|
|
|
|
ئۆزۇمدىمۇ ياكى ئۆزگىدىمۇ؟ تۇرمۇس ئادەمنى ھەر خىل يوللارغا سالىدىكەن، مۇشۇنداق ھەممە ئادەملەرنىڭ رىقابەت دەۋرىدە قايسى يولنى تاللاش ،قايسى يولدا مېڭشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قېلىۋاتىمەن،ئويلىغانسىرى ئوي،ئاخىرى چىقماق ناھايىتى تەس ، ئەنە كىشىلىك ئالاقە مەن تونىمايدىغان ھەم تونۇشۇشنىمۇ خالىمايدىغانلا بىلەن تونۇشتۇم،دوست بولدۇم ،ئۇگەنمىگەن ھۆنەرلەرنى ئۇنۇشكە باشلىدىم،كۆرۇپ باقمىغان ھەم ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلار منىڭ دوستۇم! كىشىلەر نەپىرەت ئوقۇيدىغان نەشە مىنىڭ يېنىمدىن ئايرىلمايدىغان ھەمرايىم، زەھەرلىك چىكىملىكلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانچىلىك زىيان قىلدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا ئۇمۇت ئۇزەلمەي كېلىۋاتىمەن، ئەنە منىڭ جاندىن ئەزىز كۆردىغان دوستلۇرۇم قويۇنلىرغاقاپاقنى سېلىۋېلىپ نە پىنھان بولسا شۇ يەرلەردە چېكىپ پاڭ ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ سېپىغا قوشۇلدۇم، چىكىۋاتىمەن ،چىكىۋاتىمەن ، كەيىپ توشقاندىن كېيىن يانپاشلاپ يېتىپ چەككەن تاماكامنىڭ كەيپىنى سۇرمەكتىمەن، ئەشۇ گۇزەل مىنۇتلار،ئۆزۇم سۆيگەن ئادەم بىلەن باغچىلاردا قول تۇتۇشۇپ يۇرگەن،ئىككىمىزگە دەخىل بولمايدىغان پىنھان جايلاردا مۇڭداشقانلىرىمىز كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە ئىدى، لىكىن ھازىر يوق ،ھازمۇ بولغان بولسا بۇرۇنقىدەكلا قەدىرلىگەن ھەم چىن دىلىمدىن سۆيگەن بولاتتىم، سەندىن ئايرىلىپ خۇددى مىنى بىرسى چۆرگۇلتۇپ چۆرگۇلتۇپ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىۋەتكەندەك ئۆزۇمنى بۇ دۇنيادا يوقتەكلا ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم، مانا ھازىرچۇ مەندىنمۇ غەمسىز ھەم بىغەم بامۇ ؟ كۇندە دېگۇدەك پاڭ بىر كۇن ساق يۇرگەن كۇنلۇرۇممۇ ئەسلىمە بوپ قالغان ئىدى، بۇنىڭ ھەممىسى سىنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭ دەيتىم ئۆزۇمگە،‹‹ ئوغۇل بالا بۇنى قىلالمىسا ئوغۇل بالا ئەمەس›› دىگەن سۆز بىلەن نىشە چەكتىم ، ‹‹دەتلىرىڭنى تۇگىتىدۇ ،دەرتكە بىرنى ئەلەمگە بىرنى ›› دېگەن سۆزلەر بىلەن مانا ئەمدى مەنمۇ كونا بەگگىلەردەك بوپ قالغان ئىدىم، مۇشۇنداق يۇرۇپ بىرسى بىلەن تونۇشتۇم،دوست بولدۇم ئۇ مىنىڭ جان-جىگەر دوستۇم بولدى، ئۇنىڭ‹‹ئاداش ئوگۇل بالا دېگەن ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەققۇ›› دېگەن گېپى،مىنى قىزقتۇرىشى بىلەن ئاق دېگەن نەرسە بىلەن كۆرۇشتۇم ، ئۇنىڭ كەيىپى ئىلگىرى سۇرگەن كەيىپلەرگە قەتتى ئوخشىمايتى، كۇنلە شۇ تەرىقىدە ناھايىتى ئاستا ئۆتىۋاتاتتى، مانا ئەمدىلىكتە بولسا كېسەل كارۋېتىدا جان تالىشىپ يېتىۋاتىمەن، ئەمدى ئويلانساممۇ ،تۆۋە قىلساممۇ ،قاخشىساممۇ ھەممىسى بولارى بولدى،ئەمدى كىمدىن رەنجىمە؟ ئەينى چاغدا ساختا سۆيگۇڭگە ئالدىنىپ سەندىن رەنجىگەن بولسام ئەمدىچۇ؟ ئۆزۇمدىن رەنجىشىم كېرەكمۇ‹؟ ئەسلى بۇرۇنلا ئۆزۇمدىن رەنجىشىم كېرەك ئىدى، ھازىر كىمدىنلا رەنجىسەم ئورنىغا كەلمەيدۇ، ھاياتنىڭ نەقەدەر گۇزەللىكىنى مانا ئەمدى كېسەل كارۋېتىدا ھېس قىلىۋاتىمەن، ھاياتنىڭ بىزگە قىلىنغان ئىلتىپاتى ، تۇرمۇش بىزگە ئىمتاھان ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھس قىلىۋاتىمەن، مۇشۇ ھاياتىمدا باشقىلاردىنلا رەنجىپ ئۆزۇمدىن سەۋەبىنى ئىزدەپ باقماپتىمەن، بىرسىنى ياخشى كۆرۇپ قالغاندا ،ئۇ مىنى رەت قىلغان ۋاقىتتا مەن ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن تونۇشمىغان بولسام بۇ ئىشلارمۇ يۇز بەرمەيتى دەپ بىپەرۋا قاراشنى ئويلاپ باقماپتىمەن، شۇنداق يېقىن دوستۇم بىلەن بىرەر ئىش ياكى بىرەر مەسىلە ئۇستىدە تالىشىپ قىزىرشىپ قالغاندا ئەگەر بۇ ئىش بولمىغان بولسا بۇ ئىشلارمۇ بۇنداق بوپ كەتمەستى دەپ تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭدىن كەچۇرۇم سوراشنى ئويلاپ باقماپتىمەن، كىشىلىك تۇرمۇش مۇشۇنداق رەڭگارەك، ئىشلار بەزىدە ياخشى بەزىدە ئويلىغاندەك ئەمەس، مەن قىلچە ئويلاپ ھازىرقى مۇشۇ ھالەتكە كېپ قالغانلىقىمغا ئۆزۇم سەۋەپچىمۇ ياكى ئۆزگىمۇ ھېچ بىلەلمىدىم، قېنى ئېيتىڭلارچۇ گۇناھ ئۆزۇمدىمۇ ياكى ئۆزگىدىمۇ؟ مەنبە: دوستۇم خاتىلىرىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-2 07:50 AM
|
|
|
|
|
|