|
|
|
|
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 16-كۇنى ئوباما تۇركىيە زۇڭلىسى ئەردۇغاننى كۇتۇۋىلىش يۇزىسىدىن ئاق سارايدا مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەم ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلەشمە بايانات ئىلان قىلىۋاتقان پەيىتتە توساتىن يامغۇر يىغىپ كىتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئوباما ياندىكى قاراۋۇلغا ئىشارەت قىلىدۇ، قاراۋۇل ئوبامانىڭ ئىشارىتنى چۇشۇنۇپ دەرھال كۇنلۇك ئەكلىپ ئىككى رەھبەرگە تۇتىدۇ ،يامۇغۇرمۇ بىردەمدە توختايدۇ لىكىن بۇ ئىشنى كۆرگەن ئاخپارات ۋاستىلىرى تاراتقۇلاردا ئوباما ئۆزنىڭ ھوقوقىدىن قالايمىغان پايدىلاندى ، بىردەملىك يامغۇرغا بەرداشلىق بىرەلمىدى دەپ گەپ تارقىتىدۇ ، ئەمىلىيەتتە يامغۇر تىزلا توختىغان لىكىن ئوبامامۇ بىر ئاددى ئىنسان ئۇ يامغۇرنىڭ قاچاندا توختىشنى بىلمەيدۇ ، يەنە كىلىپ بۇ مىھمانغا قىلىنغان بىر ئەقەللى ھۆرمەت. لىكىن ئۇ كۇنلۇكنى ئۆزى بىۋاستە ئەردۇغانغا تۇتقان بولسا بۇنداق سۆز چۆچەكمۇ بولمايتى ، شۇڭا ئامىركىلىقلار دەيدۇكى ئامىركىدا ھەمىدىن زوڭتوڭ بولماق تەس.
يىقىندا تاراتقۇلاردا چاۋشەندە ھەممە ئادەم چوقۇنىدىغان مۇنۇ ياش رەھبەرنىڭ كۇنلۇك كۆتۇپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۇرگەنلىكى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
ئايالىرىغا كۇنلۇك تۇتۇپ مىڭىش .
بۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يامغۇرغا قارىماي خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۇرۇشى.
ئەمدى تۆۋەندە ئەھۋال قانداق ،ئۇلارمۇ داڭلىق ئەرباپلاردەك ياكى دۆلەت رەھبەرلىرىدەك يامغۇردا ئۆزى كۇنلۇك كۆتۇرۇپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۇرەمدۇ ياكى باشقىلارغا كۇنلۇك كۆتۇرگۇزۇپ غادىيىپ ماڭامدۇ؟
بىر ناھىنىڭ ئادەتتىكى بىر مۇئاۋىن ئايال ھاكىمى بەش مىنۇتلۇق سۆزلەش ئۇچۇن باشقىلار يىزىپ بەرگەن قەغەزگە قارمىسا سۆزنى نەدىن باشلىشنى بىلەلمەيدۇ.يەنە مەخسۇس ئادەم يىنىدا كۇنلۇك تۇتۇپ بىرىدۇ.
ماۋۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئادەتتىكى مۇتەپىشى يىغىننى مۇنداق ئاچىدۇ، يەنە مەكتەپ رەبەرلىكى يىزىپ بەرگەن تەييار ئارگىنالغا قاراپ سۆزلەيدۇ ، بولمىسا بىر ئىغىزمۇ سۆز قىلالمايدۇ.
چوڭ ئىشلارنى بىر تەرپ قىلىۋاتقان رەھبەرلەر ، ئۇنىڭ قولى ھەرگىز ئالدىغا ئىگىلمەيدۇ،كۇنلۇكنىمۇ ھەرگىز ئۆزى كۆتۇرمەيدۇ....
بۇمۇ شۇنداق بىر نىمە .... ياشىنىپ قالغان دۆلەت رەھبىرىمۇ ئۆزى كۆتۇرگەن كۇنلۇكنى ئۇ ھەرگىز كۆتۇرمەيدۇ،چۇنكى ئۇ مۇشۇنداق غادىيىپ تۇرۇش ئۇچۇن ئەمەلدار بولغان.
بۇ تىخمۇ كۇلكىلىك يەنى ئوت ئۇچۇرۇش ماشىنىسى ئەكىلىپ سۇ چاچتۇرۇپ، ئۆزى يامغۇردا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۇرگەن ساختا كۆرنۇشنى پەيدا قىلغان ، بۇ خەۋەرنى تىلۋىزورا بەرگەندە كىشىلەر ھەيران قالغان چۇنكى ئۇ رايۇندا يىقىندا بىر تامچىمۇ يامغۇر ياغمىغان.
شۇنۇڭ بىلەن بۇ ھەجۋى رەسىم توردا تاقىلىپ ئاشۇ يالغانچىلارنى شۇنداق ئوسال قىلغان.ئۇلارمۇ ئۆزى تىرىغان بالاغا نەگە باراي داۋاغا دەپ ئاچىچىق ئەلەم تارىتقان .
مەنبەhttp://news.qq.com/a/20130517/014825.htm#p=1
|
|
|
|
|
|