ئەسسالام ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرى ئەزىزلىرى!
سىز كۈندە زىيارەت قىلىۋاتقان مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
سىز كۆز ئالدىڭىزدىكى مۇنبەر بېتىنى ئاق قەغەز ئۈستىگە يېزىپ قويۇلغان خەت،سىزىپ قويۇلغان رەسىم دەپلا ئويلاپ قالماڭ.مەزكۇز بەت سېستىمىسىڭ مۇكەممەل ياسالغان بىر بېناغا ئوخشاتسىڭىز بولىدۇ.
بۇ بېنادا يىغىن زالى،مۇنبەر ئىشخانىسى،مۇنازىرە مۇنبىرى،ئايرىم خانە،دوسلىشىش كۇلۇبى،....ۋە ھەر خىل دەرىسخانىلەر قۇرۇلغان.سىز
https://uyghur-archive.com/misranim غا كىرگىنىڭىزدە بۇ ياقتىن كىرىپ تولۇق ئايلىنىپ چىقىپ كېتىشىڭىز ئۈچۈن بەلكىم بىر يىل ۋاقىت سەرىپ قىلسىڭىزمۇ تولۇق كۆرۈپ بولالماسلىقىڭىز مومكىن.
مىسرانىمنىڭ ئۆتمۇشىنى بىلمەيدىكەنمەن.مەن
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-4-1-1.html
(
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-19 05:27:51 ئازاتلىقتىن كىيىنكى تۇنجى تېما)بۇ تېمىنى ئوقۇپ مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ نۇرغۇن ئسسىق -سوغۇقلارغا ئۇچىراپ يەنە قەد كۆتۈرۈپ بۈگۈنكىدەك ئالقىشقا ئېرىشەلىگەنلىكىنى ھېس قىلۋاتىمەن.
مەنمۇ قىزىقىپ بىر مۇنبەر قۇرۇپ باقتىم ئاسان ئەمەسكەن.بەتنى قۇرۇشقۇ ئانچە ئەمەسكەن،ئەمما مىسرانىمدەك تەرەققى قىلدۇرۇپ،ئالقىشقا ئېرىشتۈرمەك ئاسان ئەمەسكەن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مىسرانىم ئۈچۈن ھارماي-چارچىدىم دىمەي كۆچ چىقىرىپ كۆپچىلىكنىڭ مەنىۋى ،ماددى ۋە ئەقلى-بىلىم غەزىنىسى بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقان قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
تۆۋەندە مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قۇرلۇش مودىلىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
شۇ تاپتا سىز بېنانىڭ قايسى قىسىمىدا زىيارەت قىلۋاتىسىز؟