|
|
|
|
ھەممىمىز بىلىمىز، ھازىر ئۇچۇر دەۋرى، ئېلان دەۋرى بولۇپ كەتتى، ئېلانچىلىق ئىشى بىر جەھەتتىن كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ تايىنىدىغان بىر خىل ۋاستىسى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئابونتلارنى زىرىكتۈرىدىغان بىر خىل نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.بۇرۇن ئېلان دېگەننى تېلىۋۇزۇردا، رادىئولاردا ئاڭلايتتۇق، مانا ھازىر قارايدىغان بولساق ، تورغا چىقىۋاتقان مەزگىلدە نۇرغۇن تور بەتلەردە( ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئۇنچە كۆپ ئەمەس) تۇيۇقسىز يېڭى بەت ئېچىلىپ چىقىۋالىدىغان ئېلانلار، تور بەت ئاستى ياكى ئۈستى تەرىپىدە چىقىۋالىدىغان كىچىك رامكىلىق ھەرخىل ئەخلاقلىق ۋە ئەخلاقسىز بولغان ئېلانلار بىزلەرنى بىر تەرەپتىن بىزار قىلسا بىر تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەڭ چاتاق ئىش نېمە دېگەندە، ھازىر فىلىم قويۇش تورلىرى بولغان يوۋكۇ، تۇدۇۋ دېگەندەك تور بەتلەرمۇ دەسلەپتە نەچچە سىكونتلۇق قويۇۋالىدىغان ئېلانلىرىنى بارغانسىرى ئۇزارتىپ بىر مىنۇتقىمۇ ئاپاردى. كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر فىلىم كۆرۈش ئۈچۈنمۇ چوقۇم ئېلان كۆرىدىغان بولۇپ كەتتۇق. ھەتتا بەزى دېتاللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش جەريانىدىمۇ كومپىيوتىرىمىزنىڭ .ئىكرانىدا تۇيۇقسىز ئېلان سەكرەپ چىقىپ قويىدىغان بولۇپ كەتتى.
بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە، تېلىۋۇزۇردىكى ئېلانلارنى ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي ئىستانسىمىز بولمىغاندىكىن ئۇنى توسۇپ بولالمايمىز.شۇ شېئىر يېزىپ باقىمىز، تىللاپ باقىمىز، ئەمما ئۇلارمۇ جان باقماي بولمايدۇ، ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىدە ئادەم بار. ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ كومپىيوتىرىدىكى ما ئېلانلارنى توسىدىغان چارىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۈنۈملۈك بىر نەرسىنى تاپتىم ،ھەمدە ئېلاندىن زىرىككەن تورداشلىرىمغا سۇنغۇم كەلدى. بۇ دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق:
فىلىملەردىكى ئېلانلارنى توسىدۇ،ئېلانسىز ھالدا فىلىم كۆرەلەيسىز.
سەكرەپ چىقىدىغان ھالەتتىكى تور بەت ئېلانلىرىنى،ھەمدە بۇلۇڭدا كۆرىنىدىغان ئېلانلارنى تولۇق توسالايدىكەن.بۇنداق ھالەتتە بولسا تور بەتلەرنىڭ ئېچىلىشى تىز، تور سۈرئىتىڭىزگە تەسىر قىلىدىغان نەرسىلەر بەكلا ئاز بولىدىكەن.
دېتاللارنىڭ ئۆزىنى ماختايدىغان ۋە ئېلان قىلدىغان بەزى تۇيۇقسىز چىقىپ قالىدىغان ئېلانلارنى توسىدىكەن.
ئىشلىتىش بەكلا ئاددىي ئىكەن، دەسلەپتە قاچىلاپ بولۇپ بىر كۇنۇپكا بىلەن ئەلالاشتۇرۇش دېگەننى بېسىپ قويغاندىن كېيىنلا قالغىنىنى ئۆزى ئاپتوماتىكلا توسىدىكەن.
ئىشقىلىپ بۇ دېتالنى ئىشلەتسىڭىز، كود ئارقىلىق يېزىلغان ئېلانلارنىڭ 95% تىنى توسالايدىكەن. ئەمما ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى رەسىم ھالەتتىكى ئېلانلارنى توسالمايدۇ،بۇنداق ئۆز ئېلانىمىزنى توسۇشنى مەنمۇ تازا بەك تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن.
بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ بىرەر ھەپتىدەك بولدى، ھەقىقەتەنمۇ ئىشلىتىشكە يارايدىغان دېتالكەن.قالغىنىنى مېنىڭچە ئىشلىتىش جەريانىدا مەندىن بەكرەك چۈشىنىپ كېتەلەيسىلەر.
دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=492414&uk=1713878172
|
|
|
|
|
|