك قىلىش كېرەك. ئۇيغۇر ئاخبارات مەيدانىنى تەرەققىي ئەتكۈزمەي، تىلىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭسىز بىز ۋە بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ھاياتتا رىقابەتكە قابىل بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا ھازىردىن باشلاپ بۇ مەسىلە ئەتراپىدا كوپ ئويلىنىپ، دادىل قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك.

مەنبە:

http://uyguravazi.kz/?p=7522


بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!
oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 01:26:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85627
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-10-2
ئاخىرقى: 2013-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 01:35:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئانچە چۇشىنەلمىدىممۇ ياكى بۇ  چوقام ئىشلىمىدۇ ؟ ھەي قىرىغان ئوخشايمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 01:36:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسىلەن، تۈركىيە ئىلىدا يورۇق كورۈۋاتقان ئۇيغۇر نەشرلىرى لاتىن ھەرپىدە تەييارلىنىۋاتىدۇ.

تۈركىيەدىكىلەر نىمىشقا مۇشۇ يېزىقىمىزنى ئىشلەتمەيدۇ؟ ئۇلار نىمىشقا لاتىن ھەرىپىنى ئىشلىتىدۇ؟
لاتىن ھەرپىگە ئوتۈش ئاخباراتلىق مەيداننى شەكىللەندۈرۈشتە ۋە تەرەققىي ئەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سەۋەبى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئىجادكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئوقۇش مۈمكىنىچىلىگىگە ئىگە بولىدۇ.

پۈتۈن دۇنيادىكى؟؟؟ ھوي بىزچۇ؟ بىز ئوقۇيالايمىزمۇ؟ بۇ خەقنىڭ يادىدا بىز بارمۇ- يوق؟ نىمىشقا ئاچا قۇزۇقتەك يول تۇتۇپ ئولتۇرىمىز؟ يېزىقنىمۇ بولسا بىرلىككە كەلتۈرمەي ھەركىم ئۆزى بىلگەن مۇقامغا توۋلاۋېرەمدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 01:38 PM  


hudayar6 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 05:52:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92463
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 06:03:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78856
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2013-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 07:06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ قىزقىدىغىنىم چەتتىكى ئۇيغۇرلارنڭ  ئىش ئىزلىرى

ئۇيغۇر بىز ئازات ؟ ۋەتەن؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش