پىنھاندىكى سېغىنىشقا خاتىمە
زۇلەيخا
بۇژغۇنلاپ ئېقىۋاتقان، ھايات دەرياسىغا چۆكۈپ كەتتىم. ئەمما،مېنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان رەببىمنىڭ ماڭا بەرگەنلىرىگە چەكسىز شۈكىرلىرىم بولسۇن...! مەرھەمەتلىك بۇ كۈنلەردە،مېنى ئەشۇ دەرياغا ئىتتىرۋەتكۈچى قەلبكە،تۇنجى قېتىم بەخىت تىلىيەلىدىم. مانا بۇ مېنىڭ ئەڭ تەستە قىلغان سۆزۈم بولۇپ قالدى- بەخىتلىك بولغىن...! لېكىن ئۇنۇتما،قەلبىم سېنى سۆيەتتى... مىھىرلىرىم ، بىر ئۆمۈرساڭا تەشنا ئىدى... قەلب دەريايىمغا سېلىنغان ئىبرەت كۆۋرۈكى،مانا بۈگۈن بارلىق تەسەللىلەرنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويۇپ سېنىڭ بىمالال بۇ ھاياتتا كۈلۈشۈڭ ئۈچۈن راسلاندى. ھارغان،تولىمۇ ھېرىپ كەتكەن ھايات قەدەملىرىم بۈگۈن رۇسلاندى. -سەن ئۈچۈن بەخىت تىلىيەلىگىنىمنى كەچۈر...ئامالسىز قالدىم. ئامالسىزلىق ئىچىدىن چارە تاپالمىدىم... كۆزلىرىم بەكلا خۇنۈكلەشتى. بىلەتتىڭ،ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يېقىلغان چىراقنى ئۆچۈرمەيدىغىنىمنى سەن بىلەتتىڭ. ئەمما،سەن ئۆچۈرۋەتتىڭ...! ۋۇجۇدۇڭدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان قانغىمۇ پەرۋا قىلمىدىڭ...! ئۆزۈڭدىن كىچىككىنە ھالقىپ كەينىڭگە بىر قەدەم يانالىغان بولساڭ،ئالدىغا 99 قەدەمنى ئالالىغان دىلبەرنى كۆرەتتىڭ. خەير،ئامان بول قەلبىمنىڭ مىھىرلىك ئەزىزى. ئامان بول،دىلخانەمنى مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇققا باشلىغان قەلب. ساڭا ئۆزۈمنىڭ بەختىنى ھەم قوشۇپ،چەكسىز بەخىتلەرگە نائىل قىلىشىنى كېرەملىك بىر اللە دىن تىلەيمەن! باغرىمدىن تۆكۈلگەن مىھىر ياشلىرىم بىلەن ئاخىرقى سېغىنىشلىرىم ساڭا يەتسۇنكى: -رەھمەت ساڭا. سەن ئارقىلىق مەن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى تاپتىم. سەن ئارقىلىق،چىنلىقنى قەدىرلەشنى ئۈگەندىم. سەن ئارقىلىق،ئەتراپتىكىلەرنىڭ سۆزلىرى ئىچىدە نىمىنى قوبۇل قىلىش، نېمىنى ئاڭلىماسلىقنى ئۈگەندىم. سەن ئارقىلىق سۆيۈلۈشنى ئۈگەندىم... سەن ئارقىلىق ھايات مۇزىكىسىنى ھەم قانداق ئاڭلاشنى بىلىۋالدىم. يۈرۈكۈم ھەم كۆزلىرىمدە قېتىپ قالغان سىمالىرىڭنى كېچىلەردە ھەمراھ قىلغان ئىدىم... قورققان،تەمتىرىگەن دەملىرىمدە دەقق تۇرۇپ ئەسلىگەن ئىدىم... بۈگۈن بولسا سەھەردە، بارلىق مىھىرلىرىم ھەم ۋۇجۇدۇمدىكى چوڭقۇر سېغىنىشلىرىم بىلەن ئوراپ، ئۇنى ساڭا- قۇياشتىن ئېۋەتتىم...@ مەيلى ئۇنى تاپشۇرۇپ ئال ياكى غاپىل قال،ئۇلار مەن ئەڭ قەدىرلىگەن دەملەرنىڭ گۇۋاھچىسى. سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم... بەختىڭنى تاپ... يىگىتلىكىڭنى قولغا ئېلىپ توغرا ياشا... يىقىلساڭمۇ،چېپىلساڭمۇ مەيلى...ئەمما،چوقۇم ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى تاپ. ئۇ سېنى ئىككىلا ئالەمدە مەرتىۋىلىك قىلىدۇ(شۇنداق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن). قىش ئىدى-قەلبىم باھاردەك ئىللىق ئىدى. -چۈنكى،سەن قۇياشىم ئىدىڭ.مىھرىڭ بىلەن دىلىمنى ئېرىتاتتىڭ. باھار كەلدى- ئەمما،قەلبىم توڭلىدى. -چۈنكى،سېنىڭ مىھىرلىرىڭسىز ......................؟! يىغلاۋاتىمەن-يىغلىشىمنى ياقتۇرمايتىڭ.ئەمما مەن، بوغۇلۇپ يىغلاۋاتىمەن. سەندىن بىر ۋەدە ئالغان ئىدىم. ئۇنى ئۇنتۇپ قالما. ھىچكىمنىڭ،ھىچكىشىنىڭ سەن بەرگەن ئۇ قەسەمنى ئېلىشىغا يول قويما.
خەير
2013-يىلى6-ئاينىڭ1-كۈنى قاراماي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-3 02:05 AM
|