مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 923|ئىنكاس: 14

«دولان دېھقانلار رەسىملىرى» ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9749
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8316
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 02:38:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

− بۇ كىتابتىكى رەسىملەرنى كىم سىزغان، بىلەمسىلەر؟ − دېھقانلار. − دېھقانلار مۇشۇنداق چىرايلىق رەسىملەرنى سىزىپتۇ، سىلەر سىزالامسىلەر؟ − سىزالايمىز! − ئەمىسە، ئەتراپىڭلاردىكى مۇھىت ۋە خىيالىڭلاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى سىزىپ بېقىڭلار! بۇ، بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5 – يىللىق 2 – سىنىپىدا ئۆتۈلۈۋاتقان گۈزەل سەنئەت دەرسىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ناھىيە يېقىندا سىناق تەرىقىسىدە نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقان ‹‹دولان دېھقانلار رەسىملىرى›› دەرسلىك كىتابىدىكى رەسىملەرنى كۆرسىتىپ سورىغان سوئال ۋە بېرىلگەن جاۋاب. بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى ئەلفىرە ئەيسا مۇنداق دېدى: بۇ كىتابتىكى رەسىملەر قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگىنى بىلەن، مەزمۇنى چوڭقۇر ئىكەن، ماڭا زور ئىلھام بولدى. ئاۋات ناھىيەسى يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، بۇلتۇر 9 – ئايدا ئاۋات دولان دېھقانلار رەسىملىرىدىن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ گۈزەل سەنئەت دەرسلىكى تۈزۈشنى پىلانلاپ، بۇ دەرسلىكتىن 400 پارچە باستۇرغانىدى. بۇ دەرسلىك بۇ يىل 4 – ئايدا ناھىيەدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تارقىتىلىپ، گۈزەل سەئەت دەرسىدە سىناق تەرىقىسىدە ئۆتۈلگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىلھامىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئاۋات ناھىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى تۇرغۇن ئەلا مۇنداق دېدى: بۇ دەرسلىكتە ناھىيەمىزدىكى دېھقان رەسساملارنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكنى ئەكس ئەتتۈرگەن رەسىملىرى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى، يۇرتنى سۆيۈشكە يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى ئاددىي كۆرۈنۈش ئارقىلىق چوڭقۇر مەزمۇننى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سىناق تەرىقىسىدە بېسىپ تارقىتىلغان بۇ دەرسلىكنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىدىكى ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، 2013 – يىللىق كۈزلۈك ئوقۇتۇش مەۋسۇمىدا ناھىيە بويىچە ھەممە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «دولان دېھقانلار رەسىملىرى» تارقىتىلىپ، گۈزەل سەنئەت دەرسلىكى قىلىنىدىكەن.    مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-3 03:28 PM  


بۇلۇۋەرسە ئىتقا باش ئارسلان،بۇلۇر ھەممە ئىت ئارسلانسىمان.ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،بۇلۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88136
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 04:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  بولۇپتۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94340
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 294
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 04:38:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8535
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 06:09:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ رەسىملەرنى مەن كۆرگەن ساپلا سىياسى پۇرۇقى كۈچلۈك رەسىملەركەن .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86718
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 829
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 06:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ئىش بولۇپتۇ . بالىلارغا ئاددى ، قىزىقارلىق بىلىنىدۇ .  قوشتىل رەسىم دەرسىدىن ياخشى چىقىدۇ دەپ قارايمەن

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27029
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 06:38:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسۇس ئۇ رېسىملەر قېنى؟!

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 06:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىم تۈگۈل خەتمۇ نورمال ئەمەسيا

ھەرقانچە كوڭلىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14277
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8586
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 07:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كوڭلىڭىز يېرىم بولسىمۇ دۇشمەنلەر ئالدىدا كۈلۈپ ياشاڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10536
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2310 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 07:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ رەسىملەر ھەممىسى سىياسى تەشۋىقات خاراكتىرلىق رەسىملەر بولغاچقا كالىندار قىلىپمۇ تارقىتىلدى ، مانا ئەمدى ئۇقۇغۇچىلارغا تەشۋىقات سۈپىتىدە دەرىسلىك كىتاپمۇ قىلىنىپتۇ .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84961
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-9-11
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 08:57:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 07:38 PM
ئۇ رەسىملەر ھەممىسى سىياسى تەشۋىقات خاراكتىرلىق رەسىم ...

شۇ ئەمەسمۇ، بولمىسا ئۇنداق بەلەن ئىش بىزگە شۇنچە ئوڭاي نىسىپ بولمايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش